مەكتىۋىم
ھەجەپ ئىللىق ، سۆيۈملۈك كۆرۈنىدۇ مەكتىۋىم ،
مېھرى ئىللىق ئانامدەك تۇيۇلىدۇ مەكتىۋىم ،
خۇددىي سىرداش دوستۇمدەك بىلىنىدۇ مەكتىۋىم ،
ئەسەرلەردە مىسالغا ئېلىنىدۇ مەكتىۋىم ،
ھارماس ئالتۇن قوڭغۇراق چېلىنىدۇ مەكتىۋىم ،
ئىلىم بىلەن مائارىپ بىر نوقتىدا كېسىشەر ،
ئىزدىنىشلەر دۇنيانىڭ سىرلىرىنى يېشىسەر ،
بېتۇن بولسا نادانلىق ئۇنى ئەخلاق تېشىسەر ،
تىرىشسىلا يۈرەكلەر غەلبىسىگە ئېرىشەر ،
شېرىن شەربەت قوغۇندەك يېرىلىدۇ مەكتىۋىم .
جەلپ قىلار ھەرىنى چېچەكلىگەن مېۋىلەر ،
كۆۋەجىگەن ھاياتلىق ئۆز ئىشىغا بېرىلەر ،
مەستخۇش قىلىپ بىر پۇراق بارچە دىلنى سېھىرلەر ،
پىچىرلىشىپ بۇ يەردە رەڭدار تۇرمۇش جىلۋىلەر ،
يۈرەك -باغرى تاۋۇزدەك تىلىنىدۇ مەكتىۋىم .
زال ئىچىنى ، مەيداننى شاۋقۇن -سۆرەن قاينىتار ،
ھەر كەسپلەر ھەۋەسكار ، ماھىرلارنى يايرىتار ،
ئېرىنمەستىن ئىزدىنىش ئەقلىي بايلىق يارىتار ،
باغ ئىچىرە بۇلبۇللار مەرغۇل كۈيى سايرىتار ،
تەتىللەردە ئەسنىگەچ كېرىلىدۇ مەكتىۋىم .
ھەر خىل تىلدا ھەر مىللەت ئارلىشىدۇ چىرايلىق ،
ئىدىيە ۋە كۆز قاراش ئالماشتۇرۇش قولايلىق ،
مەرىپەتنىڭ ماكانى ، سىمىۋۇلى _ گۈلزارلىق ،
تۈر -تۈرىدە يېتىشەر ئىقتىدارلار ئۆز لايىق ،
جەمئىيىتتە تىللاردا داڭلىنىدۇ مەكتىۋىم .
مۇنبەردىكى مۇئەللىم بىر روماننى پۈتتۈردى ،
چېلىنسىمۇ قوڭغۇراق قىيالماستىن سەل تۇردى ،
بەسلىشىشكە بېرىلمەي ھەشەمەتتە كەم تۇردى ،
كىم بىچارە بىلەمدۇق ، شۇ ۋاقىتنى ئۆلتۈردى ،
ئىجرادا ئۆلچەمنى قىيلىنىدۇ مەكتىۋىم .
ھاردۇق چىقار ئېھتىمال قۇش بالىسى ئۇچقاندا ،
كۆكتە ساليۇت ئېتىلار ئۈمۈد زەپەر قۇچقاندا ،
كۈچ ئۇلاشنىڭ كالتىكى يەتكۈزۈلسۇن توشقانغا ،
مەزمۇت قامەت مۈكچەيدى بىر ئەسىرنى قوشقاندا ،
يىللار ئۆتسە ھاسىغا يۆلىنىدۇ مەكتىۋىم .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-15 01:30 PM