سەن ماڭا سۇنۇلغان يالغان سالام خەت
نۇر مۇھەممەد شۈكران
گۈللەرنىڭ ھەسىتى گۈللەر رەڭگىدە،
بىر قىزنىڭ كۆزىدە ئۇخلىدىم بىھۇش.
چايقالدىم مىڭ مەرتە ئاچچىق سۈيىدە،
ئاھ، ئەجەپ راھەتكەن دۇنيالىقتا ھەي!
بىر ئەرنى بىر قىزنىڭ يېشىدا يۇيۇش.
كەل دىدى، راھەتتە ياتتىم قوينىدا،
بىر گۈلنىڭ ئۈستىدە يايرار كېپىنەك.
لەززەتنى تاپقىنىم چۈشۈممىدۇر دەپ،
ئۆزۈمنى ئويغۇتۇپ باقسام يېتىپتىم،
يالغۇز شۇ ئاخشامقى ياتقان پېتىمدەك.
بېغىڭغا كىرمەپتىم، كىرمەسمەن ئەمدى،
گۈلۈمنىڭ پاينىدا ئۇخلىماق بولۇپ.
سەن ماڭا سۇنۇلغان يالغان سالام خەت،
مەن تېخى قونۇشنى بىلمىگەن مامكاپ،
ئىنتىزار يۈرىگۈم ئۆلىمەن قۇرۇپ...