روسىيە غەرپنىڭ جازالىشىغا راستىنلا قارشى تۇرالامدۇ؟
-سېنتەبىر غەرب رۇسىيەنى تولۇقلاپ جازالاشنى جاكارلىغان كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئاممىغا ئېلان قىلىنمىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئالدىنقى نۆۋەت رۇسىيە قوللانغان ياۋروپا ئامېرىكىدىن قىسمەن يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشتەك قارشى تۇرۇش تەدبىرىدە مۆلچەرلىگەندەك ئۈنۈم قولغا كەلمىدى، قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى تۈزگەندىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا پەيدا قىلىدىغان تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك، ھۆكۈمەت يېڭىدىن قارشى تۇرۇش تەدبىرى چىقىرىشتا ئېھتىياتچان بولىدۇ.
ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا 12-سېنتەبىر رۇسىيەنى تولۇقلاپ جازالاشنى رەسمى قارار قىلغان ۋاقىتتا، جازالاشقا چېتىشلىك كارخانا رۇسىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى بانكىسى ۋە نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە، دۆلەت مۇداپىئە كارخانىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. جازالاشقا چېتىشلىق كارخانا ئامېرىكا، ياۋروپا بانكىلىرى تەمىنلىگەن مۇددىتى 30 كۈندىن ئاشىدىغان قەرىز پۇلغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرىمۇ رۇسىيەنى قىدىرىش، دېڭىز نېفىتىنى ئېچىش، سىلانېتس مىيىنى ئېچىشقا كېرەكلىك ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەشنى چەكلىدى.
غەربنىڭ رۇسىيەنى قۇشۇپ جازالاش خەۋىرى ئېلان قىلىنىشى بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئىقتىساد ياردەمچىسى بىرۇۋۇسوف ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: قارشى تۇرۇش تەدبىرى غەربتىن ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش، كىيىم-كېچەك ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە بەلكىم غەربتىن توڭلاتقۇ ۋە خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى مۇمكىن. زۇڭلى مېدىۋىدىفمۇ غەرب ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئىشلىتىدىغان يىراق شەرق لىنىيەسىنىمۇ چەكلىنىشى مۇمكىن دېگەنىدى.
ئەمما بۈگۈنگىچە بۇ قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئەمەلىيلەشمىدى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: غەربنىڭ رۇسىيەنى جازالاش تەدبىرى ھەقىقەتەن رۇسىيە ئىقتىسادىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادقا يەنىمۇ تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى قارشى تۇرۇش تەدبىرى تۈزۈشتە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولىدۇ.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىۋركوۋىچ يېقىندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قارشى تۇرۇش تەدبىرى تېخى مۇزاكىرە قىلىنمىدى. بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار: ئىقتىسادقا پايدىلىق ئەھۋالدىلا رۇسىيە قارشى تۇرۇش تەدبىرى چىقىرىدۇ، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى يوق، دېدى.
رۇسىيە 8-ئايدىن باشلاپ غەربنىڭ جازاسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيەنى جازالاشنى يولغا قويغان دۆلەتلەردىن يىمەكلىك ئىمپورت قىلىشنى، كالا گۆشى، چوشقا گۆشى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، بېلىق، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قارشى تۇرۇش تەدبىردە كۆزلەنگەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىنمىدى، ئەكىسچە، رۇسىيە مەملىكەت ئىچىدە يېمەكلىك باھاسى ئۆرلەپ كەتتى.
رۇسىيەلىك تەھلىلچى ئارباتوف مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ غەربتىن ئىمپورت قىلىدىغان يىمەكلىكى مەملىكەت ئىچى يېمەكلىك بازىرىنىڭ %20نى ئىگىلەيدۇ. ئەمما بۇ چەكلەش بۇيرۇقى ئامېرىكا، ياۋروپا ئېكىسپورت قىلغان ئۇلۇشنىڭ %1گە چېتىلىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ رۇسىيەگە بولغان تەسىرى ياۋروپا ئامېرىكىنىڭكىگە قارىغاندا روشەن چوڭ، رۇسىيەنىڭ يېمەكلىك بازىرىدا تۇيۇقسىز مۇشۇنداق تەمىنلەش بوشلۇقى كۆرۈلدى، بۇ يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى پەيدا قىلماي قالمايدۇ.
ئارباتوف مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ جازالاشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئالدى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازىسىغا ئوخشاش ئىقتسادى ئۈنۈم بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۆۋەتتىكى كەسكىن ئىقتىسادى ۋەزىيەتتە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىمۇ زەخمىلەندۈرمەيدىغان قارشى تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى ناھايىتى تەس. غەرب ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق لىنىيەسىنى ئىشلىتىشنى چەكلىشى ياۋروپا ئامېرىكا شىركەتلىرىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، بەلكىم ئۇچۇش تەننەرخىنى كۆپىيىشى مۇمكىن، لىكىن رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى تاقىلىپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا غەرب ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ھەر يىلى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئىشلىتىپ، رۇسىيەگە نۇرغۇن ھەق تۆلەيدۇ. بۇ ھەقتىن ئايرىلىپ قىلىش رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى قېيىن ئەھۋالدا قويىدۇ.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئېنىق ھالدا: غەرب جازالىغان كەىسپلەرنى قوغدايمىز، دېدى. مىدۋىدىف يېقىندا مۇنداق دېدى: مۇناسىۋەتلىك كەىسپلەرنى قوغداش- دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى. جازالانغان كەسىپلەر مەيلى دۆلەت ئىلىكىدىكى ياكى پۇقراۋى كارخانىلار بولسۇن، دۆلەت ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق زىيان تارتقان كارخانىلارغا ياردەم بېرىدىكەن. رۇسىيە يەنە ئامېرىكا ياۋروپانى جازالاش توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرىز سۈنىدىكەن.
مەنبە: شەرق ۋاقتى پىروگىراممىسى ۋە شىنجاڭ قانۇنچىلىقى گېزىتىدىن كۆرگەنلىرىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-19 12:49 AM