مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2407|ئىنكاس: 27

يېڭى بىر دۇنيا (5) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:09:50 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە «يالغۇزلۇق»دەردىنى كۆپ تارتىپ ،يۈرەك - باغرى  «جۇل - جۇل »زىدە بوپ ،«بىر ئۆمۈر تەنھا ئۆتۈپ كېتىمەن »دەپ قەسەملەرنى خۇددى گازلىق ئىچملىك ئىچكەندەك ئىچىپ يۈرۈيدىغان كىشىلەر كۈرمىڭ. بولۇپمۇ ئەزىزانە دىيارىمىزدا.

گەرچە «نەچچە ئەسىر »لەردىن بۇيان  دىيارىمىزغا «سەرگەردان »ياكى «ساياھەتچى» سالاھىيىتىم بىلەن قايتىپ كېتىۋاتقان بولساممۇ ،بۇ ئەھۋال ماڭا بەش قولدەك ئېنىق.

چۈنكى ھەر يىلى ئۆيگە قايتقىنىمدا ،بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «يالغۇزلۇق»دەردىنى جىق تارتىپ ،بىر ئۆمۈر يالغۇز ياشاشقا قەسەم.ئىچىۋەتكەن بىرتالاي كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بوپ قالىمەن.

لېكىن ھەممىسىنىڭ دەردى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاشلا. يەنى --- ئىشىقى مۇھەببەت.

«ئاداش ،يالغۇزلۇقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن ؟»
«نېمە دەيدىغاندۇ ما ئاداش. ماڭا يالغۇز يۈرۈۋاتقىلى نەكەم .»
«يالغۇز يۈرۈۋاتقىلى ؟ چاقچاق قىلمىيە.»
«ۋاي  ئانىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكىلى نەكەم ماڭا. ئىككىنچى ئىزدىمەسمانا ئۇنداق بىرنېمىنى.»
«...»


«ئاداش ،يالغۇزلۇقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن ؟»
«ئەلۋەتتە »
«ئانداق بولسا بىر دەپ باقە.»
«يالغۇزلۇق دېگەن ----مەن »
«ھە ؟ چاقچاق قىلمىيە»
«ۋاي شۇ مەن شۇ.»
«قانداق دەيسەن ؟»
« پالنىچىنىڭ خېتىنى بېرىۋېتىپ (ئايرىلىپ كېتىپ دېمەكچى) ،ئىككىنچى قىزبالا دەيدىغان نەرسىدىن يىراق تۇرىمەن،دەپ قەسەم ئىچىۋەتكەن مەن. يالغۇز يۈرۈۋاتقىلى مانچە ئاي بولدى مانا.»
«...»

مۇنداق مىساللار كۈرمىڭ . ئەگەر ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ يازىدىغان بولسام قولۇمدىكى مۇنۇ قەلىمىگە نەچچە ئونمىڭ قېتىم سىياھ ئىچكۈزۈشۈم مۈمكىن. شۇڭا ھازىرقى بۇ كەمبەغەلچىلىكتە يەنىلا بولدى قىپ تۇراي.

كۈلگۈم كېلىدۇ. بىز خەقلەر زادى نېمە بوپ كېتىشتۇق ؟ بىزگە زادى شۇدەرىجىدە مۇھەببەت كەمچىلما ؟ ئاغزىمىزدىن «كۆيدۈم »«پىشتىم »«سۆيدۈم »«ئۆلدۈم »دىن باشقىسى نېمىشقا چىقمايدىغاندۇ ؟

توغرا.دۇنيا گۈزەل.مېھىر - مۇھەببەت بولغاچقىلا بۇ دۇنيا شۇ قەدەر گۈزەل. دۇنيانى گۈزەل قىلغان «ئادەم»لەرمۇ ھەم شۇنداق. دۇنيا نەق ئەشۇنداق قەلبىدە مېھىر ئۇچقۇنلىرى چاقنىغان ئادەملەر بىلەن تولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇقەدەر گۈزەل.

ئەمما ھازىرقى چېكىدىن ھالقىغان ياكى مېھىر - مۇھەببەتنى ئەسلا چۈشەنمەيدىغان تۇرۇپلا ئاتالمىش «سۆيگۈ ئىلاھى»غا ئىتائەت قىلىدىغانلار ،دۇنيانىڭ گۈزەل رۇخسارىغا داغ - سەپكۈن چېچۋاتىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ داغ - سەپكۈنلەرنىڭ كۆپىنچىسى كەلگۈسىنىڭ پارلاق ئۈمۈدى بولغان بىز «ياشلار »مىز.

مۇنداق سۆزلەپ كەتسەم ،«بۇ بالىنىڭ كاللىسىدا ئازراق مەسىلە بارمۇ قانداق ؟ يالغۇزلۇقدىن سۆزلەپ بىردىنلا مۇھەببەتكە چۈشۈپ كەتتىغۇ ؟»دەپ ئويلىشىڭز مۈمكىن . مەيلى قانداق ئويلىماڭ ،بۇنىسى ماڭا بەرىبىر.مەن پەقەت نەچچە يىلدىن بېرى چۈشىنەلمەيۋاتقان مەسىلىنى بىر - بىرىگە باغلاپ سۆزلەۋاتىمەن.

نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندىڭىزمۇ ؟

يالغۇزلۇق، ھەرگىزمۇ بىر ئاددىيلا ئۇقۇم ئەمەس. ئەگەر سىز ئەزىزانە دىيارىمىزدا تۇرىۋاتقان بولسىڭىز،ئۇنداقتا بۇنىڭ مەنىسىنى ئاسانلىقچە چۈشەنمەيسىز ،بەلكىم ھەتتا بىر ئۆمۈر چۈشەنمەي ئۆتۈپ كېتىشىڭىزمۇ مۈمكىن. ئەمما سىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ،ياكى چەت ئەللەردە بولسىڭىز،ئانداقتا مەن سىزنىڭ نېمىنىڭ يالغۇزلۇق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىپ يېتىپ بولغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

نېمىشقا دەمسىز ؟

چۈنكى بۇيەردە كۈندە سىزگە كۈندە «كوتۇلدايدىغان »،«ئىشقا بۇيرىيدىغان »،«ئىچىڭىزنى سىقىدىغان » ئاتا - ئانىڭىز يوق. ئاغرىپ قالسىڭىز سىزنى يۈدۈپ بولسىمۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغان ، زېرىكسىڭىز بوزەك قىلىپ ئوينايدىغان ،نېمىلا ئش قىلماڭ ،سىزدىن مەسلىھەتىنى ئايىمايدىغان قېرىنداشلىرىڭىز يوق. بىر چاغلادا سىز بىلەن بىرلىكتە باشقلارنىڭ ئۆرۈكزارلىقىدا غورا ئوغرىلىشپ يېيىشىدىغان ، مەكتەپكە ماڭسىڭز ھەمدەمدە بولىدىغان ،سىنىپتا سىزنى توختىماي تېرىكتۈرىدىغان ،ئۇخلاپ قالسىڭىز مۇئەللىم كەلگەندە سىگنال بېرىدىغان ،تۇغۇلغان كۈنىڭزدە يۈز - كۆزلىرىڭزنى تورتقا بويىۋېتىدغان قەدىناس ئاغىنىلىرىڭىز يوق.
قورسىقىڭىز ئاچسا غودۇراڭشىغىنىڭىزچە كىرىپ ،ئىختىيارى يەيدىغان نەرسە ئېپلا چىقىپ كېتىدىغان ،مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىدىن ئەندىشە قىلىش بىھاجەت بولغان «مۇسۇلمانچە تاللا بازار»لىرى يوق. ھەتتا قورسىقىڭىز ئاچسا كىرىپلا خالىغىنىڭىزنى بۇيرۇتۇپ يەيدىغان ،يەپ بولالمىسىڭىز ئاشۇرۇپلا تاشلاپ قويىدىغان  پالانىچى ،پوكۇنىچىنىڭ ئاشخانىسىمۇ يوق ;
بۇنىڭدىن سىرت ،يىلدا بىر  كېلىدىغان نورۇز ،روزا ھېيت ،قۇربان ھېيتلىرىڭىزمۇ يوق !

شۇڭا ئاشۇنداق ھەممە نەرسىسى يېنىدا تەل تۇرۇپ ،ئەتىگەندىن كەچكىچە بىكارچىلىقتا قىلغىلى ئىش تاپالماي ،كۆيۈپ ،پىشىپ ،ھەتتا ئۆلۈپ يۈرۈپ ،نەلەردىندۇر تاپىدىغان ئۇششاق باھانىلىرى بىلەن قاتتىق سوقۇشۇپ ،مۇھەببەتكە ئەشەددىيلەرچە ئۆچ بوپ كېتىپ «ئەمدى مەن يالغۇز ياشايمەن !»دەپ قەسەملەرنى ئىچىۋەتكەنلەرنى كۆرسەم ،بىر نېمىلەرنى قىلىۋەتكۈم كەپ كېتىدۇ. بەزىدە شۇنداقلارنى روبىنزون كىروس تۇرغان ئاشۇ ئارالدەك بىر ئارالغا ئاپىرىپ بىر نەچچە ئاي تاشلاپ قويسىكەن ،دەپ تىلەپمۇ كېتمەن.

ئويلاپ باقساڭلارچۇ ، يالغۇزلۇق زادى ئاشۇنداق ئاددى ئۇقۇممۇ ؟

توغرا،بۇيەردە ھەممە نەرسە يوقمۇ ئەمەس. سىزنىڭ قىلغان گەپلىرىڭىزنى بىر ئېغىز چۈشەنمەيدىغان ،ئۆرپ - ئادەتتىن ئېغىز ئېچىش مۈمكىنلىكى بولمىغان  بىرتالاي «قوشنا»لىرىڭىز بار،
بىرەر پائالىيەت قىلسا بىرىنجى بوپ شىنجاڭنىڭ ئۇسۇللىرى يادىغا كېلىدىغان ،قورساقلىرى ئاچسا يەنىلا بىرىنجى بوپ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى يادىغا كېلىدىغان ، ئەمما يەنە بىرەر يەرگە سايەھەتكە چىقسا بىرىنجى بوپ شىنجاڭنىڭ تېرورچىلىرى يادىغا كېلىدىغان يېڭى دوستلىرىڭىز بار.

پۇتىنى يۇغان داسقا سۇ ئېلىپلا چايقاپمۇ قويماي يۈزىنى يۇيىدىغان ، ياتاققا ئەكىرگەن ھاراق - تاماكىلىرىنى ،يەيدىغان يېمەكلىرىنى سىزگە پات - پات تەڭلەپ تۇرىدىغان ئىنسابلىق ياتاقداشلىرىڭىز بار.  

قورسىقىڭز ئاچسا ئىچىگە كىرىپ سائەت - سائەتلەپ شۇ كىچىككىنى «ھالال» «مۇسۇلمانچە »دېگەن ماركا بېسىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىزدەپ ،ئاخىرى قۇرۇق قول قايتىدىغان تاللا بازارلىرى ; راست ياكى يالغانلقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ،شەھەرنىڭ ئادەم كۆرمەيدىغان بۇلۇڭلىرىدا ئاندا - ساندا ئۇچراپ قالىدىغان خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانىسى بار.

يەنە تېخى يىلدا بىر كېلىدىغان چاغىنىڭىز ، يۈەنشىياۋ بايرىمىڭىز ،قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىڭىز...دېگەندەك بىر تالاي بايراملىرىڭىز بار !

مانا بۇ دەل سىز ،ئۇ يەنە قايسىبىر كىملەر كېچە - كېچىلەپ ئارزۇ قىلىدىغان ئىچكىرى،چەت ئەل.

مانا بۇ ،ھەقىقىي يالغۇزلۇق.

مانا مۇشۇنداق شارائىت ئىچىدە ياشاۋېتىپ ،يولدا ئاپتوبۇستا مېڭىۋاتقنىڭىزدا كۆزىڭىزگە يول بويىدىكى دوپپا كەيگەن ياكى ياغلىق ئارتىۋالغان بىرى چېلىقىپ قالىدىغان بولسا يۈرەكلىرىڭىز ئالەمچە خوشاللىققا چۆمۈپ ،ئاپتوبۇس توختىغان ھامان بايا كۆرگەن نىشانىڭىزنىڭ كەينىدىن يۈگىرەيسىز.

مانا مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدىلا ، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ قەدرى ،ئىتتىپاقلىقنىڭ قەدرى ،سىزگە ھەقىقى ئۆتىدۇ،بىلىنىدۇ.

مانا،مېنىڭ يېڭى دۇنيارىمنىڭ باشلىنىشى مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا «باشلىق »بولۇش بىلەن باشلاندى.ئەمما كېيىن يۈز بەرگەن بىرتالاي ئىشلار،مېنڭ ھاياتىمنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىشىگە سەۋەبچى بولدى...



(1- باب ئاخىرلاشتى)

بۇ ئەسەر يېزىلىۋاتقان رازۋېدكا رومانىم «نەس باسقان تەتىل »دىن ئېلىندى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 12:00:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرنقىلىرىنى ئوقۇمىغان ئىكەنمەن . بۇنى ئوقۇپ بېشىنى ئوقۇش قارارىغا كەلدىم . ھارمىغايسىز . كىشىنى ئويغا سالغىدەك ئەسەر بوپتۇ !

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ھەقىقەت رەھىمسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12923
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8688
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1726 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 12:46:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇندا قىپ بىرىنى باپنى تۈگەتتىڭ داۋاملىق مۇشۇندا تىز سۈرەتتە يوللاپ تۇساڭغۇ قاتتىق خوش بولتۇم ھەركۈنى مىسرانىمغا تولا قاراپ كۆزلەمۇ چاتاق بوغىلى تۇدى جۇما

ئەخلاق دىلدا ئەمەس ھەركەتتە ئىپادىلەنسە ئاندىن ھەقىقىي ئاخلاق بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 01:44:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېتىم يازغىنىڭىزدا ئادەمنى خېلى ئويغا سالىدىغان جۈملە، ئابزاسلاردىن سۆيۈندىم، داۋامىنى كۈتىمەن.   رەھمەت

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 02:07:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriya يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 12:00 PM
بۇرنقىلىرىنى ئوقۇمىغان ئىكەنمەن . بۇنى ئوقۇپ بېشىنى ئو ...

سىزگە يارىغىنىدىن خۇرسەنمەن

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 02:08:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9bulak يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 12:46 PM
شۇندا قىپ بىرىنى باپنى تۈگەتتىڭ داۋاملىق مۇشۇندا تىز س ...

روماننىغۇ يېزىپ خېلى بىريەرلەرگە ئاپىرىپ بولغان.لېكىن شۇ تېلفوندا ئۇرۇپ بولغىچە...

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 02:11:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(شەيدا) يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 01:44 PM
بۇ قېتىم يازغىنىڭىزدا ئادەمنى خېلى ئويغا سالىدىغان جۈ ...

ئەرزىمەيدۇ،ئەرزىمەيدۇ.

يارىغان بولسىلا مەن شۇنىڭغا خوش.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 02:17:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىئالوگلارنى سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ،ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلىپ كېتىڭ....


كۆزۈم ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىدا...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 02:21:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 02:17 PM
دىئالوگلارنى سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىشقا ئەھمىيەت بېرى ...

بولىدۇ. مەن ئۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلاي.

ئىشلىتىۋاتقىنىم ۋىندوۋىس فون بولغاچقا ،ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش سەل ئاۋارىچىلىقچۇ. شۇڭا دەماللىققا بەزىبىر ئىملا خاتالىقلىرىدىن خالىي بولالمىدىم.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31235
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 02:36:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغىرا دەيسىز....مەن بىيىجىڭدا يۇرگىلى 3ئاي بولدى...........يالغۇزلۇق دەردى بەك------يامان ئىكەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش