مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2098|ئىنكاس: 19

يېڭى بىر دۇنيا (4) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 10:35:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھىر - مۇھەببەت ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىدىغان نەرسە. باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ، كۆيۈنۈش بولسا ئەشۇ ئاتالمىش مېھىر - مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىش ۋاستىسى ،ئەلۋەتتە.

مۇنداق دېسەم مېنى « مېھىر - مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىغان بالىمۇ بۇ ؟ ئاتالمىش دەپ يۈرۈيدىغۇ ؟» دەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن . لېكىن ،مەنچە بولغاندا مەن نېمىنىڭ مېھر ،نېمىنىڭ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان بالا.

ئېيتىپ كەلسەم گەپ تولا. لېكىن يەنىلا ئېيتىشقا مەجبۇرمەن .چۈنكى ئېيتماسلىقنى كۆڭلۈم قويمىدى.

توغرا. ھەممە ئادەم مېھىر - مۇھەببەتكە مۇھتاج. بولۇپمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش ياقا يۇرتلاردا سەرسان بوپ يۈرگەنلەر ئۇنىڭغا تېخىمۇ موھتاج.

ئادەم دېگەن راستلا قىززىق نەرسە جۇمۇ. پەقەتلا يېنىدا تۇرغاننىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان. ئۆي تەرەپلەردە ئاتا - ئانىمىزنىڭ قىلغانلىرىنى پەقەتلا كۆرەلمەيمىز.پەقەتلا ئۇلاردىن ئايرىلغاندا ئاندىن قەدرىگە يېتىپ ۋاي دەپ كېتىمىز.

بولدىلا .بۇ توغرىلىق كۆپ توختالماي.يەنىلا ئۆز گەپكە كېلەي :

مېھىر - مۇھەببەتكە تەشنا ئادەم ،بىرەرىنىڭ غەمخورلىقىغا ئۇچرىغىنىدا ئۆزىنى باشقىچىلا ھېس قىلىدىكەن.لېكىن ئۇ كۆيۈنۈش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغىنىدا يەنىلا ئۇنىڭ قەدرى ئۆتۈلمەيدىكەن.

مانا ،ئاشخانىدا بىر ئوبدان نام چىقىرىۋالغىلىمۇ ئىككى كۈن بولدى. شۇ ئىش تۈپەيلى خىجلچىلىقتا ئىككى كۈندىن بېرى ئاشخانىغا بىر قەدەم دەسسەپ باقمىدىم. قېرىنداشلىرىم بىلەن ،بوپمۇ قىزلار بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ياتاقتىن ئانچە بەك چىقىپمۇ كەتمىدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاقتا سىمسىز تورمۇ بولغاچقا ،سىرتقا چىقىشمۇ خۇشياقمايتتى.

ئەمما بۈگۈن كەچ ،سىرتقا چىقىشقا ئاخىرى مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى ئەتىدىن تارتىپ ھەربىي مەشىق قىلىدىغان بولغاچقا ،بۈگۈن كەچ تەقلىدى سوت زالىدا يىغىن ئاچىدىكەن.

بۈگۈن كەچ يىغىن ئاچىدىغانلىقىدىن تۈنۈگۈن ئالدىنالا خەۋەر تاپقاچقا ،تۈنۈگۈن كەچلىك ۋە بۈگۈن چۈشلۈك ئۇيقۇمنى بۈگۈن كەچتىكى يىغىنغا ئەپ قويۇپ ،ياتاقدىكى يولداشلارنىڭ كومپىيوتىرىنى بېشىمدا تۇرۇپ قاراپ كېتىشلىرىگە پەرۋا قىلماستىن ،خۇددى تورخانىغا كىرىپ ئوينىغاندەك ئويناپ كەتتىم.

كەچمۇ كىردى. يىغىن ۋاقتىمۇ بولدى .مەنمۇ كومپيوتىر ئىشقىدا يۈرەكلىرى ئوت بولۇپ ، كارىۋاتتا يىغلىغۇدەك بوپ ئولتۇرغان كومپىيوتېر ئىگىسىگە كومپىيوتېرىنى تاشلاپ بېرىپ يىغىنغا چىقىپ كەتتىم. ئۇمۇ خۇددى مۈشۈك چاشقانغا ئېتىلغاندەك ،ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا ياتقان جايىدىن ئىچ كىيىمى بىلەنلا كومپىيوتېرغا ئۆزىنى ئاتتى.

ھەي...ئىشىق دېگەن مۇشۇنداق يامان نەرسە جۇمۇ...

پىلاننى ھېلىمۇ ياخشى تۈزۈپ قويۇپتىكەنمەن. تەقلىدى سوت زالىغا كىرىپ ،ئورۇندىن بىرنى تېپىپلا بېشىمنى قويۇپ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن.

ئۇخلاپ بىرچاغ بولغاندا يېنىمدا ئولتۇرغان بىرسى توختىماي نوقۇيدۇ. بېشىمنى ئاستا كۆتۈرۈپ قارىسام ماڭا «ئۆتۈۋالاي » دەيدۇ.ئالدىمغا قارىسام «سەھنە»دە بىزنىڭ سىنىپدىن بىرمۇنچە بالا تۇرمامدۇ.

«ھە.ھەر قايسى سىنىپدىكىلەرنى چىقىرىپ باشقا سىنىپدىكىلەرگە تونۇشتۇرغىلى تۇرۇپتۇ - دە »دەپ ئويلاپ ،مەنمۇ يۈزۈمگە باياتىن بېرى بېسىلىپ كەتكەن قىزىل ئىزنالارغا پەرۋا قىلماي ئورنۇمدىن تۇرۇپلا «سەھنە»گە قاراپ ماڭدىم.

قىززىق. ھەممىسىنىڭ كۆزى مەندە دېسە...ئادەم كۆرۈپ باقمىغاندەك...بەزىلىرى كۈلۈشىۋاتىدۇ.بەزىلىرى ماڭا قاراپ باش بارمىقىنى چىقىرىشىپ «غەيرەت قىل »دىيىشىۋاتىدۇ.

ئىم ؟ توغرا ئەمەسقۇ ؟ نېمىگە غەيرەت قىلىمەن ؟

نېمىلا بولمىسۇن ،شۇ ماڭغىنىمچە «سەھنە»گە چىقىپ ،سەپكە تىزىلىپ تۇردۇم.  ئىچىمدە بولسا يەنە بىر قېتىم.سەتلىشىدىغانلىقىمنى جەزىملەپمۇ بولدۇم.

مانا ،مانا. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىمۇ كۆڭلۈمدىكىنى تۇيغاندەك «يەنە چىقىدىغانلار قالمىغان بولسا ،بۇ تەرەپتىن باشلاڭلار »دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.

توۋا. نېمىش قىلىدىغان بولغىيتتۇق ؟

بۇ چاغدا ئەڭ چەت تەرەپتىكى ئوقۇغۇچى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.ئاندىن ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بولۇپ  جىم تۇردى .ئاندىن كېيىنكىسى سۆزلەشكە چۈشتى.

« ھە...ناھايىتى شۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرىدىغان ئىشكەنغۇ.»دەپ ئويلاپ يۈرۈكۈم جايىغا چۈشتى.

ئۇزاق ئۆتمەي ،سۆزلەش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. ئىچكىرى تولۇقتىكى چاغدا سەھنىگە تولا چىقىپ كۆنۈپ قالغاچقىمىكىن ،ياكى يېزىقچىلىقنى كۆپ قىلغاچقىمىكىن ،قىلچە جىددىيلەشمەستىن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدىم :« مېنىڭ ئىسمىم نەبىجان . ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئالايىتەن شىنجاڭ قەشقەرنىڭ پوسكام ناھىيەسىدىن كەلدىم.  مەن تولۇق ئوتتۇرىنى بېيجىڭدا ئوقۇغان .مەكتەپتىكى چاغدا ئۈچ يىل گۈزەل سەنئەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ھازىر سىلەر بىلەن ساۋاقداش بولىمەن دەپ باشلىقلىقنى تاشلاپ بۇ يەرگە كېلىۋالدىم.»

سۆزۈم تۈگىشىگە ،«ئەزىز تاماشىبىن»لار «ۋاھ »دېيىشكىنىچە ھېچكىمگە چالمىغان چاۋاكلىرىنى چېلىشىۋەتتى.مەنمۇ ئۆزۈمنى مەغرۇر تۇتۇپ تۇردۇم.

كېيىن سەھنىدىكى ھەممەيلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ،نېمىشقىكىن ،يېتەكچى ئوقۇتقۇچى «ئەمىسە تاللاڭلار » دەيدۇ. ھاڭ -تاڭ بولغان پېتىم ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي تۇرسام ،پەستە ئولتۇرغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى مېنى كۆرسىتىشتى.

مەن تېخىمۇ ھەيران بوپ تۇرسام ،يېتەكچى ئوقۇتقۇچى يەنە ئېغىز ئاچتى :«ئۇنداقتا ئۈچىنچى سىنىپنىڭ ۋاقىتلىق سىنىپ باشلىقى نەبىجان بولدى !»

ھە ؟!

سىنىپ....سىنىپ باشلىقى ؟!

خۇدايىم توۋا...ئەسلى باياتىن بېرى سىنىپ باشلىقى سايلاۋاتقانمىدى ؟!
بايا سەھنىگە قانداق كەيپىيات بىلەن چىققان بولسام ،يەنە شۇنداق كەيپىيات بىلەن چۈشۈپ كەتتىم .لېكىن نېمىشقىكىن ،ئەمدى پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى. كەلگەن تەقدىردىمۇ يەنە قايتا ئۇخلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.

بايا سەھنىگە قانداق كەيپىيات بىلەن چىققان بولسام ،يەنە شۇنداق كەيپىيات بىلەن چۈشۈپ كەتتىم .لېكىن نېمىشقىكىن ،ئەمدى پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى. كەلگەن تەقدىردىمۇ يەنە قايتا ئۇخلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.

بىر سائەت...ئىككى سائەت...

كۆزلىرىم قان قۇيغاندەك قىززىرىپ ،توختىماي تېپىچەكلەپ بولالماي تۇرغىنىمدا ،بۇ يىغىن ئاخىرى ئاخىرلاشتى.

ئەمدى ماڭاي دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا ،يېتەكچى «ھەر قايسى سىنىپ باشلىقلىرى قېپ قېلىڭلار»دەپ ،مېنى  توختىتپ قويدى.

زالدىكى ھەربىر سىنىپتىن تاللانغان بىر قىز ،بىر ئوغۇل ۋاقىتلىق سىنىپ باشلىقلىرى ھەمدە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىدىن باشقا ھەممەيلەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ،يېتەكچى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنىنى باشلىدى. لېكىن بۇ يىغىن بىردەمدىلا مېنىڭ ئوغامنى قايناتتى.

نېمىشقا دەمسىز ؟يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىسىڭىز سىزمۇ بەلكىم مەندەك ئوغىڭىزنى قاينىتىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن.

ئۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق :

》ھە...ئۇنداقتا ھەممىڭلارنى ساۋاقداشلار ئىشەنچ قىپ تاللىدى...---ماڭا شاپپىدە بۇرۇلۇپ قاراپ ---دېگەنلىرىمنى چۈشەندىڭمۇ ؟《

مەن جاۋابەن كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.ئۇ جاۋابىمنى ئېپ بوپ يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:
- ئەمدى مۇنداق سىنىپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئاسان ئىش ئەمەس...نەبىجان ،گېپىمنى چۈشەندىڭمۇ ؟
-ھە .چۈشەندىم.
-ئۇنداقتا ياخشى .ئەتىدىن باشلاپ ھەربىي مەشىقنى باشلايمىز...نەبىجان ،گەپلىرىمنى راست چۈشەندىڭمۇ ؟
-ھەئە.سۆزلەۋېرىڭ.
-ئەمىسە ئەتىدىن باشلاپ قىلىدىغان ئىشىڭلار...نەبىجان ،راست چۈشەندىڭ؟
-...

ھەي...كۆيۈنۈش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىدۇ جۇمۇ. مانا شۇتاپ كۆڭلۈم  بىر جۈملىنىڭ كەينىدىن توختىماي تەكرارلىنىۋاتقان كۆيۈنۈش ئىبارىلىرى بىلەن بىر نېمە بوپ كېتىۋاتىدۇ دېسە ...

- نەبىجان ، دېگەنلىرىمنى راست چۈشەندىڭما ؟
- ۋاي ھە !
-راست ؟
-...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 50 بەكلا ياقتۇردۇم!!داۋا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھەقىقەت رەھىمسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12923
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8688
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1726 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 01:20:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئۇلام ھەجەپ يۇقاپ كەتتىڭا
ھەربى مەشىقىڭلا جىددىما؟
يا بوپ بوغان ئىشلانى ئەسمە يېزىۋاتامسە؟

ئەخلاق دىلدا ئەمەس ھەركەتتە ئىپادىلەنسە ئاندىن ھەقىقىي ئاخلاق بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1826
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 01:52:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىڭىز تەسۋىرلەنگەن بۇ ھېكايىڭىزنى ق‍ىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن. ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولسۇن.

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24245
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7296 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 04:55:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازما ياخشىكەن، يېزىلىش شەكلى بىلەن مەزمۇنى مەن ياقتۇردىغان ئۇسلۇبتا بوپتۇ.. باشتىكىلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن تولۇقلىما ئىنكاس يازارمەن..
تېما ئىگىسى توختاپ قالماي يېزىڭ

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 06:32:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9bulak يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 01:20 PM
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئۇلام ھەجەپ يۇقاپ كەتتىڭا
ھەربى م ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم توققۇز بۇلاق ئاكا.

ئەسلى مۇشۇ دۈشەنبىدىن تارتىپ ھەممە ئىشنى بىر ئوڭشاي دېگەنتىم ،لېكىن ئالدىنقى جۈمە كۈنى جۈمەگە بېرىش يولىدا پورتمالىمنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ ،كىملىك ،بانكا كارتىسى...دېگەندەك ھەممە نەرسەم.يوق بوپ ئولتادىمچۇ. بانكا كارتامنى تولۇقلاي دېسەم كىملىكىم يوق. بار تەقدىردىمۇ ئۇ كارتام بېيجىڭدىن بېجەرگەن كارتىتى...شۇڭا نەچچە كۈندىن بېرى ماشۇ ئىشلار بىلەن بوپ قالدىم.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 06:33:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9bulak يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 01:20 PM
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئۇلام ھەجەپ يۇقاپ كەتتىڭا
ھەربى م ...

ھەربىي مەشىق قىپ بولغىلى خېلى زامانلار بوپ قالدى ئاكا.
ئۇنتۇپ قاپسەندە،بۇ دېگەن رېئاللىق بىلەن توقۇلما ئارىلاشتۇرۇلغان رومان.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 06:38:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahiyma يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 01:52 PM
ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىڭىز تەسۋىرلەنگەن بۇ ھېكايىڭىزنى ق ...

ياقتۇرغىنىڭىزدىن،قوللىغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 06:38:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Zulpikar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 04:55 PM
بۇ يازما ياخشىكەن، يېزىلىش شەكلى بىلەن مەزمۇنى مەن ياق ...

ياقتۇرغىنىڭىزدىن،قوللىغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24245
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7296 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 06:58:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 06:38 PM
ياقتۇرغىنىڭىزدىن،قوللىغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

ئالى مەكتەپ ھاياتىم ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، يازمىنى ئوقۇپ تۆت يىلدىن بېرى مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئىسىمگە كېلىپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن...بىراق ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپ ھاياتى بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىز ئىچىدە ئوقىۋاتقانلارنىڭ ئىككى خىل،يەنە كېلىپ پەرىق ئىنتايىن زور...
قارىسام سىزنىڭ ئەمدىلەدىن باشلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ، ئىشقىلىپ ئامال بار پۇشايمان قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ تۆت يىلنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈڭ..

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1405
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1011 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 08:07:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قىتىم مۇشۇ يىڭى دۇنيا دىگەن تىما ئىسمىنى كۆرگەندە يىڭى دۇنيا دىگەن فىلىم ئىسىمگە كىلىدۇ بەلكىم مەزمۇنى بەكلا تەسىر قىلغا بولسا كىرەك

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش