مەن شۇنداق ئوغۇل بالىمەن
تېيىپجان ئېلىيىف(ساختىپەزگە ھەجۋىي)
مەن ئۆزۈم شۇنداق ئوغۇل بالىمەن،
ھەر يەردە ھەر ياڭزا بولىۋالىمەن.
قول ئۇزاتمايمەن زىيان تەرەپكە،
قەيەردە نەپ بولسا يۇلىۋالىمەن .
**
كىم ماڭا نەپ بەرسە كۈچىكى بولۇپ،
مىنىمەن دىسە ئېشىكى بولۇپ،
بارغانچە تەڭداش شىرىكى بولۇپ،
كېيىنچە ئۈزىنى مىنىۋالىمەن.
**
بىراۋنىڭ تارتىش ئۈچۈن دىلىنى،
ياكى كولىماق بولسام ئۇلىنى،
دەسلەپتە ئەپلەپ ياغلاپ گېلىنى،
تىلىنى قىسقا قىلىۋالىمەن.
**
گۇمانخورنى تاپسام غەيۋەت تۆكىمەن،
ئىچى كاۋاكلارنى كولدۇرلىتىمەن.
كۆرۈنۈپ ئۇلارغا سادىق پېتى مەن،
قەلبىنى قىلتاققا ئىلىۋالىمەن.
**
مەدىھيە جامىنى دەسمايە سېلىپ،
ماختانچاق زاتلارغا تۇتۇپ ئېگىلىپ،
بۇ شىرىن كەيىپتىن سېخى-مەرت قىلىپ،
يانچۇقلىرىنى ئۆرىۋالىمەن.
**
ھاۋانىڭ رايىنى سېزىمەن ئالدىن،
بەرمەيمەن پايدىلىق پۇرسەتنى قولدىن.
شوڭلاشقا چىقىپ ھەمىشە‹سول›دىن،
ساداقەت تاجىنى كىيىۋالىمەن.
**
زىيالىي نامى بولغاندا يامان،
ئېتىلىمەن ئاڭا بولۇپ بىر قاۋان،
زىيالىي قەدىرلىك سانالغان ھامان،
دەرت تارتقان زىيالى بولىۋالىمەن.
**
گاھ بەزى قەلەم ئەھلىنى ياللاپ،
(بىرنى قورقۇتۇپ،بىرىنى ئالداپ)،
كىتاپلاردىنمۇ كۆچۈرۈپ جايلاپ،
ئىلىم-پەن شېخىغا قونۇۋالىمەن.
**
كىمكى چۈشۈنۈپ قالغاندا مىنى،
دوستۇم دىمەيمەن ھەرگىزمۇ ئۇنى،
بەلكى پىيىگە چۈشۈپ بىر كۈنى،
بەتنەزەر كۆزىنى ئويۇۋالىمەن.
**
ئەگەردە ئۈستۈمدىن بولسا ئەرزىسى،
شۇ ھامان تەيياردۇر ئۇنىڭ ئەنزىسى،
دەلىلدىن كەم ئەمەس تەھلىل ۋەزنىسى،
شوڭلاشقا دەۋادا يېڭىۋالىمەن.
**
رەقىبنى جايلاشتا ئالدىم يول تېپىپ،
‹رەھبەرلىككە قارشى›قىلىپ كۆرسىتىپ،
ئىلاج بار سىياسى گۇناھقا چېتىپ،
يانپاشقا كەلتۈرۈپ ئۇرىۋالىمەن.
**
قورقمايمەن ھەرگىزمۇ ھوقۇقى يوقتىن،
قورقمايمەن تامغىسىز ئاھانەت،دوقتىن،
يار-يۆلەك تاپساملا بېرەر ئەرباپتىن،
مەيدەمنى مەغرۇر كېرىۋالىمەن.
**
تۇمۇر تۇتۇپ تاپتىم تاغدەك يار-يۆلەك،
ساھەمىزدە ئۇنىڭدىن چوڭى يوق بۆلەك،
ئۇنىڭ پاناھىدا بولۇپ توم يۈرەك،
قانغۇچە دەۋران سۈرىۋالىمەن.
**
ئۇ كىمگە غادايسا مەنمۇ غادىيىپ،
ئۇ كىمگە ئالايسا،مەنمۇ ئالىيىپ،
ئۇ كىمگە ھېجايسا، مەنمۇ ھېجىيىپ،
پوستىغا چۇڭقۇر كىرىۋالىمەن.
**
رەت قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى پىكىرنى،
مەدىھلەپ يازدىم ئىككى شېئىرنى،
ئۆستۈردى بۇيىل يەنە پېقىرنى،
ئىز باسارلىقنىمۇ ئېلىۋالىمەن.
**
باشلىقىمدىنمۇ نوچى خوتۇنى،
ئېرىگە‹مەرت›دەپ ماختايدۇ مىنى،
شوڭا سوۋغات بىلەن يوقلىغاچ ئۇنى،
پات-پات ئۆيىگە بېرىۋالىمەن.
**
باشلىقنىڭ نەۋرىسى قويسا ئىنتىلىپ،
كۆتۈرىمەن ئۇنى بېشىمغا ئېلىپ،
كىيىملىرىمنى قويسا ھۆل قىلىپ،
‹قىلىقى تاتلىق›دەپ سۆيىۋالىمەن.
**
باشلىقمۇ رازى سادىقلىقىمدىن،
ھەمنەپەسلىككە لايىقلىقىمدىن،
شوڭلاشقا ئۈزۈلمەي تۇردۇم بېغىمدىن،
بارغانچە تېخىمۇ چىڭىۋاتىمەن.
**
باشلىقنىڭ ماڭا مۇھەببىتىدىن،
قىزغانسا كىمكى مەرھەمتىدىن،
پايدىلىنىپ بىر زىددىيىتىدىن،
يۈرىكىنى شۇنداق..مۇجۇۋالىمەن.
**
‹رەتلەش›خىزمىتى باشلىنىپ قالسا،
باشلىقىمنىمۇ سوراققا ئالسا،
پىكىر بەر دىسە،ئىلاجى بولسا،
كۆزۈمنى مۈشۈكتەك يۇمۇۋالىمەن.
**
باشلىقنىڭ ئىشى ئوڭمىسا ئەگەر
يۈزلىنىپ قالسا ماڭىمۇ خەتەر،
قىلماپتىمەن دەپ ياماندىن ھەزەر،
قايمۇققان ئادەم بولىۋالىمەن.
**
بولغاچقا ھەر ياڭزا ھۈنىرىم مىنىڭ،
ئوتتۇز ئالتە چوڭ تەدبىرىم مىنىڭ،
ئۆز ئىلكىمدە ئۆز تەقدىرىم مىنىڭ،
يىقىلساممۇ دەرھال تۇرىۋالىمەن.
***
1985-يىل،
مەنبە: تېيىپجان ئېلىيىف نىڭ ‹تۈگۈمەس ناخشا› ناملىق شېئىرلار توپلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-19 09:16 AM