مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 520|ئىنكاس: 3

`قاتناش ۋەقەسى دەۋالىرىگە قانداق ئسپات تەييارلاش كىرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 05:31:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



قاتناش ۋەقەسى دىلولىرىدا مۇناسىپ تولەمگە ئىرىشىش ئۈچۈن، مۇناسىپ ئىسپاتلارنى تەمىنلەش كىرەك. ئاساسلىغى دەۋالىنىش ۋە جىددى قۇتقۇزۇش چىقىملىرىنىڭ ئىسپاتى،ئىشتىن قالغان ئىسپات،باققۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات، مېيىپلىق تولەم ئىسپاتى قاتارلىقلار.
كونكىرىت ئېيتقاندا  تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1.        (1)جىددى قۇتقۇزۇش ۋە دەۋالىنىشقا كەتكەن چىقىملارنىڭ ئىسپاتى、جىددى قۇتقۇزغۇچى دوختۇرخانا ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى دوختۇرخانىلارنىڭ قۇتقۇزۇش چىقىمى ۋە داۋالىنىش چىقىملىرىنىڭ تالۇنلىرى、دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنۇز ئىسپاتى、كىسەل تارىخى、 دوختۇرخانا يۆتكەش ئىسپاتى、 قانۇن دوختۇرىنىڭ باھالاش نامىسى قاتارلىقلارنى تەمىنلەش كىرەك.
(2)داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يەنە داۋاملىق داۋالىنىشقا توغرا كەلگەندە ،داۋالىغان دوختۇرخانىنىڭ داۋاملىق داۋالاش توغرىسىدىكى پىكرى ياكى قانۇن دوختۇرىنىڭ پىكرىنى ئاساس قىلىمىز.
(3)دورىنى ئۆزى دورىخانىلاردىن سېتىۋالغان بولسا ، دوختۇرنىڭ رىتسىپلىرى  ئىسپات قىلىنىدۇ.

2.        (1)ئىشتىن قالغان چىقىم ئىسپاتى
داۋالىغان دوختۇرخانا چىقارغان بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش ۋە دەم ئېلىش ياكى قانۇن دوختۇرىنىڭ دەم ئېلىش توغرىسىدىكى ئىسپاتى ،مېيىپلىق دەرىجىسىنى باھالىغانلارنىڭ مېيىپلىق باھالاشتىن ئىلگىركى ۋاقتى ئىشتىن قالغان ۋاقىت قا ھىساپلىنىدۇ2) )داۋالاشقۇچىلارنىڭ مۇقىم كىرىمى بولغانلىرىنىڭ ئىدارە-ئورۇن چىقارغان قاتناش ۋەقەسى سەۋەپلىك كېمىيىپ كەتكەن كىرىم ئىسپاتى بولىشى كىرەك. باشقا كىرىمى بولغانلىرىنىڭ مۇئاشى مۇكاپاتى ھەمدە دۆلەت بەلگۈلىگەن تولۇقلىما –ياردەم پۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇقۇم كىرىمى بولمىغانلار قاتناش ۋەقەسى يۈزبىرىشتىن  ئىلگىرى مەلۇم ئىش-ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، يەككە تىجارەتچىلەر، ئەمگەك مۇلازىمەت خادىملىرى قاتارلىقلارغا مەھەللە ئىش باشقارمىسى ياكى يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىسپات چىقىرىدۇ.
4.دەۋالاشقۇچىلار نوپۇس ئىسپاتى、 كىملىك ئىسپاتى قاتارلىق ئىسپاتلارنى تەمىنلەش كىرەك.

ئۈچىنجىسى:بېقىش-كۈتۈنۈش خىراجەتلىرىنىڭ ئىسپاتى
1.دوختۇرخانىنىڭ كۈتكۈچى خادىملار ھەمدە كۈتكۈچىلەرنىڭ سانى توغرىلىق قوشۇلۇپ چىقارغان ئىسپاتلار.
2.ج خ قاتناش تارماقلىرىنىڭ باققۇچى ياكى كۈتكۈچى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى.
3.باققۇچىلارنىڭ كىرىم ئىسپاتى. مۇقىم كىرىمى يوقلارنىڭ قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاينىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ھىساپلىنىدۇ.

توتىنجىسى:مېيىپلىق باھالاش تۆلەم ئىسپاتلىرى
مېيىپلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن،قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاينىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش پۇلى ھىساپلىنىدۇ،مېيىپلىق بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ 20يىل تولەم بىرىلىدۇ،60ياشتىن يۇقۇرىلارنىڭ يېشى بىر ياش يۇقۇرلىسا بىر يىل كەمەيتىلىدۇ،75ياشتىن يۇقۇرىلارنىڭ 5 يىل بويىچە ھىساپلىنىدۇ.

بەشىنجىسى:مېيىپلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ تۆلەم ئىسپاتلىرى
1. قاتناش ۋەقەسى مېيىپلىق باھالاشنامىسى ياكى قايتا باھالاشنامىسى.
2.كىملىك ۋە نوپۇس ئىسپاتى.
3.قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاينىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش پۇلى ئۆلچىمى.

ئالتىجىسى:مېيىپلىقا سەپلەنگەن سايمانلارنىڭ چىقىمى توغرىسىدىكى ئىسپاتلار
مېيىپلىق سايمانلىرى مېيىپلىق ئىقتىدارىنى تولۇقلاش شۇنداقلا ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئەزانىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەپلەنگەن سايمانلار بولۇپ ،مېيىپلىق سايمانلىرىغا تۆلەم بەرگەندە قىسمەن مېيىپلىقمۇ ياكى مېيىپ ئەزالارغا پۈتۈن ئالماشتۇرغان سايمانمۇ ئايرىپ(مەسىلەن يالغان كۆز،يالغان چاچ،يالغان پۇت-قول قاتارلىق) تولۇق تۆلەم بىرىش كىرەك.
مېيىپلىق سايمانلىرى ھەققى سايمان سېتىۋالغان تالۇن،ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسپاتى بولىشى كىرەك؛مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگەن ھەمدە ئومۇملاشتۇرۇش ئىسپاتى ھەمدە مېيىپلىق باھالاشنامىسى قاتارلىقلار بولىشى كىرەك.

يەتتىنجىسى: تۇرمۇش پۇلى
1.ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئالدىنقى بىر يىلدىكى ئوتتۇرىچە تۇرمۇش پۇلى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
2.داۋالاشقۇچىلارنىڭ ئۆلۈم ئىسپاتى ،نوپۇس ئىسپاتى ۋە كىملىگى.
        3. داۋالاشقۇچىلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ نوپۇس،كىملىكئىسپاتى ھەمدە مەھەللە ، يېزا-بازار ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىسپاتى:
        ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان بېقىلغۇچىلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى توغرا بىكىتىش،ياش ياكى جىسمانى-روھى چەكلىمە سەۋەبىدىن زۆرۈر بولغان تۇرمۇش -تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغان ،ھەم باشقا تۇرمۇش كىرىم مەنبەسى بولمىغان كىشىلەر.18 ياشتىن تۆۋەن ياكى ئۇزۇن مەزگىل كىسەل ۋە مېيىپلىغىنى دوختۇر ئىسپاتلىغان ئىقتىسادى كىرىمى بولمىغان كىشىلەر،يەنى ئۆزىنى باقالمايدىغان كىشىلەر شۇنداقلا ئۆلگۈچى ھايات ۋاختىدا بېقىپ كىلىۋاتقان كىشىلەر، ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىسىمۇ ،باشقا ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسى بولغانلارغا تۆلەم بىرىلمايدۇ.
        زىيانلانغۇچى ئۆلگەن ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقىتىشتىن بۇرۇن بېقىش زۆرۈر بولمىغان،ئەمما زىيانلانغۇچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كىيىن تۇرمۇش مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغان ياكى تۇغۇلغان پەرزەنتلەرگە زۆرۈر بولغان تۇرمۇش خىراجىتى ئاجرىتىش كىرەك.
        زىيانلانغۇچى بىردىن بىر باققۇچى بولسا ، زىيانكەشلىك قىلغۇچى بېقىلغۇچىنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك.
        ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن تۆلەم بىرىشتىن ئىلگىرى بېقىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا تۆلەم بىرىلمەيدۇ،ئەمما مۇۋاپىق تولۇقلىما بىرىلىدۇ.
        تۇرمۇش پۇلى بىرىشنىڭ مۇددىتى 18 ياشقا توشمىغانلارنى 18 ياشقىچە بېقىش پۇلى ،ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغانلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى 20 يىل ھىساپلىنىدۇ،60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ يېشى بىرياش ئاشقانسىرى بېقىش پۇلى بىر يىل كىمەيتىلىپ ھىساپلىنىدۇ،ئەڭ ئاز بولغاندا 10 يىل ھىساپلىنىدۇ.بېقىلغۇچى 75 ياشتىن يۇقۇرىلارنىڭ بېقىش پۇلى ئاز بولغاندا 5 يىل ھىساپلىنىدۇ.
       
        سەككىزىنچىسى: بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش پۇلىنىڭ ئىسپاتى
        1.ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىق ئىسپاتى.
        2.بېقىلغۇچىنىڭ نوپۇس ۋە كىملى ئىسپاتى.
        3.مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ نىڭ ئىسپاتى.
        4.مەھەللە ياكى يېزا -بازار ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچىخانا چىقارغان بېقىش مۇناسىۋىتى ئىسپاتى.
       
            توققۇزىنچى: قاتناش چىقىمى
        1.دوختۇرخانا يۆتكەپ داۋالانغان ياكى دوختۇرغا بىرىپ كىلىپ داۋالانغانلارنىڭ ۋە قارىغۇچىلارنىڭ قاتناش چىقىمى ھەمدە قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ قاتناش چىقىمى ، ئادەتتە ئەمىلى زۆرۈر بولغان قاتناش سايمانلىرىنىڭ تالۇنى.
        2.ئالاھىدە ئىھتىياج بىلەن تاكسى、 ئايرۇپىلان、 پويىز يۇمشاق كارۋات ۋە پارخۇتنىڭ ئىككىنجى دەرىجىلىك بولىمىگە ئولتۇرغانلارغا ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قوشۇلغانلىق ئىسپاتىنى چىقىرىش كىرەك.
        3.باشقا جايلارغا بىرىپ داۋالانغانلارنىڭ مېيىپلىق سايمانلىرىنى سەپلەش ئىھتىياجى قاتناش ۋەقەسىگە قاتنىشىش قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن سىرتتا ياتاقتا يىتىش زۆرۈر بولغانلارنىڭ ، ج خ قاتنا ش باشقۇرۇش تارماقلىرى قوشۇلغان ئىسپات ھەمدە ياتاقتا ياتقان تولۇنىنى تەمىنلەش كىرەك.
       
        ئونىنجى:مال-مۈلۈك بىۋاستە زىيىنىنىڭ ئىسپاتى
        1.ماشىنا بۇزۇلغان باھالاش ،رىمۇنىت قىلىش ئىسپات چىقىم قىلىش تالۇنلىرى.
        2. مال- مۈلۈك زىينىنى تىزىملىگى
        3.مال- چارۋۇلارنىڭ زەخمىلەنگەن ياكى ئۆلگەنلىگى توغرىسىدىكى مال باھا تارماقلىرىنىڭ باھالاش ئىسپاتى
        4.تاپشۇرۇش قولايسىز بولغان چوڭ مۈلۈكلەر،ئاسان بۇزۇلىدىغان ساقلاش تەس بولغان مۈلۈكلەرنىڭ ئەسلى سۇرەتلىرى.
       
        ئون بىرىنجى: ۋاستىلىق زىيان ئىسپاتلىرى
        1. ھەركۈنلۈك تىجارەت كىرىم ئىسپاتى
        2.ماتۇرلۇق قاتناش يول يۈرۈش كىنىشكىسى
        3.تىجارەت توختاتقان ئىسپاتى.ئاساسلىغى رىمىنۇت قىلىنىغان ۋاقىتتىكى
4.يول لىنىيىسى ئىسپاتى
       
        ئون ئىككىنجى :كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلار
        1.قانۇنى ۋەكىلنىڭ نوپۇس、 كىملىك、 ج خ تارماقلىرى چىقارغان نوپۇس مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىسپاتلار
        2.ھاۋالە ۋاكالەتچىنىڭ ھوقۇق بىرىش ھاۋالە نامىسى
        3.يەككە تىجارەتچىنىڭ كىملىك ھەمدە تىجارەت كىنىشكىسى
       
        ئون ئۈچىنجى: دەۋاغا كىتىدىغان ئىسپاتلار
        1.يول قاتناش ۋەقەلىرى مەسئۇلىيەت ئىتىراپنامىسى.
        2.يول قاتناش ۋەقەلىرى زىيان تۆلەش كىلىشىمنامىسى ھەمدە كىلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى يول قاتناش ۋەقەلىرىدىكى ئىتىراپنامە چىقارماسلىق ئۇختۇرىشى .



قانۇن بىلەن ئويناشما !

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6761
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:22:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇنى بىلىملەرنى  ساقلاپ ئۈگۈنىىپ  قويغۇلۇق... رەھمەت سىزگە....  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2551 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 04:43:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇننى بىلمەسلىكمۇ بىر خىل نادانلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68603
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4219
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 966 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 05:28:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا بۇ ئۇچۇرلار ماڭا لازىم ساقلىۋالاي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش