ھەر كۈيۈمدە ئېزدەيمەن بەخىت
تۇرسۇنگۇل ئوسمان پىغانى
تەڭسىزلىك قاپلىغان ئەي رەزىل دۇنيا،
جاھالەت تۇمانى قاپلىغان تامام.
ھەر يىنىم قاراڭغۇ ھەر يىنىم بوشلۇق،
يۈرۈگۈم گوياكى تىنىمسىز قاينام.
تەڭسىزلىك قاپلىغان ئەي رەزىل دۇنيا،
جاھالەت ئىلكىدە ئىڭرايدۇ ئالەم.
ھاياتىم مەنىسىز ئارمانىم چەكسىز،
ھەرياندا پىغانىم ھەر ياندا نالەم.
تەڭسىزلىك قاپلىغان ئەي رەزىل دۇنيا،
ماڭا بىر باققىنا چىھرىڭنى ئىچىپ.
ئەي بەخىت نەدە سەن زادى قەيەردە،
يۇرەمسەن تائەبەت مۇشۇنداق قىچىپ.
ئاپتور: يىڭىئۆستەڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 01:28 PM