مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1129|ئىنكاس: 5

خوجايىن ساقلىنىشقا تىگىشلىك ئۈچ خىل نامراتلىق تەپەككۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106129
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 651
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 12:40:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نامرات ئادەمنىڭ تەپەككۇرىمۇ بەلكىم نامراتراق بولىشى مومكىن ،بۇ ھېچقانداق ئەجەپلەنگۈدەك ئىش ئەمەس،ئەلۋەتتە. لىكىن  مەن نۇرغۇن خوجايىنلارنى كۆرگەن،ئۇلارمۇتەپەككۇرغا ئىنتايىن نامرات.بۇنداق تەپەككۇر  نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؟شۇنى كۆرۈپ يىتەلەيمىزكى، بۇ خوجايىنلار ھەرگىزمۇ باي ئەمەس.چۈنكى ئۇلار ھەقىقى باي بولمىغاچقا تەپەككۇرغىمۇ باي ئەمەس. ئۇنداق بولسا قانداق تەپەككۇر خوجايىنلارنىڭ نامراتلىق تەپەككۇرى ھىساپلىنىدۇ؟بۇخىل تەپەككۇرنىڭ بىرىنجىسى:سەن ماڭا قانچىلىك ئىش قىلىپ بەرگەن بولساڭ مەن ساڭا شۇنچىلىك ھەق بىرىمەن.

سەن ماڭا قانچىلىك ئىش قىلىپ بەرگەن بولساڭ مەن ساڭا شۇنچىلىك ھەق بىرىمەن.بۇ بىر خىل ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تەپەككۇر بولۇپ،باي ئادەملەر نىمىشقا شۇنچە باي؟چۈنكى ئۇلار نىمىگە مەبلەغ سېلىشنى بىلىدۇ،مەبلەغ سېلىشتا يىراقنى كۆرەلەيدۇ،مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالايدۇ ھەم مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.بۇ دەل ئاۋال بەدەل تۆلەش كىرەكمۇ ياكى ئاۋال نەپكەئېرىشىش كىرەكمۇ؟ئاۋال مەبلەغ سېلىش كىرەكمۇ ياكى ئاۋال پايدا كۆزلەشمۇ مەسلىدىن ئىبارەت خالاس.لىكىن كۆپ ساندىكى خوجايىنلاردا شۇنداق بىرخىل لوگىكىلىك تەپەككۇر باركى،خىزمەتچى ئاۋال ئەمگەك بەدىلى تۆلىشى كىرەك ئاندىن ئۇنىڭغا ئىش ھەققى بىرىمەن دەيدۇ.لىكىن ئۇلاردا ھەرگىزمۇ ئاۋال خىزمەتچىگە مەبلەغ سېلىپ ئاندىن پايداتېپىش تەپەككۇرى يوق.پەقەت چوڭ تىپتىكى كارخانىلارلا ئاۋال خىزمەتچىگە تەربىيلەش ئېلىپ بارىدۇ،خىزمەتچىنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلىنى پۇختا ئىگىلىۋىلىشىنى ئۈمىدقىلىدۇ،خىزمەتچى مەشغۇلات ھالقلىرىنى پۇختا ئىگىلىيەلىگەندىلا ،خىزمەتتە خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ ھەم خىزمەت ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.كارخانا ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدۇ.مانا بۇ مەبلەغ سېلىش تەپەككۇرى.

دۆلىتىمىز شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىگەئەگىشىپ،ئەگەر بىر خوجايىن ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلاپ،باشقىلاردىن قەرز ئالغان پۇلنىمۇ يەر-زىمىن مۈلۈكچىلكىدە ئايلاندۇرىدىكەن ئۇنداقتا بۇ ئادەم چوقۇم بىر كۈنى باي بولالايدۇ.مۇھىمى،كىيىنىكى شەھەرلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە قانداق پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيدىغان شۇنداق بىريىراقنى كۆرەر كۆز بولىشى كىرەك.يەنە شۇنداق خوجايىنلارمۇ باركى،ئۇلار ئاز ھەق بىرىپ نۇرغۇن  ئادەم ئىشلىتىشكە رازىكى ھەرگىزمۇ ئىش ھەققى كۆپ بولسىمۇ ھەقىقى ئىقتىدارلىق ئادەمنى ئىشلىتىشكە رازى ئەمەس.مانا بۇ دەل بىز دەۋاتقان خوجايىننىڭ نامراتلىق تەپەككۇرى.

خوجايىننىڭ ئىككىنچى نامراتلىق تەپەككۇرى:قول ئاستىدىكىلەرنىڭ  ئېرىشكىنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلەن ھىساپلىشىدىغان خوجايىن.

بىر خوجايىن يىلنىڭ بېشىدا سېتىش بۆلۈمىگەيىللىق سېتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپتۇ.ھەم ئەگەر يىلنىڭ ئاخىرىدا يىللىق سېتىش ۋەزىپىسىنى 10پىرسەنت ئاشۇرالىسا ،شىركەت ھەربىر سېتىش خادىمىغا 50مىڭ يۈەن،سېتىشبۆلۈم دىرىكتورىغا 100مىڭ يۈەن،سېتىش بۆلۈم مۇئاۋىن دىرىكتورىغا 300مىڭ يۈەن  مۇكاپات بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.مۇشۇنداق مۇكاپات ئىلھامى بىلەن پۈتۈن سېتش بۆلۈمى پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ ،يىلنىڭ ئوتتۇرىغاكەلگەندە سېتىش ۋەزىپىسىنىڭ 70پىرسەنتىنى ئورۇنلاپ بوپتۇ.خوجايىن ھىساپلاپ كۆرسە،ئەگەر مۇشۇ سۈرئەت بىلەن سېتىلىدىغان بولسا سېتىش بۆلۈمىدىكىلەر ئىنتايىن زور سوممىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكىدەك.شۇنىڭ بىلەن خوجايىن ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈم مەسئۇلىنى چاقىرتىپ،سېتىش بۆلۈمنى باھالاش لايىھەسىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىشنى بۇيرۇپتۇ.ھەم شىركەت يېڭىدىن تۈزۈم چىقىرىپ،سېتىلغان مەھسۇلات سانىنى باھالاش ئۆلچىمى قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.ئەلۋەتتە ئۆزگەرتىلگەن باھالاش لايىھەسى خوجايىن ئۈچۈن پايدىلىق.سېتىش بۆلۈمىدىكىلەر خوجايىننىڭ ئۆزگەرتكەنكەن باھالاش لايىھەسنى كۆرگەندىن كىيىن خۇددى يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەكلا سولىشىپ كىتپتۇ.بۇنداق گىپىدە تۇرمايدىغان خوجايىندىكى مەسلە نەدە؟چۈنكى ئۇنىڭدا  قول ئاستىدىكەرنىڭ  قانچىلىك ئېرىشكەنلىكىنى ھىساپلايدىغان نامراتلارچە  تەپەككۇر بار.سودىدا ئۇتۇق قازانغان بىر خوجايىن ماڭا مۇنداق دىگەنىدى،ئۇنىڭ سودىدا ئۇتۇق قازىنىشتىكى سىرى شۇكى،ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئېرىشكىنىگە كۆز قىزارتمايدىكەن.پەقەت مەنمۇ ئۆزرىسىقىمنى تېپىۋاتىمەنغۇ دەپ ئويلايدىكەن.

ئەقىللىق خوجايىنلار دائىم ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئېرىشكەنلىكىنى ھىساپلايدۇ،ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئېرىشكىنىنى ھىساپلاپ ئۆزىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ.ئەگەر سەن دائىم باشقىلارنىڭكى بىلەن ئۆزۈڭنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرىدىغان بولساڭ،ئۇنداقتا سەندە چوقۇم باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش تەپەككۇرى بولمايدۇ.ھەمكارلىشىشتەپەككۇرى ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ،بولۇپمۇ ھازىرقى زامانغا لايىق خوجايىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى.ھەمكارلىق بولمايدىكەن تالانتلىقلارمۇ بولمايدۇ،كاپىتالمۇبولمايدۇ،بايلىق مەنبەسىمۇ  بولمايدۇ ھەم ھېچقانداق بىر ئىشمۇ ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.

خوجايىننىڭ ئۈچىنچى نامراتلىق تەپەككۇرى:قول ئاستىدىكىلەردىن ئىش تالىشىش

نۇرغۇن خوجايىنلار مەندىن سورايدۇ،نىمىشقا تالانتلىقلارنى تاپالمايمەن؟مەن قايتۇرۇپ سورايمەن،خوجايىن ،ئەگەر سىزگەتالانتلىقلارنى تېپىپ بەرسەم ئۇلارنى يېنىڭىزدا ئېلىپ قالالامسىز؟نىمىشقا تالانتلىقلارنى يېنىڭزدا ئېلىپ قالالمايسىز؟ئەلۋەتتە نۇرغۇن سەۋەپ بار،لىكىن بىر نۇقتىنى خوجايىنلار ئىنتايىن ئاز ئويلىشىدۇ.ئۇ بولسىمۇ خوجايىن قول ئاستىدىكىلەردىن ئىش تالىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

قول ئاستىدىكىلەردىن ئىش تالىشىپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان خوجايىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۇلاردا ھەممە ئىشقا چېپىلىۋالىدىغان ئادەت بار.ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ سورىقىنى چوقۇم ئۆزى قىلىشى كىرەك.ھوقۇقنى تۆۋەنگەبىرىشىنى خالىمايدىغان،باشقىلارنىڭ شىركىتىنى يەۋىتىشتىن قورقۇش پىسىخىكىسى بار.ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بولغان پوزىتىسىيىسى،كەسىپكە بولغان ئىشتىياقى

ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە تىگىشلىك.ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بېرىلىشىمۇ ئۈگىنىشىمىزگەئەرزىيدۇ.لىكىن ياخشى ئەمەس بىر تەرىپى،بۇنداق كىتىۋەرسە خوجايىن ئۆزىنى بەكمۇھارغۇزۇپ قويىدۇ.شىركەتتتە تالانتلقلارنى ئېلىپ قېلىش تەس ھەن شىركەتنىڭ كىيىنكىتەرەققىياتىغىمۇ بىر نەرسە دىيىش تەسكە توختايدۇ.

بىر كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى شىركىتىنىڭ خوجايىنى دائىم ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى يارىماس دەپ ئاغرىنىدىكەن.ھەم قول ئاستىدىكىلەرنى ئۆزىچىلىك قابىلىيىتى يوق دەپ ئاغرىنىدكەن.سەۋەپ زادى نەدە؟ئەمىلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنچە كۆپ سېتىش ماھارەتلىرى كەتمەيدۇ.بىرى،مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى يەنەبىرى مەھسۇلاتنىڭ باھاسى،يەنە بىرى سەن خېرىدارغا قانچىلىك ھىساۋات قەرەلى بىرەلەيسەن.سۈپەت ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا،ھىساۋات قەرەلى بىلەن باھا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.لىكىن بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەممىسىنى خوجايىن ئۆزى بىر قوللۇق كونتىرول قىلىۋالسا،باھانى تەڭشەش ياكى قەرەلنى ئۇزارتىش باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ قولىدىن  كەلمىسە.يىغىن ۋاقتىدا باش دىرىكتور سېتىش بۆلۈم خىزمەتچىلىرىنى تەنقىدلەپتۇ.ئۇلارنى يارىماس،ئۆزى مانا بىر ئوتتۇرغا چىقىپلاسېتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،سېتىش بۆلۈم خىزمەتچىلىرى باش دىرىكتورغاقارشى چىقىشقا پېتىنالمايدۇ ئەلۋەتتە.مانا مۇشۇنداق كىتىۋەرسە،سېتىش بۆلۈم خىزمەتچىلىرى بۇنداق شىركەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى ئىشقا سالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىدۇ دە شىركەتتىن ئايرىلىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنداق خوجايىن تالانتلىقلارنى ئېلىپ قالالمايدۇ.

ئەگەر خوجايىندا يۇقىرقىدەك نەمراتلارچەتەپەككۇر بولىدىكەن،ئۇنداقتا  بۇنداق خوجايىن تېخى مەبلەغ سېلىش تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ.پەقەت كۈتۈلمىگەن بىر پۇرسەتتە خوجايىن بولۇپ قالغان پەقەت.بۇنداق خوجايىن شىركەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تەسىر كۆرسىتەلىشى،تالانتلىقلارنى ئەتراپىغا يىغىپ شىركەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالىشى ھەم ھازىرقى زاماننىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەڭ قەدەمدە كۆزگەكۆرۈنىشى ھەقىقەتەن تەس.شۇڭا،شىركەتنىڭ تەقدىرىنى خوجايىن بەلگىلەيدۇ دىگەندىن كۆرە خوجايىنىىڭ تەپەككۇرى شىركەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ دىگەن تۈزۈك.

چېن ئەنجى نۇتۇقلىرىدن  پارچە         


中文来源:赢在中国 微信平台

ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilsuz990 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 12:54 AM  


ئىچىڭگە تېرىۋالغان ئاداۋەت ئۇرۇقلىرى بىخ تارتىپ كۆكلەپ كەتمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 10:38:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى گەپلەركەن

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109395
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 01:13:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمىڭىزنىڭ تىلى راۋان ،چۈشىنىشلىك چىقىپتۇ !كۆپ ئەجر قىلىپسىز !تېما مەزمۇنىمۇ ياخشىكەن !
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم!

تېخىمۇ تاكامۇللىشىش ئۈچۈن ئۆگەن ،ئالغا باس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1895
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 950 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 01:52:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر شىركەت رەھبىرى ئەگەر قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پۇل تاپقىنىنى كۆرۇپ كۆزىنى قىزارتماقچى بولىدىكەن ،ئۇنداقتا بۇ شىىركەت مەڭگۇ تەرەققى قىلىالمايدۇ،قول ئاستىدىكىلەرنىڭ  تاپقان پۇلى   قانچە كۆپ بولىدىكەن بۇ شۇ شىركەتنىڭ بۇنىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ  پۇل  تاپقانلىغىنى كۆرسۇتۇپ بېرىدۇ،شۇنداقلا خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ شىركەتكە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ ،خىزمەت قىزغىنلىقغىنى ئاشۇرۇشقا تۇرىتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3081 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 07:30:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tokqi123 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 01:52 PM
بىر شىركەت رەھبىرى ئەگەر قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پۇل تاپق ...

يەنىلا ئەمىلى تىمىلارغا كەسىپ ئىگىلېرى كۆپرەك ئىنكاس قايتۇرىدىكەن.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106129
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 651
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 08:50:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلارغا رەھمەت تىمىسىنى تازا قاملاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ بولالمىغان.مەن ھەر ھەپتىدە ئەڭ ئاز دىگەندە ئۈچ پارچە ماقالە تەرجىمە قىلىمەن.ئاللاھ خالىسا ياخشىلىرىنى داۋاملىق كۆپچىلىك بىلەن بىللە ھەمبەھىر قىلىمەن.كۆپرەك پىكىر-تەكلىپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن.ھەممىڭلارغا رەھمەت.

ئىچىڭگە تېرىۋالغان ئاداۋەت ئۇرۇقلىرى بىخ تارتىپ كۆكلەپ كەتمىسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش