مەن كىملىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن
ئابدۇغىنى ئابدۇكىرىم كۆكتاش
گاھى....
مەن كىملىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،
يالىڭاچ تۇرغان چوكان ئالدىدا.
يا بولمىسا ئايال زاتىدىن،
تاتلىق يارالغان شەيتان ئالدىدا.
گاھى.......
مەن كىملىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
ھەشەم شەھىرىنىڭ مىھمان سارىيىدا.
بۇزۇپ-چېچىپ،مىھنەت-تەرىمنى،
ئىلگىركى ئۆزۈم يوقۇلۇپ ئاستا.
يەنە گاھى....
مەن كىملىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،
دادام تاپقان،باققان سەھرادا.
شەھەردە كۆپتۇر يۇرتى يوقلار،
ئۆزىگە كىملىك يازىدۇ قايتا.
يەنە گاھى......
مەن كىملىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،
دوستۇمغا زەھەر سالغان داسقاندا.
پايدا-مەنپەئەت ئېچىپ يوتىسىنى،
قۇچاقتا ئولتۇرۇپ گىرە سالغاندا.
يەنە گاھى تىخى....
مەن كىملىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،
يىتىم بالىدەك تارىخ ئۆيىدە.
كىملىكىمدىن ئايرىلىپ مىنىڭ،
ئۇخلىغۇم يوق كىلەچەك ئۆيىدە.
يەنە گاھى تىخى......
مەن كىملىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،
مۇسىبەت بىلەن مازارغا چىققاندا،
خوتۇنغا لەغمەن ئەتكۈزۈش ئۈچۈن،
سەي ئالغىلى بازارغا چىققاندا.
مەن كىملىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،
جىنازا ساتىدىغان دۇكان ئالدىدا.
يا بولمىسا ئۇنتۇپ قاپتىمەن،
بايام تىخى تەرەت ئىلىپ:
<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم غىنى ئۇكام !>دەپ.
ماڭا سەھەردە ئىللىقلىق بەرگەن .
نامازغا ماڭغانلار ئۇچرىغان كوچىدا.
سىزچۇ؟؟؟؟!!!!!!!!!!!
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى (لەنجۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا koktex تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-14 08:42 PM