مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1398|ئىنكاس: 14

خۇجايىنلار سىلەردەك بولسا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2698
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 05:48:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خوجايىنلار سىلەردەك بولسا         

ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى                          

( بۇ شېئىر 2014 –يىلى لۈكچۈندىكى  << ئىگىز ئوردا >> رېستۇرانىدائۆتكۈزۈلگەن 30 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئوقۇلغان .)                  

يۇرتىمىزدا قۇرۇلۇپ ، ئىگىز ئوردا رېستوران ،           

تائاملارنى تونۇتتى ، چىن مەنىدىن خەلقىمگە .        

ئۇيغۇر ، دىگەن قولى گۈل ، دىيىشەركەن باشقىلار ،     

ئاشپەزلەرمۇ توشۇپتۇ ، تائاملاردىن بىلىمگە .           

پولو ، لەڭمەن ، توخو، گۆش ، قورومىنىڭ تەمى بار ،     

يىسەڭ خۇددى بولارسەن ئۆز ئۆيۈڭدە يىگەندەك .      

سۇغا سالغان گۆشىنىڭ تەمى ئايھاي ئۆزگىچە ،        

يەپ بەختكە چۆمەرسەن ، خۇددى ھېيتلار كەلگەندەك .  



                               مەرىكىنىڭ   پەيتىدە   ئايلىنىدۇ سورۇنغا ،      


توي ئوينايسەن بۇ يەردە شاھىنشاھ ۋە بەگلەردەك .  

رازى بولۇپ قايتىدۇ مېھمانمۇ ھەم سورۇندىن ،  

بويۇن قىسىپ قالمايسەن ، پۇل خەجلەپمۇ خەقلەردەك .

مەرىپەتنىڭ كانى بۇ ، سۆزلەر يەنە ئالىملار ،     

زامانىۋى مەدەنيەت ، كەلگۈسىدىن قىسسەلەر .   

ئاڭلىغانلار لېكسىيە تولار قايتا دەرمانغا ،      

ئاڭلىيالماي قالغانلار دەيدۇ يەنە ھەسسىنە .     


مۇقام، مەشرەپ ياڭرىسا ، نۇر تاراتسا ئىلىم – پەن ،


رېستورانلار ئايلانسا بىلىم كانى مەكتەپكە .     

بالىلاردىن نىمە غەم ، ئويناپ – كۈلۈپ يۈرمەمدۇ .

باشلىمامدۇ رېستوران ئادەملىككە ، ئەدەپكە .   

مانا بۈگۈن ئەكبەرجان ، سەلىمەلەر ئۇستازغا ،

رەھمەت ئېيتىپ دىلىدىن ، قۇتلۇقلاپتۇ بايرامنى .

تونلار ياپتى بىر ئۆمۈر بور – توزاندا ئۆتكەنگە .

ئەمدى قانداق ئۇنىتاي ، بۇنداق ئۇلۇغ قاينامنى .

يۇرتىمىزدا خۇجايىن مۇشۇلاردەك يول تۇتسا ،   

مەرىپىتى يۇرتۇمنىڭ كۈندەك چاقناپ تۇرمامدۇ .  

پۇل تاپقانلار پۇللارنى خۇددى پۇلدەك خەجلىسە ،

ئەل – پۇقرانىڭ كۈنلىرى خۇددى ھېيتتەك ئۆتمەمدۇ ؟.

ئاخىرىدا تىلەيمەن رېستورانغا بەرىكەت ،     

ئەۋلاد ئۈچۈن تەر تۆككەن ئۇستازلارنىڭ تىلىدىن .

تىلەكلىرى ئىجابەت دەيدۇ ئەللەر ئۇستازنىڭ ،  

ئىجابەت بوپ قىسىڭ سىز ، بەختۇ – ئامەت گۈلىدىن ؟!.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 08:43 PM  


ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10834
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2207 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 09:59:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 10:57:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر داپ تاراڭتىشىش ،ئىشەك ھاڭرىسا تولغاشنى ھەممە ۋاستىلەر كۈچەپ تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ،بۇرناكۈن جۈمەدە بىر ئادەم مۇنبەرگە چىقىۋىلىپ پۇلنى تازا تىپىپ جىق تىپىپ كۆپ تىپىپ ……دەپ سۆزلىگىلى تۇرۇپتى،مەن ئۆزۈمنى ئاخىرەت توغرىسىدا تولىراق سۆزلىنىدىغان ئەخلاق دىيانەت ئۆگىتىلىدىغان ھالال ياشاش تەشەببۇس قىلىنىدىغان مەسچىتتىمۇ ياكى باشقا جايدىمۇ دەپ تۇيۇقسىز ئەتراپىمغا ئىتتىك قاراپ كەتتىم ،
ئىلىم مەرىپەت توغرىسىدا تەشەببۇسقا ھازىر كىشىلەر نىمىشقا قۇلاق سالمايدۇ ?ياكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كاللىسىغا تايىنىپ پىكىر قىلماي كاسىسىغا ھەم قورسىقىغا تايىنىپ پىكىر قىلىدىغان بوپ كەتتىمۇ?

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102693
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 12:38:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19189
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8017
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 12:46:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغىن يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 10:57 PM
ھازىر داپ تاراڭتىشىش ،ئىشەك ھاڭرىسا تولغاشنى ھەممە ۋا ...

ھالال يوللار ئارقىلىق پۇلنى جىق تېپىش بىلەن ئەخلاق ئىككىلىسى دىنىمىزنىڭ مۇھىم تەشەببۇسلىرى، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچ زىتلىق يوق. بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەم ئەخلاقلىق ھەم باي بولۇش ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز قاتناشقان شۇ جۈمە كۈنىدىكى خۇتبىدە پۇلنى جىق تېپىش سۆزلەنگەن بولسا، خاۋاتىرجەمسىزلەنمەڭ. بەلكى يەنە بىر ھەپتىسى ئەخلاق توغۇرىلىقمۇ سۆزلىنىپ قالار.پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇكى، مال - دۇنيا بىر ئادەمنىڭ ئىمانىنى بەلگىلەپ قويىدۇ دىگەن ھەدىسىدىكى دەۋر كىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. يانچۇقتا 5 مو بولمىسا، خالا جايغىمۇ كىرەلمەيدىغان بۇ دەۋردە،  بولسا ياخشى ئىشلەپ، پۇل تېپىپ، كىشىگە يېلىنىپ قالماي، جەمىيەتكە ئېغىرىڭىزنى سالماي يۈرەلىسىڭىز، ئاندىن ئىمانىڭىزنى، ئىززەت - ھۆرمىتىڭىزنى جايىدا قوغداپ يۈرەلەيسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurrahman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 12:53 AM  


بىلىم ئۆگىنىپ، جەمىيەتكە تۆھپە قوشىدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19189
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8017
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 01:30:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبادەت پەقەت ناماز ياكى روزا ياكى زاكاتتىنلا ئىبارەت ئەمەس.ئىنساننىڭ پەقەت ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا يارالماقلىق ھىكمىتى بىلەن، ئاللاھ رازى بولىدىغان بارلىق ئەمەللەر ئىبادەتتۇر. توغرا،  ئاخىرەتتە نەچچە پۇل تاپتىڭ دەپ سورىمايدۇ، ئەمما ھالال يوللار ئارقىلىق پۇل تېپىش، تىجارەت قىلىش ئىسلامدا ھالال قىلىنغانلىقى ۋە  پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھالال ئىشلارنى قىلىپ، ھارامدىن يىراق تۇرۇشنى ساۋاب بىرىلىدىغان ئىبادەت جۈملىسىدىن قىلىۋەتكەنلىك ئىتىبارى بىلەن، ياخشى ئىشلەپ پۇل تاپسىڭىز ساۋابىڭىز ئاشىدۇ ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ساۋابىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا پۇرسەت تۇغۇلىدۇ.
پۇل تاپقان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىدە كۆرىلىدىغان، پۇل تاپقاندىن كىيىنكى راھەت پاراغەتكە بىرىلىپ كىتىش ۋە ئىمان ئىھساننى ئۇنتۇش پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىنى باشقۇرالمىغانلىقىدىنلا خالاس. بۇ پۇللار ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئۆزىگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارغا بىرىلگەن بىر قېتىملىق سىناق.
شۇڭا مەسىلە پۇل تېپىشتا ئەمەس، بەلكى ئەخلاقتا. شۇڭا پۇل تېپىشنىڭ سۆزلىنىشى خاتا ئەمەس، پەقەت پۇل تېپىشنىڭلا سۆزلىنىشى خاتا.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Ay.sadap + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 97   باھا خاتىرىسى

بىلىم ئۆگىنىپ، جەمىيەتكە تۆھپە قوشىدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5026
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:13:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكى ئابدۇراخمان تورداشنىڭ پىكرىنى قوللايمەن . ناماز ئوقۇدۇق دەپ قىلۋىغا قاراپ ئولتۇرساقلا ھېساپ ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى ئادىمىلىك ، ئەخلاق !

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4162
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:33:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىمىزدا ياخشى خوجايىنلار كۆپ دەپ ئويلايمەن.
لېكىن  ماۋۇ شېئىر گۇڭگا شېئىر تۈرىگە كېرەمدۇ قانداق مەن تازا چۈشىنەلمىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆلەڭگە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 11:34 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2698
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:49:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆلەڭگە يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 11:33 AM
ئارىمىزدا ياخشى خوجايىنلار كۆپ دەپ ئويلايمەن.
لېكىن  م ...

بۇ شېئىرنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرسەم ، 2014 - يىلىدىكى 30 - قىتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى لۈكچۈن بازىرىدىكى 400دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ‹‹ئىگىز ئوردا ›› رېستورانىنىڭ ساھىبخانلىقىدا بايرام ئۆتكۈزدۇق . مىللى ئەنئەنىمىز بۇيىچە شاراپسىز ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سورۇندا ئىگىز ئوردا رېستورانىنىڭ خۇجايىنلىرى بىر ئۆمۈر مائارىپ سېپىدە ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان 20دىن ئارتۇق پىشقەدەم ئۇستازغا ھۆرمەت تونى ياپتى . بۇ شېئىر شۇ سورۇنغا ئاتاپ يېزىلغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110095
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-9-22
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 11:30:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdurrahman يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 12:46 AM
ھالال يوللار ئارقىلىق پۇلنى جىق تېپىش بىلەن ئەخلاق ئى ...

ئۇرۇنلۇق  سۆزلەپسىز  .   باياشادلىق   بىلەن  ئىبادەتنىڭ   ھېچقانداق  زىتلىقى  يوق .
يانچۇقتا   پۇل  يوق  ،  خوتۇن  قىزلىرىمىزنى  ـ  ۋاڭ  ئەپەندىنىڭ  زاۋۇتلىرى  ، ئىچكىرىدىكى
كارخانىلارغا   ئەۋەتىپ   قويۇپ   قىلغان  ئىبادەتلىرىمىز  ئاللاھقا قانچىلىك يارار ... ؟
نامرات   كىشى   تۇرمۇش    ، مۇھتاجلىق تۇرمۇش   غېمىنى  ئويلاپ   ،  زىھىن  ـ  پىكىرىنى
يىغىپ   ،  پۈتۈن   ۋۇجۇدى   بىلەن  ئاللاھقا  سېغىنىپ  ئىبادەت  قىلالماسلىقى  مۇمكىن .
بۇ    باي  كىشى   ئىبادەتنى   راۋرۇس  قىلىدۇ   دېگەنلىكنى   بىلدۈرمەيدۇ .

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن . يا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن ، يا سەرگەردان زابويغا ئايلىنىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش