مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1129|ئىنكاس: 17

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110603
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-10-14
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 10:06:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
ئەسلى مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان(UAV-Unmanned Aerial Vehicle) قىسقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئىچىدە ھەيدەيدىغان ئادەم بولمىغان ئۇچقۇنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە يىراقتىن ھەيدىلىدىغان ئايروپىلان(RPA-Remotely Piloted Aircraft) دەپ ياكى ئىنگىلىزچىدە يەنە Drone دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھەيدىلىدۇ ياكى يەر يۈزىدىكى مەشغۇلاتچى خادىم تەرىپىدىن يىراقتىن باشقۇرۇلۇپ ئۇچۇرىلىدۇ.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يېقىنقى يىللارغىچە ئارمىيە ياكى ئالاھىيدە مەشغۇلات قىلىدىغان ساھەلەر تەرىپىدىن تەرەققى قىلدۇرلۇپ، ئىشلىتىلىپ كىلىنگەن. ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قوللىنىش دائىرسى كېڭىيىپ ئوت ئاپىتى، قۇتقۇزۇش، چارلاش- تەكشۈرۈش، فوتوگرافىيە، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

مىكرو تىپلىق، يۇقۇرى ئىقتىدارلىق توك يولى تاختىلىرى، ئاپتوماتىك ئۇچۇش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ ئايروپىلان ھەۋەسكارلىرى، ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرى ئۆزى قول سېلىپ ياسىغان ئەرزان باھالىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارمۇ بارلىققا كەلدى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ كىچىكلىرى چىكەتكىچىلىك بولسا ئەڭ چوڭلىرى يولوچىلار ئايروپىلانلىرىچىلىك كىلىدۇ.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار توك، سۇيۇق يىقىلغۇلارنى ئىنىرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ. ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان رىئاكتىپ ماتور بىلەن ھەركەتلىنىدىغانلىرىمۇ، پىقىرغۇچ ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغانلىرىمۇ بار.

توكنى ئىنگىرگىيە قىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ زەرەتلىنىدىغان باتارىيە ئىشلىتىدىغانلىرى، يىقىلغۇ باتارىيەسى ئىشلىتىدىغانلىرى، قوياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇچىدىغانلىرىمۇ بار.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردا ئادەتتە ئاپتوماتىك تەڭپۇڭلۇق ساقلاش، سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق ئورۇن بىكىتىش، يول باشلاش، يىراقتىن ھەيدەش قاتارلىق ئىقتىدار ھازىرلانغان بولىدۇ.



ناسانىڭ قوياش ئىنىرگىيەسى ۋە يىقىلغۇ باتارىيەسىنى ئىنىرگىيە مەنبەسى قىلغان Helios ناملىق ئاتۇمۇسفۇرا تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى

ھەربىي ساھەدە قوللىنىلىشى

ئادەتتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئەنئەنىۋى جەڭ ئايروپىلانلىرىغا قارىغاندا بىر قانچە جەھەتتە ئەۋزەللىكى بار.

ئادەملىك ئايروپىلانلاردا ئالدى بىلەن ئۇچقۇچىنىڭ ھاياتى ھەر قاچان خەۋپ ئاستىدا بولىدۇ. ئەمما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەر يۈزىدە كونترول قىلىنىدۇ. ئۇچقۇچىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمايدۇ.
ئۇچقۇچى ھەيدەيدىغان ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. ھۇجۇمچى ئايروپىلانلار ئادەتتە قوزغىلىپ 2-3 سائەت ئىچىدە يەر يۈزىگە قايتىپ كىلىپ بولىشى كېرەك. ئەمما ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلانلار ئون نەچچە سائەت ھەتتە بىرەر كۈن ئۇچالايدۇ. رازۋىتكىغا ئىشلىتىلىدىغانلىرىنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.
ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە رازۋىتكا ئايروپىلانلىرىنىڭ تەننەرخى بەك يۇقۇرى بولىدۇ. ئەمما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ يەككە باھاسى نىسبەتەن ئەرزان بولىدۇ.
بىر ئۇچقۇچىنى تەربىيەلەشكە ئادەتتە بىر نەچچە مىليۇن چىقىم كىتىدۇ. ئەمما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ مەشغۇلاتچىلىرىنى تەربىيەلەش نىسبەتەن ئاسان. خېلى بىر قىسىم ئۇچۇش مەشغۇلاتلىرىنى ئاپتۇماتىك ئېلىپ بارالايدۇ.


ئامىركا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ Global Hawk ناملىق يۇقۇرى بوشلۇقتا ئۇچىدىغان ئۇچقۇچىسىز رازۋىتكا ئايروپىلانى

چارلاش قۇتقۇزۇش ساھەسىدە ئىشلىتىلىشى

جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىلىرىغا ئادەتتە سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق ئۇچۇر يىغىلىدۇ. ئەمما سۈنئى ھەمرانىڭ تەتقىق قىلىش، ئوربىيتىغا چىقىرىش، يىراقتىن كونترول قىلىش مەشغۇلاتلىرى قىيىن، تەننەرخى ناھايىتى يوقۇرى. ئەمەلىيەتتە دائىرلىك جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلارنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەنمۇ يىغىش مۇمكىن. شۇنداقلا تەننەرخى سۈنئى ھەمرادىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى ئوپتىك كامېرا، لازىرلىق سىكەننىر، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق كامىرا، ئېلېكتىر دولقۇنلۇق رادار قاتارلىق سىزىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئۇچۇر مەلۇماتلارغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

چىگرا چارلاش، نىفىت-گاز تۇربىلىرىنى كۆزىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئادەتتە تەبىئى شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە بەكراق ئۇچرايدۇ. كۆپۈنچە ماشىنا قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرى ئىشلىتىلىدۇ. ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ شۇنداقلا جاپالىق. ئەمما ئۇچقۇچىسز ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا ھەركەت قىلىدىغان بولغاچكە تەبىئى مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە بەك ئۇچرىمايدۇ. سۈرئىتى تىز بولىدۇ. يىراقتىن نازارەت قىلىپ كۆرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ.

تەبىئى ئاپەت يۈز بەرگەن جايلاردا ئادەتتە قاتناش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئاپەت رايۇنىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنىق ئىگەللەش، جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى يەتكۈزۈش نىسبەتەن قىيىن. مەسىلەن: يەر تەۋرەش، كەلگۈن، ئورمان ئوت ئاپىتى قاتارلىق. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىلسە قاتناشنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ. دورا، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يەڭگىل بۇيۇملارنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق بىۋاستە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

تەبىئى شارائىتى ناچار، شەھەرلەردىن يىراق، تاغلىق جايلاردا ئالاقىگە ئاساسەن سۈنئى ھەمرا ئالاقىسى ئىشلىتىلىدۇ. ئالاقە سۈنئى ھەمراسىنىڭمۇ تەننەرخى بىر قەدەر يۇقۇرى، تور ئېقىمى ۋە بەلباغ كەڭلىكى چەكلىمىلىككە ئىگە. ناۋادا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تېخىمۇ ئۇزۇن يەرگە قونماي ئۇچىدىغان قىلغىلى بولسا (نەچچە ئاي ياكى بىر قانچە يىل)، ئۇنى سۈنئى ھەمرا ئالاقىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدۇ. تەننەرخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. بىر سۈنئى ھەمرانى قۇيۇپ بەرگەن تەننەرخكە نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز ئۇچقۇچىسىز ئالاقە ئايروپىلانىنى قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.



گۇگۇل شىركىتى قوشىۋالغان تىتان ئايروسىپېس شىركىتىنىڭ قوياش ئىنىرگىيەلىك، ئۇزۇن ئۇچالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى. چەت رايۇنلارغا تور يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىش ئىھتىماللىقى بار.

ئاخبارات، فوتوگرافىيە ساھەسىدە قوللىنىلىشى

كىچىك تىپتىكى تۆت پىقۇرغۇچلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئاخباراتچىلىقتىمۇ قوللىنىشقا باشلىدى. خەتەرلىك، يەر يۈزىدە سۈرەت تارتىشقا بولمايدىغان شارائىتلاردا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارلىق سۈرەت تارتىپ خەۋەر تارقىتىش قىسمەن جايلاردا ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلدى. بۇندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىش ئىھتىماللىقى بار.

فوتوگرافىيە، فىلىم ئىشلەش ساھەسىدە ئادەتتە بوشلۇقتىن تارتىلىدىغان سۈرەتلەرنى تىك ئۇچار ئايروپىلان، گاز شارى ياكى سودىغا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك تىپتىكى ئايروپىلانلار ئارقىلىق تارتىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ تەننەرخى يۇقۇرى. نۆۋەتتە فىلىم ئىشلەش ۋە سۈرەت تارتىشتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. باھاسى ئەرزان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىق ھەۋەسكار فوتوگرافلارمۇ بوشلۇقتىن ناھايىتى ئىسىل فوتو سۈرەتلەرنى تارتالايدۇ.



DJI شىركىتىنىڭ فوتو سۈرەت تارتىشقا ئىشلىتىلىدىغان كەسپى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى

ھەۋەسكارلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى

ئاۋىئاتسىيە ھەۋەسكارلىرى بۇرۇندىنلا مەۋجۇت. خەلق ئىچىدە ئىسسىق گاز شارى، كىچىك پىلانىرلارنى ياساپ ئۇچرىدىغانلار خېلى بار. مەكتەپلەردىمۇ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىدە پىلانىر ياساپ ئۇچۇرىدىغان مەزمۇنلار بار.

يۇقۇرى ئىقتىدارلىق، مىكرو تىپلىق توك يولىنىڭ بارلىققا كىلىشى، گىرىسكوپ، تىزلەندۈرگۈچ قاتارلىق ئەسلى ئاۋىئاتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان كەسپى سىنزورلارنىڭ كىچىكلەپ يانفونلاردا قوللىنىلىشى، 3G،4G،WiFiتورلىرىنىڭ بارلىققا كىلىپ كەڭ ئىشلىتىلىشى ئاۋىئاتسىيە ھەۋەسكارلىرىغىمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساش ئىمكانىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

مەخسۇس ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوماتىك ئۇچۇش، تەڭپۇڭلۇق ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە توك يولى تاختىلىرى بارلىققا كەلدى. تەقلىدى سىناش، يەر يۈزىدە كونترول قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى مەيدانغا كەلدى. تۆت پىقۇرغۇچلۇق تىك ئۇچار، پىلانىر شەكلىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئوچوق كودلۇق تۈرلىرى مەيدانغا كەلدى. ھازىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا ئىشلىتىدىغان سايمانلارنى تور سودا بىكەتلىرىدىن تېپىش ناھايىتى ئاسان.



يانفون ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان AR.Drone تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان

يېقىن كەلگۈسىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار، شەھەر ئامانلىقى، تىز يەتكۈزۈش، ئويۇن- تاماشا، سەيلى- ساياھەت قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن ساھەلەردە قوللىنىلىشى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئەتراپىمىزدا ئۇچۇپ يۈرگىنىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىشىمىز مۇمكىن.
2014- يىل 5- ئاي
ئەسلى مەنبەسى: سارۋان بىلوگى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 881 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:40:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   يىڭى   ئۇچۇرلار   بىلەن    تەمىنلىگىنىڭىزگە    رەھمەت   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 02:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاننى ياسىماق تەس ئەمەستەك قىلىدۇ جۇمۇ.ماس كىلىدىغان باتتارىيە،چوڭ كىچىكلىكىگە ماس كىلىدىغان ئىككى دانە چاقىپەلەك،بىر دانە دىيەندۇڭجى...بولسا بۇنى چەتئەللىكلەردەك ئۇرۇشقا ئوغۇرلۇقچە نازارەتكە ئىشلەتمەي دىھقانچىلىققا ئىشلەتسە تازا.مەسلەن دورا پۈركۈيدىغان.دان چاچىدىغان دىگەندەك...ئۆينىڭ ئۆگۈزسىگە قوياش باتاريەلىك  تاختا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاننى شۇنىڭدىن چىققان توق بىلەن تەمىنلىسە توك پۇلىمۇ تۆلىمەيدىغان گەپتە....

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 04:33:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مىنىڭ ياساپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ، بىلىدىغانلار مۇمكىن بولسا كىتىدىغان سايمانلارنىڭ تىزىملىكىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار .
  ماڭا مۇشۇ سىمسىز تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى سەل چۈشىنىكسىز بىلىنىدۇ ، بۇنىڭ مەخسۇس بىلىملىرى بار يازما بارمىدۇ ؟

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 881 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 05:04:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 04:33 PM
مىنىڭ ياساپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ، بىلىدىغانلار مۇمكىن  ...


   ئېزدىنىپ   بىقىڭ   ،    چوقۇم    غەلبە    قىلالايسىز  .    ھەر    قايسى     مۇنبەرلەرگە    كىرىدىغان    ئابلىمىت    دەيدىغان    بىر    بالا   بار   ،    شۇ    بالىدا    سىزگە   كىرەكلىك    ماتىرياللار   تولۇق    تىپىلدىغاندەك   تۇرتى   .   شۇ   يىگىت    بىلەن   ئالاقىلىشىڭ    .   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jim-jit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 05:06 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110547
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-10-12
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 05:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ياساش ماڭا تەس بىلىنمىدى لېكىن ئەڭ تەس بىلىنگەن يىرى بۇنى قانداق قىلىپ ئوڭ سول ئالدى كەينى ئاستى ئۈستىگە ماڭىدىغان قىلىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1319 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 05:22:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاۋباۋدا سىىلىۋاتقان ئەڭ ياخشى ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاننى تونۇشتۇرمامسىلەر؟

چوڭ بوپ قالغىنىمغا قارىماي سىتىۋىلىپ  ئويناپ باققۇم بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 05:22 PM  


قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 05:51:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jim-jit يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 05:04 PM
ئېزدىنىپ   بىقىڭ   ،    چوقۇم    غەلبە    قىلالايسىز  .    ھ ...

  تۇرپانلىق يىگىتنى دەمسىز ؟ ئىلگىرى ئالاقىلەشكەن ئىدىم ، يەنە بىر ئىزدەي راست .
بۇنى بىزنىڭ ئۆيدىكى «تۆت قاراقچى » غا بېشىدا تۇرۇپ يىتەكچىلىك قىلىپ ياساپ ، ئۇلارنى تەربىيلەيچۇ دەپ قالدىم ، كەپسىزلىككە ئىشلەتكەن كاللىسىنى ، قوللىرىنى ، پۇللىرىنى مۇشۇنىڭغا ئىشلەتسە ياخشى ئەمەسمۇ ؟ بىز بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەربىيىلىشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 05:51:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jim-jit يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 05:04 PM
ئېزدىنىپ   بىقىڭ   ،    چوقۇم    غەلبە    قىلالايسىز  .    ھ ...

  تۇرپانلىق يىگىتنى دەمسىز ؟ ئىلگىرى ئالاقىلەشكەن ئىدىم ، يەنە بىر ئىزدەي راست .
بۇنى بىزنىڭ ئۆيدىكى «تۆت قاراقچى » غا بېشىدا تۇرۇپ يىتەكچىلىك قىلىپ ياساپ ، ئۇلارنى تەربىيلەيچۇ دەپ قالدىم ، كەپسىزلىككە ئىشلەتكەن كاللىسىنى ، قوللىرىنى ، پۇللىرىنى مۇشۇنىڭغا ئىشلەتسە ياخشى ئەمەسمۇ ؟ بىز بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەربىيىلىشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 881 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 08:48:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 05:51 PM
تۇرپانلىق يىگىتنى دەمسىز ؟ ئىلگىرى ئالاقىلەشكەن ئىد ...


   توغرا   ئويلاپسىز   ،   ‹ قاراقچىلىرمىز ›  ئارزۇ  - ھەۋىسى   يوق   ئادەم    بولۇپ   قالمىسۇن   .    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jim-jit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 08:48 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش