|
|
|
|
ئالى بابانىڭ قۇرغۇچىسى مايۈننىڭ بىر ئوقۇغۇچى بىلەن بولغان ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى سۆھبىتى
(مايۈن-جۇڭگۇدىكى بىرىنچى باي،قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن داڭلىق كارخانىچى.ئەلى بابا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى)
ئوقۇغۇچى: مېنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈم بار، بىراق پۇلۇم يوق.
مايۈن: ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز پەقەتلا بىر خىيالمۇ ياكى چوقۇم شۇنداق ئىرادىگە كەلدىڭىزمۇ؟
ئوقۇغۇچى: مەندە پۇل يوق، قىز دوستمۇ تاپالمىدىم، ھەتتا ئائىلەم ۋە دوستلىرىمنىڭمۇ مەن بىلەن كارى بولمىدى، لېكىن ئىگىلىك تىكلەپ ئۆزۈمنى ئىسپاتلىغۇم بار.
مايۈن: ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز ناھايىتى كۈچلۈككەن، شۇنداقمۇ؟
ئوقۇغۇچى: شۇنداق، بىراق قۇرۇق قول قانداق ئىش باشلاشنى بىلمىدىم؟
مايۈن: پەرەز قىلايلى، بىرسى بېشىڭىزغا مىلتىقنى بەتلەپ تۇرۇپ سىزدىن 30 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلدى، بەرمىسىڭىز چوقۇم ئوق چىقىرىدۇ. بىراق سىزدە تاماق يەيدىغان 10 يۈەنلا پۇل بار. ئۇنداقتا 30 مىڭ يۈەننى نەدىن تاپىسىز؟ پۇلغا تۇرامسىز جېنىڭىزغىمۇ؟
ئوقۇغۇچى: بۇ...مەن ئەلۋەتتە جېنىمغا تۇرىمەن.
مايۈن: ئەمسە 30 مىڭ يۈەننى بېرەلەمسىز؟
ئوقۇغۇچى: ھېلىغۇ 30 مىڭ ئىكەن 50 مىڭ يۈەن بولسىمۇ بېرىمەن، جان دىگەن تاتلىق ئەمەسمۇ.
مايۈن: دېمەك، سىزدىكى مەسىلە پۇلدا ئەمەس بەلكى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىزنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقىدا.
ئوقۇغۇچى: چۈشەندىم. غەلبە قازانغۇچىلارنىڭ ئىدىيسى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىكەن، نۇرغۇن دوستلىرىم پۇلۇڭ يوق نىمىگە ئىگىلىك تىكلەيسەن، ھازىرچە ئىشلەپ جېنىڭنى بېقىپ تۇر، كېيىن پۇل تاپقاندا بىر گەپ بولار دىگەن ئىدى.
مايۈن: دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلارنىڭ %90 تى «پۇل يوق» نى باھانە قىلىۋالغانلاردۇر. كۈندىلا پۇل يوق دەپ يۈرسىڭىز نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويىسىز، ئويلاپ بىقىڭ، ئەگەر ئېيىغا 2500 يۈەن ئامانەت قويسىڭىز يىلدا 30 مىڭ يۈەن يىغالايسىز، شۇنداق بولغاندا 10 يىلدا 300 مىڭ يۈەن پۇلىڭىز بولىدۇ. بىراق ئىشىنەمسىز، 300 مىڭ يۈەننى يىغىپ بولغاندا، ئىگىلىك تىكلەشكە جۈرىتىڭىزمۇ قالمايدۇ. ئۇ چاغدا يەنە «ئىگىلىك تىكلەشنىڭ خېيىم-خەتىرى كۆپ، 10 يىل جاپادا تاپقان پۇلۇم بىردەمدىلا كۆككە سورىلىشى مۇمكىن» دېگەندەك باھانىلەرنى تېپىپ يەنە ۋاز كېچىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش ئويىدىكى دوستلارغا ئەسكەرتكۈم كېلىدۇكى، پۇل يوقلىغىنى باھانە قىلىۋالماڭلار، ئۆزۈڭلاردىن: چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كېرەكمۇ؟ دەپ سوراڭلار. قىلالايمەن دېگەن ئىرادىگە كەلگەنلا بولساڭلار ئامال چوقۇم چىقىدۇ، ھەر بىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭلار!
غەلىبە- سىزنىڭ قانچە ئادەمنى يېڭەلىگەنلىكىڭىزدە ئەمەس بەلكى قانچىلىك ئادەملەر بىلەن شۇ غەلىبىڭىزنى ئورتاقلىشالىغانلىقىڭىزدا.
مەنبە:ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى
يوللىغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-18 03:10 PM
|
|
|
|
|
|