|
|
|
|
قارمۇچ تەملىك ئىتالىيە چۆپىنى تەييارلاش ئۇسۇلى
خام ماتىريالى:ئىتالىيەچۆپى، كالاگۇشى، پىياز، كوك-قىزىلمۇچ
تەم خۇرۇچلىرى:ياغ (سېرىق ماي) ،تۇز، قارمۇچ، جاڭيو
تەييارلاش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ، بىر نەچچە تېمىم زەيتۇن مېيى تېمىتىمىز ،قازان قاينىغاندىن كىيىن ، ئىتالىيە چۆپىنى سېلىپ پۇشۇرىمىز.پىشقان ئىتالىيە چۆپىنى سۈزۈپ ، سۇغۇق سۇدا چايقايمىز.
كالاگۇشى، پىياز، كوك-قىزىلمۇچلارنى قەلەمچە قىلىپ تۇغرايمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ياغ قۇيىمىز ، قازان قىزىغاندىن كىيىن كالا گۆشىنى سالىمىز ، پىيازنى سىلىپ تەمى چىققۇچە قۇرۇيمىز.
ئاندىن كوك-قىزىلمۇچلارنى سالىمىز تۇز ،قارىمۇچ تالقىنى سېلىپ كەينىدىن تەييارلانغان ئىتالىيە چۆپىنى سېلىپ، ئازراق جاڭيو قۇيۇپ ئىلەشتۈرىمىز ۋە تەمىنى تېتىپ تەخسىگە ئۇسۇپ تەييارلىساق بۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش:ئىتالىيە چۆپىنى پىشۇرۇشتىن بۇرۇن يېرىم سائەت سۇغا چىلاپ قۇيۇپ ئاندىن پىشۇرساق تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 11:01 AM
|
|
|
|
|
|