مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9442|ئىنكاس: 31

بىلىمخۇمار: ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن ئىتالىيىدە ياسالغان تونۇرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 04:18:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن ئىتالىيىدە ياسالغان تونۇرلار

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى


ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان 5 جۈپ ئۇيغۇر ئەر-ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا دوستلار مۇشۇ 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئىنگلىزچە «Norwegian EPIC» دەپ ئاتىلىدىغان، 4100 نەپەر ساياھەتچى چۈشەلەيدىغان بىر ساياھەت پاراخوتىغا چۈشۈپ، ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق 3 دۆلەتنىڭ 9 شەھىرىنى ئايلىنىپ كەلدۇق (ئۇنىڭدىن بۇرۇن 3 جۈپ ئەر-ئايال نورۋىگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدە 4 كۈن ساياھەت قىلدۇق).  پاراخوتقا  ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدىن چىقىپ، 3 دۆلەتنى ئايلىنىپ، يەنە شۇ رىم شەھىرىگە قايتىپ كەلدۇق.  بىز بارغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان نېيپۇلز (Naples) شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا  جايلاشقان پومپېي (Pompeii) دېگەن كەنت بولۇپ، بۇ كەنتنىڭ بىر قىزىقارلىق تارىخى بار ئىكەن.  ھەمدە بۇ كەنتتە بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2000 يىل بۇرۇن ياسالغان بىر قانچە تونۇرلار بار ئىكەن.  

يەنى، بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇن پومپېي رىملىق بايلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان بىر ساياھەت شەھىرى بولۇپ، ئۇ يەردە نوپۇسى ئەڭ كۆپەيگەن ۋاقىتلاردا 20 مىڭ ئادەم ياشىغان ئىكەن.  بۇ شەھەرگە يېقىن بىر يەرگە جايلاشقان ۋېسۇۋىيۇس (Vesuvius) تېغى ئۇ چاغدا ناھايىتى جانلىق بولۇپ، ئۇ يەردىن پات-پات ۋولقان پارتلاپ تۇرىدىكەنىدۇق.  مىلادىيدىن كېيىنكى 79-يىلى 24-ئاۋغۇست كۈنىدىكى بىر قېتىملىق بىر كۈن داۋام ئەتكەن قاتتىق ۋولقان پارتلاشتىن كېيىن، بۇ شەھەر 8 مېتىر قېلىنلىقتىكى كۈلنىڭ ئاستىدا قالىدۇ.  پومپېينىڭ شىمالىدىكى تاغقا يېقىن يەنە بىر شەھەر بولسا 20 مېتىر قېلىنلىقتىكى  كۈلنىڭ ئاستىدا قالىدۇ.  ئۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ ۋولقان باشلىنىشتىن بۇرۇن قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، 2000 غا يېقىن ساندىكى كىشىلەر ئۇ يەردىن كېتىشكە ئۇنىماي، شەھەر بىلەن قوشۇلۇپ كۈلنىڭ ئاستىدا قېلىپ قازا قىلىدۇ.  بۇ ئىككى شەھەرنى كىشىلەر ئۇنتۇلۇپ قالمىغان بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شەھەرنىڭ ئېنىق ئورنى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.  پەقەت 1700-يىللىرىغا كەلگەندىلا كىشىلەر بۇ شەھەرلەرنى يېڭىدىن بايقايدۇ.  ھەمدە بۇ ئىككى شەھەر 1800-يىللىرىغا كەلگىچە كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلۇنۇپ، 1800-يىلىدىن كېيىن كۆمۈلۈپ قالغان تارىخىي بۇيۇملار قوغدىلىدۇ ۋە پۇختا خاتىرىلىنىدۇ [1].  تۆۋەندىكى 2-مەنبەدە پومپېينىڭ كۆپلىگەن كۆرۈنىشلىرى بار بولۇپ، مەن قىزىقىدىغان قېرىنداشلارغا ئاشۇ تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

پومپېينىڭ كۈل ئاستىدا قېلىپ، ساقلىنىپ قالغان نەرسىلىرىنىڭ ئىچىدە نان ياقىدىغان تونۇرمۇ بار بولۇپ، ئۇ تونۇرلار ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىدىغان تونۇرلارغا ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.  تۆۋەندىكى 2-، 3- ۋە 4-رەسىملەرنى دوستىمىز تۇغلۇق تارتقان.  ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان تونۇرلار بىلەن بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى رىملىقلار ئىشلەتكەن تونۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلىدىغان قېرىنداشلار بولسا، ئاشۇ ئۇچۇرنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا يېزىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۆۋەندىكى 1-رەسىمدىن 13-رەسىمگىچە بولغان رەسىملەردە كۆرسىتىلگىنى پومپېينىڭ كۆرۈنىشلىرى.  14-رەسىمدىكىسى ئوسلودىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپىتىنى تارقىتىدىغان زالنىڭ ئالدى.  15-ۋە 38-رەسىمدىكىسى بىز مۇشۇ قېتىم چۈشكەن پاراخوتنىڭ كۆرۈنىشلىرى (بۇ 16 قەۋەتلىك پاراخوتقا جەمئى 6000 دەك ئادەم چۈشىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىچى بىر كىچىك شەھەرگە ئوخشايدىكەن).  34-ۋە 40-رەسىمدىكىسى پاراخوت ئىچىنىڭ كۆرۈنىشلىرى.  قالغان رەسىملەر بىز مۇشۇ قېتىمقى ساياھەت جەريانىدا چۈشكەن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر (بۇ قېتىم 2000 پارچىدەك رەسىم تارتىلىپتۇ).  بۇ پاراخوت ئاخشىمى يول مېڭىپ، ئەتىگىنى بىزنى بىر شەھەرگە ئەكىلىپ چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.  بىز كەچكىچە شۇ شەھەرنى ساياھەت قىلىپ، كەچتە پاراخوتقا قايتىپ كېلىدىكەنمىز. ھەر كۈنلۈك سەپەر مانا مۇشۇنداق بولىدىكەن. شۇڭا بۇ قېتىم بىز 6 كۈندۈز جەريانىدا 3 دۆلەتتىكى 9 شەھەرنى ساياھەت قىلدۇق.

        
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] A Brief History of Pompeii
http://cs.iupui.edu/~vkilmer/pompeii/02about.html

[2] Pompeii in Ancient Rome - cyark.orgý <http://www.google.com/aclk?sa=L& ... ii-gallery&rct=j&q=>
http://archive.cyark.org/photogr ... rom-the-forum-media

0--رەسىم

0--رەسىم


1-رەسىم

1-رەسىم


2-رەسىم

2-رەسىم


3-رەسىم

3-رەسىم


04DSC_0495.JPG


05DSC_0496.JPG


06DSC_0497.JPG


07DSC_0498.JPG


08DSC_0499.JPG


09DSC_0500.JPG


10DSC_0503.JPG


10DSC_0503.JPG


11DSC_0504.JPG


12DSC_0522.JPG


13DSC_0540.JPG




15DSC_3755.JPG


16DSC_0657.JPG


17DSC_2161.JPG


18DSC_2540.JPG


19DSC_2620.JPG




20DSC_2622.JPG


21DSC_2648.JPG


22DSC_2653.JPG


23DSC_2676.JPG


24DSC_2741.JPG


25DSC_2745.JPG


27DSC_3037.JPG


26DSC_3010.JPG


28DSC_3175.JPG


29DSC_3218.JPG


30DSC_3326.JPG


31DSC_3399.JPG


32DSC_3455.JPG



35DSC_3715.JPG


36DSC_3741.JPG


37IMG_1852.JPG


38DSC_2899.JPG


39DSC_2176.JPG


40DSC_3275.JPG


41IMG_1867.JPG



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 06:06 PM  


33DSC_0235.JPG
34DSC_3586.JPG
14DSC_0090.JPG

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 903 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 10:37:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئاجايىپ   گۇزەل   مەنزىرلەر   ۋە   نەچچە   مىڭ   يىللىق   مەدىنيەت    مىراسلىرى    بار   دۆلەتلەرنى    ساياھەت    قىلىپ   ،    خىزمەتتە    ھىرىپ - چارچىغان    نىرۋىلىرىڭلارنى    راھەتلەندۇرۇپسىلەر  شۇنداقلا   نۇرغۇن    بىلىملەرگە   ئېگە    بولۇپسىلە   .   ئاخىردا   سىلەرگە    سالامەتلىك   ۋە   خاتىرجەملىك   تىلەيمەن   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 11:25:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساياھىتىڭلار كۆڭۈللۈك بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 12:47:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پومپي  قەدىمكى كەنتىدە كۇلاچىلىق خېلى تەرەققى قىلغان ئوخشايدۇ،تونورلار ھەقىقەتەن ھازىرمۇ بىز ئىشلتىپ كېلىۋاتقان تونورلارغا ئوخشاش ئىكەن،بۇ ھەقتە غۇلجاشەھەرلىك تېلۋزىيە ئىستانسى مەخسۇس تونور ياسىغۇچىلار ھەققىدە زىيارەت فىلىمنى كۆرسەتتى. بۇ فىلىمدە مۇخبىر ئۆزى قول سېلىپ تونورچىلار بىلەن ئەمەلى تونور ياساشقا قاتناشىپ بىر تونورنى ياساپ پۈتتۈرۇش جەريانىنى باشتىن كەچۇردى. \
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى خېلى چوڭ قەدىمكى بايلىقلارنى تا ھازىرقى زامانغىچە ساقلاپ كەلگەنلكىدىن پەخرلەندىم.دۇنيادا ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرنىڭ مىللى كېيىم كېچەكلىرى،ئىستىمال بۇيۇملىرى ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرى بار،لكىىن ئەمەلىيەتتە ئىشلەتمەيدۇ،ياكى ئاللىقاچان شۇ مىللەتنىڭ تاۋار ئىستمالىدىن قالغان،لىكىن مەيلى نەچچە مىڭ يىللىق دوپپالىرىمىز  بولسۇن ئەتلەس كۆينەكلىرىمىز بولسۇن،تونورلىرىمىز بولسۇن يېمەك ئىچمەكلىرىمىز بولسۇن ھازىرمۇ بازارلاردا سېتلىدۇ،كۆپلەپ ئسىتمال قىلىندۇ.زامانىۋى بىر دۇنيادا بۇلاردىن ئايرىلىپ قالمىغانلىقىمىزنىڭ  ئۆزى چوڭ بىر ئامەت بولسا كېرەك.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56919
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1840 سائەت
تىزىم: 2011-9-17
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 01:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ ئادىرىستىكى بۇيىل ئىشلىگەن پومپىيانىڭ قىيامىتى دىگەن كىنو. قىزىقىدىغانلار كۇرۇپ باققايسىلەر .
http://www.6vhao.net/dy2/2014-05-04/24776.html
01803.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   banggi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 01:36 PM  


بىراۋ دەيدۇ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟
مەن دىدىم- شۇ تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى بار!
رۇزى سايىت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 01:54:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلكى ئىتالىيەدە قەدىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا بوۋىللىرى ياشىغان بولىشى مۈمكىن بۇنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.  كىچىكىمدە ( ئىتالىيە) دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ،بۇ ھەجەپ ئۇيغۇرچە گەپكىنا؟؟؟؟... ئىتالىييەدە ئىت كۆپمىدۇ؟ دىگەن ساددا خىياللارنى قىلغانمەن. ئەمىلىيەتتىمۇ قارايدىغان بولساق يۇرتىمىزدا ئىتالىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار بار. مەسىلەن؛ ئاتۇشتا (ئىتاچى)
دىگەن يۇرت بار.قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزىسىدىمۇ ( ئىتلا) ...( ئىتلە) دىگەن يۇرتلار بار..........بۇلارنى باغلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلساق نەتىجە كۆرۈلىشى مۈمكىن.........بىلىم خۇمار ئەپەندىنىڭ بىزنى ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلىگىنىگە رەھمەت!....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 02:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2مىڭ يىل بۇرۇن بىر ئۇيغۇرلار ياۋروپادا ياشاپ ئۆتكەن ئىكەنمىز ھې ھې شۇ ئىتالىيەدە ياشاۋارمەي پوق بارمۇ بىزگە بۇ يەردە ھ ھې مانا ئەمدى چىقاي دىسە ھېلى پاسپورت ھىلى ۋىزا دەۋاتقان، پۇلنىڭ غېمىچۇ تېخى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1666
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 06:54:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمەن ۋە باشقا چۆپلىرى، ھەم ئۇن تاماقلىرى بىلەن ئىتالىيە چوپلىرىنىڭ باغلىنىشلىقى بارلىقى توغرىسىدىكى قىياسلارنى ئوقۇغان ئىدىم توردا. بەلكىم تۇنۇرلارمۇ شۇنداقتۇ. ماركۇپۇلۇ چۆپ تېخنىكىسى ۋە تۇنۇردا نان يېقىش تېخنىكىسىنى ئىتالىيەگە ئەكەتكەن بۇلىشى مۇمكىن. كۇندە بولكا بۇشۇرۇپ زىرىكىپ كەتكەن چەتئەللىكلەر بۇ تېخنىكىنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆگەنگەن بۇلىشى مۇمكىن. (قىياس)

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 11:01:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەيران قالدىم ، رەھمەت بىلىمخۇمار ئەپەندى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105164
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 618
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 11:09:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمخۇمار ئاكا ساياھېتىڭلار كۇڭۇللۇك بولسۇن....!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش