مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 847|ئىنكاس: 8

رىۋايەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 05:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                             رىۋايەتلەر

   ھۇسەيىن بايقارانىڭ بىر تۇلپىرى بار ئىكەن . ئۇنىڭغا پادىشاھ يەرۇ - كۆككە ئىشەنگەندەك ئىشىنىدىكەن . ئۇنى پەقەت ئوۋغا چىققان ، ئۇزاق سەپەرلەرگە ئاتلانغان چاغلىرىدىلا مىنىددىكەن .
   كۇنلەردىن بىر كۇنى شىكاردىن قايىتقان  پادىشاھ  ئارغىمىقىددىن رازى بولۇپ ئەلىشىر ناۋائىغا ماختىنىپتۇ :
   - ئالەمە بىزنىڭ ئارغىماقتەك ئۇچقۇر ئات بولمىسا كىرەك ! مۇشۇ تۇلپار قايسى نەسىلدىن ئىكەن - ھە ؟
   - سىيىر نەسلىدىن ، تەقسىر ، - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئەلىشىر ناۋائى .
   - نىمە بالا ، كاللىڭىز جايىدىمۇ  ، شۇنداق تۇلپار سىيىرغا ئوخششامدىكەن ؟ قايسى زاماندا سىيىر نەسلىدىن ئات تۇغۇلۇپتىكەن ، ئەي ۋەزىرى نادان ؟ - دەپتۇ ئاچچىغى كەلگەن پادىشاھ .
   ئەلىشىر ناۋائى بولسا قىلچە پەرۋا قىلماي :
   - تەخسىر ، ئاخىرىنى دىگۇچە سەۋىر قىلىڭ ، مەسىلە تىخى تىگىگىچە ئىچىلغىنى يوق ، سىيىر نەسلىدىن تۇلپار تۇغۇلامدۇ يوقمۇ بۇنى بىلىش ئۇچۇن  مۇشۇ ئاتنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئات باقارىڭىزنى چاقىرىتسىڭىز ، - دەپتۇ .
   ھۇسەيىن بايقارا شۇ زاماتلا بۇيرۇق بىرىپتۇ . ھەش - پەش دىگۇچە ئات باقار يىتىپ كىلىپ ، قول قوشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ . شاھ  تۇلپارنىڭ ئەسلى نەسلىنى بىلمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ سوراپتۇ :
   - بۇ تۇلپارنىڭ نەسلى ساپمۇ ؟
   - ئالەم پاناھ ، بىر قوشۇق قىنىمدىن كەچسىڭىز ، مەن بىر كەمبەغەل ئادەممەن ، غەزەپلىنىپ كىتىپ بالا - چاقامنىڭ ئۇۋالىغا قالماڭ  ! خۇدا خەيرىڭىزنى بەرسۇن ،  ھىممىتىڭىزنى ئايىماڭ ،  سىزگە بىر گەپنى دەپ بىرەي ، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ ئات باقار .
   - خوپ ، كەچتىم ئىيتىۋەر ، - دەپتۇ ھۇسەيىن بايقارا .
   - تۇلپىرىڭىزنىڭ ئەسلى سىيىر نەسلىدىن ، تەقسىر ، - دەپ گەپ باشلاپتۇ ئات باقار ، - بايتاللىرىڭىزدىن بىرى مۇشۇ قۇلۇننى تۇغدى - دە ، ئۆمرى قىسقا ئىكەن ، ئۆلۇپ قالدى . قانداق قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم . شۇ كۇنى ئىغىلدا بىر نەسىللىك سىيىرىڭىزمۇ تۇققانىدى ، بىچارە قۇلۇنغا رەھمىم كىلىپ ، شۇ سىيىرنى ئەمدۇردۇم . بۇ تۇلپارنىڭ ئانىسى ئەسلى شۇ سىيىر ، تەقسىر !
   پادىشاھ ئەجەپلەنگەنلىكىدىن ھاڭ - تاڭ بولۇپ ، ياقىسىنى تۇتۇپ قاپتۇ . ئات باقار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن :
   - دوستۇم ئەلىشىر ! سىز بۇنى نەدىن بىلىۋىدىڭىز ؟ - دەپ سوراپتۇ .  
   - تەقسىر ، سىز بىلەن تۇنۇگۇن ئوۋغا چىققانداپالانى يەردىكى سۇدىن ئۆتۇۋاتقىنىمىزدا زەن سىلىپ تۇرسام ، سىيىرىڭىز كىچىكتىن ئۆتۇپلا ، خۇددى سىيىرلاردەك پۇتىنى كەينىگە قارىتىپ سىلكىتتى .
   شۇنىڭ بىلەن ھۇسەيىن بايقارا ئەلىشىر ناۋائىنىڭ زىرەكلىكىگە يەنە بىر قىتىم قايىل بولغانىكەن .

                                  ئەرىكسىز شاھتىن ئەركىن گاداي ياخشى

   كۇنلەردىن بىر كۇنى سارايدا ئولتۇرۇۋىرىپ ئىچى پۇشۇپ كەتكەن سۇلتان ھۇسەيىن بايقارا بىلەن ئەلىشىر ناۋائى ساياھەتكە چىقىپتۇ . ئۇلار بىر سەھرادىن ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ ، ئۆرۇلۇپ كىتەيلا دەپ قالغان بىر ئۆينىڭ ئالدىدا بىر ئايالغا دۇچ كىلىپ قاپتۇ . ئۇ ئايال كىيگەن كۆڭلەكنىڭ قىرىق يامىقى بار ئىكەن . ئۆزىمۇ ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىدىن تىرىسى سۆڭىگىگە چاپلىشىپ قالغانىكەن . بۇ ئىككىسى تۇزۇكرەك زەن سىلىپ قارىسا ئۇ ئايال بىر نەچچە يىل ئىلگىرى سارايدىن چىقىپ كەتكەن ئايالنىڭ نەق ئۆزى ئىكەن . سۇلتان ھۇسەيىن بايقارا  ئەينى چاغدا كىنىزەكلىرىدىن بىرىگە ئاچچىقلىنىپ ئۇنى سارايدىن ھەيدىۋەتكەنىكەن .
   ئۆز كىنىزىكىنى دەررۇ تونىغان پادىشاھ ئەلىشىر ناۋائىغا :
   - دوستۇم ئەلىشىر ، قىنى بۇ ئايالدىن سوراپ باققىنە ، سارايدىكى كۇنى ياخشىمىكەن ياكى مۇشۇ كۇنى ئەۋزەلمىكەن ؟ - دەپتۇ .
   ئەلىشىر ناۋائى ئويلىنىپ تۇرۇپ :
   - ئۇنىڭ قايسى كۇنىنىڭ ياخشىلىقىنى مەن ناھايىتى ئوبدان بىلىمەن . مەيلى ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئۇچۇن سوراپ بىرەي ، - دەپتۇ ۋە ئايالنىڭ ئالدىغا بىرىپ  :
   - ئەي سىڭلىم ، سەن بىر چاغلاردا كۆشىكتە ياشايىتتىڭ ، يىگىنىڭ ئالدىڭدا ، يىمىگىنىڭ كەينىڭدە ئىدى ،  ئەمدى بولسا ئۇستى - بىشىڭ قىرىق ياماق ، بەدىنىڭنى ئارانلا يىپىپ تۇرۇپتۇ ، تىنىڭدە گۆش قالماپتۇ ، سەن ماڭا راستىنى ئەيىت ، ئەينى چاغدا سارايدىكى كۇنىڭ ياخشىمىدى ياكى ھازىرقى ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ ، - دەپ سوراپتۇ .
   ئايال جاۋاپ بىرىپتۇ :
   - تەقسىر ، توغرا دىدىڭىز ، مەن بىر چاغلاردا كۆشىكتە قىرىقنىڭ بىرى ئىدىم ، سۇلتاننىڭ قەدىمى مىنىڭ ھوجرامغا قىرىق كۇندە بىر قىتىم يىتەتتى ، قىرىق قىزنىڭ ھەممىسىگە تۇرمۇش ھارام ئىدى ، ئەمدى بولسا كۆرۇپ تۇرغىنىڭىزدەك ، يىرىم ئاچ ، يىرىم يالىڭاچ بولۇپ يۇرسەممۇ ، ئۆز ئىلىم ، ئۆز ئۆيۇم بار . ئىرىم مىنى ياخشى كۆرىدۇ ، مەنمۇ ئۇنىڭغا سادىقمەن ، ئاچ قالغان چاغلىرىمدا ئۇنىڭ بىر سۆيۇشى ئوزۇق ، بىر ئىغىز شىرىن سۆزى ماڭا شايى - ئەتلەس كىيىمدۇر . ئەمدى سورىغانلىقىڭىز ئۇچۇن ئىيىتمىسام بولماس ، ئەرىكسىز شاھ بولغاندىن ئەركىن گاداي بولغان ئەۋزەلرەكتۇر .
   ئەلىشىر ناۋائى خىيالچان شاھنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلگەنىكەن ، سۇلتان ھۇسەيىن بايقارا ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان بولغاچقا :
   - نىمە ، قىرىق ئايالنىڭ بىرىنى بىر ياققا قويۇپ ، قالغانلىرىنىڭ جاۋابىنى بەر ، دىمەكچىمۇ سىز ؟ - دەپتۇ .
   بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەلىشىر ناۋائى مەمنۇن بولۇپ :
   - شاھنىڭ زىرەك ئەقلىگە قايىل بولدۇم ، - دەپتۇ .
   سۇلتان ھۇسەيىن بايقارا بىر ئاز ئويلاپ تۇرۇپ ، دوستىنىڭ نىمىگە ئىشارە قىلىۋاتقانلىقىنى چۇشۇنۇپتۇ .

                                               دۇنيادا نىمە ئەڭ لەززەتلىك ؟

   ھۇسەيىن بايقارانىڭ قىرىق ۋەزىرى بار ئىكەن ، قىرىقىنجىسى ئەلىشىر ناۋائى ئىكەن . بىرى كەم قىرىق ۋەزىر ئۇنى پادىشاھقا جىق يامانلاپتۇ . ئاخىرى ئەلىشىر ناۋائى ۋەزىرلىكتىن بوشىتىلىپتۇ .
   بىر كۇنى ھۇسەيىن بايقارا بىرى كەم قىرىق ۋەزىرىدىن :
   - دۇنيادا نىمە ئەڭ لەززەتلىك ؟ - دەپ سوراپتۇ .
   ۋەزىرلەرئۆزلىرى بىلگەن ۋە خىيالىغا كەلگەن ھەممە گەپلەرنى دەۋەرىشىپتۇ .
   - ياق ، تاپالمىدىڭلار ، ئەتىگىچە تىپىپ بىرەلمىسەڭلار ، جىنىڭلاردىن ئۇمىدىڭلارنى ئۇزۇڭلار ! - دەپتۇ ھۇسەيىن بايقارا .
   ۋەزىرلەر ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپتۇ .
   - بۇنى ئەلىشىر بىلىدۇ ، - دەپتۇ ۋەزىرلەردىن بىرى .
   ئۇنى ئەلىشىر ناۋائىنىڭ يىنىغا ئەۋەتىشىپتۇ . ۋەزىر ئۇنىڭ ھوزۇرىغا بىرىپ :
   - شاھ ئالىلىرى بىزگە : « دۇنيادا نىمە ئەڭ لەززەتلىك ؟ شۇنى تىپىڭلار » دەپ بۇيرۇدى ، بىز تاپالمىدۇق . ئىيتىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ ، - دەپتۇ .
   - قايسى تاماقنى ئاچ قىلىپ يىسىڭىز شۇ ئەڭ لەززەتلىك ، دەڭ ، - دەپتۇ ئەلىشىر ناۋائى .
   ھۇسەيىن بايقارا ئەتىسى ئۆز سۇئالىغا جاۋاپ سورىغاندا ، ئۇلار شۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىشىپتۇ .
   - بۇنى سىلەر تاپمىدىڭلار ، راستىنى ئىيتىڭلار ، كىم تاپتى ؟
   - تەقسىر ، ئۆزىمىز تاپتۇق !
   ھۇسەيىن بايقارا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆيگە سولاپ :
   - راستىنى ئىيىتمىساڭلار ، مۇشۇ ئۆيدىن بىر - بىرلەپ چاقىرىپ چىقىپ ، كاللاڭلارنى ئىلىۋىرىمەن ! - دەپتۇ .
   - بىز ئەلىشىر ناۋائىدىن سوراپ بىلدۇق ، - دەپتۇ ۋەزىرلەر ئاخىرى .
   - ئۆزەڭلار ئۇنى ماڭا يامانلاپ ھەيدىتىۋىتىپ ، يەنە نىمىشقا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايسىلەر ؟ دىمەك ، ئۇنىڭسىز كۇنۇڭلار ئۆتمەيدىكەن - دە ؟ ! - دەپتۇ پادىشاھ ۋە ئەلىشىر ناۋائىنى چاقىرتىپ ، يەنە ۋەزىرلىككە تەيىنلەپتۇ  .

  مەنبە : « بۇلاق » ژۇرنىلىنىڭ 1994 - يىللىق 3 - سانى












ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109581
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2014-8-31
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 10:37:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بالىرى قىزقىپ ئوقۇيدىغان رىۋايەتلەر ئېكەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 11:33:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان ھىكايىلەركەن...

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 11:47:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇردۇم، ياخشى رىۋايەتلەر ئىكەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 908 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 11:50:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



         ئېسىل رىۋايەتلەر ئىكەن، يوللىغۇچىغا رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 12:16:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۇزسە بولغۇدەك.


تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 01:57:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇردۇم . يەنە بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز .

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2071
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 04:54:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاڭلىماپتىكەنمەن رەھمەت سىزگە .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4764
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 08:02:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
owqi11 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 10:37 AM
بۇ ماقالنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بالىرى قىزقىپ ئوقۇيدىغ ...

شى ياڭياڭدىنغۇ ياخشىدۇ..؟؟!!!!...

نەۋباھار ياپرىقىڭ سارغايدى-سولدى،
قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىزسۇندى.
بارغىن سەن ئالدىغا، تەلەپكار بولسا،
نازلانغىن ئەركىلەپ، خېرىدار ئولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش