مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1197|ئىنكاس: 6

يۈرەك ساداسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89279
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:08:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                        يۈرەك ساداسى

    تىمتاس جايغا بىرىپ يالغۇز ئولتۇرۇپ ئويلىنىۋاتىمەن ، پۈتۈن تەبىئەت مىنى يۈرەك ساداسىنى ئىنىقراق ئاڭلىۋالسۇن دىدىمۇ ياكى تەبىئەتنىڭمۇ يۈرەك سادالىرىمنى ئاڭلاپ باققۇسى بارمۇ ۋە ياكى يۈرۈك سادالىرىم تاشقى دۇنيانىڭ شاۋقۇن سۈرۈنلىرىنى بىسىپ چۈشتىمۇ ئەيتاۋۇر ئەتراپ چەكسىز تىمتاسلىق ئىچىدە ئىدى .يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن سادالار كەلمەكتە .
    ئەي يىگىت ، نىمانچە روھسىزسەن ، باشقىلاردەك روھلۇق ، مەغرۇرانە  ياشاشنى بىلمەمسەن؟ ۋە ياكى ياراتقۇچىڭ ساڭا مەغرۇر ياشىغۇدەك گۈزەل سۈپەتلەرنى ئاتا قىلماپتىمۇ ،ئەجىبا ياراتقۇچىڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغانلىرى سىنىڭ مەغرۇرانە ياشىشىڭغا يەتمەمدىكەن ؟
    ئاھ ، نىمە دىگەن ئازاپلىق سۇئال، توغرا مەن روھسىز ، چۈشكىنلىك ئىچىدە ياشاۋاتىمەن ، بەزىدە تۇرۇپ مەندىمۇ باشقىلاردەك كۆپ بايلىق بولمىغانلىقىدىن قايغۇرۇپ چۈشكۈنلەشكەن ، باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ ياراتقۇچۇمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغانلىرىغا شۈكرى ئىيتىشنى ئۇنۇتقان ۋاقىتلىرىم بولغان ....
    سۇئاللار داۋام ئەتمەكتە ، پۈتۈن تەبىئەتنى جىمجىتلىق ، تىمتاسلىق باسقان .
    كىم سەن ، كىملەرنىڭ ئەۋلادى ئىدىڭ ، ئۇلار قانداق ياشىغان ، سەن كىملەردەك ياشاۋاتىسەن ؟ ئەجىبا سەن ئەجدادلىرىڭنىڭ يولىدىن تىنىپ مۇناپىڭ ئاتىلاي دەمسەن ؟
     ياق ..ياق .. مەن .. مەن ھەرگىزمۇ مۇناپىق دەپ ئاتىلىپ قىلىشنى خالىمايمەن .
    پۈتۈن ۋۇجۇدۇم سىلكىنمەكتە ....
    ­ئەي يىگىت ، ياشلىقىڭنى قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتىسەن ؟ ئارزۇ -ئارمانلىرىڭغا يىتىش ئۈچۈنمۇ ياكى قۇرۇق خىياللار سۈرۈشكىمۇ ؟ ئويلاپ كۆر ، مەمتىلى ئەپەندى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق قەھرىمانلارنى ئويلاپ كۆر ، ئۇلار سەن يىشىدا نىمە ئىشلارنى قىلغان ، قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ، ئەجىبا شۇ قەھرىمانلارنىڭ ئىسسىق قىنى ، سىنىڭ ئۇيقۇڭنى ئاچالماسمۇ ، ئەجىبا سىنىڭ ئۇيقۇڭ شۇلارنىڭ جىنىدىنمۇ تاتلىقمۇ ؟ ئويلان يىگىت ، ياخشىراق ئويلان .....
   مەن ياشلىقىمنى قۇرۇق خىياللار ئىلكىدە ئۆتكۈزمىدىم ، ئاۋازىم تولىمۇ  زەئىپ ، تولىمۇ جانسىز ئىدى ، يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . چۈنكى مەن يەنە يالغان گەپ قىلغان ئىدىم .
    بۇ ۋاقىتتا قۇياش تاغ كەينىدىن كۆتۈرلۈپ ، كەڭ تەبىئەتكە ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرىنى چاچماقتا ئىدى ، تاغ باغرىدىن كەلگەن شامال يۈزۈمنى سۆيۈپ ئۆتۈپ كەتتى . ئانام ئىسىمگە كىلىپ قالدى . ئانا ئەنە شۇنداق مىھنەتسىز ئىدى ، ئۆزىنىڭ مىھىر -مۇھەببىتىنى پەرزەتلىرىگە بىرەتتى ، سەھەر تۇرۇپ، تاھارەتكە سۇ ئىسسىتاتتى ، بىزگە تاماق ئىتەتتى ،لىكىن پەقەتلا ۋايسىمايتى ، گۈزەل ياشلىقى ئەنە شۇ مىھنەتسىز جاپا ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى . يۈزىگە چۈشكەن قۇرۇقلارنى ، مۈكچەيگەن بەللىرىنى كۈلۈپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدى ، بۇ يىللارنىڭ ماڭا قىلغان سوۋغىسى دەيدۇ ئانام .
    ئاناڭنى ئويلاۋاتامسەن يىگىت ؟ بوپتۇ ، ئوبدان ئويلا يىگىت ،سەن ئۈچۈن بىر ئۆمرىنى جاپا مۇشەققەتلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئۇ زاتنى ياخشىراق ئويلا ، مۇشۇ تاپتا ئاناڭمۇ سىنى ئويلاپ يۈرىۋاتىدۇ .
   ئىسىڭدە بارمۇ يىگىت ، سەن ھەر قىتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ مەكتەپكە ماڭغىنىڭدا پىشانەڭگە سۆيۈپ تۇرۇپ ئۆزۈڭنى ئاسرا ئوغلۇم ، تاماقنى ۋاقتىدا يە ،ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن ئىناق ئۆتكىن ، ئوبدان ئوقۇغىن ، ئائىلىمىزنىڭ ئۈمىدى سەندە دەپ ئۇزاتقانلىرى ئىسىڭدە بارمۇ ؟ ...
   سۇئاللار چەكسىز ، جاۋاپلار ئازاپلىق ئىدى .
   ئاھ خۇدا،،،
   يۈرەك ئازاپتىن پۇچلانماقتا ،مەن نىمانچە ۋاپاسىز ، ئانامنىڭ ماڭا دىگەنلىرىنى ئۇنتۇپ، قۇرۇق خىياللار ئىلكىدە ياشاۋىتىپتىمەن ئەمەسمۇ ، ئەجىبا ئانامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى شۇنداقمىدى ؟
    ياق،،ياق ، يىگىت  بۇنداق كىتىۋەرسەڭ ھەرگىزمۇ بولمايدۇ .ۋاقتىڭ تولىمۇ ئاز قالدى ، ئويلاپ كۆر ، داداڭنىڭ مۈكچەيگەن بەللىرى ئىسىڭدە بارمۇ ، داداڭنىڭمۇ قىراندەك ياشلىقى بولغان ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈرگەن .ھازىرچۇ ؟ ھازىر بەللىرى مۈكچىيىپ قالدى ، ساڭا ئوخشاش تاقلىغۇسى بار ، يايلىغۇسى،يايرىغۇسى بار ، لىكىن يىللار داداڭنىڭ ياشلىقىنى ئىلىپ كەتتى ، تاقلىيالمايدۇ ، سەكرىيەلمەيدۇ ،سەندەك .  ماشىنلار كىتىشىۋاتقان يولدا تەمتىرەپ يۈرۈپ ئاران ئۆتىدۇ ،پەشتاقلاردىن ئاران-ئاران چىقىپ چۈشىدۇ.يوللاردا چەبدەس قەدەملەر بىلەن ماڭالمايدۇ ، بەزىدە ئەمدىلا ئايىغى چىققان بالىلاردەك تەمتىرەپ ماڭىدۇ ، لىكىن سەن ئۇنى يىتىلەپ ماڭالمايسەن ، كىچىكىڭدە ئۇ سىنى يىتىلىگەندەك . يىگىت ئىسىڭدە بولسۇن ، سەنمۇ بىر كۈنلەردە شۇنداق قىرىيسەن ، سەكرەپ تاقلاپ ئويناي دەيسەن ، لىكىن ئوينىيالمايسەن . شۇڭا ياشلىقىڭنى قەدىرلە ، ياشلىقىڭنى چىڭ تۇت . ياشلىقىڭ كىتىدۇ ، قوغلاپمۇ يىتەلمەيسەن ، قىرىلىقىڭ كىلىدۇ ، قىچىپمۇ قاچالمايسەن .
   ئەي يىگىت ، قەددىڭنى تىك تۇت ، مەغرۇرانە ياشا ، بارلىقىنى ساڭا ئاتىغان مىھرىبان ئاناڭ، كۆيۈمچان داداڭ ، تومۇرىڭدا ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان ئوغۇزخان ئاتىنىڭ قىنى ئىقىۋاتسا ، يەنە روھسىز ياشاشقا يۈزۈڭ چىدامدۇ؟
   ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كەتتىم ، قەددىنى تىك تۇتتۇم .قەدەملىرىم شۇ قەدەر مەزمۇت .پۈتۈن تەبىئەت ماڭا ھەۋەسلىنىپ قاراۋاتقاندەك .
    تىخمۇ تىرىش يىگت ، ياشلىقىڭ تىرىشىش ، ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتسۇن ، ئازۇ ئارمانلىرىڭغا يىتىش ئۈچۈن كۆرۈش قىل .قەددىڭنى تىك تۇتۇپ مەغرۇرانە ياشا ، چۈنكى سەن شۇنداق ياشاشقا لايىق ، شۇنداق ياشاشقا ھوقوقلىقسەن .
  كىتىپ باراتتىم ، يىراقتىن ئۇشبۇ سادالار ئاڭلاندى .....

   2014-يىلى 10-ئاي-17-كۈنى جۈمە

  مەنبە : ئۆز قەلەم
  شەندوڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنۋىرستىتى
مەمەتجان ئەمەر  (باھادىر ئۇيغۇر ئوغلى )




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:56:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن . ھەممە ئادەم مۇشۇنداق ئۆز -ئۆزىنى سەگىتىپ تۇرسا ئېدى ، دادىلار غەمسىز ، ئانىلار چېھرىدە كۈلكە بولغان بۇلاتتى . جەمىيەتتىمۇ داشقالدىن ئىبارەت مەخلۇقلار ئازلاپ ، يەر شارىنىڭ يۈكىمۇ يىنىكلىگەن بۇلاتتى . ئۈمۈتلەردە ياشاۋاتىمەن ھەم تېرىشۋاتىمەن .........
يۈرەك سادايىمنىڭ سىگنالى ھەر كۈنى مېنى سەھەر ئۇيغۇتىدۇ ؛ ‹سەن بىر ئانا ، ئانىلارنىڭ بۈيۈكلىكىنى ، مەسئۇليىتىڭنى ئۇنۇتما ، سېنىڭ بىردىن -بىر ھازىرقى مەسئۇليىتىڭ پەرزەنتىڭنى ياخشى تەربىلە ، ئېرىڭگە سادىق بول !›

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 12:05:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم دىگەن سىزدەك ئۆز ئۆزىدىن سۇئال سۇراپ  مەن نىمە قىلدىم ؟يەنە نىمە قىلماقچى ؟ دەپ ئارزۇ غايە بىلەن تىرشىپ ئۆتۇش كېرەك...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 01:31:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزگە ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغىرىقى چېلىشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم.    ئەتتىگەندە ياخشى تىمىدىن بىرنى ئوقۇۋالغىنىمدىن بەك خوش بولدۇم ،  قەلەم ئىگىسىگە ئىلھام يار بولسۇن.   رەھمەت.....

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10145
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2316 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 07:55:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ھەقىقەتەنمۇ ئۆز ئۆزىگە سۇئال قۇيۇپ سەگىتىپ تۇرۇشنى بىلىشى كىرەك چۈنكى بۇ ھايات چەكلىك ھايات  

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10145
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2316 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 07:55:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ھەقىقەتەنمۇ ئۆز ئۆزىگە سۇئال قۇيۇپ سەگىتىپ تۇرۇشنى بىلىشى كىرەك چۈنكى بۇ ھايات تولىمۇ  چەكلىك!  يۈرەك سادايىڭىزدىن تىزىلغان ئۈنچىلەردىن مەمنۇن بولدۇم ھارمىغايسىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   magrurjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 07:57 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86618
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 10:46:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرىكىڭىزدىن ئۈمىد ۋە جۇشقۇنلۇققا تولغان سادالار ياڭراپ تۇرغۇسى ! ئىنىم ، ھاياتىڭىزدىكى ھەر بىر كۈننىڭ سىز ئۈچۈن مەنىگە ۋە خۇشاللىققا تولغان بىر كۈن بولىشىغا تىلەكداشمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   narkas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-18 10:47 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش