|
|
|
|
قاراقاش ناھىيەسىدە 2-نۆۋەتلىك ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
دانىشمەن يېزىقچىلىق شىركىتى خەۋىرى:
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن قاراقاش خەلق مەيدانىدا «جۇڭگو ئارزۇسى، مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى 2-نۆۋەتلىك ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىر جەمئىي 61 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللانغان ماھىر 15 نەپەر. مۇسابىقىگە خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جۈرئەت مەتسىيت، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ شۇجياڭ، ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئەخمەتجان مەمتىمىن قاتارلىق رەھبەر ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ 2000 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. مۇسابىقىگە قاتناشقا ماھىرلار ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش، مۇزىكا ئورۇنداش، ساز چېلىش، ئاۋاز دوراش قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسەتتى. خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئەت ئۆمىكى» نىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىسى ئەھەت باقى قاتارلىق نومۇر قويۇپ باھالاش گۇرۇپپىسى خادىملىرى كۆرسىتىلگەن نومۇرلارنى ئەستايىدىل باھالاپ چىقتى.
بۇ يىللىق ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بىرسى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىسى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى تەسىس قىلىنغان. 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىر 10 مىڭ يۈەن، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىر 7000 يۈەن، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىر 5000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا باھالاشقا ئېرىشەلمىگەن ماھىرلارنىڭ ھەر بىرسىگە 500 يۈەندىن رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بىرگە يوللاندى:
رىياسەتچىلەر نومۇر ئېلان قىلماقتا
تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار
رەھبەرلەر ۋە باھالاش گۇرۇپپىسى
رەھبەرلەر ئۆرە تۇرۇپ ئويۇن كۆرمەكتە
رەھبەرلەر ۋە باھالىغۇچىلار
ئاۋاز ماھارىتىا ئورۇندىماقتا
بىر يۈرۈش گىتتار ناخشىلىرى
ساز چېلىش ماھارىتى كۆرسەتمەكتە
بىر يۈرۈش يەرلىك خەلق ناخشىلىرى
راۋاب قوشىقى
ئۇسسۇل
راك مۇقامىدىن ئارىيە
پىرە ئويۇنى
ناخشا: بىلمەيدۇ
مۇزىكا: تاڭ ساداسى
مەنبە: يېڭى يازما
قاراقاش ناھىيە دانىشمەن يېزىقچىلىق چەكلىك شىركىتى
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قايتماس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-21 04:27 PM
|
|
|
|
|
|