مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 7

ھايات.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109416
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:01:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                ھايات
                                                            

        ئىھ ھايات! ئاچچىقى ھەم تاتلىقى بار ھايات !  پايانسىز ئوكياندەك ھەريان چايقىلىپ تەقدىر دولقۇنلىرڭدا تەرەپ-تەرەپلەرگەئاپىرىپ ئاجايىپ قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىسەن . بەزىدە شۇنداق شىرىن سەن،خۇددى قېنىق دەملەنگەن بىر پىيالە چايدەك سىنى «گۈپ» لا قىلىپ ئىچىۋەتكۈم كىلىدۇ.
        ھەي ھايات ! قاچانلاردىن دۇنياغا كۆز ئاچتىم سىنى قاچانلاردا چۈشەندىم بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئەقلىمگە كەلسەم بىر ئازاپلار بىلەن يۈرۈگۈمنى قىيناۋاتاتتىڭ، ئەمما يەنە بىر كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا دۇچار قىلاتتىڭ، ئىشقىلىپ بىردەم كۈلدۈرۈپ، بىردەم يىغلىتاتتىڭ.خۇددى مەن سىنىڭ كىچىك بالاڭدەك. مىنىلا ئەمەس ئىنسان بالىسىنىڭ ھەممىسىنى گاھ كۈلدۈرۈپ،گاھ يىغلىتىسەن.سەن شۇنداق قىلىشقا ئامراقمۇ ياكى ئەخمەق قىلامسەن؟بىلمىدىم.سىنىڭ شۇنداق قىلىشلىرىڭغا كۈنۈپمۇ قالدىم.
        ئىھ ھايات ! سەن بىر ئۇستاز ئىكەنسەن ئەمما شۇنداق زالىم ئۇستاز ئىكەنسەن. دەرس بەرمەستىن  ئىمتىھان ئالىسەن..... ھايات سىناقلىرىدىن ئۆتەلمەي زارلاپ يىغلاۋاتقان كىشىلەرنى كۆرسەم شۇنداق   ھەيران بۇلىمەن،ئۇلارغا ئەمەس ساڭا ھەيران بۇلىمەن « نىمىشقا؟» دەپ سوراۋاتامسەن،« تۇرمۇش» تىن ئىبارەت قاتتىق بىر سىناقلىرىڭ بار شۇئارقىلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك كارامەت ئۇيۇنلىرىڭنى ئوينىتىسەن. ھەي توۋا!بىكارغا ئېيتماپتىكەن«تۇرمۇش»دەپ،«تۇر»دەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ «مۇش» بىرىدىكەنسە.......
        بەزىدە شۇنداق دەپ خىتاپ قىلىمەن.«ھايات سىنى ئۇستا بىر ئارتىس قىلىپ، تۇيۇقسىزلا سەھنىگە ئېلىپ چىقىرىدىكەن.تۇرمۇش سىنى ئۇستا بىر يازغۇچى قىلىپ ساڭا چىن بىر ھېكايىنى يازغۇزىدىكەن » ھەي ھايات-ھەي ھايات.....سىنى ھەركۈنى يېڭىدىن تۇنۇيمەن بۈگۈن كۈلۈپ كەلسەڭ ئەتە جۇدۇن كەبى سۇغۇق نۇر ياغدۇرۇپ، قانداقتۇر قىسمەت كۈلەڭگىلىرىنى تەڭ ئەگەشتۈرۈپ كىلىسەن....
        توۋا دەيمەن، بەزىدە سىنىڭ باغرىڭ شۇنچىلىك يۇمشاق، شۇنچىلىك ئىللىق، خۇددى مىھرىبان ئانامدەك. تەقدىردىن ئاغرىنىپ قارا قىسمەتلەر قوينىدا تىڭىرقاپ، پەلەك چاقىنىڭ تەتۈر ئايلانغانلىقىدىن يۈرۈكۈمگە نەشتەر-نەشتەر بۇلۇپ ئۇرۇلغان ئازاپلىرىڭ تۈپەيلى بەرداشلىق بىرەلمەي ئۆكسۈپ يىغلىسام، مىنى ئۆز قوينۇڭغا ئالىسەن.ماڭا ئىچىڭ ئاغرىدىمۇ ياكى يەنە قانداقتۇر بىر ئېغىر چاقچاققىلىپ كۈلدۈرۈپ تۇرۇپ ئارقىدىن يەنە يىغلىتاي دەمسەن، بىلمىدىم،شۇنداق مىھرىبان بۇلۇپكىتىسەن.كۆزلىرىم، كىرپىكلىرىم ئارا نەمدىتىپ چۈشكەن ھىجران ياشلىرىنى ئۈمۈت قوللىرىڭ بىلەن سۈرتىسەن، تەسەللى ۋە ئىشەنچ بىرىسەن.ئۇچاغدا سىنى « ھايات ، ئەسلى گۈزەل ئىكەن، ئىللىق ئىكەن» دەپ قالىمەن. سىنىڭ باغرىڭغا ئۈزەمنى ئاتقۇم كىلىدۇ.قوينۇڭدا بېشىمنى قويۇپ شۇنداق بىر شىرىن چۈشلەرنى كۆرگۈم كىلىدۇ....لېيكىن چۈشۈم ئۇزۇنغا بارمايدۇ......
        ئېھ ھايات !ئاجايىپ تىلسىماتلارغا تولغان ھاياتتۇرمۇشتىن ئىبارەت بىر ئىسىل تونغا ئۇرايسەن، شۇنداق ئىسىل ئەمما ئۇ ئەل كۈننىڭ تىكەنلىرى بەدىنىمگە سانجىلغاندىلا ئاندىن بۇمۇ سىنىڭ ئۇيۇنلىرىڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن.بەزى ئىشلارغا قايىل بۇلىمەن. مۇھەببەر بىلەن تۇرمۇش بىر چىرايلىق «ئاياغ»قا ئوخشايدىكەن.سىرىتتىن قارىغان ئادەم ئۇنىڭ چىرايلىق، نەپىس، ئىسىل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.ئەمما بۇ «ئاياغ»نىڭ پۇتۇڭنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت ئۇنى كەيگەن ئادەم بىلىدىكەن.
        ئەي ھايات! تەقدىر كوچىلىرىدا يۈرۈپ سىناق دوقمۇشلىرىغا كەلگىنىمدە بىروۋلارنىڭ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. توۋا بۇ كىشىلەرنى نىمىگە بۇنچە قىينايدىغانسەن؟ يۈرەكلىرىگە مۇھەببەت ئوتىنى ئۆزۈڭ سېلىپ يەنە ھېجران يامغۇرلىرىنى شۇ مۇھەببەت ئوتلىرى ئۈستىگە ياغدۇرىدىكەنسەن.كىملەردۇر سىنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىڭدا مېڭىپجاپا چىكىۋاتسا يەنە كىملەردۇر سىنىڭ قۇچىقىڭدا ھۇزۇر-ھالاۋەت سۈرىشىدىكەن.بىرىنى باغدا يەنە بىرىنى تاغدا قالدۇرۇپ ئارىسىغا مۈشكۈلات دېڭىزلىرىنى توشقۇزۇپ، ئۇ ئىككى يۈرەكنى ئۈزۈلمەس رىشتە بىلەن باغلاپ، ئۇشبۇ ئازاپلاردىن ئۆتكۈزۈپ، مۈشكۈلات دېڭىزلىرىنى كەزگۈزۈپ سىنايدىكەنسەن.
        توۋا دەيمەن!كىشىلەر سىنى قەدىرلىشىپ « ھايات ئەڭ قىممەتلىك، ئۇ ئىنسانغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ» دىيىشىدىكەن.سەن كىشىلەرنى شۇنچە ئازاپلارغا سېلىۋاتساڭ سېنى يەنە نىمىگە بۇنچە قەدىرلىشىدىكىن تاڭ؟! بەلكىم سەن شۇنداق بىر جەلىپ قىلىدىغان كۈچكە ئىگە ئوخشايسەن.خۇددى پەرۋانە ئاتەشكە ئۆزىنى ئاتسا كۈيۈپ كۈل بولىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ يەنىلا بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئاتقاندەك.كىشىلەرمۇ سېنىڭ قوينۇڭغا بىلىپ-بىلمەي ئۆزىنى ئاتىدىكەن، قارىغاندا بىزمۇ بىر قاناتسىز ئەخمەق پەرۋانە ئوخشايمىز.....
        ئەي ھايات! سەن توغرىلۇق كۆپ ئويلاندىم، كۆپ قاقشىدىم، بەزىدە سەندىن سۈيۈندۈم، بەزىدە سەندىن بىزار بولدۇم، ئەمما نەئامال يەنىلا تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشىدىم.لېيكىن سىنىڭ ياكى ئىللق ياكى زۇلمەت ئىكەنلىكىڭنى، گۈزەل ياكى ئازاپقا تولغان ئىكەنلىكىڭنى بىلمىدىم.شۇنداق كۆپ قاقشاش ۋە ماختاش، بەخىت ۋە ئازاپ ئىچىدە ياشاپ ئاخىرى بىر كۈنى ئەجەل ئەلچىسى كىلىپ ياقامنى سىققاندا سىنىڭ بىر چۈش، يەنە بىر سىناق مەيدانى ئىكەنلىكىڭنى ھىس قىلدىم، بۇنى كىچىكىپ ھىس قىلغانلىقىمغا پۇشايمان قىلىشنىڭ يەنە ئورنى بار؟ ياشايدىغاننى ياشاپ بولدۇم، ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئىمتىھان قەغىزىگە بىلىپ-بىلمەي نۇرغۇن توغرا ۋە خاتا جاۋاپلارنى يېزىپ بولدۇم.پۇشايماننىڭ ئورنى يوق، ئەمدى ئورنىغا كەلمەيدۇ. كىشىلەرنىڭمۇ سىنى نىمىشقا بۇنچە قەدىرلەپ « ھايات قىممەتلىك، ئۇ ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدۇ» دىگەن سۆزلىرىنىڭ تىگىگىمۇ ئەمدى يەتتىم، راست ئىكەن! ھەقىقەتەنمۇ راست ئىكەن! « ھايات قىممەتلىك، ئۇ ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدىكەن.»......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109416
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:02:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھا بەرگەيسىلەر.....

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7164
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 02:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات..ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ ئوي خىياللىرىدا،ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى خاسلىقلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئۆزلۈك ئالىمىمىزنڭ رەڭدارلىقىدۇر..ئۇ بىز ئىتىراپ قىلمايدىغان گۈزەللىك ھەم ياخشىلىق.
***********
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن،تىلى ئېنىق،چۈشىنىشلىك،ئوخشىتىشلار جايىدا راۋان چىقىپتۇ.
لىكىن مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرىشىدا ئازراق مەسلە باردەك ھېس قىلدىم.
بىرىنچى قەدەمدە ھاياتقا ئېنىقلىما
ئېھ ھايات سەن.........................سەن.
ئىككىنچى قەدەمدە ھاياتنىڭ ماڭا تەقدىم ئەتكەنلىرى،
ھايات سەن ماڭا.........ئېلىپ كەلدىڭ،(بەردىڭ،كۆرسەتتىڭ،قىلدىڭ،ئەتتىڭ.)
ئۈچۈنچى قەدەمدە مەندىكى  ھاياتتىن ئالغان تەسىرات،
مەن ......ھېس قىس قىلدىم،( ھېس قىلدۇرڭ،بىلدىم،چۈشەندىم.)
تۆتىنچى قەدەمدە مېنىڭ  بۇنىڭدىن كىيىنكى تەسىرات ياكى ئىپادە،
مەن .......(قىلىشنى بىلىۋەلدىم،ئەمدى ....قىلىمەن...)
دىگەندەك مەزمۇننىنىڭ ئالدى كەينى باش ئاخىرى باغلىنىشى قاتارلىقلاردىكى ئورۇنلارنى تەڭشىۋەتسەك تېخىمۇ راۋان چىقىدىغاندەك ھېس قىلدىم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
asrari + 20 ياخشى ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 08:08:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىرىڭىزدىكى ھېسسىي تەپەككۇرلار خېلى جانلىق ۋە ئېنىق چىقىپتۇ، بۇلۇپمۇ  تۆۋەندىكى قۇرلار ماڭا بەك يارىدى:
بەزىدە شۇنداق دەپ خىتاپ قىلىمەن.«ھايات سىنى ئۇستا بىر ئارتىس قىلىپ، تۇيۇقسىزلا سەھنىگە ئېلىپ چىقىرىدىكەن.تۇرمۇش سىنى ئۇستا بىر يازغۇچى قىلىپ ساڭا چىن بىر ھېكايىنى يازغۇزىدىكەن »

شەخسىي تەكلىپىم، بۇ نەسىر بولغان ئىكەن تىلى يېنىك چىقىپلا قالماي، جۈمۈلىلەرمۇ يېنىكرەك چىقىش كېرەك، يەنى مۇرەككەپ قوشما جۈمىلىلەرنى نەسىردە كۆپ ئىشلەتكەندە، لېرىكا ئۆلۈپ مۇھاكىمە ماقالىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاددىي جۈمىلە بىلەن يېبىك ئىنتوناتسىيەلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىڭ.
ئاخىردا قەلىمىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن، داۋاملىك مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلارنى يولللاپ تۇرغايسىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   b1a2g تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 08:09 PM  


دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 09:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaxmazulal يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 02:36 PM
ھايات..ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ ئوي خىياللىرىدا،ئۆتكۈزگەن كۈن ...

ياخشى پىكىر بوپتۇ

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109416
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 10:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قممەتلىك باھالىرىڭلارغا رەخمەت...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94496
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 10:56:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىرنىڭ قۇرۇلمىسغا نىسپەتەن سىزگە ياخشى تەكلىپ بېرەلمىگۈدەكمەن ،بىراق شۇنداق ئېيتالايمەنكى ئەسىرىڭىزنىڭ ئۆزى ھەقىقى بىر ھايات كارتىنىسى بوپتۇ ...
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1926
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 12:30:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە شۇنداق دەپ خىتاپ قىلىمەن.«ھايات سىنى ئۇستا بىر ئارتىس قىلىپ، تۇيۇقسىزلا سەھنىگە ئېلىپ چىقىرىدىكەن.تۇرمۇش سىنى ئۇستا بىر يازغۇچى قىلىپ ساڭا چىن بىر ھېكايىنى يازغۇزىدىكەن »

بەك توغرا ئېيتىلغان گەپكەن ماۋۇ،   ياقتۇردۇم.   تىما ئىگىسىگە بەرىكەت يار بولسۇن

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش