مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 752|ئىنكاس: 15

خىيالىمدىكى دۇنيا)ئۈمىدۋار( [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109645
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 10:49:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيالىمدىكى دۇنيا
           خىياللىرىم گوياكى دېڭىز،
           مەن ئىچىدە ئۈزگەن بىر بېلىق،   
          خىيالىمدا دۇنيا ئاسمىنى،  
          شۇنچە سۈزۈك، شۇنچىلىك تىنىق.

          يوق ئۇ يەردە بۇلغانغان ھاۋا،  
          يوق ھەتتاكى ئىس -تۈتەك تۇمان.
          قوينى تولغان تۈمەن خىل گۈلگە،  
          ساپ ھاۋالىق باغۇ گۈلىستان  .

          ئادەملىرى ئاقكۆڭۈل شۇنچە،  
          قەلبى بۇلاق سۈيىدىنمۇ ساپ.  
          چىرايىدىن ياغىدۇ كۈلكە،  
          چېھرى گويا يازدىكى ئاپتاپ.

          بىر بىرىگە كولىماس ئورا،   
          قەلبىدە يوق  ھەسەت ئاداۋەت .
          بىر بىرىنى يۆلەيدۇ ھەممە،  
          ئۇلاردا بار ئىنساپ دىيانەت.

          يوق ئۇ يەردە ئىختىلاپ_ نىزا،
          قىلىشمايدۇ غەيۋەت _شىكايەت.  
          ھۆكۈم سۈرەر ئۇندا ئىناقلىق،
          يار ئۇلارغا بەخىت _سائادەت.

          بىر بىرىگە قارايدۇ ھەممە،  
          مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن.
          شۇڭا ھايات گۈللەپ ياشنايدۇ ،
          شۇ مۇھەببەت تەپتى بىلەن  .

          ھەممە كۆزدە بەخىت ئۇچقۇنى،
          غەم قايغۇدىن يىراقتۇر يىراق .
          قەلىبلەردىن نۇرلار تارايدۇ،  
          ئەقىدىدىن يېقىلغاچ چىراق.

          ئېلىپ كەتسەم يارۇ دوسىتلارنى،
          خىيالدىكى دۇنيارىم تامان .
          بىللە سۈرسەك بەخىت پەيزىنى،
          يۈرىكىمدە قالماستى ئارمان !!

                                ئۈمىدۋار
        مەنبە ئۆز قەلىمىم  
   خىيالىمدىكى دۇنيا(ئۈمىدۋار) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 02:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 09:29:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان شېئىر بوپتۇ، راستىنلا سىز تەسۋىرلىگەندەك بىر دۇنيا بولسا، ھەممە ئىجىل- ئىناق بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى- ھە؟!....
ھەي....  بارادەر،  ھارمىغايسىز!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107274
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1175
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2014-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 09:43:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىرىڭىزنى بەك ياختۇردۇم كاشكى شۇنداق دۇنيا بولسىچۇ  زۇلۇم يوق زالىملىق يوق دات - پەريات يوق ، ئەمما بۇ ھالەتتە ئۇنداق دۇنيا بولمايدۇ ، ھەم بولغان ئەمەس . ئى رەببىم ئوزلىرى ئاسانلىق بەرسىلە....

HATALIK OTKUZUX INSANNIG SUPITIDUR HATALIKNIG AH YAHXISI TAWBA BILAN BIRKA BOLKAN HATALIKTUR .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2913
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 10:23:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيالىڭىزدىكى دۇنياغا قانچىلىغان كىشىلەر تەشنا-ھە!

شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،ياختۇردۇم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109581
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2014-8-31
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 10:39:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر بىرىگە كولىماس ئورا،   
          قەلبىدە يوق  ھەسەت ئاداۋەت .
          بىر بىرىنى يۆلەيدۇ ھەممە،  
          ئۇلاردا بار ئىنساپ دىيانەت.

ياخشى يېزىپسىز.......قەلبىمىزدە ئاداۋەت ساقلاپ يۇرۇش ياخشى ئەمەس قەلبىمىزدە يامانلىقلارنى ئويلمايلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 11:51:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلھام يار بولسۇن،  شىئېرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.     بەرىكەتلىك بولۇڭ

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5074
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 457 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 12:02:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىرىڭىزنى بەك ياختۇردۇم ... ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپ سىز ،،،ئاشۇنداق دۇنيا بۇلغان  بۇلسا نىم دىگەن ياخشى بۇلاتى

http://user.qzone.qq.com/2091389224/main

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109645
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 12:23:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
99sahrayi99 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 09:29 AM
ياخشى يېزىلغان شېئىر بوپتۇ، راستىنلا سىز تەسۋىرلىگەند ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ...بۇ بىر ئارزۇ -ئارماندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109645
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 12:25:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ifret يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 09:43 AM
شىئىرىڭىزنى بەك ياختۇردۇم كاشكى شۇنداق دۇنيا بولسىچۇ   ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، شۇنداق بۇ ھالەتتە بۇنداق دۇنيا مەۋجۇت ئەمەس ....ئارمانىم ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109645
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 12:27:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
owqi11 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 10:39 AM
بىر بىرىگە كولىماس ئورا،   
          قەلبىدە يوق  ھەسەت ئاد ...

رەھمەت، دىگىنىڭىزدەك ئاداۋەت ساقلاش ياخشى ئىش ئەمەس،  ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىمۇ زىيانلىق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش