پۇل ئۈچۈن
شىرزات قارى يارقىن ئىجادىيتى
باي بولساملا دىدى ھەممە ھەر تەرەپ،
قەدىناسلار گال سىقىشتۇق پۇل ئۈچۈن.
جاندىن تويدۇق پۇل بولسىلا يىتەر دەپ،
گاھى خەنجەرلەر تىقىشتۇق پۇل ئۈچۈن.
دۈشمەن ئىدى بىر چاغ ماڭا بىراۋمۇ،
بۈگۈن مانا بەك چىقىشتۇق پۇل ئۈچۈن.
ئايرىلماس بوپ ناتۇنۇشلار چىداشماي،
باي سۈيىدە تەڭ ئېقىشتۇق پۇل ئۈچۈن.
ئەسسالامغا قول بىرىشمەي كەتكەنلەر،
يانچۇق تولسا يۈز يېقىشتۇق پۇل ئۈچۈن.
ۋىجدان بىلەن كىمنىڭ كارى دىدىلەر،
غۇرۇرنىمۇ تەڭ سېتىشتۇق پۇل ئۈچۈن.
كاتتىلارنىڭ سورۇنىغا تەخ بۇلۇپ،
مەي شاراپتىن تەڭ ئىچىشتۇق پۇل ئۈچۈن.
مەناسىزلار ئۈتۈپ كەتتى بۇ كۈنلەر،
قېرىنداشتىن ھەم كىچىشتۇق پۇل ئۈچۈن.
ھارام دىسە قاينايدىغان نوچىلار،
ھارامنىمۇ تەڭ تېتىشتۇق پۇل ئۈچۈن.
چاۋىمىزنى چىتقا يېيىپ تۈزەلمەي،
كۇچىلاردا دۈم يېتىشتۇق پۇل ئۈچۈن.
2014-10-13
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-14 01:16 AM