مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 658|ئىنكاس: 13

ناۋائى غەزەللىرىدىن(باقاسىزدۇر بۇ جاھان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 02:35:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھان قەسرىكى دۇر سۇ ئۆزرە بۇنياد،
ئۇنىڭ بۇنيادى يوقتۇر، بولمىغىل شاد.

يەشمىسى:
بۇ جاھان يەنى يەر شارىدىن ئىبارەت بۇ ئايۋاننىڭ ئۇلى سۇ ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر.
ئۇنداق بولغان ئىكەن سەن بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن ئارتۇق خۇشال بولمىغىن!..

نى شاد بولغاي كىشى بۇ قەسرىدىن كىم،
ئۇنى تەڭرىم ياراتمىش مىھنەت ئاباد.

يەشمىسى:

ئاللا تائالا بۇ زېمىننى جاپا- مىھنەت ئورنى قىلىپ ياراتقان تۇرسا، كىشى بۇنىڭدىن قانداقمۇ خۇشاللىق تاپالىسۇن!..

تىرىكلىك قۇشلىرىغا پاسىبان ئول،
دېڭىز ئەمۋاجىدە ئانداغكى سەيياد.

يەشمىسى:
گەرچە بۇ جاھان تىرىكلىك قۇشلىرىغا پاسىبان بولسىمۇ، دېڭىز ئاستىدىكى سىرلىق سەييادقا ئوخشايدۇ.

كىيىپ قەتلى ئەيلىمەككە لالىدىن تون،
فانادىن تىغى تارتىپ مەيلى جەللاد.

يەشمىسى:
بىر تەرەپتىن قەتلى قىلىش ئۈچۈن لالىدىن تون كەيسە، يەنە بىر تەرەپتىن جەللاتنىڭ مەيلى يوقلۇق تىغىنى تارتىپ تۇرىدۇ.

ئەمەس قاتىل پەرىۋەش دىلبەرىدۇر،
كى جەۋرىدىن قۇتۇلماس ئادىمىزاد.

يەشمىسى:

ئۇ بىر قاتىل ئەمەس ، سۆيۈملۈك دىلبەرى جاناندۇر، دېمەك، بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ئادەم  بالىلىرى جاپا- مۇشەققەت، جەۋرى- زۇلۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.

باقاسىزدۇر جاھان رەئناسى ۋەللاھ،
جاھان رەناسى يوقتۇر ما سىۋەللاھ.

يەشمىسى:

اللە بىلەن قەسەمكى، جاھان رەنالىرىنىڭ باقاسى يوقتۇر، جاھاندىكى بارلىق نەرسىلەر يۇقالغۇچىدۇر.
اللەتىن باشقا جاھان رەناسى يوقتۇر..
سۆيۈشكە توغرا كەلسە اللەنى سۆيۈش كېرەك..

ناۋائى ھەزرەتلىرى بۇ يەردە شۇنى كۆزدە تۇتقان بولىشى مۇمكىن..

جاھانكىم زاھىر ئەتكەي لالەۋۇ باغ،
ئىرۇر ئول باغى زىندان لالەسى داغ.

يەشمىسى:

سىرتىدىن قارايدىغان بولسا بۇ جاھان بىر چىرايلىق باغۇ- بوستانلىقتەك كۆرىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بېغى بىر زىندان، لالە گۈللىرى بىر داغۇ - ھەسرەتتۇر، خالاس.

ئەرۇسىدۇر فۇسۇن ساز دىل ئاشۇب،
ئىشى كۆرگۈزمەك ئەلگە لالەۋۇ باغ.

يەشمىسى:

ئۇ بىر يېڭى توي قىلغان،  كىشىنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە  مەھلىيا قىلىدىغان كېلىشكەن  خۇشچىراي كېلىنچەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىشى بارچە ئەلگە ئۆزىنى باغۇ- بوستانلىق قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

كىشىكىم سەيدى دامى بولدى، باردۇر،
ئۇنىڭ ئالدىدا مىڭ بولبولچە بىر زاغ..

يەشمىسى:

ھەر بىر كىشى ئۇنىڭ دامىغا ئىلىندى، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر زاغ مىڭ بولبولچە باردۇر... دېمەك بىر زاغنىڭ قەدىر - قىممىتى مىڭ بولبولدىن ئارتۇقتۇر...

ياقىبان ئاتەشىن گۇل جانىغا ئوت،
قۇيار يامغۇردىن ئەۋۋەل ئۈستىگە ياغ.

يەشمىسى:

ئۇ گۈلنىڭ جېنىغا ئوت ياقىدۇ يۇ، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇردىن ئىبارەت ياغنى چاچىدۇ..

كۆرۈپ نەرگىسنى سۇسەن غۇنچىسىدىن،
چېكەر ئۇنىڭ كۆزى قەسدىغە بارماغ.

يەشمىسى:

ئۇ نەرگىس گۈلىنى سۇسەن غۇنچىسىدىن ئەلا بىلىپ، كۆزلىرى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىش قەستىدە بولىدۇ...

تەئەددى بىرلە نەسرىن ياپراغىدىن،
ياسار گۈل چىھرەسىن يىرتارغا تىرناغ.

يەشمىسى:

ئۇ زۇلۇم بىلەن گۈلنىڭ چىھرىنى يبرتىش ئۈچۈن نەسرىن يۇپۇرمىقىدىن تىرناق ياسايدۇ.

خازان بىدادىدىن بىل  سەئيى بىرلە،.
ساچار شەمشادى گۈل باشىغا ياپراغ.

يەشمىسى:

شۇنى بىلگىنكى، شەمشاد دەرىخى بولسا ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن كۈز ئۈششۈكىنىڭ بىدادلىقىدىن ( زولمىدىن) گۈلنىڭ بېشىغا يۇپۇرماق چاچىدۇ....

ئۇنىڭ ھەم نىسبەتىن گەر ئىستەر ئولساڭ،
ئۇنىڭدەككىم خازان ئەييامىدە باغ...

يەشمىسى:

ئەگەر سەن ئۇنىڭغا مۇناسىپ بولۇشنى ئىستەسەڭ، خۇددى ئۇنىڭدەك كۈز كۈنلىرىدىكى باغ بولشىڭ لازىم..

مەنمۇ بەك تۇلۇق بىلىپ كەتمەيمەن، بەزى بىر ئاتالغۇلارنى ئۇغۇز تېكىن بارەدەرنىڭ ئىزاھلاپ بېرىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن!..

مەنبە: ناۋائى غەزەللىرى ناملىق قەدىمىي كىتاپتىن ئۆزلەشتۈرگۈچى ئۆزۈم....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   99sahrayi99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 03:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 10:10:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇغۇزتېكىن بارادەر يوققۇ! ... ھېچ ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ يوق!.. ئۇنداق قىلماي ئانچە-مۇنچە ئىنكاس يېزىپ قويۇڭلار!.. ئۇنداق قىلماي!..

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 10:28:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل  شىېئركەن بۇ..... مەن ناۋائىينىڭ  يازغان  شام بىلەن  پەرۋاننىڭ مۇھەببەت   خاتىرسىنى   ئوقۇغان ئىدىم.      مۇھەببەتنى  يەتتىگە  بۆلۈپ  مۇھەببەت  دىگەن  ھەر بىر ھەرىپنىڭ مەنىسىى  يەتتە   قىسمغا بۆلۈپ  تەسىۋرلەپ بىرىپتىكەن..  ئىشقلىپ   تىلى بەك گۈزەل....
  ئالدىنىقى بۇرادەر يوللىغان   نەۋائىي   شىئېرلىرىغا  قارىغاندا ما شىئىرنى  تولۇق  ئوقۇدۇم...   يەشمىسىنىمۇ بەك ياخىشى  چىقىرىپسىز....       بۇندىن كىينمۇ  كۆپرەك  يوللىشڭىزنى   ئۈمۈد قىلىمەن...

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 897
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 11:56:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەلىشىر ناۋايى بولسا، ئۇلۇغ مۇتۇپەككۇر پەيلاسۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ھەر بىر جۇملە سۆزلىرى دۇردانە ھىكىمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان.



   تىما يوللۇغۇچىگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 12:07:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
99sahrayi99 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 10:10 PM
ئۇغۇزتېكىن بارادەر يوققۇ! ... ھېچ ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ ...

ئىنكاسنى قالايمقان يېزىشقا بولمايدۇ، ئوقۇغان مەزمۇندا قانداق تەسىراتقا كەلسە شۇنى يازسا بولىدۇ، يازدىم دەپ قالايمقان يېزىشقا بولمايدۇ، توغرا چۈشەنگەيسىز..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 02:31:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
99sahrayi99 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 10:10 PM
ئۇغۇزتېكىن بارادەر يوققۇ! ... ھېچ ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ ...

مەن مانا.
ئالدىدىكى -اد قاپىيىلىك غەزەل بىلەن كەينىدىكى -اغ قاپىيىلىك غەزەلنى ئايرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
سىزنىڭ يەشمىڭىزنى توغرا دەپ قارىدىم. ئىزاھلاشقا تېگىشلىكلىرىنى دەپ بەرسىڭىز بىلگىنىمچە ئىزاھلاپ قوياي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 02:40:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەيياد: ئوۋچى
ماسىۋەللاھ: ئاللاھتىن باشقا

ياقىبان ئاتەشىن گۇل جانىغا ئوت،
قۇيار يامغۇردىن ئەۋۋەل ئۈستىگە ياغ.
گۈل جانىغا ئوت يېقىپ، ئۆچۈرۈشكە يامغۇردىن بۇرۇن ياغ چاچىدۇ.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 06:23:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم!  قوللىغىنىڭىزغا!....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109973
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-9-16
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 05:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل تىما ئىكەن، تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر

دۇنيا ئىبرەت ئالمىغۇچىلار ،ۋە ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ  كۆزيېشى بىلەن تولغان بۇلىدۇ!!! ئادەم ئالغان ھەربىر قەدەم ئادەتكە ،ئادەت خارەكتىرگە ، خارەكتىر قىسمەتكە ئايلىنىدۇ!!!

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1812
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 02:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رھمەت سىزگە،سەيياد دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش