مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2088|ئىنكاس: 13

مەۋھۇم دىسكا قوزغاتقۇچ DVDFab Virtual Drive ئۇيغۇرچىلاشتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104923
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3004
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1048 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 10:54:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئەسلى بىرەر دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قۇربان ھېيتقا ئاتاپ يوللارمەن دېگەن، لېكىن ئالدىراشچىلىقتا ھازىرغا قالدىم، ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر.
دېتال ئىسمى: مەۋھۇم دىسكا قوزغاتقۇچ DVDFab Virtual Drive
چۈشەندۈرۈش: بەزىدە iso فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز ياكى iso فورماتىدىكى ھۆججەتنى مەۋھۇم دىسكا قىلىپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالىمىز. بۇ دېتالدا iso فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى يۈكلەپ مەۋھۇم دىسكا ئورنىدا ئىشلەتكىلى، iso ھۆججىتى ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈۋالغىلى، يەنە كۆكنۇر دىسكىلىرىنىمۇ يۈكلەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
تىلى: كۆپ تىللىق، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار
نەشرى: 1.5.1.1
ئىجرا مۇھىتى: ئىگە تەرەپ تورىدا (Windows 8/7/Vista/XP(86&64bit دەپتۇ. مەن windows7 64 ۋە windows8 32 تا سىناپ باقتىم.
ھالىتى: 32&64 بىت
ئىقتىدارى: بۇ دېتالدا iso فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى يۈكلەپ مەۋھۇم دىسكا ئورنىدا ئىشلەتكىلى، iso ھۆججىتى ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈۋالغىلى، كۆكنۇر دىسكىلىرىنى يۈكلەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 18 دانە تەسۋىرنى يۈكلىيەلەيدۇ. ئۆزى كىچىك، ئەپچىل دېتال.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: ئاۋۋال دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز، ئاندىن مەن تەمىنلىگەن تىل ھۆججىتىنى دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى Language ناملىق قىسقۇچ ئىچىگە كۆچۈرىمىز، بۇ چاغدا «بۇ ھۆججەت بار، ئالماشتۇرامسىز؟» دەپ ئەسكەرتىدۇ، ھەئە دەپ ئالماشتۇرۇۋېتىڭ. ئاندىن ئېكران بۇلۇڭىدىكى مەزكۇر دېتالنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ تەڭشەك(设置) دېگەننى تاللاپ، ئادەتتىكى(常规) دىن تىل(语言) دېگەن تىزىملىكتىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللايسىز.
  
كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئارتۇق چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار.

تەڭشەكتىن دېتال كۆرۈنمە يۈز تىلىنى تاللىغىلى، سىستېما بىلەن قوزغىلىشىنى تەڭشىگىلى، تەسۋىر تەڭشىكىنى ئۆزگەرتكىلى، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر بىلەن باغلىنىشىنى ئۆزگەرتكىلى، تېز كۇنۇپكا بەلگىلىگىلى، يېڭى نەشرىنى تەكشۈرگىلى ۋە يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

دېتال سىنبەلگىسى ئۈستىگە ئوڭ كۇنۇپكىنى چېكىپ چىققان تىزىملىكتىن يەنە مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا سانىنى بەلگىلىگىلى، قوزغاتقۇچ يۈكلىگىلى، مەۋھۇم دىسكا بەلگىسىنى ئۆزگەرتكىلى، دېتال تارقاتقان تەرەپنىڭ تور بېكىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى ۋە دېتال ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.


سىغىمى: دېتال ۋە تىل ھۆججىتى بىلەن 788kb
قوشۇمچە: كومپيۇتېرىڭىزغا ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسى قاچىلانغان بولسۇن
چۈشۈرۈش ئادرېسى: 链接: http://pan.baidu.com/s/1mgFU28o 密码: m5dz
http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZssB8G
http://kanboxshare.com/link/4Rbc5ZV1pz5C2CjANNxyUuiXQr4jJ4aw7OgU6IJ5cqjBqPCRRbb1yyfAnipX0VdEqNSA5UUQj
http://d.119g.com/f/01355927EEF3B4E5.html
قايسى ئادرېستىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
تەشەككۈر: مەزكۇر دېتالنىڭ تەرجىمىسىگە پىكىر-تەكلىپ بەرگەن كۈلكە(يۈسۈپجان تۇرسۇن) ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 11:57:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت.

ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1843 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 01:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تېما ئىگىسى  قېرىندىىشمىزغا كۆپ  رەھمەت...    ئەجىرڭىزنى  ئاللاھ بەرسۇن.
بەيدۇ تور دىسىكىسى  ئىچىلمايۋاتىدۇ  ...    شۇنىڭغىلا  ساقلاپ قوياي دىگەن
ئىدىم....       سىغىمى كىچىك  ئۆزى  ئەپچىل دىتالكەن..   كىينچە   كومپيۇتېرنى  يىڭلاىغاندا قاچىلاپ ئىشلىتەمەن  دەپ ئويلىغان.....         

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104923
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3004
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1048 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 01:17:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xajarim يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 01:12 PM
تېما ئىگىسى  قېرىندىىشمىزغا كۆپ  رەھمەت...    ئەجىرڭىزن ...

ئەمسە باشقا ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100367
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 02:09:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن  مۇنبەرنىڭ سۈرىتى بەك ئاستا تۇرىدىغۇ ؟ نۇرمال زىيارەت قىلغىنى بولمىدى ، باشقىلارنىڭمۇ  شۇنداق بولۇۋاتامدۇ ؟

ئوغۇللاردا  ۋىجدان يوق دىگەن قىزلارنىڭ دادام مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم دىيىشى قىززىق
قىزلارنى  نومۇسسىز  دىگەن ئوغۇللارنىڭ  ئانام مىنىڭ  پەرىشتەم  دىيىشى قىززىق

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10848
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 05:47:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
milla يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 02:09 PM
بۈگۈن  مۇنبەرنىڭ سۈرىتى بەك ئاستا تۇرىدىغۇ ؟ نۇرمال زى ...

ئىككى كۈن بولدى تور سۈرئىتى سەل ئاستا......... شۇنداقلا بەزى توربەتلەرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ ئاستىلاپ قاپتۇ.........





ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 09:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاتتىق دىسكا فورماتلاشنىڭ ئەڭ قولاي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، رەھمەت.

ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 09:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ay.sadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 09:30 PM  


ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104923
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3004
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1048 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 10:20:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Ay.sadap يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 09:30 PM
قاتتىق دىسكا فورماتلاشنىڭ ئەڭ قولاي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇ ...

كومپيۇتېر قاتتىق دىسكىسىنىما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104923
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3004
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1048 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 10:21:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Ay.sadap يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 09:30 PM
قاتتىق دىسكا فورماتلاشنىڭ ئەڭ قولاي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇ ...

كومپيۇتېر قاتتىق دىسكىسىنىما؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش