ئايالىڭ بولسۇن
رۇستەم قاراسۇ
بەختىڭنىڭكى تاج-تەختىدە ئايالىڭ بولسۇن،
قەلبىڭنىڭكى تۆر-قەسرىدە ئايالىڭ بولسۇن.
مەيلى يامغۇر مەيلى قاردا بىللە ياشىغان،
ھاياتىڭنىڭ ھەر پەسلىدە ئايالىڭ بولسۇن.
ئۆزگىلەرنىڭ يارى ساڭا ئەسقاتماس ھامان،
ئاشنا تۇتقان ئۆزى نامەرت تېگى پەس يامان،
ئايالىڭغا قار سانىما ئۆتنە بۇ جاھان،
قۇياش چىققان تاڭ سەھرىدە ئايالىڭ بولسۇن.
ئۆيۈڭ كەپە بولسا بولسۇن تاماسىز ياشا،
چىراي ئەمەس ئاقىل بولساڭ قەلبىڭنى ياسا،
كەڭ قورساققا ئۆشبۇ ئالەم مەڭگۈ كەڭ تاشا،
ئائىلەڭنىڭ گۈلشەنىدە ئايالىڭ بولسۇن.
ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانەڭدۇر بېشىڭدا ياتۇر،
يوقسۇل بولساڭ يوقسۇزلۇقنى سەن بىلەن تاتۇر،
جاپالارغا بوي ئەگمەيدۇ سەن ئۈچۈن باتۇر،
سەن كۈلگەندە شۇ سەھنىدە ئايالىڭ بولسۇن.
رۇستەم قاراسۇ ..ئاتۇشتا يېزىلدى 2014.10.18
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 02:01 PM