(ھەش-پەش دېگۇچە شائىر زاھىر ئابدۇراخماننىڭ ئارىمىزدىن كېتىپ قالغىنىغا 3 يىل بولۇپ قالدى)
كەچكۈز كىرگەن قاراڭغۇ كېچە،
كېتىپ قالغان سۆيۈملۈك شائىر.
تۈننىڭ ئاچچىق شامىلى ئارا،
پەرۋاز قىلغان يىراققا زاھىر.
پەرۋاز قىلغان يىراققا شائىر،
نۇرلۇق يۇلتۇز باغرىنى قۇچۇپ.
قارا ئۆڭكۈر ھەسرەتتە قالغان،
سەرسان بولغان ئاھلىرى ئۇچۇپ.
سەرسان بولغان ئاھلىرى ئۇچۇپ،
ھاسىل قىلغان بوشلۇقتا دەريا.
جۇشقۇن روھلار قوشۇلۇپ ئاققان،
غۇۋا نۇردەك چاقنىشىپ گويا.
غۇۋا نۇردەك چاقنىشىپ گويا،
يېنىپ تۇرغان پەللىنى كۈتكەن.
چىمەن قىرغاق ئويلىنىپ ئۇزاق،
ئوتلۇق نەپەس سەھىپە پۈتكەن.
ئوتلۇق نەپەس سەھىپە پۈتكەن،
قىلىپ دىلدىن ھەممىنى ساقىت.
شېئىر روھى جانلىنىپ تۇرغان،
ئۆتۈپ ئالتۇن دەۋرىدىن ۋاقىت.
ئۆتۈپ ئالتۇن دەۋرىدىن ۋاقىت،
مەنە تاپقان كۆڭۈلسىز ھايات.
شەيتان تۇيغۇ ئالدىغان نازلىق،
غازاڭ پەسلى چىقىرىپ قانات.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 10:52 AM