مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1022|ئىنكاس: 7

قاتناش ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرىگى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 03:31:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


1.تۇتۇپ قېلىنغان ئاپتوموبىلنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرىگى
قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تۇتۇپ قېلىنغان قاتناش ۋاستىللىرىغا نەق مەيداندا ئىسپات چىقىرىشى،ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە ئاپتوموبىلنىڭ قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرىنى كۆتۈرۈپ كىلىپ ،بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشى كىرەكلىگىنى ئۇختۇرۇپ قۇيىشى كىرەك.سۈرۈك ئىچىدە كەلمىسە ياكى ئىلان چىقىرىپمۇ 3 ئايغىچە كەلمىگەنلىرىنى،تۇتۇپ قىلىنغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىش、قانۇنسىز قۇراشتۇرالغانلىرىنى پارچىلىۋىتىش、بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە توشقانلىرىنى بىراك قىلىۋىتىش、باشقا قانۇنسىز جىنايەت قىلمىشىغا چېتىلغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىش كىرەك.

2.ۋەقەدىن كىيىن دىلو مەلۇم قىلىش سۈرىگى
   ۋەقە بولغان نەق مەيداندا دىلو مەلۇم قىلماي،كىيىن مەلۇم قىلغانلىرىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تىزىملاپ 3 كۈن ئىچىدە قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقنى قارا قىلىدۇ.قوبۇل قىلىنغانلىرىغا 10 كۈن ئىچىدە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەمىنلەش كىرەك.

3.باھالاش-تەكشۈرۈش سۈرىگى
تەكشۈرۈش-باھالاش زۆرۈر بولغاندا، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى نەق مەيدان تەكشۈرىشى ئاخىرلىشىپ 3كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان تەكشۈرۈش- باھالاش ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىدۇ،3كۈندىن ئېشىپ كەتسە بىر دەرىجە يۇقۇرى ئورۇنغا تەستىقلىتىش كىرەك.جەسەت تەكشۈرۈش 3كۈن ئىچىدە ھاۋالە قىلىنىشى、
باھالاش-تەكشۈرۈش 20 كۈن ئىچىدە تاماملىنىشى؛20كۈندىن ئاشقانلىرىنى بىر دەرىجە يۇقۇرى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەستىقلايدۇ، بىراق10كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ..

4.جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرىگى
ئۆلۈم ھادىسىسى بولغاندا جىددى قۇتقۇزۇش قىلغان داۋالاش ئاپاراتلىرى ياكى قانۇن دوختۇرى ئۆلۈم ئىسپاتى چىقىرىشى كىرەك.جەسەت ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىدىغان ياكى ساقلاش شارائىتى بولغان دوختۇرخانىلاردا ساقلىنىدۇ. ئاممىۋى سورۇندا جەسەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماسلىغى،شۇنداقلا ئۇرۇق- تۇققانلىرىنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىش كىرەك.تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا 10 كۈن ئىچىدە مېيىتنى يەرلىككە قويۇشنى ئۇختۇرۇش قىلىشى كىرەك.قەرەلى توشۇپمۇ بىر تەرەپ قىلمىغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ج خ ئورگان رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ج خ ئورگانلىرى جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتىكى جەسەت ساقلاش چىقىملىرىنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.
جەسەتنىڭ كىملىگىنى ئېنىقلىغىلى بولمىسا،قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى《تونىغىلى بولمىغان جەسەت ئۇچۇرىنى تىزىملاش جەدىۋىلى 》نى تولدۇرۇپ،ج خ ئورگانلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئۇختۇرىشى كىرەك.جەسەتنىڭ كىملىگى ئېنىقلانغان بولسا ئائىلە تاۋاباتلىرىغا جەسەتنى ئېلىپ كىتىشنى ئۇختۇرۇش، ئېنىقلىغىلى بولمىغانلىرىنى گېزىتتە ئىلان قىلىپ 30 كۈنگىچە ئىگىسى چىقمىغاندا ،ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ياكى بىر دەرىجە يۇقۇرى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇللىرى جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەستىقلايدۇ.

5.تۇتۇپ قېلىنغان ئاپتۇمۇبىلنى تەكشۈرۈپ باھالىغاندىن باشقا ئورۇنسىز ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. تەكشۈرۈش-باھالاش تاماملانغاندىن كىيىن 5 كۈن ئىچىدە ئىگىسىنىڭ ئېلىپ كىتىشىنى ئۇختۇرىشى كىرەك.ئۇختۇرغاندىن كىيىن 30 كۈنگىچە ئېلىپ كەتمىگەن بولسا ،ئىلان قىلىنىپ 3ئايغىچىمۇ ئەكەتمىگەنلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

6.باھالاش-تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىككى كۈن ئىچىدە، كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى داۋالاشقۇچىلارغا يەتكۈزۈش كىرەك.داۋالاشقۇچىلار باھالاش نەتىجىسىگە باشقا پىكرى بولسا، 3 كۈن ئىچىدە قايتا باھالاش-تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.ناھىيە دەرىجىلىكتىن  يۇقۇرى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەستىقلىغاندىن كىيىن،تەكشۈرۈش-باھالاش سالاھىتى بار بولغان باشقا ئورۇنغا قايتا باھالاشقا ھاۋالە قىلىدۇ.قايتا باھالاش-تەكشۈرۈش بىر قېتىملا بولىدۇ.

7.قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆلۈم-يىتىم بولمىغان、پاكىتى ئېنىق بولغان قاتناش ۋەقەلىرىنى ئاددى تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ نەق مايداندا ئىتىراپنامە چىقىرىش ھەمدە نەق مەيداندا تەرەپلەرنى مۇرەسسە قىلىشى كىرەك.
مۇرەككەپ بولغان ۋەقەلەرگە قارىتا (1)نەق مەيداندا تەكشۈرۈش- باھالاش ئېلىپ بىرىلغان قاتناش ۋەقەلىرىگە 10كۈن ئىچىدە ئىتىراپنامە چىقىرىش كىرەك.(2)قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلەر تۇتۇلغان ياكى ماشىنا قولغا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە قاتناش ۋەقەسى ئىتىاراپنامىسى چىقىرىشى كىرەك.(3) تەكشۈرۈش-باھالىتىش زۆرۈر بولغانلىرىغا تەكشۈرۈش-باھالاش نەتىجىسى چىققان ياكى قايتا باھالاش نەتىجىسى چىققان كۈندىن باشلاپ 5 كۈن ئىچىدە قاتناش ۋەقەسى ئىتىراپنامىسى چىقىرىشى كىرەك.(4)قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ قېچىپ كەتكەن بولسا، قاتناش ۋەقەسىدە زىيانلانغۇچى تەرەپ ئىلتىماس قىلغاندا، قاتناش ۋەقەسى ئىتىراپنامسى چىقىرىشى كىرەك.قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى داۋالاشقۇچىلارنى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 10 كۈن ئىچىدە قاتناش ۋەقەسى ئىتىراپنامىسى چىقىرىشى ،ئىتىراپنامىدە ۋەقە يۇز بەرگەن ۋاقىت、 ئورۇن、 زىيانلانچىنىڭ ئەھۋالى ھەمدە تەكشۈرۈپ ئىگەللىگەن ئەھۋاللار 、ۋەقەدە زىيانلانغۇچى تەرەپنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىگە ئىسپات بار بولسا، زىيانلانغۇچىغا مەسئۇلىيەت بىكىتىش؛زىيانلانغۇچىنىڭ خاتالىغىغا ئىسپات بولمىسا ،مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىغىنى  بىكىتىپ ئىتىراپنامە چىقىرىشى ھەمدە تەرەپلەرگە يەتكۈزۈش كىرەك.
قاتناش ۋەقەسىدىكى پاكىتلارنى تەكشۈرۈپ بىكىتكىلى بولمىسا ،قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش ۋەقەسى ئىسپاتى چىقرىپ ،ۋەقە بولغان ۋاقىت、 ئورۇن、 تەرەپلەرنىڭ ئەھۋالى、ۋە باشقا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان پاكىتلارنى ئېنىق يېزىپ تەرەپلەرگە يەتكۈزۈشى كىرەك.

8.قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈك ۋاختى
داۋالاشقۇچىلارنىڭ قاتناش ۋەقەسى ئىتىراپنامىسىگە باشقىچە پىكرى بولسا ، ئىتىراپنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە ،بىر دەرىجە يۇقۇرى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىشى كىرەك.بىر دەرىجە يۇقۇرى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىپ، 5 كۈن ئىچىدە قوبۇل قىلىش قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ.بىر دەرىجە يۇقۇرى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، 30 كۈن ئىچىدە  قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى كىرەك.قارار چىقىرىلغاندىن كىيىن تەرەپلەرنى يېغىپ نەق مەيداندا قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى ئىلان قىلىدۇ، قايتا قاراپ چىقىش بىر قېتىم بىلەن چەكلىنىدۇ.

9.مۇرەسسە قىلىش سۈرۈگى
قاتناش ۋەقەسىدە ھۇقۇق-مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئىككى تەرەپ بىردەك مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلسا، قاتناش ۋەقەسى ئىتىراپنامىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 10 كۈن ئىچىدە يازما ئىلتىماس سۇنسا ، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرەپلەرنى مۇرەسسە قىلىدۇ، 10 كۈن ئىچىدە مۇرەسسەنامە چىقىرىدۇ.قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرەپلەرگە مۇرەسسە ۋاقتى 、ئورنىنى 3 كۈن بۇرۇن ئۇختۇرۇش قىلىشى كىرەك.

10.قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدىكى زىياننى تۆلەش مۇرەسسە قىلىش سۈرىگى 10 كۈن بولىدۇ.
(1)ئۆلۈم ھادىسسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن نەزىر-چىراق ئىشلىرى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.(2)زەخمىلەنگەن بولسا ،داۋالاش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ مۇرەسسە قىلىدۇ.(3)مېيىپ بولغان بولسا،مېيىپلىغى بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.(4)مال-مۈلۈك زىيان بولسا مۈلۈك زىيىنى ئېنىقلانغان كۈندىن باشلاپ مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.

11.ئاپتوموبىلنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ قانۇنى ئاساسى ھەمدە سۈرىگى
《يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى》نىڭ 72-ماددا2-تارمىغىدا :”قاتناش ساقچىسى قاتناش ۋەقەسى نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات توپلىشى كىرەك؛دەلىل-ئىسپات توپلاش ئىھتىياجى بىلەن ئاپتوموبىلنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ،بىراق تەكشۈرۈپ-باھالاش جەريانىدا ئاپتوموبىلنى ياخشى ساقلاش كىرەك“ دەپ بەلگىلەنگەن.
ئاپتوموبىلنى تۇتۇپ تۇرۇش سۈرۈكى:
(1)5 كۈن(تەكشۈرۈش باھالاش سالاھىتى بولغان ئورۇنلارغا ھاۋالە قىلىش)+20 كۈن +10 كۈن(باھالاش-تەكشۈرۈش 20 كۈن ئىچىدە تاماملىنىشى كىرەك،ئارقىغا شۈرۈش زۆرۈر بولغاندا رايۇن تەسىس قىلىنغان  شەھەرلىك قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەستىقلىغاندىن كىيىن 10 ئۇزارتسا بولىدۇ)+ 5 كۈن (باھالاش -تەكشۈرۈش تاماملىنىپ 5 كۈن ئىچىدە، ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇختۇرۇش قىلىش كىرەك.)=40 كۈن بولىدۇ.
(2) تەكشۈرۈش باھالاش زۆرۈر بولمىغان ئاپتوموبىلنى تۇتۇپ تۇرۇش سۈرىگى 10 كۈن بولىدۇ.

قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32172
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3370 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 04:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ قانۇنلا توغرا ئىجرا قىلىنسا بولاتتى.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106328
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2014-4-23
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 06:27:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قىرىندىشىم  تىمىڭىزنى  سالۇنىمدا  تارقاتسام بۇلامدۇ؟

ئاتۇش(ئارتۇچ)سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
ئىزدەش نامى:TurHunaRTuQ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1325 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 09:24:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۆزى ئادەتتە ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان كولانى ئىچەلمىگەن تۆگىنىڭ تۇيۇقسىزلا ياۋۇزلۇقى تۇتۇپ قالدى.



ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ مەسئۇلى-مىلىسكى

20141021030258506.jpg



شىياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېكسىكىدىكى ئاساسلىق ئادەمسىمان مايمۇن بېقىشنى ئاساس قىلغان ھايۋاناتلار باغچىسى- تولۇن مايمۇنلار شادلىق باغچىسى› دا ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ مەسئۇلى باغچىدىكى تۆگىنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئەڭ ئاخىرىدا مەزكۇر ھايۋاناتلار باغچىسى مەسئۇلىنى تۆگە ئاستىغا بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشتەك پاجىئە كېلىپ چىققان.
ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 13-چېسلا كۈنى، ۋەقە پەيدا قىلغان بۇ تۆگە ئۆزى ئادەتتە ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان كولا ئىچىملىكىنى ئىچەلمىگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن تۇيۇقسىزلا ياۋۇزلۇقى تۇتۇپ قالغان، مەزكۇر ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ مەسئۇلى -مىلىسكى (Richard Mileski) باغچىنى ئايلىنىۋاتقاندا بۇ تۆگە مىلىسكىنى توختىماي زەرب بىلەن تېپىشكە باشلىغان شۇنداقلا كەينىدىن 600 كىلوگراملىق ئېغىر بەدىنى بىلەن مىلىسكىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ، مىلىسكىنىڭ قاراپ تۇرۇپلا دىمى سىقىلىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن باغچا خىزمەتچى خادىملىرى ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ تۆگىنى ئورنىدىن تۇرغۇزالمىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئامالسىز بىر ماشىنىنى تېپىپ كېلىپ، بۇ ۋەھشىي تۆگىنى ئارغامچىدا باغلاپ ماشىنىدا تارتىش ئارقىلىق ئاندىن مىلىسكىنىڭ جەسىتىنى تۆگىنىڭ ئاستىدىن ئېلىپ چىقالىغان.
مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇ تۆگىنى شۇنداقلا مەزكۇر ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى 13 دانە ئادەمسىمان مايمۇن، 6 دانە بۇغا ، بىر دانە ياۋا ئېيىق قاتارلىق ھەممە ھايۋانلارنى ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇغان. ئەسلىدە مەزكۇر ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ھۈججىتى يوق بولۇپ، بۇ ھايۋانلارنىڭ مەزكۇر ھايۋاناتلار باغچىسىغا قانۇنلۇق تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن.



http://www.nur.cn/news/2014/10/190121.shtml بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 09:25 PM  


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 12:18:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turhun3 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 06:27 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قىرىندىشىم  تىمىڭىزنى  سالۇنىمدا   ...

ئىسراپىل ئەمەت دىگەن ئاپتۇرنىڭ نامىنى ئەسكەرتىپ قويۇپ خالىغانچە يوللىسىڭىز بولىدۇ.

قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106328
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2014-4-23
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 12:21:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 12:18 AM
ئىسراپىل ئەمەت دىگەن ئاپتۇرنىڭ نامىنى ئەسكەرتىپ قويۇ ...

ماقۇلا  بولىدۇ  قىرىندىشىم  قوللاپ بەرگىنىڭىزغا  رەخمەت . . .

ئاتۇش(ئارتۇچ)سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
ئىزدەش نامى:TurHunaRTuQ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1408
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 12:25:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاتناش ھادىسىسى پەيدا بولغاندىن كىيىن  ، زىيانلانغۇچى قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ياكى ئستىراخۇئانىيە شىركىتى ( باۋشىئەن گۇڭسى ) گە ئىسپات بەرمىسىمۇ ھادىسە پەيدا قىلغۇچى زىيانلانغۇچىنى داۋالاش جەريانىدا چىقىم قىلغان پۇلنى ئىستىراخۇئانىيە شىركىتىدىن ئالالامدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 11:15:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yagaqqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 12:25 PM
قاتناش ھادىسىسى پەيدا بولغاندىن كىيىن  ، زىيانلانغۇچ ...

تالۇن بەرمىسىڭىز تولەم بەرمەيدۇ.

قانۇن بىلەن ئويناشما !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش