بىرىنچى بۆلۈم
كەچكۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلى يۈزنى سيپاپ ئۆتىدىغان كۈنلەر يېتىپ كەلدى،ھەيۋەتلىك شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن يىراق بولغان بۇ مەكتەپمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالمىدى،ئەلۋەتتە.
ھاۋانىڭ سوغۇق بولىشغاقارىماي ناھايىتى نېپىز كىيىنىۋالغان ئەلفىرە ياتىقىدا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يىگەچ ئاللاكىملەربىلەن توردا پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇ كىمدۇر بىرىنىڭ تورغا چىقىشىنى ساقلاۋاتاتتى.
شەنبە كۈنى بولغاچقا ياتاقتىكى باشقا قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆيىگە قايتقان بولۇپ پەقەت ئەلفىرە بىلەن زاھىدەلا قالغانىدى.زاھىدەبولسا سىرتتا يىگىتى بىلەن مۇھەببەت قايناملىرىدا دۇلقۇنلاۋاتاتتى.
كىچە سائەت 12:00 بولاي دىگەندە زاھىدەنىڭ يىگىتى ئۇنى ياتاقنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى.
-بولدى،قايتىپ كىتىڭ،قاراڭ ياتاقنىڭ چىرىقى يورۇق ئىكەن،ئەلفىرە ياتاقتا باركەن.
دېدى زاھىدە نازلىنىپ تۇرۇپ يەرگە قاراپ.
-بۇنچە كەچ بولۇپ كەتسەسۇگۇەن(ياتاق باشقۇرغۇچى) سىزنى كىرگۈزەمدۇ؟!بولمىسا مېنىڭ ئۆيۈمگىلا كەتمەمدۇق؟!
-بولدىلا،ئۇنىڭ قاپىقى بەك يامان بولسىمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلسام كىرگۈزۋېتەر،سىزمۇ قايتىپ بالدۇر ئارام ئېلىڭ ئەتە يەنە ئىشقا بارىسىز ئەمەسمۇ؟
- سىزدىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتسا؟...
-ئەسكى ،قېلىنلىقىنى..- ئۇ شۇنداق دەپ يىگىتنىڭ مەيدىسىدىن بوشقىنە ئىتتىرىپ قويدى ھەمدە كەينىگە بۇرۇلۇپ ياتاق بىناسى تەرەپكەقاراپ ماڭدى.
-ياتاققا چىقىپ بولۇپ تېلفۇن قىلىڭ،مەن ئاندىن كىيىن ماڭاي،بولمىسا خاتىرجەم بولالمايمەن.
-بولدىلا،مېڭىۋېرىڭ
-گەپ ئاڭلاڭ،سىزدىن ئەنسىرەيدىكەنمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگەسىز ياتىدىغان ياتاق ئادەتتىكى ياتاق ئەمەس ... ئۇ گىپىنىڭ ئاخرىنى يۇتىۋەتتى.
-ۋاي-ۋۇي،سىز نىمانداق خۇراپىي دەيمەن،بىز قىز بالاتۇرۇپ قورقماي يېتىۋاتساق،
-بولدى،بولدى،گەپنىڭ قىسقىسى ھەممىسى سىزدىن ئەنسىرىگەنلىكىمدىن ئەمەسمۇ.شۇنداق بولسۇن ياتاققا چىقىپ بولۇپ ماڭا تېلفۇنقىلىڭ،مەن ئاندىن ماڭاي.
-ھەي،مەيلى دىگىنڭىزدەك بولسۇن
-مەن كىرىپ كەتتىم.
ئاغزىدائىككى ئېغىز گەپ بىلەن ئۆتۈپ كىتىمەن دېگىنى بىلەن ياتاق باشقۇرغۇچى موماينىڭ ئالدىغا بارسا نىمە تىل-ئاھانەتنى ئاڭلايدىغانلىقى زاھىدەنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى.ئۇ شۇ تەشۋىشلەر بىلەن ياتاقنىڭ چوڭ ئىشىكىنى چەكتى.
بېلى ئات ھاراۋىسىنىڭ چاقىدەك،كۆزلىرى ئولتۇرۇپ كەتكەن،بۇغداي ئۆڭ،پاكارغىنە كەلگەن بىرئايال كىلىپ ئىشىكنى ئاشتى.
-ياتاققا قايتىشنى بىلىدىكەنمىز-ھە،تالادىلائۇچرىغان بىرەر ئەركىشىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ قالماي ،ئەتە بىرەر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىپ يولغا سالاتتى.
ياتاققاكەچ كېلىپ قالغان گۇناھ ئۆزىدە بولغاچقا مۇشۇ سېسىق گەپگە چىدىماي ئامال يوق ئىدى.
زاھىدە ئۈنچىقماي بېشىنى تۆۋەن سىلىپ جىم تۇردى،دەل شۇچاغدا نەدىندۇر كەلگەن قارا مۈشۈك زاھىدەنىڭ پۇتىغا سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ،موماي يەنە بىرنىمىلەرنى دىمەكچى بولدى-يۇتوختاپ قالدى.
-ماڭسىلا خېنىم،مۇشۇ يەردە تاڭ ئاتقۇچە تۇرايدىگەنمۇ يا؟! سىلى تاڭ ئاتقۇچە تۇرالىغان بىلەن مەن تۇرۇشۇپ بېرەلمەيمەن جۇمۇ!
زاھىدەسېسىق گەپلەرگە چىداپ ئۆزىنىڭ ياتىقىغا قاراپ يول ئالدى،ئۇياتاققا كىرىپ ئەلفىرەنىڭ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا مىخلاپ قويغاندەك ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.
-مەن قايتىپ كەلدىم،ھەجەپ بىر، ھېلىقى موماي يەنەبىرمۇنچە سېسىق گەپ قىلىۋالدى دىسە،-ئۇ شۇنداق دىگەچ سومكىسىنى كارىۋىتىغا قويۇپ كىيىملىرىنى يېشىشكە باشلىدى.بىراق ئەلفىرەنىڭ ئۇنىڭ قارايدىغان خىيالىمۇ يوق ئىدى.
-بىلەمسەن ئاداش ،بۈگۈن ئەكرەم بىلەن كابانناغابېرىپ ئويناپ كەلدۇق،بەك قىزىپ كەتتى دىگىنە....-ئۇ سۆزلىگەچ ئەلفىرەنىڭ يېنىغابېرىپ ئۇنىڭ مۆرىسىگە قولىنى قويۇپ كومپىيۇتېرغا قارىدى،ئېكراندا پەقەت بىر ئاق ئەتتىرگۈلنىڭ رەسىمىدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى،
-ئاداش ،بۇنىڭ كۆرگىدەك نېمىسى بار،ھەجەپ بىرمەجنۇندەك قاراپ كىتىپسەنغۇ؟!
-ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن،ئۇ ماڭا سەل تۇرۇپ مۇشۇگۈلدىن بىر دەستە سوۋغا قىلىمەن دەيدۇ.
-نىمە؟! ئاداش تىنچلىقتۇ؟!ئاق گۈل دىگەن ئۆلۈمنىڭ بەلگىسى جۇمۇ،سېنىڭ ئۇ يىگىتىڭمۇ قىززىقكەن.
- مەن ياقتۇرىمەن.
- ۋاي،بولدىلا،سەن شۇ يىگىت بىلەن يۈرگەندىن بېرى باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالدىڭ دىسە،توغرا ،كىيىملىرىمنى يۇيۇپ قويغانسەن ھە،ئاداش.
-چىلاپ قويدۇم،ئۆزۈڭ يۇيغىن،ئۇ مېنى بۇندىن كىيىن باشقىلارنىڭ كىيىمىنى يۇيمىسىڭىزمۇ بولىدۇ دېدى.
-تازىمۇ بىر ،قانداق بىرنىمۇر ئۇ،مەن خان ئاچىسى بىلەن بىر كۆرۈشسۇنچۇ قېنى ،قانداق قىلىمەنكىن،ھەراست،ئۇنىڭ بىلەن قاچان كۆرۈشتۈرىسەن؟!
-پات ئارىدا...
-ھەي،مەن ئەمىسە چىقىپ كىيىملىرىمنى يۇيىۋېتەي،سەن ئولتۇرۇپ ئاشۇ ئاقگۈلگە قاراپ ئولتۇرغىن.
زاھىدەشۇنداق دەپ ئىچ كىيىملىرى بىلەنلا جاۋۇرنى كۆتۈرۈپ سۇخانىغا قاراپ ماڭدى.
-ۋەي،مەن ھازىر ياتاققا كىرىپ بولدۇم،ھېلىقى ئۆلگۈرجىنتەك كىيىملىرىمنى يۇماپتۇ،مابىتىم يۇمىغىن دەيدۇ تېخى جېنىمنى چىقىرىپ.
-ۋاييەي،ياتاقداشلىرىڭىزنىمۇ بوزەك قىلىپ يۈردىڭىزمۇئەمدى.
-ياقەي،بىر-بىرىمىزگە ياردەم قىلىپ ئۆتىمىزئەمەسمۇ،سىز نەدە؟
-ياتىقىزنىڭ ئۇدىلىدا
-تېخى قايتمىدىڭىزما؟
-سىزنىڭ تېلفۇنىڭىزنى ساقلاپ تۇردۇم.
.........
ئۇلارتېلفۇندا سۆزلىشىۋاتقان چاغدا ئەلفىرەنىڭ چ چ سىغا بىر ئۇچۇر كەلدى
-ۋاقىت توشتى،مەن سىزنىڭ كەينىڭىزدە.
ئەلفىرە كۈلۈمسىرەپ كەينىگە قايرىلىپ قارىدى،بىركىلىشكەن يىگىت قولىدا بىردەستە ئاق ئەتتىرگۈل تۇتۇپ تۇراتتى،بىراق يىگىتنىڭ چىرايىدىن خۇشال بولغاندەكمۇ قىلمايتتى.
-ماڭا ئالغاچ كەلدىڭىزمۇ؟!
-ھەئە،ۋاقىت توشتى،ماڭايلى،-يىگىت شۇنداق دەپلاقىزنىڭ قولىدىن تارتىپ دېرىزە تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
-سىز ئەمدى يېنىمدىن كەتمەيسىز،شۇنداققۇ؟!
-توغرا،سىزنى ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىغا ئېلىپ كىتىمەن.
ئۇلار قولتۇتۇشۇپ دېرىزىنىڭ ئالدىغا كەلدى،ئەلفىرە يىگىتكە قاراپ كۈلۈمسىرىدى،يىگىتمۇئۇنىڭغا قاراپ سوغۇق كۈلۈپ قويدى.ئۇلار بىرلىكتە سەكرىدى،ئەلفىرە ئۆزىنى بوشلۇقتائەركىن پەرۋاز قىلغاندەك ھېس قىلدى.
-كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ،ھازىرلا يىتىپ بارىمىز،-دەپ بويرۇققىلدى يىگىت.
ئەلفىرەبارا-بارا تۆۋەنلەپ يەرگە چۈشتى، يىگىت بولسا بوشلۇقتا تۇيۇقسىز غايىب بولدى.
<<گۈپ>> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەلفىرەئەكرەمنىڭ بىرقانچە مېتر نېرىسىغا چۈشتى،يۇمىلاق بىرنەرسە ئەكرەمنىڭ ئالدىغادومىلاپ كەلدى.
- ئەكرەم،نىمە بولدى؟! يىقىلىپ چۈشتىڭىزما؟
- ياق،بايا ياتاق بىناسىدىن بىرنەرسەچۈشتى،توختاپ تۇرۇڭ-ھە،تېلفۇننى قويۇۋەتمەڭ،مەن بېرىپ قاراپ باقاي.
ئەكرەم يانفۇنىنىڭ يورۇقىدا ئالدىنى يورۇتتى،ئالدىدىكى يۇمىلاق نەرسىنى قولىغا ئېلىپ چۆچۈپ ۋارقىرىۋەتتى،بۇ باشقا نەرسە ئەمەس ،ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى ئىدى.
- ئەكرەم،ئەكرەم،نىمە بولدى؟! زادى نىمەبولدى؟!...............
ئەكرەم خېلى بىر چاغقىچە ئېسىنى يىغىپ بولالمىدى،زاھىدەگىمۇ گەپ قىلالمىدى،ئەكرەم ئېسىنى يىغىپ بېرىپ بايا چۈشكەن نەرسىنىڭ يېنىغا باردى،ئۇنىڭ كۆرگىنى ئەلفىرەنىڭ كۈلۈپتۇرغان ،قولىدا بىر دەستە ئاق ئەتىرگۈل تۇتقان جەسىتى بولدى..............................
داۋامى داملىق يېزىلىپ كۈندە بىر بۆلۈمدىن يوللىنىدۇ ....ئەسكەرتىش ؛مەزكۇر ئەسەر پەقەت مىسرانىم تورىغىلا مەنسۇپ باشقا تورغا رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !
مۇھەممەتجان خېۋىر تاۋارىم http://tawarim.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawabora تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 06:59 PM