«شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى – تۇرپان مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «مۇھەممەت شاھنىياز ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» تۇرپاندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا 11– ئۆكتەبىر كۈنى تۇرپان شەھىرىدە«شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى – تۇرپان مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «مۇھەممەت شاھنىياز ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازاد سۇلتان، خەلق قۇرۇلتىيى تۇرپان ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىكرام غوپۇر، مۇئاۋىن ۋالىي ئۆمەرجان مۇھەممەت،سىياسىي كېڭەش تۇرپان ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مۆمىن رۇستەم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باش كاتىپى ئەپرىدىن نەجمىدىن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.
پائالىيەتكە «تارىم»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى زىلال بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۆمەرجان سىدىق رىياسەتچىلىك قىلدى.
پائالىيەتكە يەنە ئىككى ناھىيە،بىر شەھەرنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەدىپلەر ۋە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ئەدىپ، قەلەمكەشلەر، مۇھەممەت شاھنىيازنىڭ دوست، قېرىنداشلىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئازاد سۇلتان، ئۆمەرجان مۇھەممەت قاتارلىق رەھبەرلەر مۇھىم سۆز قىلدى، تۇرپان شەھەرلىك 1 –ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتاقلىق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو»، ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق شېئىرلىرىنى، ئىمىن ئەھمىدى، ياسىن زىلال، روزى نىياز، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران، دىلشات قېييۇم نۇر، تۇرغۇن جالالىدىن، ئېلى ھىمىت، رېھىم نىياز، پەرھات باھايىدىن، مۇھەممەتجان مەخمۇت قاتارلىقلار ۋەتەنپەرۋەرلىك، يۇرت سۆيگۈسى، ئىنسانىي سۆيگۈ، مىللىي ئەخلاق تېمىسىدىكى نادىر شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلدى. مەھمۇد زەيدى، ۋەلى كېرەم، بارىجان زەپەر،ئابدۇراخمان ئابدۇللا، ھەبىبۇللا رەجەپ قاتارلىقلار تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى،يازغۇچى، ژۇرنالىست مۇھەممەت شاھنىيازنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. رەئىس ئازاد سۇلتان بىلەن ياسىن زىلال «تارىم»ژۇرنىلىغا ۋاكالىتەن، مۇئاۋىن ۋالىي ئۆمەرجان مۇھەممەت بىلەن ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن مۇھەممەت شاھنىيازغا تون ياپتى، دوپپا كەيدۈردى. يىغىن ئەھلى يەنە مۇھەممەت شاھنىيازغا ھەرخىل شەكىللەردە كۆڭۈل ئىزھار قىلدى. ئاخىرىدا مۇھەممەت شاھنىياز ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. پائالىيەت ناھايىتى داغدۇغىلىق، قىزغىن، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆتكۈزۈلدى.
12 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پائالىيەتكە قاتناشقان سىرتتىن كەلگەن ئەدىپلەرنى بۇيلۇق باغچىسى، بۇيلۇق دارۋاز باغچىسى، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۇرالغۇسى، قەبرىسى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بىر يېرىم كۈنلۈك مۇشائىرە، مۇھاكىمە يىغىنى، زىيارەت پائالىيىتى جەريانىدا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئاتاقلىق ئەدىپلەر بىلەن تۇرپان قەلەمكەشلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قىزغىن سۆھبەتلىشىپ، چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولدى، ئەدىپلەرنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى كۈچەيدى. پائالىيەتنىڭ داغدۇغىسى زور،تەسىرى كەڭ، ئۈنۈمى يۇقىرى بولدى.