تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ئەھۋاللاردۇر ،تورداشلارنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن ياخشى ھەزەر ئىلىپ ئۆزىنىڭ ھاياتى،مال-مۈلۈكىنى ياخشى قوغدىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
دىلو مىسالى (1)
بىر ئايالنڭ قول سومكىسى ئوغۇرلاندى ،سومكىنىڭ ئىچىدە ،تىلفۇن ،بانكا كارتىسى قاتارلىقلار بار ئىدى .20 مىنۇتتىن كىيىن ،بۇ ئايال يولدىشىغا تىلفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ سومكىسىنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىنى ئىيتتى .يولدىشى بۇ ۋاقىتتا ناھايتىمۇ بەك ھەيران قىلىپ قىتىپلا تۇرۇپ قالدى ۋە ئايالىغا دىدى:مەن باياتتىن سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى قوبۇل قىلغان ئىدىم،ئۇچۇردا سىىز بىز ئىشلەتكەن بانكا كارتىسىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى سوراپتىكەنسىز ،مەن قايتۇرغان ئىدىم .بۇ ۋاقىتتا .ئايالى بەكمۇ قايغۇردى ،ئۇلار شۇ زىمىتلا بانكىغا باردى ،بانكا خادىملىرى، يۈتۈپ كەتكەن كارتا ئچىدىكى ھەممە پۇلنىڭ ئىلىپ بولۇنغانلىقىنى ئىيتتى .ئەسىلىدە ئوغرى سومكىنى ئىچىپ تىلفۇن ۋە بانكا كارتىسىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ،شۇنىڭ بىلەن تىلفۇننى قولغا ئىلىپ بۇ ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ نۇمىرىنى تاپقان ۋە ئۇچۇر قىلىپ مەخپى نۇمۇرنى سورىغان ،يولدىشى، ئايالىم مەخپى نۇمۇرنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ ئۇچۇرنى قايتۇرغان ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوغرى ناھايتىمۇ قىسقا بولغان ۋاقىت ئىچىدە كارتىدىكى پۇلنىڭ ھەممىسنى ئىلىپ قاچقان .
تورداشلار ئەسكەرتىش بىرىمەنكى تىلفۇنىڭىزدا ھەرگىزمۇ بانكا كارتا نۇمرى ،سالاھىيەت گۇۋاھناممە نۇمرى ،كارتىلارنىڭ مەخپى نۇمرى قاتارلىقلارنى ساقلىماڭ ،يەنە تىلفۇن دەپتىرىگە ئۆزىڭىز بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان كىشلەرنىڭ سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەرگىزمۇ يازماڭ ،مەسلەن :ئائىلەم ،ئاكام ،ئاچام ،يولدىشىم ،ئايالىم ،دادام ،ئانام دىگەندەك .
دىلو مىسالى (2)
112 نىڭ نىمە نۇمۇر ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟
بىر شوپۇر دوستۇم تاغلىق يولدا ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئىھتىياتسىزلىقتىن ماشىنا بىلەن تاغ باغرىغا چۈشۈپ كىتىپ،4 كۈندىن كىيىن ئاران تەستە قۇتقۇزۋىلىنىپتۇ .بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىتىم باشقىلارغا تىلفۇن قىلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۋىلىشىنى ئويلاپتۇ ،ئەپسۇس تاغ باغرىدا سىگنال بولمىغاچقا تىلفۇن ئۇلانماپتۇ . ئەگەر بۇ شوپۇر 112جىددى قۇتقۇزۇشنى مەلۇم قىلىش مەخسۇس لىنىيە نۇمىرىنى بىلگەن بولسا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا قۇتقۇزۋىلنىپ چىقاتتى .
شوپۇر دوستلارغا ئەسكەرتىش :ئەسكەرتىش :مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدا 112 جىددى ئەھۋال مەلۇم قىلىدىغان مەخسۇس لىنىيە ھىساپلىنىدۇ ،تىلفۇننى ئاچقاندىن كىيىن سىگنال بولمىسىمۇ ،ھەتتا توك كۈچى ھەقىقەتەن ئاجىز بولغان تەغدىردىمۇ ،ھەر قانداق ماركىدىكى تىلفۇنلاردا 112 مەخسۇس لىنىيەگە ئۇلىغىلى بولىدۇ .بۇ ئارقىلىق خەتەردىن تىخمۇ قىسقا بولغان ۋاقىت ئىچىدە قۇتقۇزۋىلىنىپ چىقالايسىز .
ئەگەر 112 بۇ لىنىيە توغرۇرلۇق تىخمۇ كۆپ بولغان ئۇچۇرلارغا ئىرىشەي دىسىڭىز بۇ ئادىرىسنى زىيارەت قىلىڭ .
112
مەنبە :تورداشلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمىدە :مەمەتنىياز خۇدابەردى
خاربىن پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-15 03:05 PM
|