ئىنگىلىزچە ئىسمى: The Walking Dead
خەنزۇچە ئىسمى:行尸走肉
بۇ فىلىم 2010-يىلى تۇنجى قويۇلغاندىن باشلاپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياختۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئامېرىكىدا قويۇلغاندىن كىيىن باشقا ھەر قانداق تېلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرۈش نىسپىتىنى بۆسۈپ تاشلاپ، ئەڭ ئالدىنكى قاتارغا ئۆتكەن.
ھەر ھەپتىدە بىر قىسىم يېڭىلىندۇ ، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى5-بۆلۈمى1-قىسىم پۈتۈن يەرشارىدا تۇنجى تارقىتىلدى ، 13-چىسلا مەنمۇ يۇۋكۇ تورىدىن كۆرۈپ يىرىم يىل ساقلغىنىمغا ئۈمىدسىزلەنمىدىم يۇ، لىكىن ئاحشام كۆڭلۈم ئىلىشىپ، چۈشۈم بۇزۇلۇپ ئاران قالدىم.
ئىزچىل ئۆزۈمنى بۇ تۈردىكى كىنولارنى كۆرۈشتە‹باش بارماقتەك› دىگەن ئويۇمدىن سەل يىنىپ قالدىم...
فىلىم مەزمۇنىغا كەلسەك ، 5-بۆلۈمى قويۇلۇشتىن بۇرۇن تەسەۋۋر قىلعاندەك ، ئاخىرقى بىكەت ئادەمخورلار توپلاشقان يەر بولۇپ چىقتى .
لىكىن ئەسلىدە ئاخىرقى بىكەت ھەقىقەتەن كىشىلەرنى قۇتقۇزىدىغان پاناھلىنىش ئورۇنى ئىكەنتۇق ، ئەپسۇس ئىنسان تەبىئىيتىنى يوقاتقان كىشىلەر كىلىپ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى،ئىنسانلارنىڭ بىرلىشىپ مۇردىلار بىلەن كۆرەش قىلىشتەك ئۈمىدنى يەرگە ئۇرۇپ قىز-ئاياللىرىنى بوزەك قىلىپ ، تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى تارتىۋالغاندا «قاسساپ بولمىسا ، قوزا بولۇپ» قالىدىغانلىقنى چۈشۈنۈپ يىتىپ مۇشۇنداق ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ھالغا كەلگەن ...
5-بۆلۈمى1-قىسىمى بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكىدەك ئاخىرلاشتى : باش قەھىرىمان ئۆز ھەمراھلىرى ،ئۇماق بالىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى ، جەم بولۇشقا تىگىشلىكلەر جەم بولدى ...
ئەمدى قانداق ھىكايە سۆزلىندۇ ؟
ئىنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئەمدى مۇنداق بىر قانچە نۇقتا بوينچە تەرەققي قىلىدىكەن :
بىرىنچى : ئەمدى ئاخىرىقى بىكەتنىڭ ئۆتمىشى سۆزلىنىدۇ
ئىككنچى : مۇھىم باش قەھىرماندىن بىرى ئۆلىدۇ
ئۈچىنچى : ئۈچ نەپەر يانداش رولچى مۇھىم پىرسۇناژ بولىدۇ (ئەڭ تۆۋەندىكى رەسىمى كىرىشتۈرۈلگەن ئۈچى )
« تىرىك مۇردىلار»5-بۆلۈمىدىن كۆرۈنىشلەر :