ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قورغان بۇرادەر، شىئېرىڭىزنى قايتا بىر قېتىم ئىشلەپ كۆرگەن بولسىڭىز، مەن ئۆزۈمچە ئۆزگەرتىپ باقتىم، ئاتكاچىلىق قىلغان بولسام ئۆزرىلىكمەن.
ئاكام دىمەتلىك بولغاچ ئۆزىڭىز،
<ئاكا>ئاتىدىم يېقىن، ئۆز كۆرۈپ.
سوغۇق نەزەردە باقتىڭىز ئەجەپ،
دىلدىكى ئىشەنچ «تاغ»ىنى ئۆرۈپ.
خىزمەتداشلىرىم كايىپ كىتىشتى ،
سىزنى<ئاكا>دەپ،<جۈيجاڭ>دىمىسەم.
چۈشەندىم شۇ چاغ قاپاق تۈرگەننى.
«دوكلات»قىلارمىش ئاڭا كۆنمىسەم.
<ئاكا> سۆزىدە دولقۇنلار ئىدى،
ئىشەنچ،ھۆرمەتنىڭ «دەريا-دېڭىزى».
قاچاندىن بىرى ئەمەل نامىنىڭ،
قالدى«تاغ، دەريا، دېڭىز»دا ئىزى.
ئازراق شەكىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردىم، قاملاشمىغان بولسا بۇ ئىنكاسىمنى ئەخلەتخانىغا پالىۋەتسەك تامامەن بولىدۇ. ھى ھى