ئانىسىنى«ئانام»دىيىشكە تىلى بارمايدىغانلارغا ئىككى كەلىمە
ئاپتۇرى؛ ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
تېخى يېقىندىلا مۇھىم بىر زۇرۈرىيەت بىلەن دوختۇرخانىنىڭ كېسەلخانا بۈلۈمىگە كىرگىنىمدە بىر ئەمەلدار تۇنۇشۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.
ـ كېسەلخانىدا يۈرۈپلا،بىر كىم كېسەلمۇ؟-دەپ ھال-ئەھۋال سورىۋىدىم،ئۇ ئەمەلدار تۇنۇشۇم:
ـ موماي ئاغرىپ قالغانىدى،-دەپ جاۋاپ بەردى.
«موماي»دىگىنى كىم بولغىيتتى ئەمدى،دەپ ئۇ كۆرسەتكەن ياتاققا بېشىمنى تىقىۋىدىم،ئاغرىپ ياتقىنى دەل بۇ ئەمەلدار تونۇشۇمنىڭ ئانىسى ئىكەن.بۇ ئايالدىن بېرەر قۇر ئەھۋال سورىۋېتىپ ئۆز ئىشمغا يۈرۈپ كەتكەچ خىيالغا پېتىپ قالدىم.ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىنى«ئانام»دىمەي «موماي»دىگىنى مىنى سەل تەئەججۈپلەندۈرۈپ قويغان ئىدى.بۈگۈن كەچكىچە كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ،كومپىيۇتۇر كونۇپكىسى ئالدىغا كەلدىم.يات كىشىلەر ناتونۇش ياشانغانلارنى«بوۋاي» «موماي»دەپ ئاتىشىدۇ.ئەگەر ئىسىم-شەرىپىنى بىلسە ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىشىدۇ. ئەمما بۈگۈن بۇ ئاغرىق موماينىڭ ئەتىۋا بالىسى ئۆز ئانىسىنى«موماي»دەپ ئاتىۋالغانلىقى مىنى تولىمۇ غەش قىلىۋەتتى.چوڭ شەھەرلەرگە ئوقۇشقا بارغاندىن كىيىن،سەھرادىن ئوغلىنى سېغىنىپ يوقلاپ بارغان نامرات دادىسىنى ساۋاقداشلىرىغا«يۇرتتىن كەلگەن قوشنىمىز»دەپ تونۇشتۇرغان بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىژدانسىزلىقىنى قايسى بىر ماتىريالدىن كۆرۈپ كۆڭلۈم غەشلىككە تولغان ئىدى.خەير..بۇنىغۇ«بىر گۈدەكنىڭ قىلغان ئىشى»دەيلى،ئەمما بۈگۈن ئانىسىنى«موماي»دەۋاتقىنى«ئەمىلى ھەركىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە بولايلى»دەپ دايىم مۇنبەرلەردە دەبدەبىلىك نۇتۇقلارنى سۆزلەپ تۇرىدىغان،پىشىپ-يىتىلگەن،ئۈزىنى توختاتقان بىر ئەمەلدار ئىدى.
موللا موسا سايرامى شۇنداق دىگەن:«بۇغداي تېرىغان كىشى بۇغداي،ئارپا تېرىغان كىشى ئارپا ئالغانغا ئوخشاش،كىمىكى ئاتا-ئانىسىغا چوڭچىلىق قىلسا،ئۆز پەرزەنتىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىبەتنى كۆرىدۇ!»دىمەك،سەن ھازىر ئاغرىپ قالغان ئاناڭنى«موماي»دەپ ئاتىساڭ،كەلگۈسىدە سىنىڭ بالاڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئاشۇرۇپ«ئاۋۇ قېرى»«دۈمچەك بوۋاي»دەپ ئاتاپ سالسا،ئۇ چاغدا قانداق خىيالدا بولارسەن؟
بىر قوشنىمىز بولىدىغان،ياش چېغىدا بەك جاھىل،مۆتىھەم بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەسىھەتلىرىنى پەقەت ئاڭلىمايتتى.نەسىھەت قىلسا پەيلىنى بۇزۇپ ياناتتى.بىر قېتىم ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدا ئازراق خاپىلىق بولۇپ قاپتۇ.يوقىلاڭ ئىشتىن رەنجىپ كەتكەن بۇ تەرسا ئوغۇل ئاچچىقىغا پايلىماي ئاتىسىنى يانپاشقا ئېلىپ،سۇ ئېقىۋاتقان ئېچىققا نىقتاپ بېسىپ ئاچچىقىنى چىقىرىپتۇ.يىللار،ئايلار،كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ تەرسا يىگىتمۇ بوۋايلىق مەۋسۇمىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئۇنىڭ ئوغلىمۇ ئاتىسىدىن بەك بىلەرمەن چىقىپ،چوڭلارنىڭ گىپىگە كىرمەيدىغان،ئېغىز غېرىشلايدىغان،ھە دىسە ھۆرپۈيۈپ ئاتا-ئانىسىنى خاپا قىلىدىغان بولىۋاپتۇ.بىر كۈنى بۇ ئاتا-بالا ئارىسىدىمۇ ھېلىقى ئېچىق بېشىدا ئازغىنە ماجرا چىقىپ بالىسى ئاتىسىنى يامپاشقا ئېلىپ ئىگىز كۆتۈرگەن پېتى ئېچىققا بېسىپتۇ.بۇرۇن ئاتىسىنى دەل مۇشۇ ئېچىققا تازا نىقتاپ باسقان بۇ بوۋاي لاسسىدە بوشاپ ئېچىقتىن قوپماي ياتقىنىچە ئوغلىغا شۇنداق دىگەنكەن:
- بالام سەن ئىنتايىن توغرا قىلدىڭ.مەنمۇ ئاتامنى سەندەك چېغىمدا مۇشۇ ئېچىققا بېسىپ قويۇپ بىر ئۆمۈر ۋىژدان ئازابى تارتىپ كەلگەن ئىدىم.رەھمەت،ئاتامنىڭ شۇ ئىنتىقامىنى بۈگۈن سەن ئېلىپ بەردىڭ....
دىمەك پەرزەنتلەرگە جاھاننىڭ ھەممە لەززىتى،خۇۋلىقى ئاتا-ئانىلاردىن كېلىدۇ.قوياشسىز گۈللەر ئېچىلمىغاندەك،ئانىسىز شائىرمۇ،يازغۇچىمۇ،
قەھرىمانمۇ،ئەمەلدارمۇ بولغان ئەمەس.شوڭا مەرتىۋەڭ ھەر قانچە يۇقىرى بولسىمۇ،ئاتا-ئاناڭنى ئۆز نامى بىلەن ئاتىغىن.چۈنكى سىنىڭ بۈگۈنكىدەك مەرتىۋىگە،ئىمتىيازغا ئېرىشەلىشىڭ ئاتا-ئاناڭنىڭ ئەجرى ۋە تەربىيىسىنىڭ مەھسۇلى.شوڭا دەيمەن:بېشىڭ ئاسمانغا تاقاشسىمۇ ئاناڭنى«ئانا»،ئاتاڭنى «ئاتا»دەپ چاقىر.،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 10:55 AM