مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1092|ئىنكاس: 3

مەن تەپەككۇر قىلالايدىغان جانلىق (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83492
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3168
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-8-5
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 10:48:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن تەپەككۇر قىلالايدىغان جانلىق

ھېكايە

پەرھات مەمەت ئەشمە

بارغانچە دىتىمىغا ياقمايدىغان ئىشلار بولغىلى تۇردى ، ئەزەلدىن جىمجىتلىق ھۆكۇم سۈرىدىغان دەرىسخانا ئىنتىزامى بىردىنلا بۇزۇلۇپ كەتتى . يەتتە يىلدىن بىرى ھەر سائەتلىك دەرىستە تەنقىد ئاڭلاپ كېلىۋاتقان دۇت  ،كالۋالار  ئەمدىلىكتە ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاپ ، دەرسخانىنى بېشىغا كىيىدىغان بولىۋىلىشتى . مەندەك ھەمىشە مۇئەللىملەرنىڭ ماختاشلىرىغا پۇركىنىپ ، مەيدىسىگە ئۇرۇپ كۆرەڭلەپ ياشايدىغانلار  بۇ مۇئەللىمنىڭ تەنقىدىدىن قۇتۇلالمايدىغان بولۇپ قالدۇق . ئىلگىرى مۇئەللىم نېمىنى دىسە شۇنى ئېسىمدە مەھكەم تۇتۇۋىلىپ ، چاقماقتەك جاۋاپ بىرىپ سېنىپتىكى بالىلارنىڭ ئالدى سانىلىپ كىلىۋاتقان ماڭا بۇ ئىشلار خېلىلا ھار كەلدى .خۇددى پەلەك تەتۇر چۇرگىلەۋاتقاندەك  ھىس قىلىشقا باشلىدىم ، مۇئەللىم سورىغان سوئاللار غا كىتابتكىدەك ئەينەن جاۋاپ بەرسەممۇ مۇئەللىم رازى بولماي «ئۆزىڭىز ئويلاپ باشقىچىرەك جاۋاپ بىرىڭ » دەپ مېنى جىلى قىلىدىغان بولىۋالدى .ئوقۇغۇچى دېگەن ئوقۇتقۇچى نېمە دىسە شۇنى دىمەي نېمە  دەيدۇ ؟ قارىغاندا سىنىپتىكى ئاشۇ دۇتلەرنىڭ زامانىسىغا كىلىپ قالغان ئوخشايمىز .ئىش بۇنىڭ بىلەن تۇگۇسغۇ مەيلىتىغۇ، مەۋسۇملۇك ئىمتىھان نەتىنجەم چىققاندا بىر ھەپتىگىچە ئۇيقۇم كەلمەي سولىشىپلا كەتتىم. ئەزەلدىن ئەدىبىيات دەرسىدە 98دىن توۋەن نومۇر ئىلىپ باقمىغان ئادەم 45 نومۇر ئاپتىمەن . سىنىپتىكى ئائىلىدىكى ئىناۋىتىم يەر بىلەن يەكسەن بولدى . خەپ ، ئەدىبىيات ئىمتىھان دىگەننى كانسىپىك يازدۇرۇپ ،يادلىتىپ ئالماي ،  نەدىكى ئېغىزچە ، يېزىقچە ، كۈزىتىپ ئىپادىلەش ، ماقالە يېزىش .....دىگەندەك ئادەمنى قاملاشمىغان ئۇسۇللار بىلەن بېشىنى قايدۇرۇپ ....  يادلاشتا ئەلاچى بولۇپ كەلگىنىم بىلەن «ئۆزى ئويلاپ سۆزلەش» دىگەن قاملاشمىغان تۇردە نول ئالدىم ، ماقالىدە «ئىنچىكە كۈزەتمەپسىز » دەپ ئون نومۇر ئالدىم.  «تەسىرىتىڭىز تەبئىي بولماپتۇ » دەپ 35نومۇر ئالدىم . ئەزەلدىن 60 ئىلىپ باقمىغان دۇتلەر 90دىن يۇقىرى نومۇر ئالدى . تېخىمۇ ئاچچىغىمنى كەلتۇرگىنى بۇ مۇئەللىم دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھىلىقىدەك «دۇتلەر » گە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتى . ئەسلىدە بىزدەك كاللىسى ئۆتككۇر ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى كۆرۇپ .«دۇتلەرنى » ياخشى كۆرمەسلىكى كېرەككقۇ ؟!   بۇ مۇئەللىم  «ساڭا بىقىپ بېقىپ مەن ، ئىشىككە بېقىپ دەم » دىگەن سۆزنى بىلمەمدىكىنە ؟قارىغاندا «دۇتلەر»نىڭ دىپىنى چالغاندىكىن بۇ مۇئەللىممۇ تازا دۇت ئوخشايدۇ . ئەدىبىيات دەرىسددە بۇ مۇئەللىمدىن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم ، تاققا –تۇققى تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىمىدىم ( تاپشۇرۇقنىمۇ غەلىتە بىرەتتى ) ، سوئال سورىسا جاۋاپ بەرمىدىم .لىكىن بۇ بۇ «دۇت » مۇئەللىم بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلە قىلىۋەردى .ئۇنىڭ بۇ قىلىقى مىنى تىخىمۇ جىلى قىلىۋەتتى . مېنى تازا بىر تىللىغان بولسا ئاچچىغىم چىقىپ قالار بولغۇدى .شۇ  ئىشتىن كىيىن بۇ مۇئەللىمنىڭ دۇتلىگىگە تىخىمۇ ئىشەندىم .مەكتەبتە ،ئائىلىدە ماختاشلار بىلەن دائىم خوشال يۈرىدىغان كەيپىياتىم ئەمدىلىكتە بۇزۇلغان ئىدى . ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلاۋاتقاندەك بىئارام بولاتتىم .  

بىر كۈنى ئەدىبىيات دەرسىدە مۇئەللىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى بىلەن مەشرەپ ئوينىدۇق .مەن رىياسەتچى بولدۇم ، ئۆزۇممۇ ھەيران ، ئۇسۇلغا چۇشۇپلا كىتىپتىمەن ، ناخشا ئىيىتىتىم ، شىئىر ئوقۇدۇم ، ساۋاغداشلىرىم لەتىپە ئېيىتتى ، ئىشقلىپ ناھايىتى خوشال ئوينىدۇق ، يەنە بىر قېتىم نۇرۇز  ئۆتكۈزدۇق بۇ پائالىيەتمۇ ناھايىتى قىزىپ كەتتى .كىيىن بىز مۇئەللىمنىڭ يىتەكچىلىگىدە يېزىمىزدىكى قەدىمى قەبرىستانلىقنى كۈزەتتۇق . كىچىك مۇخپىر بولۇپ خەۋەر يىزىپ ، رادىيۇئىستانسىغا ئەۋەتتىۇق ، قوتانغا كىرىپ قوي، كالىلارنى كۈزەتتۇق ، دەل –دەرەخ ، گۇل –گىياھلارنى سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلدۇق ...كۇندە كورۇپ تۇرىدىغان ئېتىزلىق ، ئېرىق –ئۆستەڭلەر ئەمدى كۆزۇمگە باشقىچە  چىرايلىق   كۆرۇنىشكە  باشلىدى .ئەزەلدىن دىققىتىمنى  تارتمايدىغان قوي ، كالا ، قۇرۇت –قوڭغۇزلار ئەمدى بەكلا سۆيۇملۇك ، يىقىن دوستلىرىمدەك تۇيۇلىدىغان بولدى .

مۇئەللىم بىزدىن:

ـــــ ساۋاغداشلار ، باھار كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ، سوگەتنىڭ قانچىنچى ئاينڭ قانچىنچى كۈنى يۇپۇرماق چىقىردىغىنى بىلەمسىلەر ؟ ؟ئۆرۇكنىڭ، جىگدىنىڭ چىچەكلەيدىغان ۋاقتىنىچۇ ؟؟قارلىغاچ قاچان كىلىدۇ ؟ دەپ سورىدى .

قىزىق ئىش 15يىلدىن بىرى بۇ ئىشلارغا ئەجەپ دىققەت قىلماپتىمەن –ھە  ! مەنلا ئەمەس ھەممەيلەن جىمجىت ئۆلتۇرۇپ كەتتتۇق .

بۇنى بىلمەسلىكىڭلار تەبىئى ، چۇنكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دەرسلىك كىتابلىرىمىز ، دەرىسخانىمىز تەبىئەتتىن يىراقلاپ  كەتتى ، ئەمدى سىلەر تەبىئەت بىلەن دوست بولۇڭلار ، تەبىئەت بىلەن پىچىرلىشىڭلار بىز ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمىز ، بىزمۇ ئۇنىڭ بىر قىسمى . ئۇ سېلەرنىڭ كۆيۇنىشىڭلاغا مۇھتاج ـ  دېدى .

مەن بىر خاتىرە دەپتەر تۇتتۇم ،ئۇنىڭغا «19-مارت سۆگەت كۆكلىدى .26مارت ئۆرۇك چىچەكلىدى ...»دەپ يېزىپ قۇيدۇم ، ئەتراپتىكى ھەر-بىر كىچىك شەيئىنى ، دەرەخنى ، ئوت- چوپنى ....ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن كۈزىتىشكە باشلىدىم ، كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى  ، ھىس قىلغانلىرىمنى  ،خاتىرىگە  تەپسىلى خاتىرلەپ ماڭدىم .دەرس ۋاقتىدا گورۇپپىلارغا بولۇنۇپ قارا قوڭغۇز  ، دولەت قوڭغۇز ، چۇمۇلە قاتارلىقلارنى كۈزىتىپ خاتىرە يازدۇق ،توخۇ بىلەن كەپتەرنى سىلىشتۇرۇپ  خاتىرە يازدۇق .ئۇلارنى كۈزەتكەنسىرى قىزىقارلىق تۇيۇلدى  ، ئەدىبىيات دەرسىمىز بىر قارىسا دەرىسكە بىر قارىسا ئويۇنغا ئوخشاپ قىلىۋاتاتتى .قاچانلاردىن باشلاپ بۇ دەرىسكە قىزىقىپ قالغىنىمنى بىلمەي قالدىم ،ھېلىقى دۇت مۇئەللىم بىزنى ئەزەلدىن دىققەت قىلىمىغان بىر سىھىرلىك دۇنياغا باشلاپ كىتىۋاتاتتى . قولۇمدىكى قەلەم ، ئورۇندۇق ، دەرەخ ، كۆك ئاسمان ، بۇلۇت ، شامال ، تام ، دوستكا ....قاتارلىقلار ماڭا قاراپ نۇرغۇن مەنالارنى دەپ بىرىۋاتقاندەك ، ماڭا قاراپ پىچىرلاۋاتقاندەك....ئاجايىپ مەنىلىك تۇيۇلۇشقا باشلىغان ئىدى .مۇئەللىم دوسكىغا «ئاھ ! تەبىئەت ، مەن سېنى ئوقۇيمەن ، سەن  بىر مۇقەددەس،ھىكمەتلىك كىتاب » دەپ يېزىپ قويدى .مەنمۇ كىچىك خاتىرەمگە «مەن ئەمدى گۆشتىن ياسالغان ئۇنئالغۇ ئەمەس . بەلكى تەپەككۇر قىلالايدىغان جانلىق » دەپ يېزىپ قويدۇم .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bvgvr تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 10:51 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 04:03:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى  باردەكلا  بىلىندىغۇ  ماڭا .............................

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105938
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 05:17:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپ  مۇشۇنداق بولسا  توغرا بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1826
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 07:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ئۆلۈك يادلاش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ  پايدىسى دە بۇ. كېيىن ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالسام مەنمۇ چوقۇم مۇشۇ ھېكايىدە دېيىلگەن «دۆت» ئوقۇتقۇچىدەك بولىمەن.

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش