دانىشمەن يېزىقچىلىق شىركىتى ئېلانچىلىق ۋە ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش
تۈرىدە ھەمكارلاشقۇچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ
شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت تۈرىدە ئېلانچىلىق ۋە ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش مۇلازىمەت تۈرى بار بولۇپ، بىز يېقىندا بۇ مۇلازىمەت تۈرىنى كەڭ تۈردە بازارغا يۈزلەندۈرمەكچى. بىز دەۋاتقان ئېلانچىلىق مۇلازىمىتى مۇزىكىلىق قوڭغۇراق ئېلانى، كوچا ئېلانى، رادىيو ئېلانى ئىشلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش-باشقىلارنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلدۇرماقچى ھەم ئۇنى رەسمىي كەسىپلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارماقچى. ئېلاننىڭ ۋە ئاۋازلىق ئەسەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شىركىتىمىزدە ئىشلەۋاتقان ۋە رايونىمىز تەۋەلىكىدە ھەمكارلىشىۋاتقان بىر-نەچچە نەپەر ئاۋاز ئارتىسى خادىمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئاۋازنىڭ تۈرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىش، خېرىدارلارنىڭ تاللىشى بويىچە ئېلان ۋە ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش، جۈملىدىن مەلۇم بىر رايوندا نوقۇل بىر ئىككى خادىمنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز بولماسلىقتەك ئەھۋاللىرىنى تۈگىتىپ، خېرىدارلارغا ئۆزگىچە، يېڭى بولغان ئاۋازلارنى تەقدىم ئېتىش، تورلاشقان بىر ئاۋاز سىستېمىسى بەرپا قىلىش سەۋەبى بىلەن ھەر قايسى تور بەتلەرگە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى بۇ ئېلاننى تارقاتتۇق. بۇ ھەقتىكى ھەمكارلىق شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئاۋازى ياخشى بولغان، يۇقىرى ئاۋاز ماھارىتىگە ئىگە خادىملار بىلەن ھەمكارلىشىمىز. ئاۋازنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇشى، ئورتاق تىلدا ئاۋاز بېرەلەيدىغان بولۇشى، يەرلىك شېۋىسى بولماسلىقى كېرەك. جىنسى چەكلەنمەيدۇ.
2. بىز نۆۋەتتىكى پىلانىمىز بويىچە مۇزىكىلىق قوڭغۇراق ئېلانى، كوچا ئېلانى، رادىيو ئېلانى ۋە ئاۋازلىق ئەسەردىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك مۇلازىمەتنى كەڭ تۈردە قانات يايدۇرماقچى. شۇڭا شىركىتىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان خادىملار چۇقۇم بۇرۇن مۇشۇ خىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان ئەمەلىي تەجرىبىسى بار بولۇشى كېرەك.
3. شىركىتىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان خادىملارنىڭ چۇقۇم ئۆزىنىڭ ئاۋاز ئالىدىغان ئۈسكۈنىسى ياكى شارائىتى بولۇشى كېرەك. شىركىتىمىزنىڭ مەخسۇس ئاۋاز ئېلىش ئۆيى بار بولۇپ، ناۋادا ھەمكارلاشقۇچىلار ئۆز رايونىمىزدىن بولۇپ، شىركىتىمىزگە كېلىش ئىمكانىيىتى بولسا ئاۋازنى شىركىتىمىزنىڭ ئاۋاز ئېلىش ئۆيىدە ئالسىمۇ بولىدۇ.
4. شىركىتىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان خادىملار بىلەن توختام مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن بىز خېرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلان تېكستى ۋە ئاۋازلىق ئەسەر ماتېرىيالىنى تەييارلاپ تور ئارقىلىق ھەمكارلاشقۇچى خادىملارغا ئەۋەتىپ بېرىمىز. ھەمكارلاشقۇچى خادىملار تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن مۆھلەت ۋە تەلەپ بويىچە بۇ ئېلان تېكستى ۋە ئاۋازلىق ئەسەر ماتېرىيالىنى ئاۋازغا ئېلىپ تور ئارقىلىق بىزگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئېلان ۋە ئاۋازلىق ئەسەرگە مۇزىكا كىرىشتۈرۈش-كىرىشتۈرمەسلىك تەلىپىنى ئېلان تېكستىنى ئەۋەتكەندە ئۇقتۇرىمىز.
5. خەنزۇ تىلىدا ئاۋاز بېرەلەيدىغانلار بولسا بۇ تۈردە ئايرىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىمىز.
6. ئېلان بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھەمكارلاشقۇچىلارنى تىزىملاشقا باشلايمىز. ھەمكارلاشقۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، يېرىم سۇڭلۇق سۈرىتى ۋە ئۆزى ئاۋازغا ئالغان مەلۇم بىر ئاۋازلىق ھۆججەتنى تور ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. تىزىملاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەمكارلاشقۇچى خادىملار بىلەن قايتا ئەھۋاللىشىپ تور ياكى پوچتا ئارقىلىق «ھەمكارلىق توختامى» ئەۋەتىپ بېرىمىز. ھەمكارلىق توختامىغا ئىمزا قويۇلغاندىن كېيىن رەسمىي ھالدا قانۇنلۇق خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ.
7. ھەمكارلاشقۇچى خادىملارنىڭ ئىش ھەققى، ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىدار مەزمۇنلار «ھەمكارلىق توختامى» دا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. ئىش ھەققى پايدا نىسبەت بويىچە ئايرىلىدۇ. ئەگەر ھەمكارلاشقۇچى خادىملارنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ، تولۇق ئۆلچەمگە چۈشسە ئىش ھەققى باشقا ئاۋاز خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققىدىن كۆپرەك بېكىتىپ بېرىلىدۇ.
8. شىركىتىمىزدە كۆپ خىل ئاۋاز ئارتىسلىرىنىڭ ئاۋازلىرى ئارخىپ قىلىپ ساقلىنىدۇ. خېرىدارلارغا ھەر خىل ئاۋازلارنى قويۇپ بېرىمىز، ئۆزىگە ماس كەلگىنىنى تاللايدۇ. بۇ جەھەتتە خېرىدارلارغا ھېچقانداق ئاۋازنى تاڭمايمىز. شۇڭا ئاۋاز چۇقۇم ئۆلچەملىك ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسىدە ئېلىنىشى، سۈپىتى ياخشى بولۇشى، غەيرى ئاۋازلار بولماسلىقى كېرەك. ئاۋازنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا باشقىدىن ئاۋازغا ئېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.
ئاۋازى ياخشى بولغان ئىقتىدار ئىگىلىرىنىڭ ئىختىيار قىلسا شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
قاراقاش ناھىيە دانىشمەن يېزىقچىلىق چەكلىك شىركىتى
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-18 05:12 PM