مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1809|ئىنكاس: 14

دۇنياغا مەشھۈر سەككىز تەرەپلىك شەھەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سېنىڭ بۈيۈك نىشانلىرىڭ بار !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7432
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8425
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 03:58:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا
<<پالنامە>> تەتقىقات جەمىيىتىدىكى دوستۇم بىلەن جوڭگۇنىڭ ئەڭ غەربىدىكى تىكەس ناھىيىسىگە بېرىپ ، جوڭگۇ شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئىمارەتلىرى مۇنتىزىم ، سەككىز تەرەپلىك مۇكەممەل ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ سەككىز تەرەپلىك شەھەر - تىكەس شەھىرىنى زىيارەت قىلىشقا باردىم . ئۇنىڭ  سەككىز تەرەپلىك قۇرۇلۇشى رەسمىي سەككىز تەرەپلىك تىلسىماتنى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن قىلىدىكەن . خەلىق ئارىسىدا ئۇنىڭ <<سەككىز تەرەپلىك شەھەر >> دىگەن نامىمۇ بار ئىكەن .
تىكەس سەككىز تەرەپلىك شەھىرى تىكەس - مۇڭغۇلكۈرە ئويمانلىقىغا توغرا كېلىدۇ ، ئۇ جوڭگۇ قەدىمكى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئۇيسۇن يايلىقىغا جايلاشقان . مۇڭغۇلكۈرەدىكى << تەڭرىتاغ ئاتا >> دەپ ئاتالغان خانتەڭرى چوققىسىدىن باشلانغان تىكەس دەرياسى شەھەرنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، سەككىز تەرەپلىك شەھەرگە زىمىنى مۇنبەت ، سۈيى ئەلۋەك ماكان ، دىگۈدەك سىرلىق تۈس ئاتا قىلغان .
<< تىكەس ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى >> دە خاتىرلىنىشىچە ، تىكەس سەككىز تەرەپلىك شەھىرى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان .
تىكەس ناھىيىسىگە قەدەم قويسىڭىز ، ئالدى بىلەن سەككىز تەرەپلىك شەھەرنىڭ سىمۇۋۇللۇق بەلگىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ ؛ غايەت زور ساپان چىشى شەكىللىك رەڭسىز سىمۇۋوللۇق شەھەر بەلگىسىگە مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرگە سىموۋۇل قىلىنغان قارا ۋە ئاق يۇمىلاق توچكا ئورنىتىلغان ، ئۇنىڭ ئەتراپى گىرانىت تاشتىن قوپۇرۇلغان ، ئۈستىگە << ئاسمان ، يەر ، گۈلدۈرماما ، چاقماق ، سۇ ، ئوت ، تاغ ، سازلىق >> قا سىمۇۋۇل قىلىنغان << كۆك ، زىمىن ، گۈلدۈرماما ، سۇ ، شامال ، تاغ ، سازلىق >> قاتارلىق سەككىز ئوخشاشمايدىغان ئۈچ خەتلىك تەرەپ بەلگىسى ئويۇلغان . شەھەر بەلگىسىنىڭ ئەتراپى 64 تۆمۈر تۈۋرۈكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، <<پالنامە>> دىكى 64 پال بەلگىسىگە سىموۋۇل قىلىنىدىكەن . دېمەك ، شەھەر بەلگىسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىغا <<پالنامە>> مەدىنىيىتىنىڭ مەزمۇنلىرى مۇجەسسەملەنگەن .
تىكەس ناھىيە بازىرى << سەككىز تەرەپ مەدەنىيەت مەيدانى >> نى مەركەز قىلىپ ئوخشاش ئارىلىق ، ئوخشاش گىرادۇس بويىچە خۇددى تارىلىۋاتقان نۇرغا ئوخشاش ئىچىدىن سىرىتقا سەككىز ئاساسىي كوچىغا بۆلۈنگەن . ھەر بىر كوچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200 مېتىر بولۇپ ، ھەر 360 مېتىرلىق جايدا سەككىز ئاساسىي كوچىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئايلانما يول بار ئىكەن . بىرىنچى ئايلانما يول << سەككىز تەرەپ مەدەنىيەت مەيدانى >> نى چۆرىدىگەن بولۇپ ، يول قاسناقلىرىدا سودا دۇكانلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى شۇنداقلا ئىمارەتلەر بار ئىكەن . ئىككىنچى ئايلانما يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا مەمۇرىي ، كەسپىي ئورۇنلار بىنالىرى جايلاشقان . ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئايلانما يول ئارىسىدا ناھىيە ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر بار ئىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، بىرىنچى ئايلانما يول سەككىز كوچا ، ئىككىنچى ئايلانما يول 16 كوچا ، ئۈچۈنچى ئايلانما يول 32 كوچا ، تۆتىنچى ئايلانما يول 64 كوچىدىن تەركىب تاپقان .بۇ كوچىلار پالنامىدىكى 64 پال 386 بەلگىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ .
مەيداننىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە ئەجدىھا ۋە سۇمۇرۇغ شەكىللىرى ئويۇلغان راۋاق بولۇپ ، 1939 - يىلى سىلىنغان ئىكەن . راۋاقتا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى ، جوڭگۇ خەتتاتلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىيۇ بىڭسىن يېزىپ بەرگەن<< سەككىز تەرەپلىك شەھەر >> دېگەن خەت بار ئىكەن .
تاماشا مۇنارى 1968 - يىلى سىلىنغان بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا مۇنارنىڭ تۆت تەرىپىگە رەئىس ماۋزىدۇڭنىڭ ئۈزۈندىلىرى ئۇيۇلغان بولغاچقا ، << ئۈزۈندە مۇنارى >> دەپ ئاتالغان . ئەينى چاغدىكى مۇنار ئېگىزلىكى 22.5 مېتىر ، ئۈچ قەۋەتلىك ، سەككىز تەرەپلىك خىش بىتۇن قۇرۇلمىلىق ئىمارەت بولۇپ ، 1993 - يىلى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن << تاماشا مۇنارى >> دەپ ئاتالغان . قايتا ياسالغاندىن كېيىنكى مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 50 مېتىر بولۇپ ، ئىچىدە 18 پەلەمپەي بۆلىكى ، 140 تۆمۈر پەلەمپەي بار ئىكەن ، تاماشا قىلىش سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى 32 مېتىر كېلىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەككىز تەرەپكە دېرىزە ئېچىلغاچقا ، ناھىيە بازىرىنىڭ پۈتكۈل قىياپىتىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىكەن .
تىكەس سەككىز تەرەپلىك شەھىرى جوڭگۇغا ، شەرىققە شۇنداقلا دۇنياغا مەنسۇپ . تىكەس سەككىز تەرەپلىك شەھىرى قەدىمكى زامانغا ، ھازىرقى زامانغا شۇنداقلا كەلگۈسىگە مەنسۇپ . سەككىز تەرەپلىك شەھەر پالچىلىق مەدەنىيىتى ۋە سەككىز رەم سىرى يوشۇرۇنغان مەدەنىيەتنىڭ مۇقەددەس جايى ، سەككىز رەم مەدەنىيىتى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇشى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن كىلاسسىك ئەسەر بولۇپ ، تولىمۇ قىممەتلىك قۇرۇلۇش تەتقىقاتى ، تارىخىي ئىسپات ۋە ساياھەت قىممىتىگە ئىگە . تىكەس 2001 - يىلى << شاڭخەي بۈيۈك دۇنيا جىننىس قامۇسى >> غا كىرگۈزۈلۈپ ، << شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەشھۇر شەھىرى >> دېگەن نامغا ئېرىشكەن .2007 - يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن << دۆلەت بويىچە تارىخ ، مەدەنىيەت جەھەتتكى داڭلىق شەھەر >> دەپ نام بېرىلگەن .
تىكەس سەككىز تەرەپلىك شەھىرى جانلىق شېئىر ، ستېرىئولۇق رەسىمدۇر .
      
 

                                             تىكەس سەككىز تەرەپلىك شەھىرى                                    

                                 
<<
شىنجاڭ گېزىتى >> ساياھەت سەھىپىسىدىن ئېلىندى .

                                               مەنبە : http://sirdaxyurak.blogbus.com

ئىتقاد قىلغىنىڭدەك ياشىمىساڭ ، بىلگىنكى ياشىغىنىڭدەك ئىتقادتىسەن !   __ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب

سالام ئانا ۋەتەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8827
يازما سانى: 1261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12285
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 1032 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 05:21:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن غۇلجىغا نەچچە باردىم.لىكىن تېكەسكە بىرىپ باقماپتىمەن..

بىر-ئىككى -ئۈچ! ئىتتىپاقلىق كۈچ! سالام ئۇيغۇر ئوغلانلىرى

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 05:22:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈزەمنىڭ يۇرتىدىكى بۇ ناھىينى مۇشۇ كەمگىچە كۆرۇپ باقماپتىمەن دىسە .
كىلەر قىتىم تەتىل بۇلوپ قايتقان ۋاقىتتا ئاللاھ خالىسا بىرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم .

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

مەن ھازرغىچە ھاي

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6943
يازما سانى: 2410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19247
تۆھپە نۇمۇرى: 668
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2010-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 05:35:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ياخشى تىما . تىرىشىڭ دوستۇم .

ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ نامىدىن تۇنۇمىغىن،بەلكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال تۇنۇغىنكى ئاندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلۋالالايسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5981
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8401
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 5701 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2011-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 05:38:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەن يازغۇچى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالە ئۇيغۇرچىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنمىغاشقا ئۇقۇم خاتالىغى يۇز بەرگەن،  نەدىنمۇ ئۇيغۇرلاردا 8 تەرەپلىك، 64 ئۇقۇم دىگەن پالنامە تەبىرلىرى بولسۇن، بۇ تىكەستىكى خەن باشلىقلارنىڭ ئۇزىنى گەۋدىلەندۇرۇش ئۇچۇ نئويلاپ تاپقان ھېلىسى، شۇنداق دىمىسە قانداقمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلالىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3323
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10270
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4358 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 05:53:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي تىكەسلىك بولغانلىقىمدىن ئەجەپ پەخىرلىنىپ كەتتىم جۇمۇ . رەھمەت سىزگە. رەسىمىنى يوللاپ قوياي دىسەم ، يوللىيالمىدىم.

ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ~~~

ئادەم يېنىدىكى ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2676
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10709
تۆھپە نۇمۇرى: 464
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 05:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەرگە بېرىپ كۆرۈڭلار!
http://dunyakara.blogbus.com/logs/33420753.html
يەنە بىرگەپ تىكەس شەھەر ئەمەس ناھىيە.دۇنياغا مەشھۇر ....شەھەر دېسەك بولماس.

گېنرال بولىشنى ئويلىمىغان موزدۇز ياخشى ناۋاي ئەمەس...

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 06:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا ئۆردەك بوۋايغا رەھمەت دەيلۇق.

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

سېنىڭ بۈيۈك نىشانلىرىڭ بار !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7432
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8425
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 10:52:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا  مىسرانىمدا غۇلجىلىق تورداشلار  خېلى بار ئوخشىمامدۇ ...


باشقا يۇرىتداشلارنىڭمۇ ۋاقتى چىقسا غۇلجىغا  كېلىپ  ئايلىنىپ ، ساياھەت قىپ

كېتىشىڭلارنى تىلەيمەن !


مەنمۇ ھەم غۇلجىدىن ...

ئىتقاد قىلغىنىڭدەك ياشىمىساڭ ، بىلگىنكى ياشىغىنىڭدەك ئىتقادتىسەن !   __ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9687
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8826
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2012-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-9 11:45:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىمى بارتى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ...........

سۇمبۇل چاچلار ، ئەگىم قاشلار ئات - ئېشەكتىمۇ بار ، نوچى بولساڭ مېتالدىن قوشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، شۇندا سېنى دۇنيا ئېرتىراپ قىلىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش