يېتىلىۋاتقان ئەزا
سەھراھلىقلارنىڭ شەنى ئۈچۈن بىر-ئىككى پارچە شېئىر ئەمەس، مىڭ پارچە داستان يازساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ. «تاپقىنى قوي كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دېگەندەك، ئۇلارغا بۇ ئاددىي ئىككى پارچە شېئىرىمنى تارتۇق قىلدىم. سەھرالىق سەھرالىقنىڭ قولى ئوچۇق، باغرى كەڭ، ئىشەن دوستۇم، سىغدۇرىدۇ جاھاننى؛ ئۇسسىغانغا شەربەت، ئاچقا ئاش سۇنۇپ، نەيزىلەيدۇ قۇۋ تۈلكە، شىر، قاۋاننى... سەھرالىقنىڭ قولى ئوچۇق، باغرى كەڭ، جىمى پاكلىق، سېخىلىققا ئۈلگە ئۇ؛ روزا تۇتۇپ...، تېشىدا ھېيت ئوينايدۇ، يۈزلىرىدە پارلىتىپ نۇر ـــ كۈلكە ئۇ. سەھرالىقنىڭ قولى ئوچۇق، باغرى كەڭ، تۆكمە قىلار ئايىماي باغ، بېدىشنى... قەلبىدىكى سۆزنى ئېيتار ساپ تىلى، ياقتۇرمايدۇ «چەللىدە ئات چېپىش»نى. سەھرالىقنىڭ قولى ئوچۇق، باغرى كەڭ، قورسىقىدا چۇتۇرى يوق، تىلدا ئوق... پىننە سورۇپ ئولتۇرمايدۇ بۇرنىدا ، راستقا ئامراق، يالغان بىلەن خۇشى يوق. ساددا بالا سېخى سەھرالىق ئۆزگىلەرگە تىلەيدۇ شان، قۇت، يەرنى ئويۇپ دەسسەيدۇ مەزمۇت ؛ يۈرىكىدە يالقۇنجىتىپ ئوت، سالار ۋۇلا ئىشچان سەھرالىق. قەدەملەرنى ئالىدۇ چوڭ-چوڭ، ئالدىراپ تېز يۈگرەيدۇ چەپ-ئوڭ، پىلان تۈزەر ئولتۇرۇپلا زوڭ، غېمى تولا ئىشچان سەھرالىق. ئوي-خىيالى ئېتىزدا كۈندە، (يىپ ساپىدۇ يىڭنىگە تۈندە،) شۈكرى ئېيتار سارغايغان ئۈندە، قىلماي تاپا ئىشچان سەھرالىق. ئەتە-ئاخشام تىنماي چاپىدۇ، «خۇشاللىق»قا ئىشىك ياپىدۇ؛ پۇل- مالنى بەك تەستە تاپىدۇ، بېرىپ جۇلا، ئىشچان سەھرالىق. ئۆزى ئۈچۈن چاۋار تېرىدۇ، مېھمىنىغا جاننى بېرىدۇ ؛ كەلگەنلەرگە غۇلاچ كېرىدۇ، ساددا بالا سېخى سەھرالىق. سۇ سورىساڭ، سۇنىدۇ شەربەت، قونساڭ، بېرەر قوي سويۇپ گۆش-ئەت ؛ يۈرىكىدە لىق ئوت ـــ مۇھەببەت، كۆڭلى دالا، سېخى سەھرالىق.
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ئاكتىپ ئەزا
تىرىشچان ئەزا
ahgulum129213 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 10:47 AM سەھرالىق دىگەن ئاقكۆڭۈل ، سېخى كېلىدۇ،ياخشى تەسۋىرلەپ ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ