ئانىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئويغاتقان ھېسلار
دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار پەرزەنتىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى بىلىدۇ ئەلۋەتتە. ئىسمدە قىلىشچە ئانام كىچىكىمدىن تارتىپ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بىرەتتى، «ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن» دەپ تىلەك تىلەيتى. بۇ كۈنى مەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالساممۇ بىراق ئانام مىنىڭتۇغۇلغان كۈنۈمنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمايتتى.
بىر كۈنى ئىنىم مەندىن ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قاچان دەپ سوراپ قالدى. مەن خىجىللىق ئىلىكىدە دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمىدىم. ھەريىلى مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈننى بىلمەسلىكىممىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.
بىر ماتېرىيالدا، ياپونىيەدە بالىلار ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ‹‹ئانامنىڭ قىينالغان كۈنى›› دەپ قاراپ، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە ئانىسىنى مېھمان قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئانا توغۇرسىدىكى ماتېرىياللارنىڭ ئىزھارىچە، بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئانىسىنىڭ ئەڭ جاپا تارتقان، ئۇنى دۇنياغا كەلتۈرگەن كۈنى ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ بۇ كۈننىڭ ئاتا ئۈچۈنئەڭ ئىزتىراپلىق، ئانا ئۈچۈن ئەڭ ئازابلىق كۈن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىنىڭ مېھنەت –ھىممىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈشى كۆرسىتىلگەن.
ئانىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن پەرزەنىتلەرگە بولغان چەكسىزمھر-مۇھەببىەت ۋە ئاتا قىلىش روھى ھەر ۋاقىت نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ، توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ ھەم كۈچلۈك تولغاق يەپ قىينىلىپ تۇرۇپ توغۇپ ھاياتلىققا كۆز ئاچقان ھەر بىر پەرزەنىت ئۈچۈن مەڭگۇ ھېچنىمىسىنى ئايىمايدۇ. بىر ئۆمۈر ئۇشبۇ پەرزەنىتلەرنىڭ ئەتىسى، بەخىت سائادىتى ئۈچۈن ئۈن- تۈنسىز بارلىقىنى بېقىشلايدۇ. پەرزەنىتلىرىنىڭ خوشاللىقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بەخىت –سائادىتى ھېىساپلايدۇ، ئۇشبۇ تارىتقان جاپاسى، تۇغۇپ چوڭ قىلغىنى ۋە بەخىت سائادەتلىك ياشىشىى ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم ئەتكىنىگە يارىشا پەرزەنىتلىرىدىن ھىچقانداق نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ. پەقەت ئۇلارغا چەكسىز بەخت –سائادەت، ئىنساپ، مىھىر، ۋاپا تىلەيدۇ، شۇڭىمۇ ھەر يىلى سۆيۈملۈك پەرزەنىتلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولسا ئاددىي بولسىمۇ ئۆتكۈزۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق يىڭى بىر ياشقا كىرگەن پەرزەنىتىنىڭ ئەقىللق، ساغلام چوڭ بولىشىنى ئۈمىت قىلدۇ. شۇنداقلا تۇغۇلغان كۈنىنى بىر ئۆمۈر ئەستىن چىقىرىپ قويمايدۇ.
ئەپسۇسكى، جەمىيەتنىڭئۇچقاندەك تەرەققىياتى بىزلەرگە سوۋغا قىلىۋاتقان مىھر- ۋاپادىن ،كىملىكتىن ياتلىشىش پىسخكىسى ئاز بىرقىسىم پەرزەنىتلەرنى ئانىلارنى قەدىرلەش تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قىلىپ قويدى، ئانىلارنىڭ كىم ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقانلىقى، كىم ئۈچۈن لىۋىنى لىۋىگە چىشلەپ تۇرمۇشنىڭ ئاز بولمىغان جاپاسىنى تارتىپ كېلىېۋاتقانلىقىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايدىغان ھالاتلەرگىمۇ كەلتۈرۈپ قويدى، ئۆز ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەسلىكمۇ دەل ئانلارنى قەدىرلەش، ئۇلۇغلاش تۇيغۇسى تولۇق يېتىلمەسلىكنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاددىي بىر تىپىك مىسالى ئىكەنلىكى ئىنىق ئەلۋەتتە.
ئانىلار-بىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمز.بارلىقىمىز، نۇرلۇق قۇياشىمىز، شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت ئانلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز، ئۇلارنى ئېغىزىمىزدىلا، تىلىمىزدىلا، يىزىقىمىزدىلا مەدىيىلمەستىن بەلكى پۈتكۈل ۋۇجۇدىمىزدىن ھەقىقى سۆيۈشىمىز، كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئاسرىشىمىز، پەرزەنىتلىك بۇرىچ ۋە مەسۇلىيىتىمىزنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرۋەتمەسلىكىمىز لازىم. پەرزەنىتلىرىمىزگە كىچىكىدىن باشلاپ جەمىيەت، مەكتەپ، ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ بىر گەۋدىلەشكەن ئانىلارنى قەدىرلەش، سۆيۈش تەربىيسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ پۈتكۈل جەمىيەتتە ئانىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، قەدرىنى،جاپاسىنى بىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشىمىز لازىم.
ئانىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەسلىك – دەل ئانىلارغا بولغان مېىر- ۋاپانىڭ كەملىكدىن، سۆيۈش، ھۆرمەتلەش، ئۇلۇغلاش ئېتىقادىنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان بىر خىل مۇھەببەتسىزلكنىڭ ئىپادىسىدۇر خالاس. شۇڭا دوسىتلارغا تەۋىسىيەم، ئۆزىڭىزنى، تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى بىلىشتىن سىرت، ئاشۇ جاپاكەش ئانىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ بىلىپ قويۇڭ. ئۇنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان تۇغۇلغان كۈنىنى ئاددىي بىر تال گۈل تۇتۇش ئارقىلىقمۇ بولسا تەبرىكلەپ قويۇڭ. ئۇشبۇقىزىل گۈللەر – زىمىنغا ئانىلارنى قەدىرلەش،سۆيۈشتەك چەكسىز مۇھەببەت ئۇرۇقىنى تىكىپ دۇنيانى تېخىمۇ ئانلار مھرىگەئوخشاش مھېرلىك ۋە گۈزەل گۈللۈك باغچىغا ئايلاندۇرغۇسى.......
مەنبە: قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 01:35 PM