|
|
|
|
ئابرال خاتىرلىرى-ئىلىخوغا سەپەر 1- قەشقەر-ئۈرۈمچى -يېلىنجىغان ئارمانلار ئىلىخو - غۇلجا توغرىسىدىكى خىياللىرىمنىڭ قاچان باشلانغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكىم باشلانغۇچ مەكتەپتەسادىر پالۋاننىڭ قوشاقلىرىنى يادلاپ يۈرگەن كۈنلەردە باشلانغان بولسا كېرەك؟ ئۇ چاغدا سادىر پالۋاندەكبولۇشنى ئارمان قىلغان ئىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، باشلانغۇچنىڭ 3-سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا خالىدە ئىسىملىك چىرايلىق بىر ئوقۇتقۇچۇم بولىدىغان، شۇ ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە ئەدەبىيات دەرسكە كىرەتتى.شۇ چاغدا ئەدەبىيات دەرسلىگمىزدە ئەخمەتچان قاسىمىنىڭ ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان بىر دەرس بار بولۇپ ئۇ دەرسنىڭ ماۋزوسى «ھارۋىكەشكە ياردەم» ئىدى. سىنىپتىكى 29 ئوقۇغۇچىدىن ئەخمەتجان قاسىمى كىم دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىدىغان بىرمۇ ئوقۇغۇچى چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ دەرسلىك كىتابتىكى سۈرىتىنى دوسكىغا چاپلاپ قويۇپ: مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر كىشىنى بىلمىگەندىكىن مانا تويىشە دەپ ھەممىزنى ھارغىچە ئۇرپ ۋە شۇ رەسمىگە قاراپ تەزىيە بىلدۈرۈشكە تۇرغۇزۇپ قويغان ئىدى. بىز ھەممىمىز تەر پۇراپ كەتكەن قۇلاقچىمىزنى قولىمىزغا ئېلىپ، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ دوسكىغا كىتاب بىلەن چاپلانغان سۈرەتكە قاراپ يېرىم سائەت تۇرغان ئىدۇق. سەل كەپسىزلىگم سەۋەبلىك تاياقنى ھەممىدىن كۆپ يىگەنلىكىم سەۋەبىدىنمىكىن :خەپ چوڭ بولسام ئەخمەتجان قاسىمىدەك بىر ئادەم بولمايدىغان بولسام دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم. گۈدەكلىكىمدىكى بۇ خىيالىمنى ھېلىمۇ ئۇنۇتمايمەن. قىززىق يېرى مەن ئۇ چاغدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى، قانداق ئادەم، نېمە ئىش قىلغان دېگەن نەرسىلەرنى بىلمىسەممۇ ئەمما ئوقۇتقۇچۇمنىڭ قەھىرلىك چىرايىدىن بۇ كىشىنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىكەنمەن. گۈدەكلىكىمدە بۇ كىشىنى دورايمەن دەپ قەلەم ياسايدىغان پىچاق قولۇمنى كېسىۋەتسىمۇ يىغلىماي يۈرگەن ۋاقىتلىرىم بولغان. شۇ ۋاقىتتا قولۇمدىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك ئالدىمدا ئولتۇرىدىغان قىز ساۋاقدىشىم خانىمنى چاقىرىپ كىرگەن ئىكەن. كىيىن بىلسەم ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ بىزگە ئوقۇتقۇچى بولغان ئەدەبىيات خانىمىز بىزگە ئەخمەتجان قاسىمى توغرۇلۇق ھېچنەرسە دېمىگەن ئىكەن. پەقەت بىزگە غەلىتە بىر شەكىلدە شۇ كىشىگە تەزىيە بىلدۈرگۈزگەن ئىكەن. بەلكىم ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئەخمەت ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتى شۇنچە چوڭقۇردۇر ياكى باشقا بىر ئىش كەيپىنى بۇزغان بولسا بىزنى ئۇرغاندۇر. ئۇ ۋاقىتتا كىتاپتا ئەخمەت ئەپەندىنىڭ يۇرتىنى نىلقا ناھىيسىدە دەپ ئاڭلىغان ئىدىم...بالىلىقىمدىكى تالاي ئىشلار ئىچىدە نىمىشقىكىن مۇشۇ قېتىمقى «تەزىيە مۇراسسىم»نى خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنتىيالمىغان ئىدىم. كېيىن ياشقا چوڭ بولغانسىرى ئەخمەتجان قاسىمىدەك بولىمەن دېگەن خىياللىرىممۇ نەلەرگىدۇر غايىپ بوپتۇ. ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى دېگەن بىر ئىسىم ئىسىمدە ساقلىنىپ قاپتۇ. بىر چاغلاردا «ئەخمەتجان قاسىمى» دېگەن بىر ناخشا پەيدا بولغان ئىدى. بۇ ناخشىنىڭ قاچان، كىم تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە ئېيتىلغانلىقىنى ئېنىق بىلمىسەممۇ :ئەخمەتجان قاسىمى ئەلنىڭ پەرزەنتى،.....ئىشقىدا ئىلى دېگەندەك مىسرالىرى غۇۋا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. شۇ ناخشا ئەخمەتجان قاسىمىنى يەنە بىر نۆۋەت ئېسىمگە سالغان ئىدى. كېيىن ئۇ ناخشا ئۇنتۇلغاندىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىممۇ خىيالىمدىن ئاستا-ئاستا ئۆچكەن ئىدى. بىزگە كۈندە قىلمىسا بولمايدىغان ئەمەللەر، ئىشلار يۈكلەنگەن. چۈنكى ئىنسان ئىنسانغا خاس ئاجىزلىقى بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. گەرچە تىببىي ئىلىم ئىنسان مىڭىسىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ تۇرمۇشنىڭ قاتلاڭلىرىدا ھەممىنى ئېسىدە ساقلاش مۈشكۈل بىر ئىش. شۇڭا ئىنسانغا مۇھىم بولغان نەرسلەر چوقۇم ھەر كۈنى يادلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك غەشلىكلەر بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ شۆھرىتنى بىمەھەل سۇسلاشتۇرۇپ، شۇ نەرسىلەرگە بولغان سۆيگۈمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇشى مۇمكىن...(بىر كۈنى شۇ ناخشنىڭ ئاھاڭىغا غىڭشىۋىدىم ئاپام رەھمەتلىك: داداڭنىڭ ئىسمىنى نېمىشقا ئەخمەتجان قويغىنىنى بىلەمسەن دەپ سوراپ قالدى. مېنىڭ بىلمەيدىغىنىم ئاپامغا ئېنىق. ئەمما ئاپامنىڭ ماڭا ئېيتقۇسى كەلدى بولغاي) ئاپامنىڭ دېيىشىچە، چوڭ ئاپام رەھمەتلىك ئەخمەتجان قاسىمى كۈيلەنگەن شۇ ناخشىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىكەن ۋە ئەخمەتجان دېگەن بۇ ئىسىم ئانامغا تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن. شۇڭا دادم تۇغۇلغاندا «ئەخمەتجان»دېگەن ئىسىمنى دادامغا قويغان ئىكەن. تولىمۇ ئەپسۇس، دادام ئىنسانغا خاس ئەقىدىسى بىلەن ياشاۋاتقان بولسىمۇ «ئەخمەتجان»دەك بولالمىدى. بەلكىم ئانام رەھمىتى شۇ ناخشىدىن ئىلھام ئېلىپ دادمغا شۇ ئىسىمنى قويغاندا دادامدىن تالاي ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن بولغىيدى. بىراق بەختى قارا دادام يوقسۇزلۇق ۋە يىتىملىك ئىچىدە، زاماننىڭ زۇلۇمى ۋە تىركچىلىك قۇرساقتىن باشقىنى ئويلاشقا ھالى يوق ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويغان بىر دەۋردە چوڭ بولغاچقىمىكىن ئۆزى دېمەتلىك تالاي كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئىسمىدىن باشقا بىرەر خەت تونۇماي بىزنى قاتارغا قوشتى...كىينكى كۈنلەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى يادلاشقا چۈشتۇق. بۇنىڭدا مېنىڭ بەكرەك ئىسىمدە قالغىنى يەنىلا لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ يۇرتى ئىدى. سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى يادلىغاندىن تارتىپ ئەخمەتجان قاسىمىغا تەزىيە بىلدۈرگەن، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېرلىرنى بىرىلىپ ئوقۇپ، زونۇن قادىرىنىڭ ھېكايلىرىدىن زوقلانغان، «ئانا يۇرت» رومانىنى ئوقۇپ تەسىرلەنگەنگە قەدەر خىيالىم ھامان غۇلجا تامان بەرق ئۇراتتى. بولۇپمۇ «ئانا يۇرت» روماننى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلرىم غۇلجا توغرىسىدىكى خىياللىرىم ئەۋجىگە چىققان يىللار بولسا كېرەك. موللا بىلال، زونۇن قادىرى، زوردۇن سابىر، لۇتپۇلادەك قەلەمدارلارنى، ئەلاخان پالۋان، ئابدۇرۇسۇل شاغىبەك، سادىر پالۋان، غېنى باتۇردەك ئەلەمدارلارنى يىتىشتۈرۈپ چوڭ قىلغان شۇ يۇرت، شۇ تۇپراققا بولغان ھۆرمىتىم ھەرقاچان مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. شۇندىن بىرى غۇلجا گويا قەلبىمدىكى باشئەگىم گۈزىلى ئىدى... يۇرداشلىرىمنىڭ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئايىغى شۇ مۇبارەك زىمىنغا ئالدى ئۈچ قېتىم، كەينى بىر قېتىم تەگكەن ۋاقتلاردا مەن تېخى شۇ ئىنتىلىش، شۇ ئارزۇلىرىمنى قىيامىغا يەتكۈزۈپ ئاشۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ ئاچچىق بىر ئىزتىراپتا تولغۇناتتىم...شۇ تۇپراققا بولغان تەشنالىق ۋە قەلبىمدە توختىماي كۆيەتتى. بىر ئىنسانغا نىسپەتەن مەنىۋى قىممىتى بولغان بىر يەرگە ئىنتىلىشنىڭ تەئەججۈپلەنگۈدەك يېرى يوق. چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن گۈزەل تەسەۋۋۇرلىرىمىز شۇ جايلاردىكى مەنىۋى قىممەت بىلەن بىرلەشكەن چاغدا كىشىدە ئاشۇنداق ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى پەيدا بولىدۇ. مەككە مۇكەررمگە بېرىشقا كۆزى يەتمىگەن بوۋام: قەشقەرگە بېرىپ ھېيتگاھ جامەسىدە بىر قېتىم جۈمە نامىزنى ئوقۇۋېلىپ ئۈلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى دەپ پىغان چېكىدىغان. شۈكرىكىم، ياراتقۇچى بوۋامغا شۇ پۇرسەتنى بەردى. ئەسلى بوۋام ئۈچۈن يۇرتتا ئوقۇغان جۈمە نامىزى بىلەن قەشقەر ھېيتگاھدا ئوقۇغان نامازنىڭ ھىچبىر پەرقى يوق. بىراق 93 ياشلىق بوۋام ھاياتىدا قەشقەرنىڭ مەنىۋى قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن بۈيۈك كىشى ئىدى. غۇلجا ماڭا نىسپەتەن ئەنە شۇنداق مۇقەددەس زىمىن. بۇ زېمىننى مۇقەددەسلىككە ئىگە قىلغان نەرسە غۇلجىنىڭ گۈزەل يايلاقلىرى ، ئۇنڭ شوخ دەرياسى ۋە ياكى بۈك قارىغايلىق چوققىلىرى بىلەن شۇ زىمىندا تاۋلىنىپ چىققان ئەزىمەتلەرنىڭ ئوتلۇق يۈرىكى ۋە روھى ئىدى. مېنىڭ غۇلجا ھەققىدىكى تەسىراتلىرىم غۇلجا خەلقى بىلەن سىردىشىپ ئەمەس قەلەم ئەھلىلىرنىڭ قەلەملىرى ئاستىدىكى بىغۇبار كىشىلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بىلەن بېزەلگەن. بۇ بېزەكلەرنىڭ ھەربىر ھالقىسدا مەن ئېچىنغان «باقى»، ھېسداشلىق قىلغان «باھارخان» زوقلانغان «مەتنىياز» ھەۋەس قىلغان «مۇختەر باي» ، قايىل بولغان «غېنى باتۇر»، جاپاكەش «زىياۋدۇن» چەيلەنگەن «سەبىخە» رەسسام بولۇپ سىزشنى ئارزۇ قىلغان غۇلجا گۈزىلى «زەيتۇنە»لەرنىڭ زونۇن قادىرى ۋە زوردۇن سابىر قەلىمى ئاستىدىكى قىسمەتلىرى جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ بېزەكلەر مېنىڭ مېڭەمگە ئەمس يۈرۈكىمگە تاقالغان...تالاي كىشىلەرنىڭ غۇلجا ھەققىدىكى تەسراتلىرىنىڭ تاغدىكى گىياھتىن، ئۇپۇققا بوي تارتقان بەھەيۋەت تاغ چوققىسىدىكى قارغايلاردىن، قازاق مالچىلارنىڭ ئۇچقۇر ئاتلرىدىن ئاشمىغانلىقىنى ئىشىتكىنىمدە ئەپسۇسلاندىم. ئەجەپلەنگۈلۈك ئەمەس. غۇلجىنىڭ باشقا يۇرتلارغا ئوخشىمايدىغان گۈزەللىكىنى كۆرۈشكە كۆز ئاجىزلىق قىلىدۇ. خۇددى رۇمى: كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل.دەپ ئېيتقاندەك... غۇلجىنىڭ مەنىۋى گۈزەللىكى مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى تەڭداشسىز قىممىتىدە ئۆز گۈزەللىكىنى يايىدۇ. بۇ گۈزەللىك يىللارنىڭ ئۇپقۇنلىرىدا ئۆزگەرمەيدىغان گۈزەللىك. بۇ گۈزەللىك تالاي يىللار ئۆتسىمۇ تۇنجى مۇھاببەت ئۆركىشىدەك دلقۇلاپ تۇرىدىغان ساپ ھېسسىياتتىن پۈتكەن گۈزەللىك. بۇ گۈزەللىك مەن غايىبانە ئاشنا بولغان يۇرتقا بولغان ھۆرمەتنىڭ بەرق ئۇرغاندىكى چېچەكلىرىدىن پۈتكەن گۈزەللىك. بۇ گۈزەللىك ئىچىدە نۇزۇگۇمدەك گۈزەللەرنىڭ، گۈلەمخاندەك غەزەلخانلارنىڭ، رىزۋانگۈلدەك ساداقەت قۇربانلىرىنىڭ گۈزەل،گۈزەل، تولىمۇ گۈزەل ھېكايەتلىرى بار. بۇ گۈزەللىك نىمىشقىكىن نۇزۇگۇمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پاكلق ۋە ھايا، رىزۋانگۈلنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قەيسەرلىك، گۈلەمخاننىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساداقەت بىلەن بىرلىشىپ ئىپپەتسىز ئىنساننىڭ قىممىتىنىڭ پۇچەك تەڭگىلەردەك قىممەتسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ دە، بۇ گۈزەللىك ساھىبلىرىغا ھەم بۇلارنىڭ قىسمەتداشلىرىدىن بولغان مايسىخان باشلىق يىگانە گۈزەللەرگە مەمنۇنىيەت بىلەن باش ئېگىمەن. مەن گۈزەللىكنىڭ شەيداسىمەن، شۇ سەۋەبلىك گۈزەللىك ساھىبلىرنىڭ شەجەرىسى ۋە ھاياتى مېنىڭ نەزىرىمىدىكى دىلبەردەك مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ. ئۆز گۈزەللىكنىڭ تەمەنناچىسى بولماي پۈتۈن ئايال زاتىغا گۈزەللىكنىڭ ھەقىيقى شەجەرىسىنى تۈزۈپ بەرگەن بۇ رەنالارغا ھەۋەس قىلىمەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى تاۋار-دۇردۇن ئۈستىدىكى بەخىتتىن ئەلا بىلىپ، ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان گۈزل ئۇيغۇر روخسانىلىرى ئىدى! ئۇلار نومۇستىن ئۈلۈمنى ئەلا بىلىدىغان قەھرىمانلىق ئۈلگىلىرى ھەم ئىدى. مانا مۇشۇنداق رەنالارنىڭ مۇبارەك قەبرىسىنى قۇچۇپ ياتقان يۇرتقا بېرىش مەن ئۈچۈن ھەم بەخىت ئىدى، شۈكرىكىم، نىيەتكە يارىشا بۇ پۇرسەتلەرمۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدى. بۇرادەرلىرىمنىڭ خەيرخاھلىقدا بىسمىلا دەپ يولغا چىقتىم دە-خىيال قۇشلىرىمىنى ئەركىن قۇيۇۋەتتىم...ئۇشبۇ گۈزەللەر دىيارى مەندەك ناتىۋان ئوغىلىنى قانداقراق كۈتۈۋالاركىن؟ ئاچچىق ھەسرىتى بىلەنمۇ ياكى تاتلىق كۈلكىلىرى بىلەنمۇ...
( داۋامى بار) 2 -ئۈرۈمچى-غۇلجا-كارۋان ئۆكسىمەس يوللار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-18 09:17 AM
|
|
|
|
|
|