مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 533|ئىنكاس: 10

[SarwanBlog] روبوت (ماشىنا ئادەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110603
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-10-14
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 11:24:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روبوت (ماشىنا ئادەم)

مەنبە: سارۋان بىلوگى

روبوت بىر خىل ئەقلى ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرو-مىخانىكىلىق ماشىنا. ئۇ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ياكى ئېلېكتىرونلۇق توك يولىنىڭ كونتروللىقىدا مەشغۇلات قىلىدۇ.

روبوتنىڭ ئادەم شەكىللىك(ماشىنا ئادەم)لىرىمۇ، تۆت چاقلىق ماشىنا شەكلىدىكىلىرىمۇ، ئۇچالايدىغانلىرىمۇ، ئۆمۈلەيدىغانلىرىمۇ، سۇدا ئۈزەلەيدىغان، ھاۋادا ئۇچالايدىغانلىرىمۇ بار. ئۇ ھەربىي ساھە، ماشىنىسازلىق، كۆڭۈل ئېچىش، داۋالاش، قۇتقۇزۇش، تۇرمۇش قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

روبوت ئاتالغۇسى ھەققىدە

ئۇيغۇرچىدە روبوت(ئىنگىلىزچە Robot) ئاتالغۇسى بۇرۇن خەنزۇچىغا ئاساسەن ماشىنا ئادەم(机器人) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئەمما ماشىنا ئادەم روبوتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئىنگىلىزچىدا humanoid ياكىandroid دەپ ئاتىلىدۇ. روبوت ئاتالغۇسى ئىككى پۇتلۇق، تۆت پۇتلۇق، چاقلىق، قاناتلىق ياكى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ماشىنا ئادەم ئاتالغۇسى پەقەت قول، پۇت، باش، گەۋدىدىن تۈزۈلگەن ئادەم شەكىللىك روبوتنىلا كۆرسىتىدۇ. ئاتالغۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنا ئۇقۇمىنىڭ ئارلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇنى ئايرىپ ئاتاش كېرەك. شۇڭا ئەسلى ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىللاردا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان روبوت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق.

ماشىنا ئادەم

ماشىنا ئادەم- ئادەم شەكىللىك روبوتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئادەملەرگە ئوخشاش ئىككى پۇتى، ئىككى قولى ۋە بېشى بولىدۇ. ئاڭلاش، سۆزلەش، ئادەملەرنىڭ ھەركىتىنى تەقلىد قىلىش، ئۆگۈنۈش ئىقتىدارى بولىدۇ.


ماشىنا ئادەملەر يەنىلا تەتقىقات، تەرەققىيات باسقۇچىدا بولۇپ ئادەملەرنىڭ خىزمىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا يەنە مەلۇم ۋاقىت بار. ئەمما ئۇ كەلگۈسىدە ئەسلى ئادەملەر قىلىدىغان خەتەرلىك خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.


خوندا شىركىتىنىڭ Asimo ناملىق ماشىنا ئادىمى
ھەربىي روبوتلار

ھەربىي ساھە روبوتلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان، ۋە روبوتلار مەلۇم كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن ساھە ھىساپلىنىدۇ. جەڭ مەيدانىنىڭ خەتەرلىكلىكى ئادەملەرنىڭ ئورنىغا روبوت ئىشلىتىشنى ياكى جەڭچىلەرگە ياردەمچى روبوتلارنى سەپلەش ئىھتىياجىنى تۇغدۇرىدۇ.

ھازىر ھەربىي ساھەدىكى روبوتلار ئاساسەن رازۋىتكا، مىنا تازىلاش، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

  • ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان


ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان(UAV)لارمۇ بىر خىل روبوت بولۇپ ئۇنىڭ ئاپتوماتىك ئۇچۇش، يىراقتىن كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئۇ رازۋىتكا، ھاۋا ھۇجۇمى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلدۇ. ئۇ ھاۋادا ئۇزۇن مۇددەت ئۇچۇش، راداردىن ساقلىنىش قاتارلىق ئالاھىيدىلىكلەرگە ئىگە.



General Atomics شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بوز بۈركۈت ناملىق ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان

  • مىنا تازىلىغۇچى روبوت


مىنا تازىلاش ئەڭ خەتەرلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرسى. ھازىر بىر قىسىم مىنا تازىلاش مەشغۇلاتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن مىنا تازىلىغۇچى روبوتلار چىقىۋاتىدۇ. مىنا تازىلىغۇچى روبوتنى يىراقتىن كونترول قىلىپ مىنانى كۆزىتىشكە، روبوت بىلەن چۇۋۇشقا، يۆتكەشكە بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدۇ.



مىنا تازىلىغۇچى روبوت


  • جەڭچى روبوت


جەڭچى روبوتلار يىراقتىن كونترول قىلىنىپ ياكى ئۆزى ئاپتوماتىك ھالدا دۈشمەننى پەرقلەندۈرۈپ ھۇجۇم قىلىدىغان، ئېغىر- يىنىك قۇراللار بىلەن قۇراللانغان روبوتنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە خەلقئارادا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان جەڭچى روبوتلارنى جەڭدە ئىشلىتىش، ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ھەر خىل تالاش تارتىشلار بولسىمۇ ئەمما بەزى دۆلەتلەر قىسمەن ھالەتتە ئىشلىتىۋاتىدۇ.



جەڭچى روبوت


  • جەڭدە ئىشلىتىلىدىغان ياردەمچى روبوتلار


جەڭ مەيدانىدىكى بىر پىيادە ئەسكەرنىڭ يۈك-تاقى ئادەتتە 30 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە كىلىدۇ. بۇنداق ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش جەڭچىلەرنى چارچىتىۋىتىدۇ. شۇنداقلا ئەمەلى جەڭ قىلىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەتقىقاتچىلار جەڭچىلەرنى «كۈچلەندۈرىدىغان» بىر خىل قۇرۇلما(روبوت) ياسىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلمىلار ئادەمنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشىپ ئادەمنىڭ كۈچىنى تىجەيدۇ.

بۇ خىل روبوتلار ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىپلا قالماي زاۋۇتلاردا ئىشچىلارنىڭ ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرىشىگە، داۋالاشتا بەدىنى ئاجىز نورمال ماڭالمايدىغان كىشىلەرنىڭ مېڭىشىغا ياردەم بىرىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.



بەدەنگە كۈچ قوشىدىغان «تاشقى ئۇستىخان(exoskeleton)» روبوت

ھەربىي ساھەدە يەنە ماشىنا ماڭالمايدىغان خەتەرلىك شارائىتلاردا يۈك-تاق، تەمىنات بۇيۇملىرىنى توشۇش ئۈچۈن ئالاھىيدە شارائىتلاردا ماڭالايدىغان روبوتلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ.



بوستون دىنامىكا شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان تۆت پۇتلۇق توشۇغۇچى روبوت bigdog

ئۆزى ھەيدىلىدىغان ماشىنا

شوپۇرسىز ماشىنىلارمۇ روبوتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئادەم ھەيدىمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ يول ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلماي مەنزىلگە ئاپتوماتىك يىتىپ بارالايدۇ. Volvo،Toyota، Honda، Nissan شىركەتلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان ئۆزى ھەيدىلىدىغان ماشىنىلىرى بولۇپ، ئۇلار قىسمەن يول شارائىتلرىدا ئۆزى ئاپتوماتىك ماڭالايدۇ ياكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانلىرىغا ئۆزى كىرىپ چىقالايدۇ. شۇپۇرسىز ماشىنىلارنىڭ ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىكى گۇگۇل شىركىتى تەتقىق قىلىۋاتقان ماشىنا بولۇپ ئۇ ئادەتتىكى شەھەر رايۇنلىرىدىمۇ ئۆزى ئاپتوماتىك ماڭالايدۇ.



گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئۆزى ھەيدىلىدىغان ماشىنىسى


سانائەت روبوتلىرى

سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان روبوتلار پۈتۈن دۇنيادىكى روبوتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. بولۇپما ماشىناسازلىق، ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىرون سانائىتى ساھەسىدە كۆپراق ئىشلىتىلىدۇ. سانائەت ماشىنا ئادەملىرى ئىنچىگە مەشغۇلاتلارنى خاتاسىز، تىز سۈرئەتتە ئېلىپ بارالايدۇ. كەپشەرلەش، كىسىش، سىرلاش قاتارلىق خەتەرلىك مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ.



ماشىنا زاۋۇتىدا ئىشلىتىلىۋاتقان سانائەت روبوتلىرى

زاۋۇتلاردا يەنە ئېغىر بۇيۇملارنى كۆتۈرۈش، يۆتكەش، ئوراش قاچىلاش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ روبوتلار كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

ئالەم بوشلۇقى روبوتلىرى

ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىمۇ روبوتلارنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قىلىدىغان ھەركىتى، ياشاش شارائىتى(ئوكسىگىن، تارتىش كۈچى، بېسىم يوق) قاتارلىق پائالىيىتى كۆپ چەكلىمىلىككە ئۇچرايدۇ. ئادەمنى ئالەم بوشلۇقى ياكى باشقا پىلانىتلارغا چىقارغاندىن كىيىن ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك. ئەمما روبوتلار بۇنداق چەكلىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. بوشلۇق روبوتلىرى ئالەم بوشلۇقىدا بوشلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى رىمونىت قىلىش، ئاستىرونومىيەلىك، گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېىپ بېرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ.



NASA 2004 يىلى مارسقا قۇيۇپ بەرگەن جاسارەت ناملىق تەكشۈرگۈچى روبوت، قۇياش ئىنىرگىيەسى بىلەن ھەركەتلىنىدۇ




NASA 2011- يىلى مارسقا قۇيۇپ بەرگەن ھەۋەسكار ناملىق تەكشۈرگۈچى روبوت، يادرو ئىنىرگىيەسى بىلەن ھەركەتلىنىدۇ


ئۆي روبوتلىرى

ئائىلە، ئىشخانا، باغۋاران ئىشلىرىنى قىلىشقا ماسلاشتۇرۇلغان روبوتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەننەرخىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ روبوتلار ئائىلە، ئىشخانىلارغىمۇ كىرىشكە باشلىدى. ئائىلىدە روبوتلار تازىلىق قىلىش، ئائىلە بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش، تاماق ئېتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدۇ. ئىشخانىلاردا تازىلىق قىلىش، نازارەت قىلىش، ماتېرىيال يەتكۈزۈش، قىسقا ئارلىقتا قاتناش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىيەلەيدۇ.



iRobot شىركىتىنىڭ چاڭ-تۇزان سۈمۈرگۈچى روبوتى




ئائىلىدە كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان روبوت Wowee Rovio



خوندا شىركىتىنىڭ ئىشخانىلاردا قاتناشقا ئىشلىتىلىدىغان UNI-CUB ناملىق روبوتى

روبوتنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىشى

مائارىپ ساھەسىدە روبوت ئوقۇغۇچىلارغا مىخانىكا، ئېلېكتىرون، يۇمشاق دېتال، ئەقلىي ئىقتىدار، سىنزور تېخنىكىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ئىجادىيەت ئىشلىرىدا قوللىنىلىدۇ.

مائارپ ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان روبوتلارنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغانلىرىمۇ بار بولۇپ ئاساسەن مىخانىكىلىق بۆلەكلەرنى قۇراشتۇرۇش، كۆرۈنۈشچان پىروگرامما تىلىدا(VPL-Visual Programming Language) پىروگرامما لايىھەلەشنى ئاساس قىلىدۇ.



lego شىركىتىنىڭ قۇراشتۇرما شەكىللىك روبوتى mindstorms

ئالى مائارىپقا قارىتىلغان روبوت مەھسۇلاتلىرىنىڭ پىروگراممىسىنى لايىھەلەشكە كەسپى پىروگرامما تىللىرى ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە پىروگرامما ئىجرا بولىدىغان مەخسۇس توك يولى تاختىلىرى بولىدۇ. مىخانىكىلىق بۆلەكلەرنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ياسايدۇ ياكى تەييار بۆلەكلەردىن پايدىلىنىپ قوراشتۇرىدۇ. ئۇ ئەمەلى قوللىنىشچان روبوتقا تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولىدۇ.



مائارىپقا قارىتىلغان روبوت توك يولى تاختىسى Arduino دىن پايدىلىنىپ ياسالغان تانكىسىمان روبوت

روبوتنىڭ داۋالاش ساھەسىدە قوللىنىلىشى

داۋالاش ساھەسىمۇ روبوتلارنىڭ يەنە بىر چوڭ قوللىنىش ساھەسى. مىكرو تىپلىق روبوتلارنى ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. روبوتلار سىستېرالارغا ماسلىشىپ بېمارلارنى كۆتۈرۈپ يۆتكۈشۈپ بېرەلەيدۇ. يەنە روبوتلار ئارقىلىق مۇرەككەپ ئوپراتسىيەلەرنىمۇ تاماملاشقا بولىدۇ.



ئوپراتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان روبوت

داۋالاشتا يەنە پۇت، قولىنىڭ ھەركىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان، ئاسان ماڭالمايدىغان كىشلەرنىڭ مېڭىشىغا، ھەركەت قىلىشىغا ياردەم بىرىدىغان روبوتلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ.



خوندا شىركىتىنىڭ مېڭىشقا ياردەم بىرىدىغان روبوتى

پۇت ياكى قولى يوق مېيىپ كىشىلەرگە ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە سۈنئى ئەزالار(روبوت)نى سەپلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى نورمال ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ. روبوت پۇت ئادەمنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ھەركەت قانۇنىيىتىگە ئاساسەن قەدەم ئېلىشىنى ئاپتۇماتىك مۆلچەرلەپ ئادەمنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشىدۇ. روبوت قولنى ئادەمنىڭ نىرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ئۇلاش ياكى مىڭە ئېلىكتىر دولقۇنىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىھتىياجغا ئاساسەن ھەركەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.



روبوت پۇت


ئويۇنچۇق روبوت

روبوتلار يەنە بالىلار ياكى چوڭلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇنچۇق ساھەسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئويۇنچۇق روبوتلار ئادەمنىڭ گىپىنى چۈشۈنۈپ ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. مۇزىكىغا ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ. ھەر خىل قىززىقارلىق ھەركەتلەرنى قىلالايدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنۈش ئىقتىدارى بولۇپ ھەر خىل قېلىقلارنى چىقىرالايدۇ.



سونىي شىركىتىنىڭ ئويۇنچۇق كۈچۈكى aibo



سونىي شىركىتىنىڭ ئۇيۇنچى ماشىنا ئادىمى QRIO

قىسىقى روبوتلار تۇرمۇشىمىزغا كىرىشكە باشلىدى. يېقىن كەلگۈسىدە ئۆيلىرىمىزدە، ئىشخانىلىرىمىزدە بىرەردىن روبوتنىڭ بولىشى نورمال ئىش ھىساپلىنىدۇ.
2014- يىل 5- ئاي

مەنبە: سارۋان بىلوگى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 03:36:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قالتىسكەن. ئىسل يازمالېرىڭىز بىلەن مىسرانىمدىن ئوت چىقىرىۋەتتىڭىزدە.........

www.begmurad.wix.com/yaqupjan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 897
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 04:09:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ مەسۇلى. ئىلىم-پەن نىمە دىگەن تىز تەرەققى قىلغان- ھە.


   تىما يولۇغۇچىگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 04:55:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندىن كىيىن ماشىنا ئادەملەر كۆپلەپ ياسالسا بىزلەر ئىشسىز قالارمىزمۇ ئەمدى

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 04:56:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندىن كىيىن ماشىنا ئادەملەر كۆپلەپ ياسالسا بىزلەر ئىشسىز قالارمىزمۇ ئەمدى

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 10:05:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخسۇغا  يىگىرمە پاختىچى ماشىنا ئادەم كەلدى،   ئۇلار  بىرمو  پاختىنى يىگىرمە سومغا تىردۇ.   شادىسىنىلا قۇيىدۇ.    كۈنىگە بىر ماشىنا 300 مو  پاختا تىردۇ  .  چاتاق  يىرى  ئەسلى  پاختا تىرىپ  جېنىنى باقىدىغان  نەچچە يۈزمىڭ  دىققان  ئاخسايدۇ ،  ئەمما  يىگىرمە ئادەم  مىليونىرغا ئايلىنىدۇ.   مانا  بۇ  بايلارنىڭ  تەپەككۇرى  .  رەھىمسىزلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 10:05:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخسۇغا  يىگىرمە پاختىچى ماشىنا ئادەم كەلدى،   ئۇلار  بىرمو  پاختىنى يىگىرمە سومغا تىردۇ.   شادىسىنىلا قۇيىدۇ.    كۈنىگە بىر ماشىنا 300 مو  پاختا تىردۇ  .  چاتاق  يىرى  ئەسلى  پاختا تىرىپ  جېنىنى باقىدىغان  نەچچە يۈزمىڭ  دىققان  ئاخسايدۇ ،  ئەمما  يىگىرمە ئادەم  مىليونىرغا ئايلىنىدۇ.   مانا  بۇ  بايلارنىڭ  تەپەككۇرى  .  رەھىمسىزلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5808
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8634
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 03:07:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

ئىنسان ھاياتىدا قىلىش ئەڭ تەس بولغان ئىش ،ئۆزنىڭ ئىددىيىسىنى باشقىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 05:34:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.0102 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 10:05 PM
ئاخسۇغا  يىگىرمە پاختىچى ماشىنا ئادەم كەلدى،   ئۇلار  ب ...

مۇشۇنداقمۇ بولدىما تېخى؟  ئاڭلىمغان بىر گەپ ئىكەن،،،پاختا تېرىپ جان باقىدىغان دېھقانلىرىمىز  نىڭ تاپاۋىتى يوق بوپتىدە ،،،،،

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96874
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 423
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2013-8-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 12:16:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.0102 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 10:05 PM
ئاخسۇغا  يىگىرمە پاختىچى ماشىنا ئادەم كەلدى،   ئۇلار  ب ...

بۇ رەھىمسىزلىك ئەمەس بەلكى ئاۋۇ دېھقانلارتېخنىكا ئۆگەنمەي،پەن-تېخنىكابىلەن ئۆزىنى
قورانلاندۇرماي،ئالتۇندىمۇ بىباھاجىنىنى كىرەكسىزلىككە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىق ئەڭ رەھىمسىزلىك.سىزگە مۇشۇئالەمنى بەردى،پەرىشتىنى ئىگۈلدۈرۈپ بەردى،يەنە سىزگە نىمە لازىم.ئۈلۈممۇ ياكى ساتقىنلقمۇ.ئاخسۇغاتېخى ئازكەپتۇ.جىق كەلسە ياخشى .سۆڭەككە ئاغرىق پاتسا دىڭگىيدىغان گەپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش