قىرىنداش
بىرقورساقتىن تۇغۇلدۇق مانا،
بىرئائىلدەچوڭ بولدۇق يانا.
ئويناپ يۈرۈپ ساينادا ساما،
ياتلىشىپتۇق بىزقىرىنداشلار.
قىرىنداشلىق مىھرى كەم بولغاچ،
باشىمىزدا ھەرخىل غەم بولغاچ.
كۆزىمىزدە ھەردەم نەم بولغاچ،
ياتلىشىپتۇق بىز قىرىنداشلار.
قىرىنداشتۇق بىر ۋاقىتلاردا،
ئۆيدە ياغ گۆش نان يوق چاغلاردا.
قىرىنداشتۇق سەبى چاغلاردا،
ياتلىشىپتۇق بىز قىرىنداشلار.
قىرىنداشتىن ئايلاندۇق ياتقا،
قالدۇق ھەم بىز يامان ئاتاققا.
ئىتتىرىشىپ چوڭقۇر پاتقاققا،
ياتلىشىپتۇق بىز قىرىنداشلار.
قىرىنداشتەك ئۆتسەك بولمامدۇ،
دەردىمىزگە يەتسەك بولمامدۇ.
ئاداۋەتنى يۇيساق بولمامدۇ،
ياتلىشىپتۇق بىز قىرىنداشلار.
2014يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى
ئەكرەمجان بۇلاقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-17 06:43 PM