مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4884|ئىنكاس: 36

تاشپولات: نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىگەن 10 بايقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 5884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 01:39:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىگەن 10 بايقاش


تاشپولات روزى


دۆلەتلىك جۇغراپىيە ژۇرنىلى تور بېتىدە ھازىرغا قەدەر نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىگەن 10 كاتتا بايقاشنى ئېلان قىلدى. مەن تۆۋەندە بۇ كاتتا 10 بايقاشنى تونۇشتۇرىمەن.

1. ئىنتېرنېت (خەلقئارالىق تور)


1.jpg


1960-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەتقىقاتچىلىرى ئىنتېرنېتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كومپيۇتېر ئالاقىلىشىش تورىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بىراق 1989-يىلى ئىنتېرنېت ئۈستىدە بىرقانچە تېكىستنى بىرلەشتۈرۈپ بېجىرەلەيدىغان سىستېما World Wide Web(www) نى ئىجات قىلىپ، 1990-يىلى دۇنيادا بىرىنچى قېتىم تور بېتىنى قوزغاتقان ئەنگلىيەلىك كومپيۇتېر تەتقىقاتچىسى Tim Berners-Lee  غا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلىشى كېرەك ئىدى.

2. گېن گۇرۇپا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنىڭ يىشىلىشى


2.jpg


2001-يىلى ئادەمنىڭ گېن گۇرۇپپا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى گۇرۇپپا يېشىمى تاماملىنىدۇ. ناھايىتى كۆپ كىشىلەر، ئىلىم-پەن تارىخىدىكى بۇ ئەڭ زور نەتىجىگە نېمە ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىدى دەپ ئويلاپ كەلمەكتە.

3. قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھالاك بولىشى.


3.jpg


فىزىكا ئالىمى Stephen Hawking، 1970-يىلىنىڭ بىر كېچىسى، مەڭگۈ ھالاك بولمايدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن قارا ئۆڭكۈر ئەمەلىيەتتە ماسسىنى ئازدىن يوقىتىپ، ئەڭ ئاخىرى گامما نۇرىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى بىلەن پارلىنىپ يوقلىشى مۇمكىن دېگەننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىراق بۇ پەرەزنى ئىسپاتلايدىغان بېرە ئۇسۇل مەۋجۇت بولمايدۇ. قارا ئۆڭكۈرنىڭ ۋەيران بولۇشىغا بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مۆلچەرلەش مۇمكىن ئەمەستەك.
Stephen Hawking نىڭ قارا ئۆڭكۈر تەتقىقاتى ھازىرمۇ نەزەرىيە فىزىكا ئىلمىگە ناھايىتى چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن كۋانت مېخانىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇچۇر نەزەرىيە ساھەسىنى تەرەقى قىلدۇرىدۇ.

4. دەۋرلىك جەدۋىلى


4.png


رۇسىيە خىمىيە ئالىمى Dmitri Mendeleev ئىجات قىلغان دەۋرلىك جەدۋىلى، ئېلېمېنت بەلگىلىرى ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بارلىق مادىلارنىڭ مەركىزىدىكى پروتون، نېيترون، ئېلېكترونلارنىڭ يوشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇ ھەتتا شۇ ۋاقتىدا بايقالمىغان ئېلېمېنتلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنىمۇ مۆلچەرلەيدۇ. بۇ ئېلېمېنتلار جەدۋىلى خىمىيە ساھەسىدە ئەڭ قىممىتى بار جەدۋەل بولۇپ، دۇنيادىكى تەجرىبىخانىلارنىڭ تاملىرىغا چاپلاقلىق. مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ بايقاشنىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئالالماسلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

5. ئاق نۇر لامپۇچكا


5.jpg


ئەنگلىيەلىك Joseph Swan پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، Thomas Edison ئەمەلىيەتتە قوللانغان ئاق نۇر لامپۇچكىسى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئاجايىپ تۆھپە قوشقان ئىدى. ئۇ لامپۇچكا بىزنىڭ ھازىرقى ئېلىكتۇر دۇنيايىمىزنىڭ ئاساسى. بىراق بۇ لامپۇچكىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن Thomas Edison نوبېل مۇكاپاتىنى ئالماي، 1931-يىلى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ.

6. Quark


6.jpg


ئامېرىكا فىزىكا ئالىمى Murray Gell-Mann، ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ بۆلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىنى بايقىغانلىق تۆھپىسى بىلەن 1969-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم quark تەتقىقاتىغا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلمىدى. quark بولسا مادىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشى بىلەن پروتون، نېيترون ۋە باشقا دەرىجىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. quark نىڭ بايقىلىشى بىلەن ماددا دۇنيانى چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

7. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى


7.jpg


ئەڭ دەسلەپكى نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىياتى ئىلمى ناھايىتى ياش ساھە بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ دەۋرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قانداق ئۆزگىرىپ كېلىدىغانلىقىنى بىئولوگىيە ئالىملىرى ئاساسەن ئۇخمايتى. 1920-يىلدىن 1950-يىلىغىچە ئىرسىيەت ئالىملىرى، تەبىئەتشۇناس، قەدىمكى جانلىقلار ئالىملىرىنىڭ  تەتقىق قىلىشى بىلەن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى دۇنياغا تونۇلدى.

8. قارا ماددا


8.jpg


1970-يىلى Vera Rubin بىلەن Kent Ford، سامان يول سىستېمىسىنىڭ چەت قىسمىدىكى يۇلتۇزلار، ئۇنىڭ مەركىزىگە يېقىن يۇلتۇزلار بىلەن ئوخشاش تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ھەمدە سامان يول سىستېمىسى، ناھايىتى يۇقىرى تېزلىكتە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ماددا ئېغىرلىق كۈچىدە ھەرىكەت قىلىپ يۇلتۇزلارنى باغلاپ تۇرمىسا، سامان يول سىستېمىسى بۇزۇلۇپ ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان پەرەزدىكى ماددا قارا ماددا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئالەمنىڭ 63% نى ئىگىلەيدىكەن. ئالدىنقى ھەپتە بۇ قارا ماددا قۇياشنىڭ مەركىزىدىن كەلگەنلىكى بايقالدى دەپ ئامېرىكا خەۋەرلىرىدە خېلى كەڭ ئورۇن ئالدى.

9. سىستېما Phylogenetic دەرىخى


9.png


ئالىملار مىكروجانلىقلارنى ئۆز ھالىتىدە تۈرلەرگە بۆلگەن ۋاقتىدا، Carl Woese مىكرو جانلىقلارنىڭ گېنىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوز ئارا مۇناسىۋىتىنى پەرەز قىلىدىغان ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ناھايىتى كىچىك قەدىمكى باكتېرىيىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېنىق بولىدۇ.

10. دىنوزاۋر گۈللىنىشى(Renaissance)


10.jpg


دىنوزاۋر گۈللىنىشى دېگىنى دىنوزاۋرغا مۇناسىۋەتلىك بىئولوگىيىلىك بىلىم بولۇپ، ئۇ يەنە تەدرىجىي تەرەققىيات، ھەرىكەت، نەسىل قۇرۇش قاتارلىق كۆپ دائىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 02:13 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 300 muxunda ilmiy temilar koprak yollansa

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 02:43:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا دىيار تەسىراتلىرى(2)نى ساقلاپ كۆزىمىز تۆت بولدى تاشپولاتكا جۇمۇڭ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1514 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 03:04:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلۇپمۇ ئالدىدىكى تۆت بايقاشقا نۇبىل مۇكاپتىمۇ كىچىكلىك قېلدۇ جۇما ..  شۇزامانلاردا  يۇقارقىلارنىڭ قېممىتىنى  ھازىرقىدەك زور مۆلچەرلىيەلمىگەن بۇلۇشى ئېتىھمالى زورر    ئنتىرنىتنڭ  تەرەقىياتى بۇنىڭ مىسالى   . تەشەككۇر تاشپۇلاتكا

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12414
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32477
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4473 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 03:10:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىدە نوبىل مۇكاپاتى بېرىلشكە تېگىشلىك بايقاشلار ئىكەندۇق بۇلار....

‹‹بايقاش››نى‹‹بايقۇش››دەپ ئوقۇۋاپتىمەن دېسە....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11688
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1677 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 04:07:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئەسسالامۇئەلەيكۇم .
نوبىل مۇكاپاتى بىرىلمىگەن ئېينىشتىيىننىڭ بايقاشلىرىدىن يەنە توۋەندىكىلەر بار .
1.تار مەنىلىك نىسبېيلىك نەزەرىيەسى
2.كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى
3.بوزى-ئېينىتىيىن تەقسىماتى
ئېينىشتىنغا بىرىلگەن مۇكاپات بولسا يۇقارقى تۇرلەردىكى تەتقىقات ۋە بايقاشلىرىغا بىرىلمىگەن .
خاۋكىڭغىمۇ خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسىنى نەزەرىيە جەھەتتىن بايقىغانلىغى ۋە  قارا ئۇڭكۇر تېرمۇدىنامىكىسىنى بەرپا قىلىش ئۇچۇن قوشقان توھپىلىرى ھەم ئالەمنىڭ كىلىپ چىقىشى ، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتىغا بىرىلسە بۇلاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1448
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15681
تۆھپە نۇمۇرى: 1335
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 04:18:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشپولاتكا مۇشۇ بىزدەك تاماق ئىتىدىغان ئاشپەزلەرگىمۇ نوبىل مۇكاپاتى بىرىلەرمۇ

ئۇيغۇرتائاملىرىنى دۇنياغا تۇنۇتايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16624
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 04:19:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بايقاشلارنىڭ بىر قىسمىغا مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ بېرىلمەسلىكى ‹‹نوبېل››نىڭ ‹‹روھى››نى قورۇندۇرار بەلكى...

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6772
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1870 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 04:38:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
7.   تەدىرىجىي تەرەققيات نەزەرەيەسى.....    مۇشۇنىڭغىمۇ  نوبىل  مۇكاپاتى بىرىلەمدا ياكى  ئەخلەت  تۈكۈرۈك  مۇكاپتىمۇ      

    مايمۇننىڭ ئادەم بولىشى دىگەندەك.......          ھېچ  مەن ئوقۇغان تارىخى كىتاپلاردىن   بىرەسىدە  بىرە تال  مايمۇننىڭ ئادەم  بوپتۇ..   دىگىننى   كۆرۈپ باقمدىىم.....   كۆرۈپ باققانلار  بولسا   بىر  ھايىت دەۋىتەسىلە.....                بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xajarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 01:39 PM  


ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 05:12:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ پۇرۇخ ، مىخ مەتبەئە ، كومپاس ، قەغەزچىلىك تېخنىكىسىنى تىزماپتىغۇ ؟ ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99530
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 08:19:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوبىل مۇكاپتىنىمۇئەڭ ئادىل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ،كۆمۈلۈپ قالغان ئالىملار بەك كۆپ بولىشى مومكىن،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش