|
|
|
|
روھسىز تەن بىر مۇردا، بۇ ئىنسانغىمۇ شۇنداق، كارخانىغىمۇ ھەم شۇنداق. كارخانىڭىزنىڭ روھى بارمۇ؟ بۇ روھ سىزنى ھاياجانغا سالالامدۇ؟ بۇ روھ خادىملىرىڭىزنى زىچ ئۇيۇشتۇرالامدۇ؟ خادىملىرىڭىز يەنىلا ماددى مەنپەئەت ياكى شەكلى ئادىمىۋىلىكنى ئاساس قىلغان شېركەت مۇھىتىدا تېڭىرقاۋاتامدۇ؟ ئىشەنچ، سوبىكتىپ ئاكتىپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئاكتىپ مەدەنىيەت كارخانىڭىز تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى بۇلالىدىمۇ؟
بىر كارخانا كۆلىمىنىڭ چوك ياكى كىچىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم توغرا بولغان كارخانا روھىغا ئىگە بولىشى كېرەك، چۈنكى روھسىز تەننىڭ بارارگاھى قارارسىز، نىشانسىز بولىدۇ.
كارخانا روھى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ جېنى. كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلام تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاساسى، دىمەك روھ ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلىش بارلىق كارخانىچىغا قۇيۇلغان تەخىرسىز تەلەپ . ئىلمىي كارخانا روھى ۋە مەدەنىيتىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ تەرتىۋى ۋە ئەندىزىسىنى تەپسىلى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز «ئۆزتۈرك پروگراممىسى» نىڭ 10-ئايلىق «كارخانا روھى ۋە مەدەنىيەت» تېمىسىدىكى لېكسىيىسىگە ئىشتىراك قىلىڭ!
لېكسىيە سۆزلىگۈچى :
شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى مەسلىھەتچى مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسىدىن:
ئۆمەرجان ھەسەن ـــ شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتوتېنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ياپونىيە كيوتو ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش پەنلرى دوكتورى. 2011-يىلى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئونۋېرسىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات كافېدىراسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى MBAدىرېكتورلار سىنىپىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى. نۆۋەتتە دۆلەت ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىللىرىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. ئاساسى تەتقىقات يۆنىلىشى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ سودا كردېتى قۇرۇلىشى، مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، پايدا ئېلىش مېخانىزىمى ئانالىزى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆمەرجان كارخانىلاردا ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، مول ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە.
مىجىت لېتىپ ئەپەندىم ـــ مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سودا ئادۋوكاتلىق ئورنىنڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كەسپى ئادۋوكات، داڭلىق كارخانىچى، كارخانا مەدەنىيتى تەتقىقاتچىسى.
مۇھەممەد ياسىن مۇئەللىم ـــ ئەنگلىيە بېرمىڭھام ئونۋېرسىتىتى سودا-ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى، ئەنگىلىيە UCG (ئائىلىۋى كارخانىلار گوروھى) مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسىنىڭ ئەزاسى (2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە) ، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىقتىساد باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى، 2013-يىللىق دۇنيا سودا ـ ئىقتىساد تەرەققىيات يىغىنى تەتقىقات ماقالە تۈرى بويىچە خەلقئارالىق 1-دەرىجىلىك مۇكاپات (ئالتۇن مىدال) ساھىبى.
لېكسىيە تېمىسى: كارخانا روھى ۋە مەدەنىيەت
ۋاقتى: 10-ئاينىڭ 18- 19 - كۈنلىرى (شەنبە، يەكشەنبە)
ئادېرسى: خەلقئارا تاشقى سودا بىناسى 3-قەۋەت
شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
تېزىملىتىش تېلفۇن نومۇرى:
400-0991-430 (قىزىق لىنىيە)
13565950750
13899898941
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mr.57 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-15 12:09 PM
|
|
|
|
|
|