مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5032|ئىنكاس: 100

«ئا» ھەرپىدىن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 09:08:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          «ئا» ھەرپىدىن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر

        خەلق ئارىسىغا ئەڭ كەڭ تارقالغان، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ھادىسلەردىن ھاسىل بولغان تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنلىنىشىدىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە. ئۇنىڭدا خەلقنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھاياتى، دۇنيا قارىشى، ئەخلاق- پەزىلەتلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مىجەز-خۇلقى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن، قىممەتلىك تەجرىبىلىرى، دانىشمەنلىكى، ئۆتكۈر مۇلاھىزىلىرى ئىزھار قىلىنغان، ئەجىر قىلماي تۇرۇپ بەختكە ۋە پاراۋان تۇرمۇشقا يەتكىلى بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلاپ بېرىلگەن. تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى ناھايتى زور بولغان ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئوزاق ئۆتمۈشتىن بۇيان كىشىلەرنى ۋىجدان، نۇمۇس ۋە ئادىمىگەرچىلىك بىلەن ياشاشقا، بىلىم، ئەقىل، چىدام-غەيرەت ۋە ياخشى خۇلق ئىگىسى بولۇشقا ئۈندەپ كەلمەكتە.
        خەلق تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى تىلىمىزغا ئالاھىدە ئېنىقلىق ۋە مەزمۇن بېرىدىغان مۇھىم تىل بايلىقىمىز ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەقلىيە ۋە مەنتىقىلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ھىكمەتلىك سۆزلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ماقال-تەمسىللەر تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ۋەقە، ھادىسلەرگە تەدبىق قىلىنىدىغان چوڭقۇر مەنىلىك، مېغىزلىق، ئىخچام گەپلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، جانلىق تىلىمىزدا ناھايتى كەڭ قوللىنىلىپ كەلمەكتە. ئەمما، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مىراسى، مۇھىم تىل بايلىقىمىز ھىسابلىنىدىغان ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنى بىلىدىغان، توپلىغان ۋە ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان پېشقەدەملىرىمىزنىڭ كۆپچىلىكى ئالەمدىن ئۆتتى، ھايات بارلىرىنىڭمۇ ئۆمرى ئۇزۇن قالمىدى. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەشۇ قىممەتلىك مىراسىمىز، مۇھىم تىل بايلىقىمىز بولغان ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنى قوغداش ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈش-ھازىرقى بىر ئەۋلاد كىشىلىرىمىزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە، ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىي پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ئىختىساسلىق بولۇپ يىتىشىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان قوش تىل مائارىپى يولغا قويۇلىۋاتىدۇ، بۇ بىزنىڭ پەن-تېخنىكا جەھەتتە تەرەققى قىلغان مىللەتلەرگە يېتىشىۋېلىشىمىزدىكى بىر ئۈنۈملۈك تەدبىر. بىراق، بۇ ئىش تۈپەيلىدىن بىزنىڭ قىممەتلىك مىراسىمىز، مۇھىم تىل بايلىقىمىز بولغان ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالسا بولمايدۇ. بىز ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە بىلدۈرۈشىمىز، بۇ ئارقىلىق ئۇنى ھەقىقى ھالدا قوغداش مەقسىدىگە يىتىشىمىز كېرەك. مانا بۇ- بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي بۇرچىمىزدۇر.
        بىزنىڭ ھازىرقى بىر ئەۋلاد كىشىلىرىمىز ئىچىدە، جۈملىدىن 70-80-يىللاردا توغۇلغان ياشلىرىمىز ئىچىدە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنى بىلىدىغانلار قانچىلىك؟ بۇنىڭغا ئېنىق بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ. ئۆزىمىز بىلمىسەك، پەرزەنتلىرىمىزگە قانداق بىلدۈرىمىز؟ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا نىمىنى يەتكۈزىمىز؟ «ئانا تىلىمنى سۆيىمەن، ئانا تىلىمنى قوغدايمەن» دەيدىغان ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك.
        مەن مۇشۇ مەسىلىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، مۇنبەر ئەھلى ئارىسىدا ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆگىتىدىغان، ئۆزئارا يەتكۈزىدىغان بىرەر پايدىلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇ يازمامنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇنداقتا بۇ پائالىيەتنى مۇنبەر ئەھلى ئارا ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنى ئېيتىشىش ئۇيۇنى شەكلىدە ئېلىپ بارساق قانداق بولار؟ مىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىم مۇنداق:
        (1) ماقال-تەمسىل ئېيتىشىش ئۇيۇنىمىز ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ تەرتىپى بۇيىچە «ئا» ھەرپىدىن باشلانغان بولۇشى شەرت.
(2)مۇنبەردىكى ھەربىر تورداش ئۆزى بىلىدىغان، باش ھەرپى «ئا» دىن باشلىنىدىغان 1-3 كىچە ماقال-تەمسىلنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قۇيىدۇ، ئەمما باشقىلار يوللاپ بولغاننى تەكرالاشقا بولمايدۇ. (3) «ئا» ھەرپىدىن باشلىنىدىغان ماقال-تەمسىللەرنى بىلمەيدىغانلار ئۆيدىكى ۋە ئەتراپىدىكى چوڭلاردىن ياكى باشقا بىلىدىغان كىشىلەردىن سوراپ بىلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن يوللىسىمۇ بولىدۇ. مەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك تىل بايلىقىمىزنى ئۆگىنىش، قوغداش ۋە كىيىنكىلەرگە يەتكۈزۈشتىكى بىر ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
        بۇ ئويلىغانلىرىم مۇۋاپىقمۇ-ئەمەسمۇ بىلمىدىم. ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارالغان تەقدىردە، «ئا» ھەرپىدىن باشلانغان ماقال-تەمسىل ئېيتىشىش ئۇيۇنىنى ئاۋال ئۆزۈم باشلاپ بېرەي:
                                                  ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،
                                                 رەڭگى-رۇيۇڭ سامان بولماس.

                                                ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى ئىلىم بىلەن.

                                                ئالىم بولساڭ ئالەم سىنىڭكى.
        ئىشىمەنكى، مۇشۇ مۇنبەردىكى كونا-يېڭى تورداشلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئانا تىلىنى سۆيۈش ۋە قوغداشنى ئۆزلىرىنىڭ بىر تارىخىي مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدىغان ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك، ۋىجدانلىق، غورورلۇق كىشىلەر بولغانلىقتىن، ئولارنىڭ بۇ ماقال-تەمسىل ئېيتىشىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىدا گەپ يوق. قېنى ئۇنداق بولسا، «ئا» ھەرپىدىن  باشلانغان ماقال-تەمسىللەرنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىشىڭلارغا مەرھەمەت!
                                                           
                                                     مەنبە: ئۆزۈم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2814
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2521 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 11:11:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئات ئازسا تايغا ئەگىشەر.
ئاينىڭ بېشىدىن قورققىچە ،بەشىدىن قورق.
ئاتىسى ئاتالماپتۇ قوڭغۇزنى،بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى.
ئامانەتكە خىيانەت قىلما.
ئاغزىڭنى تىللاشقا،قولۇڭنى تاشقا ئۈگەتمە.
ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان ئېغىز،مايسىنىڭ بېشىغا چىققان سېغىز.
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ،ئون بەشى ئايدىڭ...

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 11:17:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا

ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭنى قان ئېتەر، ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭنى ياغ ئېتەر

ھەجەپ بىر ئىجابى مەنىدىكى ماقال- تەمسىلنى ئويلىيالماي تۇرىمەن دىسە، ۋاي بېشىم.......

ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىيىش

ئاخماقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى تولا

ئالدىرماڭ يارەي، سىزگىمۇ بارەي

ئالدامچىنىڭ قويرۇقى بىر تۇتام

ئالتۇننىڭ قەدىرىنى زەگەر بىلەر

ئالدىرغان يولدا قالار

ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا

ئاناڭنى  ئاتاڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە

،،،،،،،،،،،،،،دەماللىققا يادىمغا كەلگىنى مۇشۇنچىلىك ، يەنە يادىمغا كەلسە، ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويىمەن!

ئاتا كۆرۈپ قىز ئال، قىرغاق كۆرۈپ بۆز ئال

ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق

ئەمدى كاللام قۇرۇقدىلىنىپ قالدى.....

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 11:45:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن ياتىدۇ سايدا  ،تونىمىساڭ نىمە پايدا...
ئايال قىلسا ئەرگە ،  ئەر قىلسا بالىغا.
ئالىم  ئۆلدى، ئالەم ئۆلدى.
ئادەم _ئادەم بىلەن  ئادەمدۇر....

ھازىرچە مۇشۇنچىلىك  يادىمغا كەلدى...

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 11:48:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال كىشى ئۆينىڭ زىننىتى ، ئەر كىشى ئۆينىڭ تۈۋرىكى .
ئالماقنىڭ ، بەرمىكى بار.
ئاقىل بىلىپ سۆزلەيدۇ.. نادان تىپىپ سۆزلەيدۇ.

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69814
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6366
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 11:49:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپار،
ئىشەك ئايلىنىپ چوقۇرنى

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 11:56:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.
ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.
ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.
ئاتنىڭ يامىنى قىچىر، گەپنىڭ يامىنى پىچىر.....


شەۋقى تورى...

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

life is dream, we are dreaming

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64827
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10132
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1215 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 12:00:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىم بولساڭ ئالەم سىنىڭكى  
   
مۇناسىۋەتسىز گەپتىن بىرنى سوراي، ئاۋۇ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى ئاچسام كۆرگىلى بولمايدىغۇ، بۇ نىمە ئۈچۈن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 12:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا كۆرۈپ قىز ئال،قىرغاق كۆرۈپ بوز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 12:11:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش