|
|
|
|
[سائەت(3)] سائەت تاقىغىڭىز بارمۇ؟
ئەسلى مەنبەسى: سارۋان بىلوگى
سائەت تاقىغىڭىز بارمۇ؟
كىچىك ۋاقتىمدىكى كۈنلەر چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپكە بېرىش، كەچلىرى قوي بېقىش بىلەن ئۆتەتتى. ئۆيىمىزنىڭ كەينى تەرەپتە قوي باقىدىغان شولاق(شورلۇق بولىشى مۇمكىن) بار ئىدى. بۇ يەردە شىۋاق، قومۇش، پاسار دېگەندەك ئوت چۆپلەر بار ئىدى. قوي باققىلى ماڭغىچە دادامنىڭ قول سائىتىنى ئېلىۋالاتتىم. ياز ۋاقىتلىرى كەچ سائەت سەككىزگىچە قوي باقاتتىم. سائەتكە قاراپ تۇرۇپ سائەت دەل سەككىز بولغاندا ئاندىن قويلارنى ياندۇرۇپ چىقاتتىم. مىنىڭ سائىتىم سەككىز بولۇشقا ئاز قالغاندا قويلارنىڭ سائىتىمۇ توشۇپ قالاتتى. قاتتىق غىشا پاسارلاردىن زىرىكىپ، ئېغىلغا تاشلانغان، پەرۋىش قىلغان ئېتىزدا زىرائەتلەر بىلەن بىللە ئۆسكەن ئوتلارنى يىيىشكە ئالدىراپ ئۆي تەرەپكە قېچىشقا باشلايىتتى. ئەمما مەن سائەت دەل توشمىغۇچە قويلارنىڭ مېڭىشىغا رۇخسەت قىلمايىتتىم. ھازىر بەزىلەر مەندىن سوراپ قويىدۇ «بۇ نەدە يىتىلدۈرگەن ۋاقىت قارىشى» دەپ. مەن دەيمەن «سەھرادا قوي باققاندا يىتىلدۈرگەن» دەپ.
دادامنىڭ سائىتىگە كەلسەك ئۇ بىر ئادەتتىكى ئېلىكتىرونلۇق سائەت ئىدى. ئىكرانى كىچىك، تۆمۈر باغلىق. سائەت، چىسلا، سىكۇندۇمېتىر ئىقتىدارىلا بار. بۇ شۇ ۋاقىتلاردا مەن ھەپىلىشەلەيدىغان بىردىنبىر ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنە شۇ بولىشى مۇمكىن. مەن ئۇنى تەكرار تەڭشەپ، توغۇرلاپ ۋاقىت ئۆتكۈزەتتىم. سىكۇنىتىنى سانايىتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا سىكۇنىتىنى ساناۋىرىپ سائەتكە قارىمىساممۇ سىكۇنىتقا دەل كەلتۈرۈپ سانايدىغان بوپ كەتكەن ئىدىم. مىنىڭ سانىغىنىمدا بىر مىنۇت ئىچىدە بىر سىكۇنىتمۇ خاتالىق پەرقى چىقمايىتتى.
يەنە سائەتنىڭ كەينىنى ئېچىپ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ باقاتتىم. ئىچىدە بىر ئەينەك (ئىكران)، ئەينەكنىڭ كەينىدە بىر توك يولى تاختىسى، توك يولى تاختىسىدا مومغا ئوخشاش قارا بىر نەرسە (ئۇ ۋاقىتتا توپلاشتۇرۇلغان توك يولى دېگەننى بىلمەيىتتىم)، يەنە ئىككى پۇتلۇق چوڭراق بىر نەرسە بار ئىدى.
يېزا دىگەندە سائەت تاقايدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى. شۇ كادىرلارنىڭ قولىدا سائەت بولاتتى. سائەتلىرىمۇ ئاساسەن ئىككى خىللا. بىرى شاڭخەي ماركىلىق، ئاچقۇچ بىرىدىغان ئىستىرىلكىلىق سائەت، يەنە بىرى ئېلىكتىرونلۇق سائەت. دېھقانلار ئاساسەن سائەت تاقىمايىتتى. ئۆيلەردە تام سائىتى، ئۈستەل سائىتى دىگەندەك نەرسىلەرمۇ يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ زادى سائەتكە قاراپ قىلىدىغان ئىشى يوق ئىدى. سەھەردە مەزىن ئاخۇنۇم ئەزان توۋلاپ ئويغۇتاتتى. ئەتتىگىنى ئېتىزغا چىقىۋالسا يا ھارغىچە، يا چوقىسى ئاپتاپتا كۆيگىچە ئىشلەۋىرەتتى. تاماقنىمۇ سائەتكە قاراپ يەيدىغان ئىش يوق ئىدى. ئېتىزدىن قاچان كەلسە شۇ چاغدا چۈشلۈك تاماق يەيىتتى. كەچلىرىمۇ قاچان ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ، مال- ۋارانلارنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندا ياكى قاراڭغۇ چۈشۈپ كىتىپ ئىش قىلالمىغاندا ئاندىن كەچلىك تامىقىنى يەيىتتى. ئۇ ۋاقىتلار توكمۇ داۋاملىق يوق ئىدى. نامازشامدىن باشلاپ ئىككى سائەت توك بىرىلەتتى. توك ئۆچۈشكە 10 مىنۇت قالغاندا توك لىپىلداپ بەلگە بىرەتتى. شۇ ۋاقىتتا ئورۇن كۆرپىلەرنى سىلىپ يېتىۋالىدىغان ئىش ئىدى. رامىزان مەزگىللىرىدىمۇ يېزىنىڭ گىنراتورىنى ماڭغۇزىدىغان بىر ئادەمنىڭ قولىدا سائەت بولسىلا بولاتتى. سوھور ۋاقتىدا توك ياندۇرۇپ پۈتۈن يېزىدىكىلەرنى ئويغىتاتتى. ئەلۋەتتە ئۇ چاغدا توك چىراقلارنىڭ ئۆچۈرۈپ ياندۇرىدىغان ئۈزچېتىمۇ بولمايىتتى. توك كەلسە ياناتتى. توك كەتسە ئۆچەتتى. دېمەك ئۇ يەردە سائەت لازىم بولمايىتتى. بىزدەك ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. باڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ مەكتەپكە يىغىلاتتۇق. دەرس ئارلىقلىرىدا زىل چالاتتى. مەندەك مەكتەپكە ئامراق بالىلار مەكتەپكە بالدۇر بېرىۋىلىپ سىنىپنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلىغان بىلەن يەنە نۇرغۇن بالىلار خالىغان چاغدا كىلەتتى. ئىككى سائەت دەرس تۈگىگىچە ئاندىن بالىلار تۇلۇقلىنىپ بولاتتى.
ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە سائەت تاقىغىنىم تازا ئىسىمدە يوق. ئۇنىڭدىن كىيىن نۇرغۇن سائەتلەرنى تاقىغاندىمەن. ئەمما سائەت تاقاشنى ئادەت قىلغۇدەك سائەت تاقىغىنىم ئىسىمدە يوق. تاقايدىغانلىرىممۇ ئاساسەن ئەزان باھالىق ئېلىكتىرونلۇق سائەتلەر ئىدى. بۇنداق سائەتلەر يا بېغى ئۈزلەتتى، يا سۇ كىرىپ كىتىپ بۇزۇلاتتى. ئىش قىلىپ بىر يىل تاقىغىلى بولمايىتتى.
ئەلۋەتتە سائەت توغرىسىدا قىززىقارلىق ئىشلارمۇ بار. بىرسى-بەزىدە سائىتىم ئىككى بوپ قېلىپ ئىككى سائەت تاقىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان. ئەمما نەتىجە شۇكى «ئىككى سائەت تاقىسا ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ». ئىشەنمىگەنلەر سىناپ بېقىڭلار. يەنە بىرسى- كىچىك ۋاقىتلاردا ھەر خىل قىززىقچىلارنى قىلىدىكەنمىز. سائەتنى پۇتۇمغا تاقىغىنىممۇ ئىسىمدە بار. باشقىلار سائەت قانچە بولدى دىسە ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى ئۆرۈپ سائەتكە قارىغىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە.
گەرچە سائەت تاقاشقا قىززىقساممۇ ئۇزۇن مەزگىل ئادەت قىلىپ سائەت تاقاپ باقماپتىمەن. بولۇپ تېلېفون ئىشلەتكەن ئون يىلدىن بۇيان تېلېفوننى سائەت قىلىپ ئىشلىتىپ، قول سائىتى تاقىماپتىكەن. سائەت تاقاي دەيمەنيۇ لىكىن مەن كۆرگەن سائەتلەر بەكلا ئاددىي. ئەڭ مۇھىمى «مۇرەككەپراق سائەت» ئۇچرىتىپ باقماپتىمەن. بۇ جەرياندا تاقىغان سائەتتىن پەقەت ئىككىنىلا ئەسلىيەلەيمەن.
بۇ سائەتنىڭ بىرسى Casio نىڭ CMD-40 تىپلىق سائىتى. بۇ سائەتنىڭ سائەت ئىقتىدارىدىن باشقا ھىساپلىغۇچ ۋە تىزگىنەك ئىقتىدارى بار ئىدى. داڭلىق ماركىلىق تىلۋىزور، سىن ئالغۇ، سىن قويغۇلارنىڭ ھەممىنى كونترول قىلغىلى بولاتتى. بولۇپمۇ ياپۇندىن ئىمپورت قىلىنغانلىرىنى. بۇ سائەتنىڭ سىرتقى شەكلىمۇ سەل فانتازىيە تۈسىنى ئالغان، پىشقان مەھسۇلات ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ سائەتنىڭ بېغى بەك تولا ئۈزۈلۈپ كىتىپ چىدىمىدى. يامان يىرى بۇ سائەتكە چۈشىدىغان باغ سائەتچىدىن تېپىلمايىتتى. باشقا سائەتلەرنىڭ چۈشكىدەك بېغى بوپ قالسىلا بېغىنى ئېلىپ سېلىپ باقتىم. يەنە چىدىمىدى. ئاخىرى باغ ئالماشتۇرۇپ بولالماي زىرىكتىم. بۇ سائەت چوڭ قۇرۇقلۇقتا بازارغا سېلىنمىغان. ئۇنى بىرسى سوۋغا قىلغان ئىدى.
يەنە بىرى. بۇ يىل بىر دوستىمىز سەپەردىن قايىتقۇچە Casio ماركىلىق بىر سائەتنى سوۋغاتلىق ئالغاچ كەپتۇ. سائەت جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن، Casio نىڭ ئەڭ ئەرزان باھالىق سائىتى بولسىمۇ ئەمما سوۋغا دىگەننىڭ قىممىتى چەكسىز. ئادەتتە باشقىلار ماڭا كىتاب سوۋغا قىلسا بەك خوش بوپ كىتىمەن. ئۇ خوشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ قېتىم سائەت سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىپمۇ خوش بولدۇم(بىر نەرسە بەرسە كىم خوش بولمايدۇ- ھە). شۇنىڭ بىلەن بۇ سائەتنى تاقىۋالدىم. ئۇنتۇلغىلى ئۇزۇن بولغان بىر قەدىناسنى ئۇچراتقاندەك بولدۇم. سائەت تاقاشنى يەنە ياقتۇرۇپمۇ قالدىم. ئەڭ مۇھىمى بۇرۇنقى بىر ھەۋىسىمنى تېپىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن توردىن ماتېرىيال ئىزدەپ مەن تاقاشنى ئارزۇ قىلىدىغان «مۇرەككەپراق سائەت»لەر توغرىسىدا ئاز تولا چۈشەنچە ھاسىل قىلدىم.
بۇندىن بىر يىل بۇرۇنلا چىچەن سائەت توغرىسىدا خېلى ئىزدەنگەن ئىدىم. ئەمما مەن قانائەت ھاسىل قىلغۇدەك چىچەن سائەت يوق ئىدى(ھېلىھەممۇ ئاساسەن يوق). چىچەن سائەتنىڭ ئورنىنى باسقۇدەك سائەت بارمىدۇ دەپ ئىزدىدىم. ئەسلى بار ئىكەن. مەيلى ھۈنەر سەنئىتى جەھەتتىن، مەيلى پۇختىلىقى جەھەتتىن، مەيلى ئىقتىدارى جەھەتتىن ياخشى سائەتلەر بار ئىكەن. شۇ پەقەت باھاسى سەل قىممەت ئىكەن.
مۇقەددىمە مۇشۇ يەردە تۈگىدى. ئەمدى نەق گەپكە كەلدۇق.
سائەت تاقامسىز؟
مەن شىۋىتسارىيەنىڭ سائەتلىرىدىن پەقەت خەۋەرسىز. شۇنداقلا ھەشەم ئۈچۈن ياكى زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا تاقىلىدىغان سائەتلەرنى ئەسلا بىلمەيمەن. مەن بۇ يەردە تونۇشتۇرماقچى بولغان سائەتلەر پەقەت بىر قەدەر تېخنىلىق ئىشلارنى قىلىدىغان، مىخانىكا، ئېلېكتىرون، تەنتەربىيە، دالا تەنھەركىتى، ساياھەت … دېگەندەك ئىشلارغا قىززىقىدىغان كىشىلەرگە ماس كىلىدۇ. شۇنداقلا نۆۋەتتە چىچەن سائەت ئالماقچى بولغانلارغا نىسبەتەن باشقا بىر تاللاش بولالايدۇ.
ئەلۋەتتە، «سىتىرىلكىسى كۆپ سائەت» مۇرەككەپ بىلىنىدىغان، بېشى ئاغرىيدىغانلار بۇ تېمىنىڭ داۋامىنى كۆرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ.
مەن تىلغا ئالماقچى بولغان «مۇرەككەپ» سائەتلەرنىڭ توكى 5 يىل، 10 يىل ھەتتا تېخىمۇ ئۇزۇن يىتىدۇ. سائەتنى قول بىلەن توغرىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قويۇلغان ئاتوم سائەتلىرى تارقاتقان سىگىنال ياكى يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سۈنئى ھەمراھى تارقاتقان سىگىنالنى قوبۇل قىلىپ ئاپتۇماتىك توغرىلىنىدۇ. سىكۇندومېتېر، تەتۇر ساناق، سىتوپ ۋوچ، كالېندار دېگەندەكلەر ئادەتتىكى ئىقتىدار. ئۇنىڭدا يەنە كومپاس، بارومېتىر(ئاتمۇسفورا بېسىمى ئۆلچىگۈچ)، تېرمومېتىر(تېمىپىراتورا ئۆلچىگۈچ)، ئالتىمېتىر(ئىگىزلىك ئۆلچىگۈچ)، يۇرۇقلۇق سىنزورى، قۇياش باتارىيەسى… قاتارلىق سىنزورلار بولىدۇ. سۇ كىرىپ كىتىشىدىن، سىلكىنىپ، سوقۇلۇپ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرمەيسىز. قېپى ھېچ بولمىغاندا داتلاشماس پولات بولمىسا تىتاندىن ياسىلىدۇ. ئەينىكى كۆك ياقۇت ئەينەك ياكى سىزىلماس ئەينەكتىن بولىدۇ.
مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان سائەتلەرنىڭ بىر تۈركۈمى Casio ماركىلىق سائەتلەر. Casio ماركىلىق سائەتلەر سۇغا چىدامچانلىقى بىلەن داڭلىق. Casio ماركىلىق سائەتلەر كېمىدا 50 مېتىردىن 200 مېتىرغىچە بولغان سۇغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ. ئاددىيسى قول يۇيۇشتىن سۇ ئۈزۈش، بېلىق تۇتۇش، غەۋۋاسلىققىچە ئىنسان پائالىيەت قىلالايدىغان شارائىتلاردا سۇ كىرىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ. سۇدىن باشقا، چاڭ- توزان، پاتقاقتىنمۇ ساقلىنالايدۇ.
• G-Shock تۈرىدىكى سائەتلەر
Casio نىڭ G-Shock تۈرىدىكى سائەتلىرى سۇغا چىداملىق بولۇشتىن تاشقىرى سىلكىنىشكىمۇ پەۋقۇلاددە چىداملىق. بۇ سائەتلەر تەنھەركەتچىلەر، دالا پائالىيەتچىلىرى، ھەربىيلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كىلىدۇ. ئادەتتە ئوقۇغۇچىلارمۇ ياقتۇرۇپ تاقايدۇ.
ئوخشىمىغان تىپتىكىلىرىدە ئوخشىمىغان سىنزور ۋە ئىقتىدارلار بولىدۇ. بەزىسىدە قوياش باتارىيەسى، بارومېتىر، كومپاس قاتارلىقلار بولىدۇ. بەزىلىرىدە بولمايدۇ. بەزىلىرى قوياشنىڭ كۆتۈرۈلۈش، ئولتۇرۇش ۋاقتى، ئاي فازىلىرىنىمۇ كۆرسىتەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدارلىرىغا ئاساسەن باھاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس.
بۇ تۈردىكى سائەتلەرنى سىز ھەرقانداق جىسمانىي ھەركەت قىلغان ۋاقىتتا تاقىسىڭىز بولىۋىرىدۇ. بۇ سائەت سىزنىڭ ھەركىتىڭىز ياكى ھەركەت مۇھىتىڭىز سەۋەبلىك تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
• Edifice تۈرىدىكى سائەتلەر
Edifice تۈرىدىكى سائەتلەر سىتىرىلكىلىق سائەتلەر بولۇپ، رەقەملىك كۆرسىتىشنى قوشۇمچە قىلغانلىرىدىمۇ چوقۇم سىتىرىلكا بولىدۇ. بۇ سىتىرىلكىلار ئارقىلىق ۋاقىت كۆرسەتكەندىن باشقا، ھەپتە كۈنلىرى، شىمال يۈنۈلۈش قاتارلىقلارنى كۆرسىتەلەيدۇ. بۇ خىل تىپتىكى سائەتلەرنىڭ سىرتقى كۆرنىشى سىپتا، ئىسىل ياسالغان. گالىستۇك، كاستوم كىيىملەر بىلەنمۇ ياراشتۇرۇپ تاقىغىلى بولىدۇ. بۇ سائەت زىيالىلار، ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغانلارنىڭ تاقىشىغا بەكرەك ماس كىلىدۇ.
• ProTrek تۈرىدىكى سائەتلەر
بۇ كەسپىي دالا تەنھەركەتچىلىرى، ساھايەتچىلەرگە ماس كېلىدىغان تۈردىكى سائەت بولۇپ، بۇ سائەتتە بارامېتىر، تېرمومېتىر، ئالتېمېتىر، كومپاس… قاتارلىق سىنزورلار چوقۇم بولىدۇ. بۇ سائەتنىڭ تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ۋە ئىقتىدارلىرى بىر قەدەر يوقۇرى.
بۇندىن باشقا يەنە Casio نىڭ ئوكيانۇس(Oceanus) دەپ بىر ماركىسى بار بولۇپ بۇ ھەشەمەت تىپلىق سائەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. باھاسى قىممەت.
ناۋادا بۇ سائەتلەرنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئىقتىدارى بىلەن ئوبدان تونۇشۇپ، سىرىتقى شەكلى، باھاسى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلۇشۇپ ئاندىن سېتىۋىلىڭ. توردىن ياكى باشقا جايدىن سېتىۋالغاندا ساختىسىنى ئەپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى Casio نىڭ سائەتلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغانلىرى كۆپ. سىرىتقى شەكلى بەك ئوخشايدۇ. ئەمما ئىچى ئوخشىمايدۇ. ئىقتىدارىمۇ تولۇق بولمايدۇ. ساختىسى بىلەن ھەقىقىسىنىڭ باھا پەرقى 10 ھەسسىدىن 100 ھەسسىگىچە بارىدۇ.
ئاخىرقى ئەسكەرتىشىم:
سائەت تاقاپ ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغانلار ئەڭ ياخشىسى بىلەيزۈك تاقاڭلار.
ئەسلى مەنبەسى: سارۋان بىلوگى
|
|
|
|
|
|