مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kisaskar11

جىلغىدىكى قەدىمىي قەبرە (ۋەھىمىلىك ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 11:00:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى بىرھەپتە ساقليدىغان ئىشمۇ  ئەمدى   ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 11:33:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمىسى راۋان چىقىپتۇ ،ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم

ئىملاغا تېخىمۇ دىققەت قىلىپ كەتكەيسىز...

داۋامىنى كۈتىمىز ئەمسە....

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 01:55:22 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 03:48 PM
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ ناھايتت ...

kipan  ogrisining  hammisi  bama  man aygi kaqan  qika dap kozuum 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109333
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2014-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:00:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھمەت ئەجرىڭىزگە،ئەمسە داۋامىنى چاقانراق يۇللىغايسىز ،كۈتۈۋاتىمىز،ھە راس  مۇشۇ كىپەن ئۇغرىسىنىڭ ئاخىرىنى تەرجىمە قىلغانمىدۇ،مەن ,ئالۋاستى ,سالۇنىدا دىڭىز ئاستىىدىكى قەبرىگە چۈشكەن يىرىگە قەدەر شۇندا قىزقىپ ئۇقۇغان ئىدىم ،ئاخىرىنى تەرجىمە قىلماپتىكە،خىلە بۇلدى ساقلاۋاتىمە،بىلدىغانلار بامۇ

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5641
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2472 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:10:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Hanzuqisining. Ulinix. Adrisi. Barmidu....

ئىشىڭنى قىل.................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106815
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2014-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 05:23:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىلغىدىكى قەدىمى قەبرە

2- بۆلەك : قەبرىدىكى ۋەھىمە  (2)
   
" چاراس" قىلغان ئاۋاز بارغانسېرى يىقىنلاشماقتا ، گوۋۋازى چىشىنى مەھكەم چىشلىگىنىچە قەدىمىنى ئاران - ئاران يۆتكىمەكتە ئىدى.  زۇلمەت قاراڭغۇلۇق پۈتكۈل ئەتراپىنى قاپلىغان بولۇپ ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتتى  . ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى بايا كۆرۈنگەن چىراغ نۇرىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى  .
    ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى گۇمان تېخىمۇ كۈچىيىشىگە باشلىدى ، ئەجىبا جىن چاپلىشىۋىلىپ بايا كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت ئەمەسمىدۇ ؟  
    ئادەتتە جىن ئىككى خېل بولىدۇ ، بىرسى ئەرۋاھ بولۇپ ئۇ پەقەت ئادەمنى ئازدۇرۇپ روھى ھالىتىنى قالايمىقان قىلىۋىتىدۇ . يەنە بىر خېلى ئالۋاستى بولۇپ ئادەمگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزىدۇ ، ھەتتاكى ئادەمنىڭ جىنى ئالىدۇ.  شۇڭلاشقا خەلق ئارسىدىمۇ " ئالۋاستى چاپلىشىۋالغاننىڭ ئونى ئۆلۈپ توققۇزى ساراڭ بولور " دەيدىغان گەپ بار.
     ھازىرقىدەك ئەھۋالدا گوۋۋازىنىڭ ئۇنداق جىق ئىشلارنى ئويلىغۇدەك چولىسىمۇ يوق ، پەقەت بىر قەدەم بىر قەدەمدىنلا ئالغا ئىلگىرلەشكە مەجبۇر ئىدى  .گوۋۋازى قولچىراقنى تۇتۇپ ئالدىنى بىر قۇر كۆزەتتى ، تۇيۇقسىز  ئوڭ تەرەپتىكى يار لىۋىگە رەتلىك قويۇلغان جەسەت ساندۇقلىرى  كۆزىگە چىلىقتى .
  بۇ دەقىقىدە گوۋۋازى تىخمۇ قايمۇقۇپ قالدى ، بۇ خېلدىكى جەسەت ساندۇقى پەقەت چۈەنشى  دىلا بار لىكىن بۇ يەر چۈەننەن . توغرىسى بۇ ئىشلارغا كۆز يۇمىۋالغىلى بولمايتتى  .... بۇ خېلدىكى جەسەت ساندۇقىنىڭ بۇ يەردە بولۇشى بۇ قەبرىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەنىدى . ئاتاماننىڭ دىيىشىچە ئىلگىرى بۇ يەردە بىر قانچە قەبىلە ياشىغان بولۇپ  نۇرغۇنلىغان سىرلىق مەدەنىيەتلەر قالدۇرۇپ كەتكەن ، لىكىن ھەممىسى سىرلىق ھالدا غايىپ بولغان تارىختىمۇ بۇ توغۇرلۇق ھېچقانداق نەرسە خاتىرىلەنمىگەن ئىدى .
      گوۋۋازى ياغاچلىرى پورلىشىپ كەتكەن بىر دانە  جەسەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كەلدى دە ، قۇرۇققىنىدىن ۋارقىرىۋەتكىلى تاس قالدى  . پورلىشىپ كەتكەن ساندۇقنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان بىر جەسەت ياتاتتى ،ئۇچىسىغا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىيىمىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان غەيرى كىيىم كىيىۋالغان ئىدى ، ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى جەسەتنىڭ يۈزى نىقاپلاغلىق ئىدى  .
     گوۋۋازىنىڭ ئەڭ قورىققىنى بۇ جەسەتنىڭ بىر قولىنىڭ تىرنىقى ئۇزۇن ھەم قارا ئۇچلۇق ھەم ئۆتكۈر ئىدى  .
     گوۋۋازى قولچىرقنى تىزدىن ئۆچۈردى دە ، قەدىمىنى تىزلىتىپ ئۇدۇلغا قاراپ ماڭدى  . ئۆزى ئاتامانغا شۈنچە يىل ئەگىشىپ چوڭ - كىچىك بولۇپ يۈزنەچچە قەبرىگە كىرگەن  . گەرچە بۇنداق جەسەتنى ھەقىقىي كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ لىكىن ئاتاماننىڭ ئىغېزىدىن جىق ئاڭلىغان.  ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ كەسىپنى قىلىدىغانلارنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى جەسەتنىڭ ئەرۋايىغا ئۇچراپ قىلىش  ، بولۇپمۇ مۇشۇنداق " تىرىك " جەسەت  .
    ئەگەر جىنغا ئۇچراپ قالسا يەنىلا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئامالى بار ،نىمىلا دىگەن بىلەن جىن پەقەت ساڭا زىيانلا يەتكۈزىدۇ  . لىكىن ئەرۋاھ سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىدۇ ، خۇددى كىنولاردىكىدەك قېنىڭنى شوراپلا قالماستىن تېنىڭنىمۇ يەۋىتىدۇ......
     گوۋۋازى زەنجىر كۆۋرۈكتىن ئاخىر ئۆتۈپ بولدى  ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى ئازادە تۇتالمايىتتى  . ئارقىسىدىكى" چاراس " لىغان ئاۋازمۇ توختىدى .  گوۋۋازى قولچىراقنى ئەتراپقا قاراتتى ۋەئۇدۇلدىكى تامغا ئويۇلغان كىچىك پىچاققىڭ بەلگىسىنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ كەتتى  .
     " ئاتالغان راستىنلا بۇ يەرگە  كەپتۇ ، قارىغاندا ئۇ بىرەر نەرسىنى بايقاپ بەلگە سىلىپ ماڭغان بولسا كېرەك.  " ، گوۋۋازىنىڭ يۈرىكى ئەمدىلەتتىن جايىغا چۈشكەندەك بولدى  . ھېچ بولمىسا ئاتامانغا بىرەر ئىش بولمىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈشكە بولاتتى  ، ئاتاماننى تاپسىلا ھەممە ئىش ئاسانلىشاتتى .
     بەلگە كۆرسەتكەن تەرەپ ئىككى يار ئارلىقىدىكى پەقەت بىرلا ئادەم ماڭالايدىغان ئۆتۈشمە يول ئىدى  . گوۋۋازى ئىچىگە كىرىپ ئون نەچچە مىتىر ماڭمايلا ئارقىدىكى زەنجىر كۆۋرۈكنىڭ قاتتىق شاراقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئاڭلىماققا ئىنتايىن جىددىي ئىدى  .
      " ئەجىبا ئۇلار بىر قانچىسىمۇ كەلگەنمىدۇ ؟" گوۋۋازى ئىچىدە ئويلىدى  . توختاپ ئەھۋالنى بىلىپ باقماقچى بولدىيۇ ، لىكىن ئۇ يەرنىڭ بەكمۇ خەتەرلىكلىكىنى ئويلاپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىدا كىرگەن ئۇ بىرقانچىسىنىڭمۇ نېمە بولغانلىقى ئىنىق بولمىغاچقا كەينىگە يىنىشتىن يالتايدى  . خۇددى ئاتامان دىگنىدەك ئىنسان قەلبى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق  يەنە كىلىپ ئارقىدىكىسنىڭ ئۇلار ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈگىلى بولمايدۇ ،ئەگەردە......
       ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن گوۋۋازى يەنە ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى ،   پەقەت قەدىمىنى تىزلىتىپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى  . ئۇزۇن ئۆتمەي ئالدىدا يەنە بىر تىك يار كۆرۈندى  ، ئۇ قولچىرقنى ئۇدۇلىغا قارىتپ يورۇتتى . تىك يارنىڭ لىۋىدە بىر ئۇچى يەرگە قىقىغلىق ، يەنە بىر ئۇچى يار ئاستىغا ساڭگىلىغان بىر ئارغامچىنى كۆردى  . بۇ دەل ئاتامان ئىلىۋالغان ئارغامچا ئىدى ، ئىنىقكى ئاتامان ئاستىغا چۈشۈپ بولغان ئىدى  . گوۋۋازى كۆپ ئويلانماستىنلا ئارغامچىغا ئىسىلىپ ئاستا- ئاستا تىك ياردىن چۈشتى  .
      بۇ يار ئانچە ئىگىزمۇ ئەمەس ئىدى ، ئۇ ئون نەچچە مىتىر چۈشە چۈشمەيلا پۈتى يەرگە ئۇلاشتى  . قولچىراقنى يورۇتۇپ ئەتراپقا قاراتتى ، گوۋۋازى ئۆزىنىڭ بىر تاش ئۆيگە كىرىپ قالغانلىقى بايقىدى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109333
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2014-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 12:14:22 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردىم،داۋامىنى چاقانراق يۇللاڭە،بىردەمدە ئۇقۇپ بۇپ قاراپ ئۇلتادىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 12:36:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇۋاتىمەن   رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1591
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 889 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 01:35:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېپەن ئوغرىلاش خاترىرىسىگە ئوخشايدىكەن،

دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد

ئاللاھ ساڭا يار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35456
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4700
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 2679 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 02:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تەرجىمە قىپسىز ئاخىرىنى تېزراق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن .

ئايدەككىز :سۇغا سالساڭ سۇ كۆتەرمەس مىسقال تۆمۈرنى ،ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش