مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2608|ئىنكاس: 14

[رازۋىتكا فىلىمى]جىنايەت نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈش-CSI: Crime Scene Investigation [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110603
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-10-14
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 04:23:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[رازۋىتكا فىلىمى(1)]جىنايەت نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈش-CSI: Crime Scene Investigationئەسلى مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

CSI مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان رازۋىتكا فىلىمى. شۇنداقلا مەن كۆرگەن ئەڭ ئۇزۇن كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمى. مەزكۇر تىلۋىزىيە فىلىمى 2000- يىلدىن باشلاپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 14 بۆلۈم، 320 قىسىم چىقىپ بولدى. شۇنداقلا مەن بۇ تىلۋىزىيە فىلىمىنى تولۇق كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن.


كۆرەي دىسە رازۋىتكا فىلىملىرىمۇ ئاز ئەمەس. كۆپۈنچىسى كىلاسسىك رازۋىتكا ھىكايىلىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. بۇلاردىن كونان دويىلنىڭ «شىرلوك ھولمىس»، ئاگاسا كىرىسنىڭ «ھېركىل پورو»،«مەرپىل خېنىم»، «فىشىر خېنىم»، كانادالىق يازغۇچى مەۋرىن جەنىڭنىڭ «رازۋىچىك مۇردوك» قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

كىلاسسىك رازۋىتكا ھىكايىلىرىدە باش قەھرىماننى ئالاھىيدە تالانىتلىق تەسۋىرلەيدۇ. مەسىلەن: شىرلوك ھولمىسنىڭ نورمال ئادەملەردە بولمايدىغان ئالاھىيدە كۆزىتىش ئىقتىدارى بولىدۇ، پورونىڭ ئالاھىيدە تەپەككۈر قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. پورونىڭ ھىكايىلىرىدە بايقالغان دەلىل ئىسپاتلار ئادەتتە جىنايەتنى بىكىتىشكە يەتمەيدۇ. ئەمما پورو ئۆزىنىڭ ئالاھىيدە تەپەككۇر قابىلىيىتى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىدۇ، ھىكايىنىڭ ئاخىرىدا گۇماندارلارنىڭ ھەممىنى يىغىپ ھىكايە سۆزلەش ئارقىلىق جىنايەتچىنى ئىخرار قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئەمما ھازىرقى زامان رازۋىتكا ھىكايىلىرىدە بولۇپمۇ مەن كۆرىۋاتقان CSI ئۇنداق ئەمەس. بۇنىڭدا كوللىكتىپنىڭ كۈچى ۋە ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ دىلو پاش قىلىدۇ.

بۇ فىلىمدە تەسۋىرلىنىدىغان CSI لاس ۋىگاس ساقچى ئىدارىسى ئىچىدىكى بىر تەجىربەخانا بولۇپ، بۇ تەجىربەخانا ساقچى ئىدارىسىگە قاراشلىق، ئەمما بۇ تەجىربەخانىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزىنى ساقچى دەپ قارىمايدۇ. تەجىربەخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالى مەلۇماتلىق تەتقىقاتچىلار. ئۇلار ئادەتتە جىنايەت يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ دەلىل، ئىسپاتلارنى توپلايدۇ. ئاندىن تەجىربەخانىغا ئەكىلىپ تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىدۇ. تەجىربەخانىدا بىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش(DNA تەكشۈرش)، ماتېرىيال تەكشۈرۈش، كومپيۇتېردا تەكشۈرۈش(كومپيۇتېر، توردىكى، كۆزىتىش كامىراسىدىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش)، ئوق تەكشۈرۈش، جەسەت تەكشۈرۈش… بۆلۈملىرى بار.


مەزكۇر فىلىم 2000- يىلى تۇنجى ئىشلىنىپ تارقىتىلغاندىن كىيىن تىلۋىزىيەدە كۆرۈش نىسبىتى ناھايىتى يوقۇرى بولغان، شۇنىڭدىن كىيىن يىلىغا بىر بۆلۈم دىگۈدەك ئىشلەنگەن. كىيىن يەنە CSI نىڭ نىيۇيورك نەشرى(CSI:NY)، مىئامى نەشرى(CSI:Miami)، دېڭىز ئارمىيە نەشىرلىرى(NCIS) ئىشلەنگەن. ئەمما مەن يەنىلا لاس ۋىگاس نەشرى(CSI)نى ياقتۇرىمەن.


بۇ فىلىم كۆرۈرمەننى CSI دىكىلەر بىلەن ۋەقەلىك ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ. ناھايىتى قىززىقىپ كۆرۈسىز. شۇنداقلا ھازىر رىئال دۇنيادا مەۋجۇت بولىۋاتقان تېخنىكىلار ئارقىلىق دىلو پاش قىلىدۇ. قىلچە مۇبالىغە يوق. شۇنداقلا نۇرغۇن بىلىملەردىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ. يەنى DNA تەكشۈرۈش، بارماق ئىزى تەكشۈرۈش، قان ۋە باشقاسۇيۇقلۇق ئەۋرىشكىسى، كۆزىتىش كامىراسىدىن پايدىلىنىش، يانفوندىن پايدىلىنىش، توردىن پايدىلىنىش… دېگەنگە ئوخشاش.


بۇ فىلىمنىڭ ھەر بىر قىسمىدا بىر يېڭى ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ. ئادەم قىلچە زىرىكىش ھىس قىلمايدۇ. مەسىلەن مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار:

دالىدا يىرىتقۇچ بىر قۇشنى تەكشۈرىۋاتقان ھەۋەسكارلار قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا بىر تال كۆزنى(ئادەم كۆزى) ئەكەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلىدۇ. پەقەت بىر تال كۆز. نۇرغۇن دۆلەتلەردە بۇ بىر ئىتىبارسىز قارىلىدىغان، شۇنداقلا باشقا ھېچقانداق پاكىت بولمىغان ئەھۋال. ئەمما CSI دىكىلەرنى بۇنى تەكشۈرىدۇ. كۆزنىڭ DNA تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما ئامىرىكىدا ئۇنداق كەڭ كۆلەمدىكى بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر ئامبىرى يوق. پەقەت گۇماندارنىڭ، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى تەكشۈرۈلۈپ، توپلىنىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ CSI دىكىلەر ھېلىقى قۇشنىڭ ھەركەت ئادىتىگە ئاساسەن قانچە كىلو مېتىر دائىرىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى بىكىتىۋالىدۇ. ئاندىن شۇ دائىرە ئىچىدىكى ئەخلەت مەيدانىنى تەكشۈرىدۇ. ئەخلەت مەيدانى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ھەممىنى تەكشۈرۈپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار كۆزنىڭ چىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆلگۈچىنىڭ قاچان ئۆلگەنلىكىنى تەخمىنەن ھىساپلاپ چىقىدۇ. ئەخلەت مەيدانىنىڭ باشقۇرغىچىلىرى ئارقىلىق شۇ چىسلا ئەتراپىدا ئەخلەت تۆكۈشكە باشلىغان دائىرىنى تەكشۈرىدۇ. ئەخلەتلەر ئارىسىدىكى تاللا بازىرىنىڭ تالۇنى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن دائىرنى يەنىمۇ كىچىكلىتىدۇ. ۋە شۇ دائىرىدىن جەسەتنى تاپىدۇ. ئەمما جەسەتنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىغۇدەك ھېچنىمە يوق. ئۇلار يەنە جەسەتنىڭ ئەتراپىدىكى ئەخلەتلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئەخلەت كىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان كوچىنى بىكىتىۋالىدۇ. ئەمما بۇ كوچىدىمۇ نۇرغۇن ئائىلىلىكلەر بار بار بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ بىردىن چوڭ ئەخلەت ساندۇقى بار. CSI دىكىلەر ھەممە ئەخلەت ساندۇقىنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈپ، قان داغلىرىغا ئاساسەن DNA تەكشۈرۈپ ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىنى تاپىدۇ ۋە سالاھىيىتىنى ئىنىقلايدۇ. كىيىنكى جىنايەتچىنى تەكشۈرۈپ تاپىدىغان ئىشلار يەنە داۋامىدا.

تۆۋەندە CSI دىكى ئاساسلىق رولچىلار:



گىل گىرسىم (Gil Grissom)، ھاشارەتشۇناس دوكتور، CSI نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەسئۇلى. 8- بۆلۈمنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە CSIنىڭ مەسئولى بولۇپ چىقىدۇ. ئاندىن خىزمەتتىن چىكىنىپ يەنە ئۆزىنىڭ ھاشارەتشۇناسلىقىنى قىلىدۇ.

ئۇ خىزمەتكە ئۆزىنى ئاتىغان، بويتاق، نەق مەيدانغا ئەڭ بۇرۇن يىتىپ بارىدۇ. تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىشقا ماھىر، مەسئۇلىيەتچان، خىزمەتداشلىرىغا تەلەپنى قاتتىق قويىدۇ. ئويۇن تاماشا بىلەن كارى يوق.

نەق مەيداندىن ياكى جەسەتنىڭ بەدىنىدىن ھاشارەت تېپىۋالسا بەك خوش بوپ كىتىدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا ھاشارەتلەر نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇنىڭغا دەپ بىرىدۇ. ھاشارەتلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە لىچىنكىلاش، ئۆچەككە كىرىش، قانات چىقىرىش دەۋرىگە ئاساسەن ناھايىتى ئۇزۇن بولغان جەسەتلەرنىڭمۇ ۋەقەگە ئۇچرىغان ۋاقتىنى ئىنىق ھىساپلاپ چىقالايدۇ. ئىشخانىسى پۈتۈنلەي ھاشارەت ئەۋرىشكىلىرى بىلەن تولغان.




كەسرىن(Catherine Willows)، لاسۋىگاستا توغۇلغان، دادىسى لاسۋىگاستىكى داڭلىق قىمارخانىنىڭ ئىگىسى. ياش ۋاقتىدا ئۇسۇلچى بولغان. كىيىن بىر ساقچىنىڭ نەسىھىتى بىلەن مەكتەپتە ئوقۇپ ساقچى ئاندىن CSI دا خىزمەتچى بولغان. نەق مەيدان تەكشۈرۈشكە مەسئۇل. گىل گىرسىم پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىن بىر قانچە بۆلۈم CSI نىڭ مەسئۇلى بولغان. كىيىن FBI غا خىزمەت يۆتكەپ كەتكەن. كىيىن يەنە Intelligence دەپ بىر كىنودا رول ئاپتو.




جىم بىرەس كاپىتان (Captain Jim BrassCSI دىكى بىردىنبىر ساقچى ئۈنۋانىدىكى خادىم بولىشى مۇمكىن. داۋاملىق كاستوم كىيىپ، گالىستۇك تاقاپ يۈرىدۇ. نەق مەيدانغا تۇنجى قېتىم بېرىپ CSI نىڭ كىلىشىنى ساقلايدۇ. مەيداننى CSI ئۆتكۈزۈپ بىرىپ ئۆزىنىڭ تەكشۈرىشىنى باشلايدۇ. تىرگەۋ(سوراق) قىلىش، ئەھۋال ئىگەللەشكە ماھىر.




نېك سىتوكىس(Nick StokesCSI دا ئەڭ كۆپ رول ئالغان ئارتىس(جەمئى 319 قىسىم). ئۇ CSI نىڭ 1- بۆلۈم 1- قىسمىدىن باشلاپلا بار. ھەم ھازىرغىچە رول ئېلىۋاتىدۇ. نەق مەيدان تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، ئېغىر بېسىق، سالماق، جاپادىن قورقمايدۇ.




دوكتور روبىن (Dr. Al Robbins). بۇ كىشىنىڭ ئەسلى ئىسمى روبىرت (Robert David Hall)، 1947-يىلى تۇغۇلغان. 1978- يىلى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئوت كىتىپ پۈتۈن بەدىنىنىڭ 65%تى كۆيۈپ كەتكەن ۋە ئىككى پۇتى كىسىۋىتىلگەن مېيىپ. ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم توي قىلغان. ئىككىسى مېيىپ بولۇپ قالغاندىن كىيىن. ئېلېكتىرونلۇق گىتتار، پىئانىنو چېلىشقا، ناخشا ئېيتىشقا ماھىر. كىنودىمۇ بۇ تالانتىنى بىرقانچە قېتىم نامايەن قىلىدۇ.

روبىن ئەمەلىيەتتىكىگە ئوخشاش كىنودىمۇ مېيىپ، ئەمما ئەزەلدىن چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرمايدۇ. ھەر ئىككىلا پۇتىغا يالغان پۇت سېلىنغان، بىر تال بىلەك ھاسىسىغا تايىنىپ ماڭىدۇ. ھەتتا بەزىدە شۇ يالغان پۇتىنى سۆۋەپ نەق مەيدانغىمۇ بارىدۇ. CSI دا جەسەت تەكشۈرۈشكە مەسئۇل. كەسىپتە پىشقان، ئۇستا قاسساپ. كىنودىمۇ ئەلۋەتتە جەسەت تەكشۈرگەن، قارنىنى يارغان، ئىچكى ئەزالىرىنى ئالغان كۆرۈنۈشلەر خېلى كۆپ. ھەر قىسىمدا دىگۈدەك چىقىدۇ(بۇ كىنونى تاماق يەۋاتقاندا كۆرمەسلىكىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا بۇنداق كۆرۈنۈشتىن قورقىدىغانلارغا بۇ فىلىم تەۋىسسىيە قىلىنمايدۇ).

بۇ كىشىنىڭ بۇ كىنودا رول ئېلىپ قېلىشىمۇ قابىلىيىتىدىن بولغان. دەسلىپىدە بىر قىسىم سىناق رول ئېلىپ باقماقچى بولىدۇ. ئەمما رول بەك قاملىشىپ كىتىپ 14 يىلدىن بۇيان داۋاملىق رول ئېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئالغان رولىغا قاراپ راستىنلا قانۇن دوختۇرىمىكىن دەپ قالغان. ئەمما ئۇنىڭ ئوقۇغان كەسپى ئىنگىلىز ئەدەبىياتىكەن.

ئەلۋەتتە روبىننىڭ غەلىتە قېلىقلىرىمۇ بار. بىر قېتىم داڭلىق بىر ناخشا چولپىنى ئۆلۈپ كىتىدۇ. روبىن بىلەن ياردەمچىسى دېۋىد ئۇ چولپاننى ئوپراتسىيە ئۈستىلىدە ياتقۇزۇپ قويۇپ، بېشىغا ئۈنئالغۇنى ئەكىلىپ قويۇپ، شۇ ناخشىچىنىڭ بىر ناخشىسىنى تازا يۇقۇرى ئاۋازدا قويۇپ، ھاسىسىنى گىتتار قىلىپ چېلىپ، دېۋىد بىلەن بىللە ناخشىسىنى تەڭ ئېيىتىپ بىر پۇخادىن چىقىۋىتىپ ئاندىن پىچاقنى قولىغا ئالىدۇ.

بىر قېتىم نېك بىلەن بىر ئسىلىپ ئۆلىۋالغان قىزنىڭ ئۆيىگە تۇنجى بولۇپ كىرىپ قالىدۇ. قىز ئۆلگەن ئەمما ئۇنىڭ قوسىغىدىكى ھامىلە تېخى تىرىك. روبىن نىكنىڭ پىچىغىنى ئېلىپ(ئوپراتسىيە پىچىقى ئەمەس)، قىزنىڭ قوسىغىنى يېرىپلا بالىنى ئېلىپ قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.




خاجىس (David Hodges)، ماتېرىيال تەكشۈرۈشكە مەسئۇل. ئۇ ئۆزىنى CSI دىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ ئويلايدۇ. نەق مەيدان تەكشۈرۈشكە چىققىلى ئۆچ. تەجىربەخانىدا ئىشلىگىلى ئامراق. كەسپىي تىلدا سۆزلەشكە ئامراق. ئۇ ئادەتتە رىزىنكە، بىنزىل، تۇز، ئەينەك، شىكەر دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشقا ئۆچ. ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇ ساۋاتسىزلارنىڭ تىلى. ئۇ ناترىي خلىلور، پولىي كاربونات، فايبىر گىلاس، كاربون دىئوكسايىد… دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشقا ئامراق. تەجىربىسىنىڭ نەتىجىسى چىققاندىمۇ بىر تالاي كەسپىي گەپلەرنى قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە ئامراق. ئەمما خىزمەتداشلىرىنىڭ سەۋرى تاقىتى يوق. ئۇنىڭدىن ئىنگىلىزچە سۆزلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چۈشەنمەسلىكى.

بىر قېتىم خاجىسقا خىزمەتداشلىرى نەق مەيداندىن ئۇۋۇلۇپ كەتكەن ناھايىتى كىچىك بىر ئەينەك ئۇۋىقىنى ئەكىلىپ بىرىدۇ. خاجىس ئۇ ئەينەك پارچىسىنى تەكشۈرۈپ ئاخىرىدا بۇ ئەينەك پارچىسىنىڭ فوتو ئاپراتنىڭ لىنزىسى ئىكەنلىكىنى، كانوننىڭ مەلۇم تىپلىق ئاپراتىغا سەپلەپ سېتىلغانلىقى، قايسى يىلى بازارغا سېلىنغان، ئامىركىدا قانچىسى سېتىلغانلىقىغىچە ئىنىقلاپ بىرىدۇ.

ئەلۋەتتە خاقىسقا بىر پارچە يىپ، بىرەر تال مىتال ياكى سىر پارچىسى ئەكىلىپ بەرسىلا ئۇ ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكى، نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى ئىنىقلاپ بىرەلەيدۇ.




گىرىگ ساندىرىس (Greg Sanders)، تەجىربەخانىدا بىئولوگىيەلىك پاكىتلارنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل. ئاساسلىقى DNAتەكشۈرىدۇ. فىلىمنىڭ بېشىدا داۋاملىق تەجىربەخانىدا ئىشلەيىتتى. كىيىن ئادەم يىتىشمەي بىر قېتىم نەق مەيدانغا چىقىدۇ. ئەمما نەق مەيداننى كۆرۈپ ياندۇرۇپ، بىئارام بولۇپ تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق نىيەتكە كىلىپ كىيىن نەق مەيدانغا كۆپرەك بېرىپ نەق مەيدان تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.

كىنونىڭ دەسلەپكى بۆلۈملىرىدە DNA تەكشۈرۈش بەك قىيىن ئىدى. نەچچە يۈز پىروبىركىغا ئەۋرىشكە سۇيۇقلىقىنى قول بىلەن تەڭشەپ، ئارلاشتۇرۇپ، نەتىجىلەرنى خاتىرلەپ چىقىرىشقا توغرا كىلەتتى. كىيىنكى قىسىملىرىدا ئەۋرىشكىدىن بىرنى تەييارلاپ بەرسە قالغىنىنى ماشىنا ئۆزى كۆپەيتىپ، نەتىجىنى بىۋاستە چىقىرىپ بىرىدىغان بولدى. ئەمما ئۈسكۈنە يەنىلا چوڭ ئىدى. ئاخىرقى بۆلۈملىرىدە DNA تەكشۈرىدىغان ئۈسكۈنىلەرمۇ كىچىكلەپ نەق مەيدان تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ دالا ماشىنىسىنىڭ كەينىگىلا بىردىنDNA تەكشۈرگۈچ سەپلەپ بىرىلدى. خىزمەتچىلەر نەق مەيداندا تۇرۇپلا DNA تەكشۈرۈپ، نەتىجىسىنى تور ئارقىلىق ئامبارغا سېلىشتۇرۇپ چىقىدىغان بولدى. دېمەك كىنودىكى ئۈسكۈنىلەرمۇ ئەمەلىيەتتىكى بىلەن تەڭ تەرەققى قىلىپ ماڭدى.

فوتو ئاپراتلارمۇ شۇنداق. دەسلەپكى بۆلۈملىرىدە يوغان چاقماق چىرىقى بار، نىگاتىۋ ئىشلىتىدىغان ئاپراتلادا نەق مەيداننى سۈرەتكە ئالاتتى. كىيىنكى بۆلۈملىرىدە رەقەملىك ئاپرات ئىشلىتىدىغان بولدى.




دېۋىد (David Phillips)، قانۇن دوختۇرى. روبىن بىلەن بىللە ئىشلەيدۇ. نەق مەيدانغا بېرىپ جەسەت تەكشۈرىدۇ ۋە تەجىربەخانىغا ئېلىپ كىتىدۇ. روبىن ئادەتتە تەجىربەخانىدىلا ئىشلەيدۇ. دېۋىد بولسا نەق مەيدان خىزمىتىنىمۇ قىلىدۇ. سەل پالاكەتراق. لىكىن كەسپىنى ياخشى كۆرۈدۇ.




سارا(Sara Sidle)، نەق مەيدان تەكشۈرگۈچى. ئارلىقتا بىر مەزگىل خىزمەتتىن چىكىنىپ يەنە قايتىپ كەلگەن. گىل گىرسىم خىزمەتتىن چىكىنگەندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان.




ۋورك (Warrick Brown)، نەق مەيدان تەكشۈرگۈچى. كىيىن بىر چىرىكلەشكەن ساقچى ئەمەلدارى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.




دوكتور رايمون (Dr. Raymond Langston)، فىرافىسسور. رايمون ئەسلى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى. ئۇ جىنايەت پىسخىلوگىيەسىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ تەتقىق قىلىۋاتقان بىر كەسپى قاتىل تۈرمىدە تۇرۇپمۇ باشقىلارنى يىتەكلەپ زەنجىرسىمان قاتىللىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تۈرمىدىن قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دوكتور رايمون ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىمۇ سۆرەپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رايمون CSI كىرىپ ئىشلەپ ئۇ قاتىلنى تۇتىدۇ. رايمون پەقەت بىر قانچە بۆلۈمدە رول ئالغان. ئۇنىڭ CSI غا كىرىپ ئىشلىگەن ۋاقتى گىل گىرسىمنىڭ خىزمەتتىن چىكىنگەن ۋاقتىغا توغرا كىلىدۇ. ئۇ CSI نىڭ يەنە بىر باشلىقى د.ب رۇسسۇل كەلگۈچە ئىشلەيدۇ.




د.ب روسسۇل(D.B. Russell). 12- بۆلۈمدىن باشلاپ CSI نىڭ مەسئۇلى بولغان. خوتۇنىغا بەك ئامراق. ھەر قانداق جىددىي ۋاقىتتىمۇ خوتۇنىغا تېلېفون قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. شۇنداقلا شىرىن- شىكەر گەپلەر بىلەن. باشقۇرۇش، يىتەكلەش قابىلىيى بار. ئەستايىدىل. ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يۇقۇرى.


بۇ فىلىم 15 يىلدا 14 بۆلۈم ئىشلەندى. 14- بۆلۈمنىڭ 21- قىسمىدا سەل ئالاھىيدە بىر ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ. يەنى بىر تور جىنايەتچىسى ئەسكەر ئېرى ئافغانىستانغا كەتكەن ئايالنىڭ توردىكى رەسىملىرىدىن پايدىلىنىپ، تەقلىدىي رىئاللىق (virtual reality) تېخنىكىسى ئارقىلىق مەۋھۇم بىر شەخىسنى ياساپ چىقىپ، بۇ شەخىس ئارقىلىق باشقىلارنى ئالداپ جىنايەت سادىر قىلىدۇ.FBI دىن بىر ئايال خادىم لاس ۋىگاسقا كىلىپ CSI بىلەن بىرلىكتە بۇ دىلونى پاش قىلىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ ئاخىرىدا نېك «مۇكەممەل جىنايەت!(perfect crime)» دىسە ئۇ ئايال خادىم «ياق، تور جىنايىتى!(Cyber Crime)» دەيدىغان كۆرۈنۈش بار.


كىيىن توردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا CSI نىڭ 15 بۆلۈمى بۇ يىل ئاخىرىدا قويۇلغاندىن كىيىن CSI توختايدىكەن. ئورنىغا تور جىنايەت دىلولىرىنى پاش قىلىدىغان CSI:Cyber نامىدىكى تىلۋىزىيە فىلىمى ئىشلىنىدىكەن. باش رولغا CSI نىڭ 14- بۆلۈم 21- قىسمىدىكى ھېلى ئايال خادىم ئەۋەرىي (ئەسلى ئارتىسنىڭ ئىسمى پاترىشا-
Patricia Arquette) چىقىدىكەن.




شۇنداق قىلىپ مەن قىززىقىپ كۆرىۋاتقان بۇ فىلىم 15- بۆلۈم بىلەن بۇ يىل ئاياغلاشماقچى. 15- بۆلۈمى 9-ئاينىڭ 28- كۈنىدىن باشلاپ قويۇلماقچى. CSI:Cyber نىڭمۇ ياخشى چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.



ئەسلى مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SarwanBlog تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 02:57 PM  


سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 06:06:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە خەتلىكمۇ ياكى خەنزۇچىسىمۇ بارمۇ؟

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 892
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3006
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 902 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 08:37:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىدىن كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ    نەدىن  ئىزدەپ تاپىمىز    كىنونىڭ  ئىسمىنى يوللاپ بىرىڭە خەنچە   ئىسمى بولسىمۇ بۇلىدۇ  كۆرۈش  ئادىرسى بولسا تېخىمۇ  ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 09:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېچ بولمىسا كۆرۇش ئادرىسىنى قوشۇپ يوللاپ قويغان بولساڭلا .............

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109417
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 10:28:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سارۋان بىلوگىدىن چىقمايدىكەنغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79820
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 738 سائەت
تىزىم: 2012-5-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 10:43:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
犯罪现场调查

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110603
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-10-14
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 09:59:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن فىلىمنىڭ كۆرۈش ياكى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىمىدىم. بۇ پەقەت فىلىم توغۇرسىدا بىرىلگەن چۈشەنچە. مىنىڭ «كىنو كۆرۈش تەسىراتىم». ئىنگىلىزچە ئىسمىغا ئاساسەن ئىزدىسەڭلا تاپالايسىلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 03:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئامرىكىنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنولىرىدىن قەھرىمان ۋە تۈرمىدىن قېچىش دېگەن كىنولىرىنى ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىمدا بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىنىلىنىپ كۆرگەن،ھازىر كۆپ قىسىملىق كىنولارغا ئانچە قىزىقماس بولاپ قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3903
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 12:20:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە فىلىمىدىن ئىككى قىسىم كۆرۈپ يەنە ئىككى قىسىم چۈشۈرۈپ قويدۇم. گەرچە ئىنگلىزتىلىدىن ئىلىپبە ساۋادىم بولسىمۇ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ چۈشىنىش تەسكە تۇختىدى. خەتلىك فىلىم بولسىمىغۇ كۆرىۋەرەتتىمكەن، قىسقىسى مىنىڭ جاپا تارتىپ كىنو كۆرگىم كەلمىدى. ئەمما ئالدىرىماي قايتا-قايتا كۆرسە بوپ قالىدىغان كىنو دەكمۇ قىلىدۇ.

www.begmurad.wix.com/yaqupjan

ئەخلاق - ئادەم زى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32164
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8100
تۆھپە نۇمۇرى: 1392
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 06:42:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى فىلىمدەك قىلىدۇ ،،، لىكىن بۇنداق كۆپ قىلسىملىق فىلىملەرنى تىل بىلمىسە چۇشەنگىلى بولمايدۇ . بەك كۆپ قىلىسملىق بولغانلىقى ئۇچۇن ئويغۇرچىغا تەرجىمە قىلمايدۇ. بىر قىسىمنى تەرجىمە قىلىپ بازارغا سېلىپ بولغۇچە ئۇنىڭ كىلون نۇسقىسى چىقىپ تەرتىپنى بۇزىدۇ.

مۇھەببەت دىڭىزدىنمۇ كەڭ ، شۇنداقلا دىڭىزدىنمۇ چوڭقۇر بولغان سەمىمىي ساپ ھىسسياتتۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش