مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 17

ھەسەتخور ھەققىدە ساتىرا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110664
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-10-16
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:02:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسقەر مەمىتىمىن:

ھەسەتخور ھەققىدە ساتىرا

قارىماققا كىچىك پىل،پەيلى يامان ھەسەتخور،

ئېغىزىدا ئىمان بار ، دىلدا يىلان ھەسەتخور،

قېرىنداشنى  ،دوستىنى چاققان چايان ھەسەتخور،

ئادەملىكىڭ دىللاردا،قوزغار گۇمان ھەسەتخور،

توشۇپ گەپ-سۆز،دوستلارنى  تىرىك ساتقان ھەسەتخور!



ئۆزى ئۇتۇققازانماي ،يۈرەر دائىم تەمتىرەپ،

قان كېتىدۇ  ئىچىڭدىن ،بىراۋ قۇچسا شان-شەرەپ،

كونا باشلىق ئالدىدا ياشىغانتىڭ ئەركىلەپ،

ئەمدى يېتىم  قالدىڭسەن ،تاز ئۆچكىدەك مەقىرەپ،

ئىچى تارلىق دەستىدىن ، ئەلەم يۇتقان ھەسەتخور.



مۇسىبەتلىك شۇمخەۋەر يېتىپ كەلدى خوتەنگە:

مەرھۇم ئاتاڭ جەسىتى كىرىپتۇ ئاق كېپەنگە،

تاغدە كئېغىر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا يەلكەڭگە،

بەردىم بېرىپ تەسەللىي، كونا-ۋەيران كەپەڭگە،

ياشاپ ئۆسكەن مۇھىتى ، ئېغىل –قوتان ھەسەتخور.



كەسىپ قىلدىڭ ئۆزۈڭگە ياخشىلارنى چېقىشنى ،

چېقىش بىلەن نەپ ئېلىپ، ئۆگەندىڭ جان بېقىشنى

كۈلۈپ تۇرۇپ دوستلارنىڭ،دىلىغا زىخ تىقىشنى،

سۇ لېيىتىپ كۆلچەكتىن،ئۆزۈڭ بېلىق تۇتۇشنى

شۇ‹ھۈنەر›دەۋاقىتلىق،تاپتىڭ ھايان ھەسەتخور.



چىرمىۋالغاچ دىلىڭنى ئەمەل-مەنسەپ تاماسى،

قابىللارنى دەپ يۈردۈڭ‹قانچىلىكتى ساپاسى؟›

<<كوت-كوت>> قىلىپ يۈرۈيسەن ، گېپىڭنىڭ يوق ئاساسى،

ياخشى ئەمەس بۇنىڭغا،كۆپچىلىكنىڭ باھاسى،

ئەمەل-مەنسەپ كويىدا،يۈردۈڭ ھامان ھەسەتخور!



پەيلاسوپتەك كۆرسىتىپ سەپداشلارغا ئۆزۈڭنى،

ھېكمەتلىك دەپ قارايسەن ھەر بىرئېغىز سۆزۈڭنى ،

ھەقىقەتنىڭ ئالدىدا،چىڭ يۇمىسەن كۆزۈڭنى،

ياقتۇرمىساھېچ كىشى سەندەك مەغرۇر-كۆرەڭنى ،

ئاچچىق مېغىز يىگەندەك چەكتىڭ پىغان ھەسەتخور!



ھەسەت ئوتى قەلبىڭدە بولدى گۈلخان لاۋۇلداپ،

كىرگەن كەبى دوزاخقا چەكتىڭ دوستۇم دەرد -ئازاب ،

بۇغدايئۆڭلۈك يۈزلىرىڭ كۈندىن-كۈنگە قارىداپ،

يازدىڭ ھەتتا ماقالە،تۆھپىكارلار غاجاپ،

ئاچچىق يۇتۇپ سەكراتتا،يېتىپ قالغان ھەسەتخور.



ئەرسانالماس تۈك-ساقال چىققان بىلەن ئېڭەككە،

ئوخشىتىسەن ئۆزۈڭنى تەڭدىشى يوق زېرەككە،

لېكىن ھەسەت يۇتىسەن خەمەك چۈشسە پېلەككە،

ھەسەت يۇتقاچ،دوختۇرلارسالدى تىرەك يۈرەككە،

زەئىپ بولۇپ يۈرۈگى نىمجان بولغان ھەسەتخور!




يۈرەك ئاجىز–تەن ئاجىز، ماغدۇر كەمچىل بىلەكتە،

چېكىنىش كۉپ ئەركەكلىك ئىقتىداردا- ھەۋەستە،

دەپ يۈرۈپتۇ ئايالىڭ ‹‹قانالمىدىم لەززەتكە ،››

چۆچەك تولا بۇ ھەقتە ئىدارىدا ، مەكتەپتە،

ئاشنا تۇتۇپ ئايالىڭ ئوينار پىنھان ھەسەتخور!



   بولار ئالىم پەيلاسوپ  تەربنيىلىسەك بالىنى ،

   ئادەم بولماس نۇرغۇن يىل ئوقۇتساقمۇ كالىنى،

سۆگەت ھامانسۆگەتتۇر ئۇلىساقمۇ ئالمىنى ،

ئايلاندۇرۇش مۇمكىنمۇ زەرگە ،كېسەك چالمىنى ،

دورىمىسۇن خۇيۇڭنى ئوغلۇڭ مەردان ھەسەتخور !



ھەسەت چۈشتى دىلىڭغا قايسى قىتئە ئوكياندىن،

بۇلبۇل چىقار بوستاندىن ، ھايۋان چىقار قوتاندىن،

قالىدىكەن خۇي-ئۇدۇم ، ئاتا نەسلىدىن -قاندىن ،

ھەسەت مىرارس قالغانمۇ مەرھۇم ئاتاڭ سۇلتاندىن ،

ئەل- ئاۋامنىڭ قەھرىدە بولۇر گۇمران ھەسەتخور !



تاپقان پۇلۇڭ تاش سېتىپ، كەتتى ئېقىپ دوختۇرغا،

تەكشۈرتۈپ باق تەپسىلىي تېخنىكىسى يۇققىرىغا،

نەس كېسەللىك ئامراقكەن ئىچى زەھەر-قوتۇرغا،

ئىككى پۇتلۇق ئېشەكمۇ باغلىنىدۇ ئوقۇرغا،

ئىسمى ئادەم بولسىمۇ ، نەسلى ھايۋان ھەسەتخور!




ئاگاھ بولغىن ساغلاملىق،تەئۇللۇقتۇر ئوزۇڭگە،

ھەسەت دېگەن زىيانلىق،ئۆپكە،يۈرەك،ئۆتۈڭگە،

ئاق كىيىملىك ئايالىڭ،كىردى تەكرار چۈشۈمگە،

شېئر يېزىپ شىپالىق،ئوكۇلسالدىم كۆتۈڭگە،

چىداپ تۇرغىن لەۋ چىشلەپ،دىمە‹‹ ۋايجان!›› ھەسەتخور.



ئاقىۋىتى خەتەرلىك يۈرەك بولسا تىقىلما،

قىلىپ قارانىيەتلىك،سەپداشلارغا چېقىلما،

دوستلىرىڭغا بولمىغىن ، ئىككى يۈزلۈك سېتىلما،

سۆڭەكبەرگەن ئىگەڭگە،غالجىر ئىتتەك ئېتىلما،

ساقىيارسەن ،دىلىڭكەڭ بولسا ئاسمان ھەسەتخور!



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sadiksirdax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 11:14 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6571
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:23:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتخۇرلۇق ياخشى ئىش ئەمەس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2052
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:25:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |





     مۇبارەك بولسۇن! ئەسەر ئېسىل ئىكەن. ئەسقەر ئەپەندىم. ئا.زۇنۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110664
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-10-16
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:43:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئەسەرلىرىڭىزمۇ بەك ئىسىل ئابدۇرەھىم ئەپەندىم.

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9988
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3925 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:50:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاسمانغا چىقىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇچقۇچى ئايرۇپىلانى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلمايدۇ. مەن ئەلنىڭ دۇئاسىغا ئامراق .……

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9988
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3925 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:50:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاسمانغا چىقىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇچقۇچى ئايرۇپىلانى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلمايدۇ. مەن ئەلنىڭ دۇئاسىغا ئامراق .……

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110265
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-9-29
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 12:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ساتىرا خىلى ياخشى چىقىپتۇ، تېخىمۇ تىرىشىڭ!

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2106
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 12:44:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شېئىر ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ.......ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 12:48:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3343
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 04:43:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئوخشىغان  ساتىرا بوپتۇ،،،
مۇنبەردە قالتىس يازدىغانلار جىقلاپ قالدى دىسە،،،

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش