مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2494|ئىنكاس: 15

بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13699
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1226 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 10:32:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا

(ھېكايە )

بۇ مەھەللىدىكى توپا چىراي ئادەملەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. توپقۇرغاقلىشىپ كەتكەن  كۆڭۈللەر كۆپەيگەن  يەردە ،  ئاچكۆزلۈك ، كىبىرلىك ، مەنمەنچىلىك ئەدىگەن ئەلدە ،  پىتنە-پاسات ، جەڭگى-جىدەل  كۆپ بولىدۇ، چىرايى نۇرلۇق ئادەملەرنى ئۇچراتماق تولىمۇ تەس.  ھەممىلا ئادەمنىڭ چىرايىدىن مۇز تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ ، كۆزلىرىدىن بىر شۇملۇق. ئادەمنى خوشال قىلىدىغانلاردىن ، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغانلار كۆپ.

تالاشمايلى دۇنيانى ھەرگىز،

تالايلاردىن قالغان دۇنيا بۇ.

سۆيگەنلەرگە ئەزىزدۇر ئەزىز،

بىر ئۆمۈرلۈك ئارمان دۇنيا بۇ.

نى شاھلارنى، تالاي خاقاننى،

يولغا سالغان شۇنداق دۇنيا بۇ.

خار قىلىدۇ بۇزۇپ-چاچقاننى،

يۈرەكلەردە پىراق دۇنيا بۇ.

قولىشايلى ،قوغدىشايلى بىز،

سۆيگۈ بىلەن گۈزەل دۇنيا بۇ.

قالدۇرايلى مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز،

تىرىشقانغا ھەسەل دۇنيا بۇ.

كۈلگەنلەرگە كۈلۈپ قارايدۇ،

كارى بولماس يىغلىغان بىلەن.

ئەزەلدىنلا شۇنداق دۇنيا بۇ،

گۈلى بىللە تىكىنى بىلەن.

دۇتتارنىڭ ھەم « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا »نىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالدى.

« دەرد بۇيەردە» نىڭ پاجىئەسى بولۇپ 20يىلدىن كېيىن ، ئۈستبېشىدىن ۋەيرانچىلىق تۆكۈلۈپ ، كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ تۇرىدىغان تۇرىدىغان ،  چاچ –ساقاللىرى ئۆسۈپ چاڭگىلىشىپ كەتكەن بىر ئادەم قارا تومۇزنىڭ تازا ئەۋجىگە چىققان بىر چىڭقى چۈشتە دىمىققا قارىماي ئۇچىسىغا ئۈستى-ئۈستىلەپ ياماق چۈشكەن بىر جۇۋىنى كېيىپ ، ئۈستىدىن قارا بىللاق بىلەن چىڭ باغلىۋالغىنىچە ، ئەنە شۇنداق ناخشا ئوقۇپ بۇ مەھەللىدە پەيدا بولدى. ئۇ بىر كۈن دۇتتار چالغىنىچە بۇ كوچىدا پەيدا بولسا ، يەنە بىر كۈن  ساتار چالغىنىچە  ئۇ كوچىدا پەيدا بولاتتى، غىجەكنى چالغىنىچە يەنە بىر كوچىدا پەيدا بولاتتى.ئۇنىڭ ئاۋازا تولىمۇ مۇڭلۇق ، سۈزۈك ، ھەسرەتلىك ھەم يېقىشلىق بولۇپ كىشلەرگە بىردە خوشاللىق ئاتا قىلسا ، بىردە ئۇلارنى قايغۇ-ھەسرەتكە چۈمۈلدۈرەتتى. دۇتتار چالغاندا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلسە ، ساتار چالغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدى تىترەپ كېتەتتى. غىجەك چالغاندا تۇرىقىدىن قايغۇ-ئازاب ، نادامەت تۆكۈلەتتى. بۇ مەھەللە 20 يىل بۇرۇنقىدەك ئىدى ، چوڭ ئۆزگۈرىشلەر بولمىغانتى. ئۆزگۈرىشلەر بولدى  دېيىلسە ئېرىق بويلىرىدىكى ، يول ياقىللىرىدىكى توغراق ،  جىگدىلەر قۇرۇپ  قاقشال بولۇپ كەتكەنتى ، بىر قىسىم ئۆيلەر يېڭىلانغانتى. داۋۇت ئەپەندى بۇ رەزىل دۇنيانىڭ سۆز-چۆچەك ، پىتنە-پاسات ، دوق-ئاھانەت ، بۆھتان،  ئىغۋالىرىدىن قۇتۇلۇپ ، رەقىبلىرىنى زار-زار قاقشىتىپ ، دىر-دىر تىترىتىپ  ئەركەكتەك ياشىغان ، ئادەمدەك تۇغۇلۇپ ئادەمدەك ئۆللەلىگەن بوۋىللىرىنىڭ يېنىغا كەنتكەنتى. باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپ ، ماراقچىلىق قىلىپ نۇرغۇن ياخشى ئادەملەرنى ئۇۋالچىلىققا قويغان ھېزىم ھوقۇش ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ تالا-تۈزگە چىقالماس بولۇپ قالغانتى. بۇ مەھەللىدىكى ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى سوراپ باقمىدى ، نەدىن كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ سوراشمىدى . غېنى مۇئەللىم بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئىسمىنى سورغىنىدا ، ئۇ «  ئۇنتۇپ قاپتىمەن » دەپ جاۋاب بەرگەچكە ، نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانتى. ئۇ  دۇتتار چالامدۇ ، ساتار چالامدۇ ، غېجەك چالامدۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چالاتتى. لېكىن ئۇنى كۆرگەنلەر تۇرىقىغا قاراپلا بىئارام بولاتتى. نېمىشقا بىئارام بولىدىغانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ ئۇقۇشمايتى. ئۇنىڭ چالغان سېزىنى ، ئۇقۇغان ناخشىللىرىنى ئاڭلاشقىنىدا توۋا دېيىشىپ ، ياقىللىرىنى چىشلىشىپ ، باشلىرىنى لىڭشىتىشاتتى.

- ئىسمىڭىز نېمە – سوردى غېنى مۇئەللىم  بۇگۈن يەنە ئۇنىڭدىن.

- ئۇنۇتۇپ قاپتىمەن.

- قەيەردىن كەلدىڭىز ؟.

- ئاۋۇ يەردىن – كۈنچىقىش تەرەپنى كۆرسەتتى ئۇ .

- قەيەرگە بارىسىز ؟.

- ئاۋۇ يەرگە بارىمەن. – ئۇ كۈن كىرىش تەرەپنى كۆرسەت بىگىز بارمىقى بىلەن. بۇ چاغدا ئاۋۋال ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن  ئوت چاقناپ كەتتى ، ئاندىن لەۋلىرى تىترەپ ، كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى. پۈتۈن دۇنيا ياش ئىچىگە غەرق بولدى. ئۇ دۇنيا توغرۇلۇقلا ناخشا ئوقۇيتى . ئوقۇغان ناخشىللىرى غېنى مۇئەللىم ، ساۋۇت زىيالى ، ياسىن ئاتۇشلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. بارا-بارا  ئۇلار  ئۇ بىرەر كۈن ناخشا ئېيتمىسا ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قېلىشىۋاتاتتى. ئۇنى «  نان قېپى » ، « تىرىك تاپ » تىللاپ يۈرگەنلەرمۇ  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزلىرىدىن نۇمۇس قىلىشقا باشلىدى. بۇ يەردىكىلەر  ئۇنى « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » دەپ ئاتىۋېلىشتى.نۇرغۇنلاردىن نېمىشقا ئۇنى شۇنداق ئاتايدىغانلىقىنى سورسا ، باشقىلارمۇ شۇنداق دەپ ئاتاپتىكەن بىزمۇ شۇنداق ئاتىدۇق شۇ دەپلا جاۋاپ بېرىشىپ ، زورىغا كۈلۈپ قويىشاتتى . بەلكىم  ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى باشقىلاردىن  يوشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق يالغان كۈلىدىغاندۇ، ۋەياكى كۈلگەنلەرگە ئەگىشىپ كۈلىدىغاندۇ . « نېمىشقا كۈلىسەن ؟ » دەپ سورسا سەۋەبىنى دەپ بېرەلمەيدۇ. بۇ دۇنيادا  كۈلكىسى يوق تۇرۇپ ، كۈلگەندەك قىياپەتكە كېرىۋېلىپ ياشاشتىنمۇ ئازابلىق  ئىش بولامدۇ ؟ لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق ئالداپ ياشايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئالدىنىشقا كۆنۈپ  كەتكەن ، ئۇلار بىلسە ئىدى كۆنۈپ كېتىشنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ھەم پاجىئەلىك بولىدىغانلىقىنى. ئۇزاقتىن بۇيان « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » نىڭ قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدا ناچار ئۆتكەن باھار پەسلىدەك بىر مۇسۇبەتلىك تۇيغۇ قۇتراپ كەلمەكتە ئىدى، بۇ قۇرتاش ھىچ بىر بېسىقىدىغاندەك ئەمەستى.   

يالقۇن ئىدىم كۈل بولدۇم بۈگۈن،

سۆيگۈ ماڭا سىرلىق بىر تۈگۈن.

ئاسمىنىمنىڭ يۇلتۇزى خىرە،

ئاي  -قۇياشى نەرلەردە سۈرگۈن ؟!...

ئۆكۈنمەيمەن دۈشمەن قەستىدىن،

ھالىم خاراپ دوستلار قەستىدىن.

ئىخلاس بىلەن ياشايمەن ھالال،

يىراق بولۇپ نامەرد نەسلىدىن.

بار دۇنيادا ھەممىنىڭ ھەققى،

ھەر بىر ئىشنىڭ باردۇر سورىقى.

غۇلار ئىنسان ئادىمىيلىكتىن،

بولسا ئەگەر كىبىر ، قۇۋلىقى.

نەمەردلەرنىڭ تىلىدا ھەسەل،

دىلى زەھەر ئەزەلدىن ئەزەل.

يالغانلارغا كۆنسە بۇ كۆڭلۈم،

ياشىغاندىن ئۆلگىنىم ئەۋزەل.

يالغانلارنى دېمەيدۇ تىلىم،

تەستىقلىغان بىر ھەقنى دىلىم.

ئۇنىڭ ناخشىللىرىدىن بىر خىل تاتلىق ھەسرەت ، ئوتلۇق ئارمان ، يېقىملىق ئۈمىد كېچىدىكى گۈلخاندەك لاۋۇلداپ ياناتتى. ئۇ ناخشا ئوقۇغاندا دۇتتار سايراپ كېتەتتى ، ئۇ ناخشا ئوقۇغاندا  ساتار ياش تۆكەتتى، ئۇ ناخشا ئوقۇغاندا  غېجەك تىترەپ پۈتۈن دۇنيا مۇڭغا چۆكەتتى.

« نامەردلەر رايىغا زىت يول تۇتۇپ ، كۈل دېسە ياش تۆكۈپ ، ھەسرەت يۇتۇپ،  كۈلكىسى چەكلەنگەندە كۈلىۋېرەلىگەنلەر، چىن يۈرىكىدىن كۈلەلەيدىغانلاردۇر.

ھازىرقى ئادەملەرنىڭ قىلىۋاتقان قىلىقلىرىغا مىڭ توۋا ، ئاللاھ ئۇلارنى كەچۈرىۋەتكىن ، شەيتانلار ئۈستىدىن غالىپ قىلغىن ،  ئازغۇنلۇق يولىغا ئەمەس ھېدايەت يولىغا باشلىغىن ؛ ئۇلارنى تەقۋادارلاردىن قىلغىن ، ئۇلارغا شۈكرى-قانائەت بەرگىن .ھەممە ئىش ئادەملەرنىڭ نىيىتىگە باغلىق. » ئەتراپىغا ئالاق-جالاق قارىۋەتكەندىن كېيىن ، باغنىڭ ئەنجان تېمىدىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ ، شاختىكى چالا پىشقان ئامۇتلار پۇتاپ ئېلىپ يانچڭقىغا سېلىۋاتقان  چار ساقال ، ئوتتۇرا ياشتىكى ئادەمگە قاراپ ياقىسىنى تۇققىنىچە شۇنداق شىۋىرلىدى « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » .  

« سالام –سائەتمۇ ئۆزگىرىپ كەتتى . سالام قىلغۇچىلار پۇلى بارلارلارغا ، ھوقۇقى بارلارلارغا ، ماشىنىسى بارلارغا ، يېڭى كېيىم كېيىۋالغانلارغا ئالاھىدە سالام قىلغان ، كېيىمى كونىراقلارغا باشقىچىلا سالاپ قىلغان . » بىر-بىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋاتقان  بىر توپ ئادەملەرنىڭ  تۇرىقىغا ، ھەركەتلىرىگە قاراپ ئېغىر خۇرسىندى  « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا ». بۇ بىر توپ ئادەملەر ئىچىدىن بۇ يۇرتتىكى نامى چىققان بايلارنى ، زىيالىلارنى ، باشلىقلارنى ، كېچىكىنە بىر نەرسە بىرەرمىكىن دەپ گال غېمىدە ئۇلارنىڭ كەينىدىن كۈچۈكلىنىپ يۈرگەن تەمەخورلارنى، يۆتەلسە ئۆپكىسى كۆرىنىدىغان كۆك نامراتلارنى ئۇچراتقىنى بولاتتى. ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى ھالىتى بەكمۇ كۈلكىلىك بولۇپ ، ئادەمنىڭ بىزارلىقىنى قوزغايتى . مەقسەت مۇدىئا ئارلىشىپ كەتكەن ھەر قانداق بىر ئىش ئادەمنى شۇنداق بىزار قىلسا كېرەك . قۇرغاقلىشىپ كەتكەن كۆڭۈللەر كۆپەيگەن يەردە ،  ئاچكۆزلۈك ، كىبىرلىك ، مەنمەنچىلىك ئەدىگەن ئەلدە ،  پىتنە-پاسات ، جەڭگى-جىدەل كۆپ بولىدۇ، چىرايى نۇرلۇق ئادەملەرنى ئۇچرەتماق تولىمۇ تەس. ھەممىلا ئادەمنىڭ چىرايىدىن مۇز تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ ، كۆزلىرىدىن بىر شۇملۇق. ئادەمنى خوشال قىلىدىغانلاردىن ، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغانلار كۆپ بولىدۇ.بىر چەتتە ئۇلارغا قاراپ تۇرغان  « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » دۇتتار چېلىپ ناخشا ئوقۇغىنىچە بۇ يەردىن بارا-بارا يىراقلاشتى.

ئادىمىيلىك ئۆچسە ئادەمدىن،

گۈل ئورنىغا ئۈنەر شۇمبۇيا.

مىسكىنلەرگە كەڭ قورساق بولساڭ،

ئېيتقىن نېمەڭ كېتەتتى دۇنيا.

ئەركەك ئەجرى زېمىن قەدرىدە،

مېھرى چەكسىز ، سۆيگۈسى دەريا.

غېرىبلارنىڭ ھالىغا يەتسەڭ،

ئېيتقىن نېمەڭ كېتەتتى دۇنيا.

باغۋەن ئىشچان ، سەگەك بولمىسا،

ھوۋقۇش ئەنسىز ھوۋلايدۇ باغدا.

مۇساپىرغا بەرسەڭ پاناھلىق،

ئېيتقىن نېمەڭ كېتەتتى دۇنيا.

ئەر كۆكلەيدۇ ئەل دۇئاسىدىن،

ئاتا سۆزى ھېكمەت ، تۇتىيا.

بىزگە بىر رەت پۇرسەتنى بەرسەڭ،

ئېيتقىن نېمەڭ كېتەتتى دۇنيا.

يەتسەك بىزمۇ ئارزۇ-ئارمانغا،

ئېيتقىن نېمەڭ كېتەتتى دۇنيا.

ئىمكان بەرسەڭ پەرۋازىمىزغا،

ئېيتقىن نېمەڭ كېتەتتى دۇنيا.

ئۇنىڭ ناخشىسى مەھەلىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن ئەكسى سادا قايتۇردى. ئۇنىڭ ناخشىسىنى چىكەتكىلەرمۇ ، تومۇزغىلارمۇ ، قۇچقاچلارمۇ جىم بولۇپ تىڭشايتى . توختىماي قاۋايدىغان ئىتلار نېمىشقىكىن قاۋىمايتى ، بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ ھاڭرايدىغان ئىشەكلەرمۇ نېمىشقىكىن ھاڭرىمايتى. ئۇ ناخشىسىنى توختىتىپ ، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەرگە سەپ سالغاچ مەھەللىنىڭ يۇقىرىسىغا قاراپ قەدەملىرىنى يۆتكىمەكتە. بەزىلەر ئۇنى كۆرۈپلا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرۋالسا ، بەزىلەر ئۇنى تاماق يىيىشكە  ياكى بولمىسا چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلاتتى.  يەنە بەزىلەر بولسا ئۇنىڭدىن يا دۇتتار، يا ساتار چېلىپ بىرىشنى ئۆتۈنەتتى.لېكىن ئۇ چېلىپ بەرگىن دېگەنگە ساز چالمايتى، ئۆزىنىڭ چالغۇسى كەلسە چالما دەپ توسىۋالسىمۇ ئۇنىمايتى.  ئۇ بۇ مەھەللىدىكى غېنى مۇئەللىم بىلەن ساۋۇت زىيالىنىڭ ئۆيىدىن باشقا ئۆيدە ھەرگىزمۇ تاماق يېمەيتى ، چاي ئىچمەيتى.باشقىلار ئىچ ئاغرىتىپ بەرگەن خەيرى-ساخاۋەتنى « جېنىمنى جان ئەتكۈچىلىكىم بار ، قىينىلىپ قالغانلارغا بېرىڭلار .» دەپ ھەگىزمۇ قۇبۇل قىلمايتى .

«ئۆيىگە چىللىغان مېھمانلارغىمۇ پەرقلىق مۇئامىلە قىلغان بۇ خەق . بۇنداق قىلىشنىڭ ئېغىر گۇناھ بولىدىغانلقىنى يا بىلمىگەن . »- قادىر تۈلكىنىڭ ئۆيىدىن چىقىۋاتقانلارغا قاراپ شۇنداق شىۋىرلىدى « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا . ئۇ شۇنداق دەۋاتقاندا يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا خېلىدىن بۇيان قاراپ تۇرغان غېنى مۇئەللىم بىرىسى تۇيۇقسىز كېلىپ چىمدىۋالغاندەك تولغىنىپ ، چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى، يۈرىكى ئۆڭدى. ئۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ رەڭگارەڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن تارتىپ ، ئۆزى ئىزدەپ يۈرگەن نەرسىگە تابۈگۈنگىچە ئىرىشەلمىگەنلىكىنى ، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزلىرى ئىزدەپ يۈرگەن نەرسىلەرگە ئىرىشەلمەي ، رەڭگارەڭ ئارمان ، رەڭگارەڭ قايغۇ-ئازاب ، رەڭگارەڭ ھىجران ،  رەڭگارەڭ ئەلەم –نادامەت بىلەن بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى ئاخىرقى قېتىم جەزمىلەشتۈرىدى ۋە : « مەندە كەن نەرسىلەر باشقا بىردە ، باشقا بىرىدە كەم نەرسىلەر مەندە بولىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ ...» دەپ شىۋىرلىدى ئۆز- ئۆزىگە ھەسرەت بىلەن . كۆزلىرى بىردىنلا  ئۆزى بىلەن « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » دىن  جىتاق كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغان سەمەت شالدامنىڭ يۈزىدىكى يارىلارغا چۈشۈپ قالدى. بۇ  يارىلار ئۇ ئۆمرىدە كۆرگەن  يارىلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتى ،  ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە تولىمۇ يىرگىنىشلىك كۆرىنەتتى. غېنى مۇئەللىم « يۈرىكىمدىكى يارىلارنىڭ ئالدىدا بۇ يارىلار نېمىتى ؟ » دەپ ئويلىۋاتقاندا ، « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » مۇ « كۆڭۈل يارامنىڭ ئالدىدا ، ئۇنىڭ يۈزىدىكى يارىلار ھىچنېمە ئەمەس » دەپ ئويلاپ بولغانتى ھەم ياقىسى چىشلىگەنتى ، بۇ چاغدا غېنى مۇئەللىممۇ ياقىسىنى چىشلەۋاتاتتى.

« ئېھ ھەممىگە  قادىر خۇدا  ئۇنىڭ يارىللىرىغا شىپاتلىق  بىرەرسەن . » دەپ نىدا قىلدى چىن كۆڭلىدىن غېنى مۇئەللىم. « ئىمانى كامىل بولغانلارنىڭ روھى يورۇق بولىدۇ .»  « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » نىڭ مۇشۇ گېپى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە پات-پات ياڭراپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا غېنى مۇئەللىم نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىنىڭ قارىشى  تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان ، سەللا ئىڭىشسە كۆكسىنىڭ يېرىمى كۆرىنىپ قالىدىغان ، يالغان قاشلىق ، يالغان كىرپىكلىك ھېلىقى خانىمغا ، ئىككى كۆكسىنىڭ ئارىسىدا ھاسىل بولغان ئېرىقچىغا تۇيدۇرماستىن قاراپ كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈپ كەلگەنلىكىدىن بەكمۇ  خىجىل بولىدۇ. ئۆزىنى « ئەدەممۇ ئەمەس ، ھەيۋانمۇ ئەمەس بىر نېمىكەنمەن » دەپ ئويلاپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئېغىر ئۇھ تارتىدۇ ، پۇشايمان ئوتىدا پۇچىلىنىدۇ، گۇناھىغا تۆۋە قىلىدۇ، خۇدادىن مەغپىرەت تىلەيدۇ. « بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا قارايدىغان بولسام ئىت بولۇپ كېتەي » دەپ قەسەم ئېچىدۇ. « پاسكىنا نەرسىلەرنى يىيىش ، مەينەت نەرسىلەرنى ئىچىش ئادەملەرنىڭ قەلبىنى چىرىتىپ ، روھىنى بۇلغاپ ، ئۇلارنى يامان سۆزلەرنى ، يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان، ھەق بىلەن ناھەتنى ئايرىمايدىغان ،  ھالال بىلەن ھارامنى پەرق ئەتمەيدىغان قۇرسىقى تويسىلا خوشال بولىدىغان قېلىۋېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر يامان يولدىن يانمايدۇ ، گۇناھتىن قورقىمايدۇ ، ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىمايدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى زار-زار قاقشىتىدۇ.« چىرايلىق ئاياللار شەيتانغا ئوخشايدۇ .»  » بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » نىڭ ئاۋازى غېنى مۇئەللىمنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى. مۇزدەك بىر قورقۇنچلۇق تۇيغۇ ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالدى. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۇ توساتتىنلا ئارقىسىغا قاراپ ئاققاندەك بىر سىزىم ئۇنىڭ يۈرىكىدىن پۈتۈن بەدىنىگە يېيىلىشقا باشلىدى. بۇ سىزىم تولىمۇ قورقۇنچلۇق ھەم ئازابلىق ئىدى. ئۇ دۇنيانى شەرمەندىچىلىك ، زوراۋانلىق قاپلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كەلدى-دە، ھەممە تەرەپتىن قان ھىدى پۇراۋاتقاندەك بىئارام بولدى. « بۇ دۇنيادا  پۇل بىلەن چىرايلىق ئايالنىڭ ئالدىدا ئەقىل –ھوشىنى يوقاتمايدىغان ئەرلەر بەكمۇ-بەكمۇ ئاز .» غېنى مۇئەللىم بۇ گەپنى كىمدىن ، قەيەردە ، قاچان ئاڭلىغانلىقىنى زادىلا ئەسلىيەلمىدى.« بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان ئاياللار بىلەن بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆزا-ئارا يېقىنچىلىق قىلىپ ، ئېغىز- بۇرۇن يالىشىشى ئەركەكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ غورۇرىنى پېتىقلىقىشى ، ئاياللارنىڭ مۇقەددەس ئانىلىقنى سېسىتىشى بولماي نېمە؟!... يات ئايالنىڭ يات ئەر بىلەن تونۇشىپ ، ئېرىنى ، باللىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ نازلىق ئىڭرىشى دۇنيانى مەسخىرە قىلىش ، ئەرلەرنىڭ ئەرلىكىنى دەپسەندە قىلىشلىغۇ ؟.... »  كۆڭۈلنى ئەسكى قىلىدىغان خىياللار غېنى مۇئەللىمنىڭ كۆز ئالدىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى  ئاستۈن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدا ئەڭ يېقىنلىرى ئادەم تەنلىك ئۆچكە باشلىق پەيدا بولۇشقا باشلىدى.ئاق ئۆچكە ، قارا ئۆچكە ، سېرىق ئۆچكە ، چىپار ئۆچكە ، ئالا ئۆچكە ... نۇرغۇنلىغان نەرسىگە  ئىرىشىش ئارزۇسى بەربات بولغان ئادەملەر ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە ئۆچكە سىياقىدا  كۆرىنەمدىغاندۇ ، ياكى قەلبىدە نۇرغۇنلىغان ئوتلۇق ئارمانلىرى، چوغدەك ئارزۇ- ئىستەكلىرى بار ئادەمنىڭ كۆزلىرى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ئۆچكە قىياپىتىدە كۆرەمدىغاندۇ ؟... ۋەياكى قەلبىنى جاراھەت قاپلاپ كەتكەن ئادەملەر شۇنداق تۇيغىدا بولامدىغاندۇ ؟!...» غېنى مۇئەللىمنىڭ خىيالى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۈزۈلۈپ  قېلىپ ، كۆڭلىنى ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغان بىر خىل غەشلىك چىرمىۋالدى. بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى ھەتتا قەلىبلىرىنى ئەدەمنى سەسكىندۈرىدىغان  يارىلار قاپلاپ كەتكەندەك بىر قارا تۇيغۇ غېنى مۇئەللىمنىڭ مىڭىسىنى قوچۇپ ، ئۇنى چۇچىتىۋەتتى. كۆز ئالدىدا تۇرىقىدىن غېرىبلىق ، مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، ئەمما كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر خىل نۇر چاقنايدىغان « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن دۇتتار چالغىنىچە پەيدا بولۇپ ئۈمىدكە تولغان جاراڭلىق ئاۋازى بۇ مەھەللىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا ياڭراۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.

تولدۇرساڭمۇ كۆزۈمنى ياشقا،

تاڭ دېسەڭمۇ تاشنى تاياققا،

قاز دېسەڭمۇ قۇدۇق تىرناقتا،

ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا.

غەلبەم ئۈچۈن قاپاق تۈرسەڭمۇ،

گۈل ئورنىغا تىكەن بەرسەڭمۇ،

سەپىرىمدە پۇتلاپ تۇرساڭمۇ

ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا.

ھېكمەت تولا ھەر بىر پۇتلاشتا،

يېڭى مەنا بىرەر ھاياتقا،

ئىرىشىمەن ئاچچىق ساۋاققا،

ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا.

مەيلى گۈل بەر ۋەياكى تىكەن ،

ھەشقاللا دەپ كۈلۈپ ئالىمەن،

ياشاش ھەردەم سىنىقى بىلەن،

ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا.

قىزغانساڭمۇ مەندىن شادلىقنى،

ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا.

رەخمىتىمدە كۆمۈمەن سېنى،

ئاغرىنمايمەن ھەرگىزمۇ دۇنيا.

« بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » نىڭ ناخشىنى ئوقۇپ بولۇپ ، « بىزگە مۇنچە ئازار قىلىشمىساڭ بولىتى ... خۇدايىم توۋا ئەجەپمۇ ئۇۋالچىلىققا قالدۇقا... يىتىم-يىسىر ، غېرىب-غۇربا ، ئىزىلگەنلەرنىڭ كۆز يېشى ئاقسا بىركارغا ئاقمايدۇ...» دەپ تۆت ئەتراپىغا قارىشى ، ئېغىر ئۇھ تارتىشى ، ھەسرەت چېكىشى ، مۇڭ-قايغۇغا چۆكۈشى بۇ يەردىكىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكىلا بىر ئىش بولۇپ قالدى.لېكىن غېنى مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭ ناخشا ئۇقۇۋاتقان چاغدىكى تۇرىقىغا قاراپ يۈرىكى قوقاسقا كۆمگەن چۈرۈچتەك پۇچىلىنىپ كەتسە ، دۇتتار ، تەمبۇر ، غېجەكنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقاندىكى تۇرىقىغا قاراپ لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان گۈلخانغا تاشلانغان سېرىق سۆگەتنىڭ تېلىدەڭ تولغىشىپ كېتەتتى.

ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشنى خالىمايتى.لېكىن پوسوققىدە ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن تاپۇ-تۇپپاڭ سۆزلەر كۈتۈلىگەن كۆڭۈلسىزلىك ، بالاقازاغا سەۋەپ بولۇپ قالاتتى. ئورنىنى تولدۇرىۋالغىنى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. سەمەتنىڭ بىر قېتىملىق ھاراق سورىنىدا « ئاخشام داۋۇتنىڭكىگە بارغان...ئۆيىدە يوقكەن.... باش توخۇ چىللىشى بىلەن بىلەن تەڭ يېنىپ كەلدىم ...يولدا ھېلىم ئۇچراپ قالدى ، نېمىشقىكىن ئۇ مېنى كۆرۈپ بۆلەكچىلا ئۆڭۈپ كەتتى... بىزنىڭ دەرۋازىغا ئون نەچچە مېتىر قالغاندا ئالدىمدا ھوشۇر مەدەك خۇددى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەلا پەيدا بولۇپ قالدى-دە، ئارقىسىدىن ئىت قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك پاتراقشىپ يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى... ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن بىر دەرۋازىنىڭ ئېچىلىپ –يېپىلغان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ قالغان . قوشنىمىزنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلغاندا ئۇنداق ئاۋاز چىقارمايتى... » دېگەن پالىپەتىش سۆزلىرى ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقتى ، سەمەت ئۇنى ئۆلتۈرىۋىتىپ تۈرمىگە كىرىپ قالدى. ئىككى ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك  ئون نەچچە ئادەم ھەسرەت-نادامەتتە قالدى ، قايغۇ-ئەلەم يۈتۈپ خانۇ-ۋەيران بولدى. بۇنداق مىساللار كۆپ ئادەملەردە ئىنساب بولمىسا سۆزلىگەن بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. ئادىمىيلىك مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلەرنىڭ قەلبىدە يىرىڭ ئېقىپ تۇرىدىغان يارىللىرى بولىدۇ ، بۇ يارىلار گۈزەل ئارمانلىرى ئۈچۈن قان تېمىپ تۇرغان يۈرەكلەرنىڭ يارىللىرىغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. سېسىغان گۆش بىلەن يېڭى گۈشنىڭ تەمى قانداقمۇ ئوخشاش بولسۇن ، ھەممىسىلا ئوخشاشلا گۆشقۇ دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ئىسىت ! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىشقا تۇغۇلغانلىقىنى ، نېمىشقا ياشايدىغانلىقىنى ، نەگە بارىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ بىلمەيدۇ، بۇ توغرۇلۇق سورىساڭ جاۋاپ بېرەلمەيدۇ . قۇرغاقلىشىپ كەتكەن  كۆڭۈللەر كۆپەيگەن يەردە ،  ئاچكۆزلۈك ، كىبىرلىك ، مەنمەنچىلىك ئەدىگەن ئەلدە ،  پىتنە-پاسات ، جەڭگى-جىدەل كۆپ بولىدۇ، چىرايى نۇرلۇق ئادەملەرنى ئۇچراتمەق تولىمۇ تەس. ھەممىلا ئادەمنىڭ چىرايىدىن مۇز تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ ، كۆزلىرىدىن بىر شۇملۇق. ئادەمنى خوشال قىلىدىغانلاردىن ، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغانلار كۆپ بولىدۇ. بۇ يەردىكىلەر دەرۋازا ئوچۇق تۇرسا تامدىن ئارتىلىپ  ھويلىغا چۈشكەندەك بىر ھېسىياتتا ياشايدۇ. بىرەرسىگە ئامەت كېلىپ قالسا كۆپلىرىنىڭ ئىچىگە ئوت چۈشۈپ كېتىدۇ ، يۈرىكىدىكى ئازاب ئوتلىرى خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۆچمەيدۇ. نۇرغۇن ئادەم كۆڭلىدە بىر ئىشنى قارالاپلا ياشايدۇ ، ئۇلارنىڭ قارالىغان ئىشلىرى ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم باشقىلار ئۈچۈنمۇ پايدىسىز. قۇرغاقلىشىپ كەتكەن كۆڭۈللەر كۆپەيگەن يەردە ،  ئاچكۆزلۈك ، كىبىرلىك ، مەنمەنچىلىك ئەدىگەن ئەلدە ،  پىتنە-پاسات ، جەڭگى-جىدەل كۆپ بولىدۇ، چىرايى نۇرلۇق ئادەملەرنى ئۇچرەتماق تولىمۇ تەس. ھەممىلا ئادەمنىڭ چىرايىدىن مۇز تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ ، كۆزلىرىدىن بىر شۇملۇق. ئادەمنى خوشال قىلىدىغانلاردىن ، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغانلار كۆپ بولىدۇ.« كېۋەزگە تولۇقلىما بېرىدىكەن .» دېگەن بۇ گەپ يېقىندىن بۇيانقى بۇ مەھەلىدىكىلەرنىڭ قىزىق تېمىسى بولۇپ قالدى .

- بىر مو كېۋەزگە 680 يۈئەن  تولۇقلىما بېرىدىكەن.

- ياق ، 380 يۈئەن بىرىدىكەن.

- خېلى بىر ھوقۇقداردىن ئاڭلىدىم 160 يۈئەن بېرىدىكەن.

- ئەڭ ئىشەنچىلىك خەۋەر ، بىر كىلوگىرام چىگىتلىك پاختىغا 6 موچەن بېرىدىكەن.

- نېمە تالىشىمىز بەرسە بېرە ....

- شۇنداق ، بىر ئۆلچىمى بار ، ئۆلچەمدىن ئېشىرىۋەتمەيدۇ.- ئۇلار شۇ گەپنى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا مەھەللىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن كەلگەن « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ، بىرھازاغىچە ئۇلارغا قاراپ باشلىرىنى چايقاپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويۇپ ، ئۆز يولىغا راۋان بولدى. لېكىن ئۇنى ھېچكىم كۆرمىدى.« ھەممە ئادەمگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىدىكەن » بۇ گەپ ،  بۇ يەردىكى نۇرغۇن-نۇرغۇن كىشلەر ئاڭلاشقا ئەڭ ئامراق گەپلەر ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن يېقىملىق ، بۇنىڭدىن چىرايلىق گەپ يوق.

ھايات سۆيگەنلەر ئۈچۈن سۆيۈملۈك ، ھايات قەدرىگە يەتكەنلەر ئۈچۈن قەدىرلىك ، ھايات كۈلۈپ قارىغانلار كۈلۈپ قارايدۇ ، قاپاق تۈرۈپ قارىغانلارغا قاپاق تۈرىدۇ. «  بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » نىڭ بەزىدە دۇتتار چېلىپ مەھەللىدە پەيدا بولىشى ، بەزىدا ساتتار چېلىپ كوچا ئايلىنىڭ يۈرىشى ، بەزىدا غىجەك چېلىپ مەھەللىدىن چىقىپ كېتىشى بۇ يەردىكىلەرگە ھەرگىزمۇ يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ ، كونىلىقمۇ بىلىنمەيدۇ. ئۇ بۇ يەردە نېمىلا چېلىپ پەيدا بولسۇن ياكى نېمىلا چېلىپ بۇ يەردىن چىقىپ كەتسۇن بەرىبىر.  نۇرغۇن نەرسىللىرى توزۇپ كېتىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ غېنى مۇئەللىمنى ئوڭمۇ-تەتۈر قىيناشقا باشلىدى، قىينىلىش جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. يېقىندىن بۇيان ئايرىلغان نەرسىللىرىنىڭ تولىمۇ كۆپ ھەم ھەر خىل بولۇپ كېتىۋاتقاندەك بىر سىزىم ئۇنىڭ ئوي-خىيالىنى مالماتاڭ قېلېۋېتىۋاتقان بىر پەيتتە «  بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » نىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى يەنە ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

كەملىرىمىز بولمايدۇ پۈتۈن ،

قالار ئىكەن چالىسى چالا.

بەزەن چوغدەك ، بەزىدە تۈتۈن،

بۇ ئەزەلدىن شۇنداق بىر دۇنيا.

بايا بارلار يوق بولار ھېلى،

شادلىقىدىن تولىدۇر غېمى،

بىرى كۈلسە ، يىغلايدۇ مىڭى ،

بۇ ئەزەلدىن شۇنداق بىر دۇنيا.

بىرلىرىگە بېرىدۇ بەخت ،

بىرلىرىنى دېگۈزەر ئىسىت ،

تىكلىنىدۇ ، غۇلايدۇ تەخت،

بۇ ئەزەلدىن شۇنداق بىر دۇنيا.

خاتىرجەملىك مىسكىن ئويىدا،

بىراق  پۇتلاش تولا  يولىدا،

ھەتتا خانمۇ گالنىڭ كويىدا،

بۇ ئەزەلدىن شۇنداق بىر دۇنيا.

  ئۇنىڭ يۈرىكىدىن قاناپ تۇرغان يۈرەكلەرنىڭ ئازابلىق نىداسى كېلەتتى. ئۇنىڭ ناخشىللىرىدىن ئارزۇ-ئارمان ، ئۈمىد –ئىشەنچ ، قايغۇ-ھەسرەت تۈكۈلەتتى. ئۇنىڭ ناخشىللىرىغا دۇنيانىڭ  كۆزلەرنى ئىلىچەكمەن قىلىۋېتىدىغان ئاجايىپ گۈزەللىكلىرى، چىدىغۇسىز، ئېچىنىشلىق كۈلكىللىرى ، رەزىللىكلىرى سىڭىپ كەتكەنتى. ئۇنىڭ ناخشىللىرىدىن ئارمانلىق يۈرەكلەرنىڭ نادامىتى ، ئەلىمى ، قانلىرى تۈكۈلۈپ تۇراتتى. « غورۇرىنى جېنىدىن قىممەتلىك بىلمىگەن ئەركەك –خوتۇنىنىڭ سايىسىدا جان باقىدۇ. » غېنى مۇئەللىم بۇ گەپلەرنى قاچان ، قەيەردە ، كىمدىن ئاڭلىغانلىقىنى پەقەتلا يادىغا ئالالمىدى ، ئەمما « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » دېدى دېگەن قىياسى باشقا ھەر قانداق قىياسلىرىدىن ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىۋالدى.

بىر قېتىم مەھەللنىڭ دوقمۇشىدىكى بوتكىنىڭ ئالدىدىكى تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ دۇتار بىلەن ساتارنى ئالماشتۇرۇپ ھارغىچە چالغان« بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » نىڭ « تەمەخورلار ، چېقىمچىلار ، يالاقچىلار... بۇ دۇنيانىڭ ئەخلەت-چاۋار ، داشقاللىرى  . ئۇلاردىن  ئەل ، يۇرتقا بالا-قازا كەلسە كېلىدۇكى ھەرگىزمۇ ياخشىلىق كەلمەيدۇ . » دېگىنى غېنى مۇئەللىمنىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە.

ھەر كۈنىلا ئاۋارە كېيىنىپ يۈرىيدىغان بۇ ئادەم قانداق ئېسىل ناخشىلارنى ئوقۇۋەتسۇن ، پاساھەتلىك ، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى دېۋەتسۇن بۇ مەھەللىدىكى داۋۇت ئەپەندىنىڭ بالىسى ساۋۇت زىيالى ، ياسىن ئاتۇش ھەم  غېنى مۇئەللىمدىن باشقىلارنىڭ  ئۇنى ساراڭدىن-ساراڭغا چىقىرىپ ، ئۇنىڭدىن يىرگىنىپ ، قېچىپ يۈرىگىنى يۈرگەن . « ‹ دەرد بۇ يەدە › دېگەن ساراڭدىن مىڭ  تەستە قۇتۇلۇپ  ئۇھ دېمەي تۇرساق ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلمەيدىغان  بۇ مەتۇ ساراڭ يەنە نەدىن پەيدا بولدى ، ئىشەك ھاڭرىغاندەك ھاڭراپ ئەمدى. چۈشتە ئارام بەرمىگىنى يەتمەيدىغاندەك بەزى كېچىللىرىمۇ ئادەمنىڭ كەيپىنى بۇزىدۇ بۇ ساراڭ سەت ھاڭراپ تېخى. » دەپ كۈندە دېگۈدەك غۇدىرىشاتتى. « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » بۇ مەھەللىدە پەيدا بولغاندىن بۇيان تالاي ئادەملەر ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ بىرەر ئادەمنى رەنجىتىپ قويمىدى، باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزىدىغان بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلمىدى. ئۇشاق بالىلارنى كۆرسە ئۆزىنى چەتكە ئالدى. لېكىن بىر قىسىم ئادەملەر بىردىنلا چىۋىن ، پاشا ،يىلان-چايانلارغا ئۆزگىرىپ كەتكەندەك بىر تۇيغۇ ئۇنى توختىماي قىينايدىغان بولىۋالدى.بۇداق چاغدا ئىچ-ئىچىدىن تۈگۈشىپ كېتىۋاتقاندەك بىر ھېسىيات ئۇنى ئۆمۈچۈك تورلىرىدەك ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالاتتى.

«ھەق گەپنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يولى توغرا ، نىشانى نۇرلۇق ، قىلغان ھەر قانداق ئىشى نەتىجىلىك ، تاپقىنى بەرىكەتلىك بولىدۇ.»  كۆزلىرى يىلاننىڭ كۆزلىرىدەك سوغۇق ھەم ۋەھىمىلىك كۆرىنىدىغان تۇسۇن دۇمباق، ئۈجمە ئېرىقىغا سۇ بۆلىدىغان پارچە توما بېشىدا قىزغىن پاراڭلىشىپ تۇرغان ساۋۇت زىيالى بىلەن غېنى مۇئەللىمگە يەرنىڭ تېگىدىن قاراپ،   ئۆچكە ساقىلىنى سىقىمدىغىنىچە ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئادەمنىڭ بىزارلىقىنى قوزغايدىغان ئورا كۆزلىرىدىن غەلىتە بىر نۇر چاقناپ كەتتى.  ئۇ ئۆزىنىڭ بىر دەملىك خوشاللىقى ، بىر ۋاقلىق تامىقى ئۈچۈن ئاجايىپ رەزىل پىلانلارنى تۈزىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى ، ھەسرەت-نادەمەتلىك يىغىللىرىغا تۇسۇن دۇمباقتەك نان كۈچۈكلىرى سەۋەبكار ئىدى. ئۇنداقلار ئۆزلىرىڭ خوشاللىقلىرى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ شىرىن ئارزۇلىرىنى ، تاتلىق سېغىنىشلىرىنى، ئوتلۇق ئارمانلىرىنى ، يېقىملىق كۈلكىلىرىنى قۇربانلىق قىلىۋېتەتتى.

- باشقىلارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ يېتىش ھەم قۇبۇل قىلىش ھەممىدىن ئازاب.

-  قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق ھەر خىل مەقسەت  ئارلاشقان ياردەملەر ، يالغان كۈلكە ، يالغان ئەركىلەشلەر ، ئىپلاسلىقلار...

- ھەركىمنىڭ ھېچكىم بىلمەيدىغان دەردلىرى ، ئارمانلىرى ، ئارزۇلىرى ، سېغىنىشلىرى   بولىدۇ.

- مۇھەببەت –نەپرىتى ئېنىق بولغان ئادەملەر ئۈچۈن كۆڭلى تارتمىغاننى سۆيۈشتىنمۇ ، ئۆزى خالىمىغان ئىشقا مەجبۇرلىنىشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك بۇ دۇنيادا...

- ئۆيىدە  تۇرۇپ ماكانسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىش ھەممىدىن ئازاب.

- خوتۇنىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇش ھەممىدىن ئازاب.

-مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئازابى ھەممىدىن ئېغىر .

-  پاقلاپ بېقىپ گۆش يېيەلمەسلىك ھەممىدىن ئازاب.

- غۇدۇراشتىن نېمىگە ئىرىشتۇق ، قېيداشتىن نېمە پايدا تاپتۇق . ئاچچىقلىنىش ئادەمنىڭ ئەقلىنى كېسىۋىتىدۇ.

- خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە خاتا ئىش قىلىش بەكمۇ خەتەرلىك.

-چىن يۈرەكتىن چىققان يىغىدىن باشقا ھەرقانداق يىغىغا ئىشەنمە ، بولمىسا بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىسەن .

- ئارزۇيىغا يېتەلمەسلىكمۇ بەك ئازاب.

- ئۆزىدىن يۇقۇرلارغا ئۆزىنى سېلىشتۇرۇش ، ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە قارىماسلىق نادانلارنىڭلا ئىشى.

قۇرغاقلىشىپ كەتكەن كۆڭۈللەر كۆپەيگەن يەردە ،  ئاچكۆزلۈك ، كىبىرلىك ، مەنمەنچىلىك ئەدىگەن ئەلدە ،  پىتنە-پاسات ، جەڭگى-جىدەل كۆپ بولىدۇ، چىرايى نۇرلۇق ئادەملەرنى ئۇچراتماق تولىمۇ تەس. ھەممىلا ئادەمنىڭ چىرايىدىن مۇز تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ ، كۆزلىرىدىن بىر شۇملۇق. ئادەمنى خوشال قىلىدىغانلاردىن ، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغانلار كۆپ بولىدۇ.ئىچ پۇشىقى تارتىش، سىقىلىش، زېرىكىش  ئارام بەرمىگەن « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » بىردىنلا يول مېڭىشنى توختىتىپ ، يولنىڭ بويىدىكىلا قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن بىر تۇپ قاغا جىگدىگە يۆلىنىپ زوڭ ئولتۇردى-دە، دۇتتارنى سازلاشقا باشلىدى. غېنى مۇئەللىم بىلەن ساۋۇت زىيالىنىڭ پارىڭى قاپبەلدىن ئۈزۈلدى.

يولۋاس ئاتقان بوۋايلار نەدە،

چۆچەك ئېيتقان مومايلار نەدە.

بۇ زېمىننىڭ ئەركە باتۇرى،

بۈركۈت ، لاچىن ، ھومايلار نەدە؟!

نەمەردلەرگە يۈرگەچ زارلىنىپ،

نەپسىمىزگە قالدۇق باغلىنىپ.

ئەجەپ ئەخمەق ، نادان ئىكەنمىز،

تۈلىكىلەرگە كەتتۇق ئالدىنىپ.

شەيتانلارنى دېسەك ئەۋلىيا،

ئۇيقۇ تاتلىق بولساق مەھلىيا.

ئويلانمىساق ، ئويغانمىساق ھەم ،

ئۇنتۇپ كېتەر بىزنى بۇ دۇنيا.

خوشال بولساق قورساق تويغانغا،

كۆڭۈل بەرسەك قىلتاق قۇرغانغا.

كۈلدى دېسەك يىغا چىراينى،

يۈز كېلىمىز ، قانداق ۋىجدانغا؟

  مۇڭلۇق ناخشا غېنى مۇئەللىم بىلەن ساۋۇت زىيالىغا بەكمۇ ياراپ كەتتى. لېكىن پەسكەشلىكلىرىنى باشقىلارغا ھوزۇرلىنىپ سۆزلەپ بېرىپ لەززەت ئالىدىغان بىرسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىۋېلىپ زادىلا نېرى كەتكىنى ئۇنىمىدى. ئۇ بىر قارىسا تونۇشتەك ، يەنە بىر قارىسا ناتونۇشتەك ئىدى. تونۇش بولسۇن ، ناتونۇش بولسۇن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى كەمتۈكتەك ، روھىنى توپا-چاڭ بېسىپ ، مەينەتچىلىك قاپلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. غېنى مۇئەللىمنىڭ يۈرىكىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى ئېچىشىپ كەتتى. ساۋۇت زىيالىنىڭ يۈرىكى مۇجلغاندەك بولۇپ قوشۇمۇللىرى تۈرۈلدى.

« ئويۇنغا تويمىغان خوتۇن ئەرنى كېرەكتىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇنداق خوتۇنلار بەكمۇ ئىپلاس  بولۇپ نومۇس دېگەننى بىلمەيدۇ . بۇنداق خوتۇنلارنىڭ لەۋلىرىنىڭ ، تەنلىرىنىڭ  ۋىجدانىغا ئىت سېيىۋەتكەن نۇرغۇن پاسىق ئەرلەر بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار . » ئۇلار ئەتراپىغا قارىدى، كۆزلىرىگە ھىچ نەرسە كۆرۈنمىدى. ئۆكۈنىشلىك ئەممە تولىمۇ قۇرغاق غاراڭ-غۇرۇڭ بۇ ئاۋازنىڭ قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى.

- نېمە دېدىڭ ؟

-نېمە دېدىڭ ؟– غېنى مۇئەللىم بىلەن ساۋۇت زىيالى ئوخشاش بىر سۇئالنى سوراشقىنىچە  بىر-بىرىگە قاراشتى.

-ھېچنېمە دېمىدىم.

- مەنمۇ ھېچنېمە دېمىدىم.

ئۇلار ئۇيان-بۇيانغا زەڭ سېلىپ قاراشقا باشلىدى، كۆزلىرىگە ھېچنېمە كۆرۈنمىدى ، قۇلىقىغا ھىچقانداق بىر شەپە ئاڭلانمىدى. ئادەملەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھەم ئۇ دۇنيادىكى قەدىر-قىممىتى زادىلا ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بىلەن قىممەتلىك ، يامان ئەمەللىرى بىلەن قاغىشلىق. « مەينەتچىلىك ، پاسىقلىق ئىچىدە بالاقازا ، ھەسرەت-نادمەت ، بولىدۇ. »  « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا» نىڭ قانچاندىدۇر بىر يەردە ، قايسىدۇر بىر ناخشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ دېگەن بۇ سۆزى غېنى مۇئەللىمنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاشقا باشلىغان چاغدا ، « ئىمانى ، ئىتىقادى ئاجىزلار باشقىلارنىڭ زورلۇق-زوببۇللۇقلىرىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. » دېگەن سۆزى  ساۋۇت زىيالىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئەكس سادا قايتۇرىۋاتاتتى. ئەمما قاغا جىگدىنىڭ شوخىسىدەك بىر تۇيغۇ ئۇلارنىڭ قەلبىنى تاتىلاپ يۈرىكىگە سانجىلدى. « جاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەممىدىن كەچكەنلەرنىڭ كوچىدىكى لالما ئىتتىن نېمە پەرقى؟.» تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ سۇئال غېنى مۇئەللىمنىڭ قەلبىنى زىل-زىلىگە سېلىۋەتتى. شۇئان كۆز ئالدىدا كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ تۇرىدىغان « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا»  پەيدا بولدى. « بۇ ئادەمدە ئاجايىپ بىر خىسلەت بار ، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە ئادەم ئەمەس .» غېنى مۇئەللىمنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ بىر خىل راھەتلىك سىزىم پەيدا بولۇپ ، قەلبىنى چوغدەك مېھىر چىرمىۋالدى.

ئۆزىنى بۇ يۇرتتا تۆتنىڭ بىرى دەپ چاغلايدىغان ، سۆلىتىنى ئات تارتالمايدىغان ، ئۆزىدىن باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ، كۆڭلىدىكى كىبرى چىرايىغا تېپىپ چىققان قادىر چوڭچى ئوڭ قولىدا دۇتتار ، سول قولىدا ساتار كۆتۈرگىنىچە مەھەللىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن كېلىۋاتقان « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا» غا قاراپ :

-ھەي قەلەندەر مايەرگە كېلە ، ئون كوي بېرەي ئاۋۇ نېمىللىرىڭنى تاراڭلىتىپ باقە قېنى ، بىر ئاڭلاپ باقاي –دېدى مەسخىرىلىك ئاۋازدا.

-نېمە؟- « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » شۇنداق بىر ئالىيىپ قارىدى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئاجايىپ بىر خىل نۇرنىڭ تەسىرىدىن قادىر چوڭچىنىڭ يۈرىكى بۆلەكچىلا ئېغىپ ، چىرايى بىلىنەر-بىلەىنمەس تاتىرىپ كەتتى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ ، تەشۋىشىنى بىلدۈرمەسلىككە سېلىپ :

-ھەي قەلەندەر ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن –دېدى.

-نېمە؟

-ماۋۇ يەرگە كەل دەۋاتىمەن.

- ھە ، سەن ماڭا گەپ قىلىۋاتامتىڭ. مەن تېخى ئاۋۇ ئىشەك  ھاڭراۋاتامدىكىن دەپتىمەن – ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يولنىڭ بۇيىغا باغلاپ قويۇلغان ، چاترىقىغا كىرىۋېلىپ چېقىۋاتقان بىزەڭ كۆكۈيۈنلەرنىڭ دەستىدىن تىپىرلاپ تۇرالماۋاتقان قارا مادا ئىشەكنى كۆرسەتتى-دە، يولىنى داۋاملاشتۇردى. ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلار قاقاقلىشىپ كۈلۈپ كېتىشتى. شۇئان قادىر چوڭچىنىڭ يۈرىكىگە ئوت چۈشۈپ كەتتى ئوت.

- نېمىگە كۈلىشىسەن ، بىر يېرىم ئېچىلىپ قاپتىمۇ؟ ھۇ ساراڭ ، ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان دۆت-كالۋا. – ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان قادىر چوڭچى نېمە قىلارنى بىلەلمەي ، ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ ۋاقىرىدى ، ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى ئاۋازى تولىمۇ يېقىمسىز ئىدى. « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » ھىچ ئىش بولمىغاندەك مەھەللىنىڭ يۇقۇرىسىغا قاراپ كېتىۋاتقاچ :

-بۇ دۇنيا ئېچىنىشلىق دەرجىدە رەزىل ھەم كۈلكىلىك ، ئادەملەر بىر-بىرىدىن پەسكەش ! ...-دېدى . يەنە نېمىلەرنى دېدى ئۇ يىراقلاپ كېتىۋاتقاچقا ھىچكىم ئاڭلىيالمىدى. قادىر چوڭچى يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك لاسسىدە بوشىشىپ ، ھەيۋىسى سۇنۇپ ، بۇ يەردىن كېتىشكە مەجبۇر بولدى. كۆڭلىدىكى قارىلىق تېشىغا تېپىپ چىقىپ ، چىشلىرىنى غۇچىرلىتىپ ، لەۋلىرىنى چىشلەپ، مۇشتۇمىللىرىنى تۈگدى. « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » مەھەللىنىڭ يۇقۇرىسىغا قاراپ كېتىۋاتماقتا. بۇ يەردىكى نۇرغۇن-نۇرغۇن ئادەملەر ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ،  كۆزلىرى بارغانچە نۇرسىزلىنىپ كەتكەن  ، چىرايلىرىنى كۆڭۈلىنى ئېلىشتۇرىدىغان يارىلار بېسىۋالغان قىياپەتتە پەيدا بولۇشقا باشلىدى.ئۇ ئەتراپىدىكى ياخشى نىيەتلىك ، ئاق كۆڭۈل ئادەملەرنى بىزار قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ توزۇپ كېتىشىنى  مۇشۇ مەھەللىدە پەيدا بولغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئاللاھتىن تىلەشنى ئۇنتۇپ قالماي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. ئەتراپىدىكى ئادەملەر كۈندىن –كۈنگە مەيۈسلىنىپ ، ئۆزلىكىدىن يىراقلاپ ، ئۇلاردا ئىنساپ كۆتۈرۈلۈپ ، نۇمۇس-ھايا يوقۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك بىر سىزىم ئۇنى تەتۈر قىينايتى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ پات-پات « ماۋۇ ئەمدى نەدىن پەيدا بولدى ؟ »  دېگەن بىزارلىق ئاۋازلىرى يۈرىكىنى ئامبۇردا قىسقاندەك قىسىپ ئارام بەرمەيتى. باشقىلارغا  دېيىلىدىغان گەپنىڭ ئۆزىگە دېيىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئۆكىنەتتى ، ئازابلىناتتى ، قايغۇراتتى . بۇنداق چاغدا قولىغا ساتارنى ئېلىشى بىلەن تەڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۈكىلەتتى.

پۇل-مېلىڭ ، كۈچۈڭنى بۇنچە پەس ئەتمە،

ئۆزۈڭنى چۇڭ تۇتۇپ كۆرەڭلەپ كەتمە،

ئاجىزغا، مىسكىنگە ھەيۋە كۆرسەتمە،

سەندىنمۇ ، مەندىنمۇ قالىدۇ جاھان.

قان ساتساڭ سات مەيلى، ۋىجداننى ساتما،

نەپ ئۈچۈن دوستلارنى دۇشمەنگە چاقما،

مۈشكۈلگە يولۇقساڭ دالىغا قاچما،

سەندىنمۇ ، مەندىنمۇ قالىدۇ جاھان.

كىرمىگىن نەپسىڭ ھەم پۇلنىڭ كەينىگە،

بەرمىگىن كۆڭلۈڭنى شەيتان مەيلىگە،

دۇرۇس بول ئىش-ئەمگەك ھەمدە سەيلىدە،

سەندىنمۇ ، مەندىنمۇ قالىدۇ جاھان.

رىسقىڭنى ھالالدىن يىگىن ، بولغىما،

قەلبىڭنى پاك تۇتقىن نەپكە زورلىما،

ياردەم قىل مىسكىنگە كەلسە قوغلىما،

سەندىنمۇ ، مەندىنمۇ قالىدۇ جاھان.

كېتىمىز دۇنيادىن كېتىمىز ھامان،

سەندىنمۇ ، مەندىنمۇ قالىدۇ جاھان.

لېكىن بۇ يەردە ئۇنىڭ ناخشىسىنى  كۆڭۈل بېرىپ تىڭشايدىغان ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدىغان غېنى مۇئەللىم ، ياسىن ئاتۇش ھەم ساۋۇت زىيالىدىن باشقا يەنە قانچىلىك ئادەم چىقىدۇ ، بۇنى ھەممىنى بىلىپ ھەم كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ لەنەتلىك دۇنيادا قورسىقىڭنىڭ تويغىنىنى تۇتۇپ بېقىپ بىلىپ ، چارىپايلاردەك ياشاۋاتقانلار كۇرمىڭ ، ئۇلاردىن مېھىرنىڭ يۇقى-يۈندىسىنىمۇ تاپقىنى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىتىقادنىڭ گۈلخانلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆچۈپ كۈللىرى كۆككە سورۇلۇپ كەتكەن.

« ھەر قانداق بىر ئىشتا قانەئەت ھاسىل قىلالمىغانلار ھەر ئىككىل ئالەمدە خار-زەبۇن بولىدۇ.

باشقىلاردىن كۆڭۈل سوراش تولىمۇ رەسۋالىق.

بۇ دۇنيادا ئادەمنى ھەممىدىن بەك قىينايدىغىنى ئامانەتكە خىيانەت قىلىش ؛ ئەڭ چوڭ رەسۋالىق  باشقىلارغا قارا ساناش ، يېقىنلىرىنى ھۆل قىشقا دەسسىتىش .

ساتقىنلارغا باش-پاناھ بولۇش.

يالغان كۈلگەندىن ، ئۈنىنى قويىۋېتىپ يىغلىغان ياخشى.

نەپسىنى تىزگىللىيەلمىگەن ئادەم ھەيۋاندىنمۇ بەتتەر .

تۈرلۈك ھەيۋانلار ھەيۋاندەك تۈرۈلۈپ ، ھەيۋاندەك ياشاپ ، ھەيۋاندەك ئۆلەلەيدىكەن لېكىن ئادەملەرنىڭ ئادەمدەك تۇغۇلۇپ ، ئادەمدەك ياشاپ ، ئادەمدەك ئۆلمىكى تولىمۇ مۈشكۈلكەن .

ئارزۇلىرى ، ئارمانلىرى چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلەر ، ئادىمىيلىكنى ئۇنۇتۇپ پەسكەشلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ.

ئۆزىدە نېمىنىڭ كەملىكىنى ، ئۆزىنىڭ نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى خىرە-شىرە بولسىمۇ بايقىيالمىغانلار زېمىنغا ئوشۇقتىن –ئوشۇق يۈك .

ساقال-بۇرۇت ئەرلەرنىڭ جەسسۇرلىقىنى ئاشۇرغاندەك، ئۇزۇن قارا چاچمۇ ئايال زاتىنىڭ ھۆسىنىگە ھۆسۈن قېتىپ  ئۇلارغا تارتىش كۈچى ئاتا قىلىدۇ.

ئۆزىدە نېمىنىڭ كەملىكىنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ كۆڭلى مەڭگۈ ئاچ بولىدۇ.»

مەكتەپتىن ئۆيىگە كېتىۋاتقان غېنى مۇئەللىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى. يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىماسلىققا تىرىشتى. بىر-بىرىدىن توقۇناق خىياللار ئۇنىڭغا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلگۈچىلىك ئارام بەرمىدى. ئىشخانىسىدىكى، ئۇدۇلىدا ئولتۇرىدىغان سەللە ئېڭىشسە ئاپپاق  كۆكسىنىڭ يېرىمى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ قالىدىغان ، كىمنى كۆرسىلا قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ گەپ تاشلايدىغان ھېلىقى خانىم ، ئۇنىڭ ئاپپاق پاقالچەكلىرى كۆز ئالدىدا پات-پات پەيدا بولۇپ قالاتتى. بۇنداق چاغدا غېنى مۇئەللىم ئەتراپىنى « رەڭگارەڭ تۇيغۇلار ، رەڭگارەڭ ھەۋەسلەر ، رەڭگارەڭ ئىشتىياقلار ، رەڭگارەڭ سۈيۈش-سۈيۈلۈشلەر ، رەگارەڭ سېغىنىشلار ، رەگارەڭ ئازابلار،  رەڭگارەڭ يۈرەكلەر ...» قاپلاپ كىتىۋاتقاندەك ، ئادەملەر ئۆزىگە لازىم ئەمەس چاكىنا ، كېرەكسىز ، مەينەت نەرسىلەرنىڭ دۆۋىسى ئاستىدا جان تالىشىۋاتقاندەك بىر خىل ئازابلىق تۇيغۇ ئىچىدە ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىناتتى.

بۇ دۇنيا ئالىجاناپلار ھەم پەسلەر بىلەن توشقان بولىدۇ . ھاياتلىق بولغانكەن تەر تۆكۈشلەر ، قان تۆكۈشلەر ھامان  ھەر جايدا بولۇپ تۇرىدۇ. پاكىز روھنىڭ شاپائىتىدىن ئادىملەرگە بەرىكەت ، خوشاللىق ، ئۆملۈك ، مېھرىبانلىق ياغىدۇ. روھىنى كىر باسىپ چىرىگەن ، قەلبىنى مەينەتچىلىك  قاپلىغانلار،  بىر-بىرىنى ئازابلىمىسا ، بىر-بىرىنى  قىينىمىسا كۈنى كۈن ، يىگىنى يىگەن ، ئىچىكىنى ئىچكەن كىيگىنى كىيگەن بولمايدىغاندەك ، كۆڭلىگە تىكەن ئۈندۈرۈپ ، بىر-بىرىنىڭ پۇتىنى قانىتىشىپ ، بىر-بىرىنىڭ ئېغىز-بۇرنىنى قان قىلىشىپ ، بىر-بىرىنىڭ باش-كۆزلىرىنى يېرىشىپ ،  بىر-بىرىنىڭ پۇت-قوللىرىنى سۇندۇرۇشۇپ ، بىر-بىرىنىڭ ئازابلىرى ئۈچۈن كۈلىشىپ ياشىشىدۇ.

قۇرغاقلىشىپ كەتكەن كۆڭۈللەر كۆپەيگەن يەردە ،  ئاچكۆزلۈك ، كىبىرلىك ، مەنمەنچىلىك ئەدىگەن ئەلدە ،  پىتنە-پاسات ، جەڭگى-جىدەل كۆپ بولىدۇ، چىرايى نۇرلۇق ئادەملەرنى ئۇچراتماق تولىمۇ تەس. ھەممىلا ئادەمنىڭ چىرايىدىن مۇز تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ ، كۆزلىرىدىن بىر شۇملۇق. ئادەمنى خوشال قىلىدىغانلاردىن ، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغانلار كۆپ بولىدۇ.

ھەر بىر-بىر ئادەمنىڭ تاللىغان يولى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇڭا ئۆز-ئارا ھەسەت قىلىشىپ ، بىر-بىرىگە ئورا كولىشىپ ، ئۆچمەنلىشىپ ، دۈشمەنلىشىپ يۈرەكلەرنى دەردكە تولدۇرۇشۇپ ياشاشنىڭ ھاجىتى يوق .

-يول قويۇشۇپ ياشىساقلا بولمامدۇ ، نۇرغۇن تۈگنلەر يېشىلىپ ، تەتۈر ئىشلار ئوڭشىلىپ كەتمەمدۇ دەيمەن.

- ھەممىسى سەندىن مەن قالامتى دېيىشىپ ياشىغاننىڭ كاساپىتى.

-ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ھەم ئەڭ يىراق ئارلىقنى ھىس قىلالمىغان ئادەم مەڭگۈ غەپلەت ئىچىدە ياشايدۇ.

- ئادەم دېگەن دەردكە دەرد بىلەن قارىشى تۇرۇپلا ھاياتىنى قىمممەت تاپقۇزۇپ ياشايدىكەن.

- شەخسى ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغاندا ، ئادەم ئاندىن ھەقىقى بەختنىڭ نېمىلىكىنى ھىس قىلىدۇ.

- سەگەك ھۇشيا تۇرمىسا پۇرسەت كېتىدۇ. پۇرسەت كەتتى دېگەنلىك ھالاكەت يېقىنلاشتى دېگەنلىك .

- ھەي ، باھارنىڭ سەلكىنىدەك يۈرەكلەرنى ئەركىلىتىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.

- جاپا ئىچىدىن خوشاللىق ئىزدەشنى بىمىگەنلەر بىر ئۆمۈر قايغۇ-ھەسرەت، ئەلەم ، نادامەت  ئىچىدە ياشايدۇ .

ئادەملەرنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ، غەيرەت-جاسارىتى ، كۈچ-قۇدرىتى ، يۈسەك غايىسى ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى مۇستەھكەم تىرىكى.

-چاكىنا ، تايىنسىز ھەۋەس ، ئارمانلىرى بارلار باشقىلارنىڭ كۈلكىسىنى ئۆزى ئۈچۈن  ئازاب دەپ بىلىپ ، ئۇلارنىڭ قايغۇرىشى ، ئازابلىنىشى ئۈچۈن  ئورا كولايدۇ.

-تاماق يەپ دۇئا قىلماي قوپۇپ كېتىدىغان ئۆيدە بەرىكەت بولمايدۇ .

-ھەققانىيەتنى قوغدايدىغانلار پۇتلاشقا ئەڭ يېقىن بولىدۇ . لېكىن ياۋۇز كۈچلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرىدۇ.

- مەينەتچىلىك باسقان ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ .

- ياخشى كۆڭۈل بىلەن غەيۋەت ئارلىشىپ كەتكەندە ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش تولىمۇ قىيىن .

- ئەقىللىق ئادەم ھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ.

-ھەممىنى ئوخشاشلا بىردەك نەپكە ئىرىشتۈرىمەن دېيىش تولىمۇ دەپ-دەپىلىك قۇرۇق شۇئار .

- ئادەملەرنىڭ ئەقلى ، ئويلىغانلىرى ، ئازابلىرى ، كۈلكىللىرى ، خوشاللىقلىرى ، ئارمانلىرى ، ئۈمىدلىرى ...زادىلا ئوخشاش بولمايدۇ .

- ئادەم ئۆتمۈشتىن ئۈمىد كۈتمەي ، كەلگۈسىگە قاراپ ياشىسا كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.

يېرىم كېچە ،ئايدىڭ . تولۇنئاي ئەتراپتىكى ھەر بىر نەرسىگە نۇرىنى ئايىماي چاچماقتا. يۇلتۇزلار ھەيران بولغىنىچە كۆزلىرى چىمچىقلىتىشماقتا. بارچە ھاياتلىق كېچىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەكتە.

بۇ مەھەللىدىكىلەر مولۇن كۆز دەپ ئاتىۋالغان ئەمەت شالدام يوغان بىر تۇپ يۇلغۇننىڭ دالدىسىغا ئۆتۈپ ، قوغۇنلىقتىكى ساتمىدا  قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقان غېنى مۇئەللىم بىلەن ياسىن ئاتۇشنىڭ گەپلىرىنى تىڭشىماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرى خوشاللىقتىن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك پاقىراپ كەتكەنتى. لېكىن ئۆزىگە پايدىلىق بىرەر ئېغىزمۇ گەپ ئاڭلىيالماي بەكمۇ بىئارام بولدى. بىر شەپىنى سىزىپ قالغان ياسىن ئاتۇش ئۈنىنى يۇقىرى چىقىرىپ سۆزلەشكە باشلىدى.

-بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە ماراقچىلار كۆپۈيىپ كەتتى.-دېدى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەمەت مولۇن كۆز بىرسى يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك ، تۇتۇۋېلىپ ھارغىچە دۇمبالاپ ، بۇ دۇنياغا تۇغۇلغىنىغا تويغۇزىۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ، چۇچۇپ كەتتى. بۇيەردىن قېچىپ كىتىشكە ياكى بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشكە پېتىنالماي قىينىلىشقا باشلىدى. كالپۈكلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ چىققان شالدام ياقىسىغا چۈشۈپ ، ئاستا-ئاستا سىڭى كەتتى، ئەمما ياقىسىدا تۈگمە چوڭلىقىدا بىر ھۆل جاي پەيدا بولدى، بارا-بارا  بۇنداق جاي كۆپۈيىشكە باشلىدى.

- ماراقچىلارنىڭ ۋۇجۇدى بىلەن قەلبى بىر-بىرىدىن ئاجراپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئانىسى بىلەن دادىسىنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى يوشۇرۇن كۈزىتىپ ، گەپ- سۆزلىرىنى تىڭشايدۇ .

-شۇنداقلارنىڭ كاساپىتىدىن ئۆزىمىزگە-ئۆزىمىز ئىگە بولالماي ، خار بولىۋاتىمىز.

-گۇمانخورلار باشقىلارغا گۇمانلىق كۆزى بىلەن قارايدۇ.

- ئالىجاناپلاردىن رەزىللەر كۆپۈيىپ كەتتى.

-ئۇلار دۇنيانىڭ شىرىنلىكىنى بىلمەيدۇ.

- ئاشۇنداقلارنىڭ كاساپىتىدىن بىر جانغا مىڭ غەمنى تارتىپ ياشاۋاتىمىز بۇ تۆت كۈنلۈك دۇنيادا.

-ئۇلار ھاياتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. باشقىلارنى دېشۋارچىلىققا قويۇپ ، ئۆزى بىر چەتتە تۇرۇپ قەستەن ئويۇن كۆرىدۇ.

-ماراقچىلارنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ.- ياسىن ئاتۇش شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ، پاكىز يىيىلىپ بولغان شاپاقلارنى رەتلەپ قولىغا ئېلىپ ، يىنىك قەدەملەر بىلەن ئېتىزنىڭ پەس تەرىپىدىكى ، بايام شەپە كەلگەن يۇلغۇنغا يېقىنلىشىپ ، قولىدىكى شاپاقنى ئاتتى. شاپاقلار ئەمەت مۇلۇننىڭ يۈزىگە پاققىدە تەگدى. بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن ئۇ ئارقىسىغا ئوڭدا قىسقا يىقىلىپ چۈشتى-دە ، بىر ھازا تىپىرلىغاندىن كېيىن ئۆمىلەپ دېگەندەك ئورنىدىن تۇرۇپ بار كۈچى بىلەن قاچتى.

- ئاۋۇ قاچقان كېمنىڭ ئىشىكىدۇر؟-دېدى ئۇزاقتىن بۇيان بىر  راھەت تۇيغۇ ئىزدەپ يۈرگەن غېنى مۇئەللىم .

-ئۇ كۆزۈمگە ئىشەك ئەمەس ئىككى پۇتلاپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئىتتەك كۆزۈنىپ كەتتىيا –دېدى ياسىن ئاتۇش ئېغىر ئۇھ تارتقىنىچە. قورقۇنچتىن يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغاندەك بولۇپ كەتكەن ئەمەت مۇلۇن كۆز يولۋاستىن قورقۇپ كەتكەن تۈلكىدەك ھەسىرەپ-ھۆمىدەپ شورنى شور دېمەي يۈگۈرگىنىچە ، شالداملىرىنى ئېقىتىپ ، ئېسىنى يوقاتقان ئادەمدەك خۇدىنى بىلمەي يۈگۈرگىنىچە  چەكسىز بىر قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىگە كېرىپ كەتمەكتە، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇق بارغانچە كېڭەيمەكتە ئىدى ...

بىردىنلا كېچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ ، مەھەللىنىڭ يۇقىرىسى تەرەپتىن ساتارنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ئاڭلاندى، ئارقىدىنلا « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » نىڭ ئارمانلىق ئاۋازى ساتارنىڭ ھەسرەتلىك كۈيى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.

باغرىڭنى ئاچ ئىتتىرمە ھەرگىز،
بورانلاردا ئۆچمەس ئىزىمىز،
بىر دەرەخنىڭ مىۋىللىرى بىز،
ئەمدى بىزنى كۆرۈپ قوي دۇنيا.

بەزىدە تۆر ، بەزىدە بۇلۇڭ،
پەگا باردۇر ئىتتىرسە كۇلۈڭ،
تاسقاپ-ئىلغاپ چوڭ قىلدى يۇلۇڭ،
ئەمدى بىزنى كۆرۈپ قوي دۇنيا.

نەپرىتىمىز، سۆيگۈمىز ئېنىق،
سۇ لېيىتىپ تۇتمايمىز بىلىق،
بىز ئەزەلدىن ئۆم-ئىناق خەلق،
ئەمدى بىزنى كۆرۈپ قوي دۇنيا.

ئەۋلادى بىز سۇلتان سۇتۇقنىڭ،
ۋارىسلىرى مەھمۇد ، يۈسۈفنىڭ،
ئىگىللىرى غەلبە ، ئۇتۇقنىڭ ،
ئەمدى بىزنى كۆرۈپ قوي دۇنيا.

دۇتتارنىڭ ھەم « بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا »نىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالدى.

قۇرغاقلىشىپ كەتكەن كۆڭۈللەر كۆپەيگەن يەردە ،  ئاچكۆزلۈك ، كىبىرلىك ، مەنمەنچىلىك ئەدىگەن ئەلدە ،  پىتنە-پاسات ، جەڭگى-جىدەل كۆپ بولىدۇ، چىرايى نۇرلۇق ئادەملەرنى ئۇچراتماق تولىمۇ تەس. ياخشىلارنىڭ كۈن ئالمىقى بەسى مۈشكۈل. ھەممىلا ئادەمنىڭ چىرايىدىن مۇز تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ ، كۆزلىرىدىن بىر شۇملۇق. ئادەمنى خوشال قىلىدىغانلاردىن ، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغانلار كۆپ بولىدۇ. 、


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-18 10:35 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
پەرۋەر + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102693
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 04:05:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يىزىپسىز   ،   ھايات   مۇشۇنداق  ئەگرى توقاي   بولغاچقا   گۈزەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 04:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى كۆپ ئەجىر قىپسىز ،ئارلىقتىكى شىئىرلارمۇ بەك ماس كەپتۇ،،،

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 11:28:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا » ناملىق بىر كىتاپنى ئىزدەۋاتاتتىم مەن . ھەجەپ ئوخشىدا بۇ گەپ.

-بىر مو كېۋەزگە 680 يۈئەن  تولۇقلىما بېرىدىكەن.

- ياق ، 380 يۈئەن بىرىدىكەن.

- خېلى بىر ھوقۇقداردىن ئاڭلىدىم 160 يۈئەن بېرىدىكەن.

- ئەڭ ئىشەنچىلىك خەۋەر ، بىر كىلوگىرام چىگىتلىك پاختىغا 6 موچەن بېرىدىكەن.

- نېمە تالىشىمىز بەرسە بېرە ....

- شۇنداق
..........
    بۇ سۆزلەر ھازىرقى ئىشلارغا بەك ماس كەپتۇ.
ئەسەر بەك ياخشى چىقىپتۇ.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107097
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 482
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 01:32:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلاپ باقسام مىسرانىمدا مۇشۇنداق تىمىدىن ھازىر ئىككىسى بولدىغۇ دەيمەن تىخى قايسى بىر يازغۇچى يازغان مۇشۇ ئىسىمدىكى كىتاپمۇ بار  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1628
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 909 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 01:13:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇ شېئىر ياكى نەسىرگە بەكرەك خاستەك كۆرىنىدىكەن،
لېكىن يەنىلا ھېكايىنىڭ مەزمۇنىغا شۇنداق ماس كەپتۇ.

دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110468
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-10-9
ئاخىرقى: 2014-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 11:34:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى  يېزىپسىز.باش پىرسۇناژنىڭ  ھەربىر ناخشا -ھەربىر  جۈملە سۆزى  بەكمۇ  تەسىرلىك بەكمۇ  مدنىلىك ئىكەن.رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 240
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 03:21:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aliFF يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 04:05 PM
ياخشى  يىزىپسىز   ،   ھايات   مۇشۇنداق  ئەگرى توقاي   بولغ ...

بىر كەم دۇنيا

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدىغان زامانلار كىتىپ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن قان-زەرداپ ئىچىدىغان زامانلار كەپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99460
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1096
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 05:16:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ ئۇنتۇپ قالماي مىنمۇ دۇنيا››......

دۇتتارىمدىن چىقىۋاتقان كۈينى، يۇقارقى مىسرا بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇم.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12495
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32513
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4534 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 08:28:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر مەنالار بىلەن يۇغۇرۇلغان ھېكمەتلەر بىلەن يېزىلغان ،تۇرمۇش چىنلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھېكايىڭىزنى شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇدۇم......

ھەر بۆلەك ئاخىرىغا بېرىلگەن ‹‹قۇرغاقلىشىپ كەتكەن كۆڭۈللەر كۆپەيگەن يەردە ،  ئاچكۆزلۈك ، كىبىرلىك ، مەنمەنچىلىك ئەدىگەن ئەلدە ،  پىتنە-پاسات ، جەڭگى-جىدەل كۆپ بولىدۇ، چىرايى نۇرلۇق ئادەملەرنى ئۇچراتماق تولىمۇ تەس. ياخشىلارنىڭ كۈن ئالمىقى بەسى مۈشكۈل. ھەممىلا ئادەمنىڭ چىرايىدىن مۇز تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ ، كۆزلىرىدىن بىر شۇملۇق. ئادەمنى خوشال قىلىدىغانلاردىن ، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغانلار كۆپ بولىدۇ››دېگەن مەزمۇن ھېكايىغا يەنىمۇ جان كىرگۈزۈپتۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش