مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1017|ئىنكاس: 4

رازۋىتكا فىلىمى – ھېغكۈل پۆغۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110603
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-10-14
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 03:54:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رازۋىتكا فىلىمى – ھېغكۈل پۆغۈ
ئەسلى مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

رازۋىتكا ھىكايىسى
ئەقلىمگە كەلسەم ئۆيدە پەقەت بىر پارچىلا كىتاب باركەن. بىرىنچى يىللىقتا ساۋاتىم چىققاندىن باشلاپلا شۇ كىتابنى ئوقۇشقا باشلىدىم. گەرچە بىر باشتىن ئوقۇمىغان بولساممۇ لىكىن قانچە قېتىم تەكرار ئوقۇغۇنۇمنى بىلمەيمەن. بىزنىڭ يېزىدا ئېچىلىدىغان كىتابخانا يوق ئىدى. مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىمۇ ئادەتتە ئېچىلمايىتتى. شۇڭا بىزنىڭ كىتاب تېپىپ ئوقۇشىمىز ئاسان ئەمەس ئىدى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىم كىتابنى ئاچ بۆرىدەك ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى. باشلانغۇچتىكى ۋاقىتتا ئوقۇغان كىتابلاردىن «شىرلوك ھولمىس»،«UFO ۋە بىرمۇدا ئالتون ئۈچ بۇرجەك» قاتارلىقلار ئىسىمدە.
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسى كادىر ساۋاقداشلىرىمىز مەكتەپكە ئاز- تولا كىتاب، ژورناللارنى ئېلىپ كىلەتتى. ئەلۋەتتە ئۇ ۋاقىتتىكى قىزغىنلىق، كىتاب ئوقۇش سۈرئىتىگە ئۇ نەرسىلەر دال بولالمايىتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا كىتابلا بولسا قانداق تۈر، قانداق ژانىر، كىمنىڭ ئەسرى چاتىغىم يوق كىتاب ئوقۇيتتۇم. ھەتتا شۇ ۋاقىتلاردا تولۇقنى پۈتتۈرگەن ئاچامنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنىمۇ ئوقۇپ تۈگىتىۋەتكەن ئىدىم.
شۇ ۋاقىتلاردىلا رازۋىتكا، فانتازىيە ئەسەرلىرىنى بەكراق ياقتۇرۇپ ئوقۇغان. كىيىنچە كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشقاندىن باشلاپ نۇرغۇن ۋاقتىم كومپيۇتېر بىلەن ئۆتتى. كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقتىممۇ ئازلىدى. كىيىنچە يەنە خىزمەت، ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشچىلىقتا ئۆتتۈم. گەرچە كىتاب ئوقۇشنى تاشلىمىغان بولساممۇ ئەمما بۇرۇنقىدىكەن كۆپ كىتاب ئوقۇيالمىدىم. ئەينى ۋاقىتتا كىتاب يوق ئەمما كىتاب ئوقۇيدىغان قىزغىنلىق ۋە ۋاقىت بار ئىدى. ئەمدى كىتاب بار كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقىت يوق.
ئوقۇيدىغان كىتاب ئازلىغاندىن كىيىن كىتابنى تاللاپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. كەسپىي كىتابلاردىن باشقا يەنە بەكراق ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلىرىم رازۋىتكا ئەسەرلىرى، فانتازىيە، سەرگۈزەشتە (adventure) تۈرىدىكى كىتابلار بولدى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئارىسىدا يەنىلا بوشلۇق.
ئۇيغۇرلار يازغان فانتازىيەلىك ئەسەرلەر ئاز تولا بار بولسىمۇ لىكىن تىلغا ئالغۇدەكتىن پەقەت سۇلتان ھاشىمنىڭ «تىرىلگەن مۇردا»، «يىلانلىق قورۇق»، «كۈمۈشرەڭ قۇتا» قاتارلىق بىر قانچە چاتما پوۋىستىلا بار. رازۋىتكا ھېكايىلىرى ئاساسەن يوق. پەقەت نۇرمەھەممەت توختىنىڭ «شەھلا كۆز»، «بىر كوزا ئالتۇن»؛ ئابلېكىم ھەسەننىڭ «سىرلىق قوڭغۇراق»، «قۇم ئارال» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئاز- تولا رازۋىتكا ھىكايىلىرىنىڭ ئىلمىنىتلىرى تېپىلىدۇ. ئەمما رازۋىتكا ھىكايىلىرى ئەمەس.
شۇنداق بولغان ئىكەن ئوقۇيدىغانلىرىم ئاساسەن تەرجىمە ئەسەرلەر. ئەمما تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىمۇ فانتازىيە، سەرگۈزەشتە، رازۋىتكا تىمىسىدىكى ئەسەرلەر يەنىلا ناھايىتى ئاز. مەن كىتابلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان چەتئەل يازغۇچىلىرىدىن ژول ۋىرىن،ئىسھاق ئاسىم(چاقچاق، ئايساك ئاسىموۋ- Isaac Asimov) كونان دويىل، ئاگاسا كىرىستى، دەن بىروۋىن قاتارلىقلار بار.
كونان دويىل، ئايساك ئاسىموۋ، ئاگاسا كىرىستى، كونان دويىللارغا قارىغاندا ژول ۋىرىننىڭ ئەسەرلىرى بىر قەدەر كۆپ تەرجىمە قىلىنغان. «سىرلىق ئارال»، «دېڭىز ئاستىدىكى 20 مىڭ مىللىق سەپەر»، «15 ياشلىق كاپىتان»، «كاپىتان گىرانىتنىڭ پەرزەنىتلىرى»، «يەر يادروسىغا ساياھەت»، «يەر شارىنى 80 كۈندە ئايلىنىش» دېگەنگە ئوخشاش. ئەمما ئۇنىڭ 66 پارچە كىتابىغا سېلىشتۇرغاندا تەرجىمە قىلىنغانلىرى يەنىلا ئاز.
مىنىڭ كىتاب ئوقۇشتىن باشقا يەنە بىر قىززىقىشىم كىنو كۆرۈش. دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاز- تولا كىنوخانىغا بېرىپ چەتئەلنىڭ كىنولىرىنى كۆرىمەن. ياخشىراق ئۆتكۈزىلىدىغان سەنئەت كىچىلىكلىرىگىمۇ قاتنىشىمەن. دىرامما بوپ قالسا ئەلۋەتتە قولدىن بەرمەيمەن. خوشاللىنارلىق بىر ئىش يوقاپ كەتكىلى 20 يىللار بولغان داراممىچىلىق ئەمدىلەتتىن يەنە پەيدا بولىۋاتىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار»، «ئۇنىڭ ئىككى خوتونى يوق»، «قالايمىقانچىلىق»، «توردىكى مۇھەببەت» قاتارلىق دىراممىلار ئوينالدى. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قولدىن بەرمىدىم.
كىنو كۆرسەم كىنونىڭ سۈپىتىگە ئالاھىيدە تەلەپ قويىمەن. شۇڭا ھازىر ئاساسەن كۆرىدىغان كىنولىرىمنى يا كىنوخانىدا كۆرىمەن ياكى كۆكنۇر تەخسىسى(BluRay Disc)نى سېتىۋىلىپ كۆرىمەن. توردىن چۈشۈرۈپ كۆرىدىغانلىرىمنىڭمۇ ئىنىقلىق دەرىجىسى چوقۇم 720P دىن يۇقۇرى. كۆرىدىغان كىنولىرىم ئىچىدە ھوللىۋۇدنىڭ ھەر يىلى چىقىۋاتقان بازارلىق كىنولىرى بولغاندىن تاشقىرى يەنە رازۋىتكا، يۇقۇرى تېخنىكا، فانتازىيە، سەرگۈزەشتە تېمىسىدىكى كىنو ۋە تىلۋىزىيە تىياتىرلىرى، ھۆججەتلىك فىلىملار بار.
قارىسام ئامىركىدا ئىشلەنگەن كىنولارنىڭ پۇل تېپىشتىن باشقا مەقسىتى يوقتەك. شۇڭا كىنولىرىغا ناھايىتى زور مەبلەغ سېلىپ، ئالاھىيدە كۆرۈنۈش تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىپ كىنوخانىدا قويۇپلا پۇل تېپىشقا تىرىشىدىكەن. ئەمما ياۋرۇپادا يەنىلا بەك بازارلىق بولمىغان كىلاسسىك تېمىدىكى فىلىملەرنى يەنە داۋاملىق ئىشلەيدىكەن. ھەر خىل ئوپىرا فىلىملىرى، رازۋىتكا ھىكايىلىرى دېگەنلەر شۇنىڭ جۈملىسىدىن.
ئالدىنقى يىلى رازۋىتكا فىلىملىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ سوخۇ تورىدا كانادانىڭ «رازۋىچىك موردوك» دېگەن بىر كۆپ قىسىملىق فىلىمى ئۇچراپ قالدى. بۇ فىلىملەر بىلەن بىر قاتاردا ئاگاسا كىرىستىنىڭ «ئاگاسا كىرىستى پۆغۈ» دېگەن كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمىمۇ بار ئىكەن. ئەممە فىلىمنىڭ سۈپىتى بەك ناچار- ئىنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن، ئاۋازى ياخشى ئەمەس. شۇڭا كۆرمىگەن ئىدىم. بۇ يىل يەنە قىزىل بايراققا سىن تەخسە سېتىۋالغىلى بېرىپ تەساددىپىي بۇ تىلۋىزىيە فىلىمىنىڭ 11 بۆلۈمىنىڭ كۆكنۇر تەقسىسى ئۇچراپ قالدى. مانا ھازىر بۇنى كۆرۈپ 9- بۆلۈمنى تۈگەتتىم. رازۋىتكا فىلىملىرىنى ياقتۇرىدىغانلار ئۈچۈن تەۋىسسىيە سۈپىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم.
ئاگاسا كىرىستى
ئاگاسا كىرىستى(Agatha Christie) رازۋىتكا ھىكايە(رومان) لىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان ئەنگىلىيەلىك ئايال يازغۇچى. ئاگاسى كىرىستى 1890- يىلى تۇغۇلغان، 1976- يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆمرىدە 72 رومان ۋە 14 ھىكايە توپلىمى يازغان. يازغان ئەسەرلىرى ئاساسەن رازۋىتكا ئەسەرلىرىدۇر. ئاگاسا كىرىستىنىڭ چاتما رومانلىرىدا ياراتقان ئوبرازلىرىدىن ھېغكىل پۆغۈ، مەرپىل خېنىم، فىشىر خىنىم قاتارلىقلار بار. لىكىن بولارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى ھېغكىل پۆغۈ. ئاگاسا كىرىستىنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە ھېغكىل پۆغۈ تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرىدىن روماندىن 33ى ھىكايىدىن 50 ى بار.

ئاگاسا كىرىستىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مەرپىل خىنىم(خانىم ئەمەس، ئۇ توي قىلمىغان) قېرى موماي، ئۇ ئاساسەن ئۆيىدە ئولتۇرىدۇ. باشقىلاردىن ئىگەللىگەن ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن قاتىلغا ھۆكۈم قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ. فىشىر خىنىم ناھايىتى شەرەنداز ئوتتۇرا ياش ئايال. ناھايىتى پوزۇر كىيىنىدۇ، قېنىق گىرىم قىلىدۇ. ئىنتايىن ناز كەرەشمىلىك، ئۆز بېشىمچى خوتون. ئەلۋەتتە مەن بۇ ئىككى خوتۇننىڭ فىلىملىرىنى ياقتۇرمۇدۇم.
ئاگاسا كىرىستىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى كۆپ ئەمەس. مىنىڭ بىلىدىغىنىم «سىتولىستىكى سىرلىق ئەنزە» دېگەن بىر كىتابى ۋە يەتتە مىنۇتلۇق كىچە دېگەن رازۋىتكا ھىكايىلىرى توپلىمىدا بىر پارچە ھىكايىسى تەرجىمە قىلىنغان.
«پۆغۈ» دېگەن ئىسىم ھەققىدە
بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە كىتاب، تىلۋىزىيە فىلىملىرىدە ھەر خىل ئېلىنغان. خاكتىل بورو، پولو، پورو… دېگەنلەر شۇنىڭ جۈملىسىدىن. تىلۋىزىيە فىلىمىنى كۆرۈش جەريانىدا ھىس قىلغىنىم بۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى كىنودىمۇ ھېچكىم توغرا ئاتىيالمايدىكەن. ھەم ھېغكۈل پۆغۈنى ئەڭ جىلە قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى توغرا ئاتىيالماسلىقى ئىكەن. كىنودا كىشلەر بۇ ئىسىمنى ھەر خىل ئاتايدۇ. ئىسىم كارتوچىكىسىدىكى خەتنىمۇ ھەر خىل ئوقۇيدۇ. پورو، پويروت دېگەنگە ئوخشاش.
ئاگاسا كىرىستىنىڭ ئەسرىدە تەسۋىرلەنگەن ھېغكۈل پۆغۈ بىلگىيەلىك رازۋىچىك. ئىسمى ئىنگىلىزچىدا Hercule Poirot دەپ يېزىلىدۇ. ئوقۇلىشى /ɜrˈkjuːl pwɑrˈoʊ/، فىرانسوزچىدا [ɛʁkyl pwaʁo] تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەن تىلۋىزىيە تىياتىرىدا باش پىرسۇناژنىڭ ئۆز ئاغزىدىن دېگەن ئىسمىغا ئاساسەن «ھېغكۈل پۆغۈ» دەپ ئالدىم. ئەسلى ئىسىمغا ئاساسەن يېقىن كىلىدۇ. ئەلۋەتتە باشقىلارمۇ توغرا دىيەلمىگەن ئىسىمنى ھەركىم ھەرنىمە دەپ ئاتىسا مەيلى.
پۆغۈ ئوبرازى ھەققىدە
ھېغكۈل پۆغۈ بىزگە «نىل دەرياسىدىكى قاتىللىق» دېگەن فىلىم بىلەن تونۇشلۇق. بۇ فىلىم بۇرۇنلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تىلۋىزىيەدە قويۇلغان. شۇنداقلا قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن.
ھېغكۈل پۆغۈ ئەسلى بىلگىيەلىك ساقچى ئوفىسسىرى، رازۋىچىك. ئورۇش مالىمانچىلىقى سەۋەبلىك ئەنگىلىيەگە كىلىپ تۇرغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ خۇسۇسىي رازۋىچىكلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس رازۋىچىك دەپ قارايدۇ.
ئاگاسا كىرىستىنىڭ ئەسرىدىكى ھېغكۈل پۆغۈ ئوبرازى ئاجايىپ يارىتىلغان. پۆغۈنىڭ بويى پاكار، سېمىز. كىيىم كىچەك، يۈرۈش تۇرۇشقا ئالاھىيدە ئەھمىيەت بىرىدۇ. ۋاقىت قارىشى بەك كۈچلۈك. چېچىنى كەينىگە تارايدۇ. ئىككى ئۇچى يۇقۇرىغا قارىغان بۇرۇت قويىدۇ. ئىزچىل ئاق كۆينەك كىيىپ كېپىنەك گالىستۇك تاقايدۇ. جىلىتكە، كاستۇم بۇرۇلكا كىيىدۇ. كىيىمىنىڭ قىرى مەڭگۈ بۇزۇلمايدۇ. ئايىقى ھەرۋاقىت پاقىراپ تۇرىدۇ. جىلىتكىسىنىڭ بىر يانچۇقىغا يانچۇق سائىتى، يەنە بىر يانچۇقىغا بۇرۇن ئۈستىگە قىستۇرىدىغان كۆزئەينىكى سېلىغان. كۆزئەينىكىنىڭ شوينىسى بوينىغا ئېسىلغان، يانچوق سائىتىنىڭ زەنجىرى جىلىتكىسىنىڭ ئالدىغا قىستۇرۇلغان. سىرىتقا چىققاندا بېشىغا ئۈستى قىسقا قالپاق، تۈز، ئۇزۇن پەلتو كىيىدۇ. ھاسا تۇتىدۇ. ھاسىسىمۇ ناھايىتى سىپتا، ئىسىل ياسالغان. ئوخشىمىغان سورۇندا ئوخشىمىغان ھاسا تۇتىدۇ. ئادەتتە كۆمۈش باشلىق، نەقىشلىك قىسقا ھاسا، سەھرالارغا چىققاندا، تىياتىر، مۇسابىقە كۆرگەندە تۇتقۇچىغا ئۇزرايدىغان تاق كۆزلۈك دۇربۇن ئورنىتىلغان سېرىق ھاسا تۇتىدۇ.

پۆغۈ ماڭغاندا پۇتى كىچىك تەتەيلەرگە ئوخشاش كىچىك قەدەم بىلەن، تىز- تىز قەدەم يۆتكەپ ماڭىدۇ. سالاپىتىنى بۇزمايدۇ. ناھايىتى ئەدەپ قائىدىلىك. مۇلايىم.
پۆغۈ ئۇخلىغاندىمۇ ناھايىتى ئىسىل، ئۇزۇن ئۇخلاش كىيىمى كىيىپ ياتىدۇ. ئۇخلىغاندا بېشىغا تور پوسما، بۇرۇتىغا كىچىك ماسكا تاقاپ ياتىدۇ.

پۆغۈنىڭ يەنە بىر ئالاھىيدىلىكى تاماققا ئالاھىيدە ئەھمىيەت بىرىدۇ. ئىسىل رىستۇرانلاردا غىزالىنىدۇ ياكى تاماقنى ئۆزى تۈجىپىلەپ تەييارلاپ يەيدۇ. پۆغۈنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يەنە بىرسى باشقىلارنىڭ ئۇنى تاماق ۋاقتىدا ئاۋارە قىلىشى. ئىتىدىغان تاماقلىرىمۇ ناھايىتى سەنئەتلىك، مىقدارى ئاز. ئېغىزىغا ئادەتتە تىرناقچىلىك بىر لۇقمىنى بىر سالىدۇ. تاماقنى تەييارلاپ بولۇپ ئۆيدە كىيىدىغان كەشتە تىكىلگەن كاستومىنى كىيىپ، بوينىغا شالدام سېلىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدۇ. ھەر بىر لوقمىدا بىر ئېغىنى سۈرتىدۇ. ھەتتا بىر يۇتۇم سۇ ئىچسىمۇ ئېغىنىنى سۈرتىدۇ. جېق تاماق يىگەن، قوشۇق بىلەن تاماقنى جېق- جېق ئېلىپ يىگەن كىشىلەرنى كۆرسىمۇ يىرگىنىدۇ.
پۆغۈنىڭ ئۆيىمۇ ئۆزىنىڭ كىيىنىشىگە ئوخشاشلا رەتلىك. ئۆينى ئىنتايىن پاكىز ۋە رەتلىك تۇتىدۇ. ئۈستىلىدىكى نەرسىلەرمۇ ئىنتايىپ رەتلىك تىزىلغان. پۆغۈ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارسىمۇ ئۈستەل، تەكچىلەردىكى نەرسىلەرنى ئىختىيارسىز رەتلەپ قويىدۇ. ھەتتا بەزىدە جىنايەت نەق مەيدانىدىكى نەرسىلەرنىمۇ رەتلەپ سالىدۇ.

پۆغۈ بىلگىيەلىك شۇڭا ئۇنىڭ ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزى ياخشى ئەمەس. باشقىلار ئۇنىڭ تەلەپپۇزىغا قاراپ ئۇنى فىرانسىيەلىك دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلگىيەلىك ئىكەنلىكىنى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. خېلى كۆپ ئادەت سۆزلىرىنى فىرانسوزچە قىلىدۇ. مەسىلەن: مېغسى(رەھمەت)، شانتى.
فىلىمنىڭ بىر قىسمىدا پۆغۈ BBC نىڭ ئاڭلىتىش ئۆيىدە گۇماندارلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ دىلو پاش قىلىدۇ. بۇ جەريان رادىئودا نەق مەيداندىن ئاڭلىتىلىدۇ. ئاڭلىتىش ئاخىرلاشقاندا قانال باشلىقىنى ئىستانسا باشلىقى چاقىرىدۇ. قانال باشلىقى ئەجەپ ياخشى ئىش قىلدىم ئىستانسا باشلىقى مىنى ماختايدىغان بولدى دەپ خوش بوپ كەتسە، ئىستانسا باشلىقى بۇ دىگەن ئىنگىلىزچە قانال! مۇشۇنداق بۇزۇق تەلەپپۇزدا ئاڭلىتىش بىرەمسەن داپ كايىپ كىتىدۇ.
• فىلىم ھەققىدە
«ئاگاسا كىرىستى پۆغۈ» نامىدىكى يۈرۈشلۈك چاتما تىلۋىزىيە تىياتىرى 1989- يىلدىن باشلاپ ئىشلىنىشكە باشلىغان. ھازىرغىچە 13 بۆلۈم- 70 قىسىم ئىشلەنگەن. ئاگاسا كىرىستىنىڭ ھەر بىر رومان ياكى ھىكايىسى بىر قىسىم قىلىپ ئىشلەنگەن.
فىلىمنىڭ ھەر بىر قىسمىدا بىر قاتىللىق دىلوسى يۈز بىرىدۇ. پۆغۈ ئۆزىنىڭ ئالاھىيدە كۆزىتىش، لوگىكىلىق تەپەككۈر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق قاتىلغا ھۆكۈم قىلىدۇ. پۆغۈنىڭ دىلو پاش قىلىش جەريانى ئاساسەن ئۇنىڭ تەپەككۈرىدا بولىدۇ. يۈزبەرگەن ۋەقەگە دائىر ھەر بىر تەپسىلاتنى ئىنچىگە كۆزىتىش، ئۆز- ئارا باغلاش ئارقىلىق قاتىلنى ۋە قاتىللىق جەريانىنى پەرەز قىلىپ چىقىدۇ. باشقا رازۋىچىكلارغا نىسبەتەن پۆغۈ ئىگەللىگەن ئەھۋاللار دىلونى پاش قىلىشقا يىتەرلىك ئەمەس. پەقەت پۆغۈلا ئۆزىنىڭ ئالاھىيدە پەرەز قىلىش، لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ دىلونى پاش قىلىدۇ.

پۆغۈنىڭ ئاساسلىق يىپ ئۇچىغا ئىرىشىش ئۇسۇلى گۇۋاھچىلار ياكى دىلوغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگەللەش بولۇپ، پۆغۈ ئۆزىنىڭ مۇلايىملىقى، شىرىن سۆزلىكى، ئىللىق مۇئامىلىسى ئارقىلىق باشقىلاردىن ئەھۋال ئىگەللەيدۇ. ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى ئىنچىگە تەپسىلاتلار، كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسى، ھەركەتلىرىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. ئىگەللىگەن مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن قاتىلغا ۋە ئۇنىڭ مۇددىئاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇنداقلا قاتىللىق جەريانىنى پەرەز قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، گەرچە پۆغۈ قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ئەمما پاكىتلار ئۇنى جىنايەتچى دەپ بىكىتىشكە يىتەرلىك ئەمەس. شۇڭا پۆغۈ ھەر بىر ھىكايىنىڭ ئاخىرىدىغا دىلوغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى يىغىپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. توغرىسى سۆھبەت ئەمەس لىكسىيە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەپسىلى سۆزلەيدۇ. ھەر بىر كىشىنى گۇماندار قىلىپ قاتىللىق قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئەنسىرتىدۇ. ئاخىردا دىلو يۈز بەرگەن جەرياننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنگە ئوخشاش تەسۋىرلەيدۇ. قاتىل ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغان تەپسىلاتلارنى پۆغۈنىڭ سۆزلىگىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ ۋە تېنىۋىلىشقا ئامالسىز قېلىپ ئۆز ئاغزى بىلەن ئىخرار قىلىدۇ. ساقچىلار جىنايەتچىنى قولغا ئالىدۇ.

ئاگاسا كىرىستىنىڭ ئەسەرلىرىدە قەھرىمان يوق. مەيلى قايسىلى باش پىرسۇناژ بولسۇن ئالاھىيدە ماھارەت ياكى مۇشتلىشىش ئىقتىدارى يوق. مەرپىل خىنىم 70 تىن ھالقىغان موماي. ئۇ ئاساسەن تور توقۇپ ئولتۇرۇپ دىلو پاش قىلىدۇ. پۆغۈمۇ يېشى 50 تىن ئاشقان، سېمىز، ھەركىتى ئاستا ئادەم. ئۇنى بىر مۇش يىيىش بىلەن ئەمەس، ئالدىغا بىر ئادەم يۈگرەپ كەلسىمۇ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالماي يىقىلىپ چۈشىدۇ. پۈتۈن 70 قىسىم فىلىم جەريانىدا ئۇنىڭ بىرەر قېتىم يۈگرەپ ماڭغىنى ياكى يۈگرەپ قاچقىنى چىقمايدۇ. پەقەت ھاسىسىنى تايىنىپ تىز- تىز ماڭغان كۆرۈنىشى بار. ئۇنىڭغا قارىغاندا فىشىر خىنىمنىڭ سەل ھەركىتى بار. ماشىنىنى تىز ھەيدەيدۇ، تاپانچا ئىشلىتىدۇ.
پۆغۈ پاش قىلىدىغان دىلولار ئاسان ئۆزى تونۇيدىغان ياكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بىرىدۇ. كۆپۈنچە ۋەقەلىك ئەنگىلىيەدە يۈز بىرىدۇ. يەنە ساياھەتكە چىققان ۋاقىتلىرىدا مىسىردا، باغداتتا يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەرمۇ بار.
قىسقىسى بۇ فىلىمدە كۆرۈرمەن ئىقتىيارسىز ھالدا پۆغۈگە ئەگىشىپ دىلو پاش قىلىشقا كىرىشىپ كىتىدۇ. ئادەم ئۆزى بىلىپ بىلمەي فىلىمدىكى ھەرخىل پىرسوناژلاردىن گۇمانلىنىدۇ. بەزىدە گۇمانىمىز توغرىمۇ چىقىپ قالدۇ. ئەمما فىلىم ئاخىرىدا پۆغۈ يەنىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

بۇ فىلىمنى رازۋىتكا فىلىملىرىنى ياقتۇردىغانلار ئۈچۈن تەۋىسسىيە قىلىمەن. ئاخىرقى تەشەببۇسۇم فىلىمنى كۆرگەندە ئامال بار يوقۇرى ئىنىقلىقتىكىسىنى تېپىپ، تىنىچ مۇھىتتا ئولتۇرۇپ كۆرۈڭ. دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىڭىزدا كۈنىگە بىرەر قىسىمدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
مەنبەلەر:
«ئاگاسا كىرىستى پۆغۈ» نىڭ سوخۇ تورىدىكى كۆرۈش ئادرىسى: http://tv.sohu.com/s2012/dztbl1/
ھېغكۈل پۆغۈ ئوبرازى ھەققىدە: http://en.wikipedia.org/wiki/Hercule_Poirot
ئاگاسا كىرىستى ھەققىدە: http://en.wikipedia.org/wiki/Agatha_Christie
ئاگاسا كىرىستىنىڭ ئەسەرلىرىدىن فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەنلىرى: http://www.imdb.com/name/nm0002005/
«ئاگاسا كىرىستى پۆغۈ»: http://www.imdb.com/title/tt0094525/
ژول ۋىرىننىڭ كىتابلىرىنىڭ تىزىملىكى: http://en.wikipedia.org/wiki/Category:Novels_by_Jules_Verne

ئەسلى مەنبەسى: سارۋان بىلوگى



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 50 ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 06:37:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېركۇلېس قەدىمكى گرىك ئەپسانىلىرىدىكى كۈچ قۇۋۋەت ئىلاھى . بۇ كىشىنىڭ ئىسىمىنى فرانسۇزچە ئېغكۇل دېيىشى تەبىئىي ، بىراق ئۇيغۇرچە ھەرپ بويىچە ھېركۇل دېسە توغرىراق . پاغو دېگەن فرانسۇزچە ئاھاڭ بولغانىكەن ، ئۇيغۇرچە پورو دېسىمۇ بولىۋېرىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 06:38 PM  


مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1312
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 08:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95522
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 09:25:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95522
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 09:26:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش