مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5563|ئىنكاس: 21

نام چىقىرىش (ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83492
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3168
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-8-5
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 05:20:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نام چىقىرىش

پەرھات مەمەت ئەشمە

«جوڭگۇدا يازغۇچىلار خەلق ئۇچۇن ئەمەس نام –ئابرۇي ئۈچۈن قولىغا قەلەم ئالىدۇ »   ——لۇشۇن

زەيدۇن يۇرتتىدىكى ھەممىلا ئادەمدىن ئاغرىنىپ ، نارازى بولۇپ ، يامانلاپ ياشايتى .چۇنكى يۇرتىدىكىلەر ئۆزىدەك تالانت ئىگىسىنى تونىمايۋاتاتتتى . بۇ يۇرۇتقا سىڭدۇرگەن ئەجىر مىھنىتىگە چۇشلۇق رەھمەت تەشەككۇر ئىيىتماقتا يوق ، ھەتتا ئۇنىڭدىن قېچىپ يۇرىشەتتى . زەيدۇننىڭ نەزىرىدە بۇ يۇرىتقا شان –شەرەپ كەلتۇرۋاتقان ، داڭلىق شائېرنى ، يۇرتىدىكى چوڭ –كىچىك ، قېرى –ياش ھەممىسى ھۆرمەتلىشى ، يىراقتىن كۆرسىلا « قاراڭلار داڭلىق شائىر كىلىۋاتىدۇ » دېيىشىپ قول ئېلىشىىپ كۆرۇشىشى ، ئەتراپقا ئولىشىپ ، ئۇنىڭغا بىر خىل چۇقۇنۇش تەلپۇنۇش ھېسياتىدا ئۇنى ئورىۋىلىشى ...» كىرەك ئىدى .ھېچبولمىغاندا ، ئەدىبىياتقا ، كىتابقا ،ھەۋەس قىلىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ بولسىمۇ بىرەر قىتىم ئىزدەپ قۇيۇشىنى ئۇمۇد قىلاتتى . بىراق ، ئىشلار دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىۋاتاتتى .

« ھەي نادانلىق ، ھازىرقى كىشىلەر نېمانچە نادان ھە ؟! بۇرۇنقى زاماندا ئىلىم ئەھلىنىڭ قەدىرى بوپتىكەن .چوڭ –كىچىكلەر  ، ھەتتا بايلارمۇ ئىلىم ئەھلىنى كۆرسە ، ئاتتىن چۇشۇپ سالام قىلاركەنتۇق ، تىخى خەلق ئۆزىنىڭ 15-16ياشلىق قىزلىرىنى ئىلىم ئەھلىرىگە ھەدىيە قىلاركەنتۇق  . شۇ زامانلاردا شۇڭا ئىلىم –ھېكمەت تەرەققى قىلغاندە .ھازىرچۇ مانا گېزىت –ژۇرناللاردا شئېرلىرىم ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، بىرەر سى ھۆرمىتىمنى قىلىپ قۇيدىمۇ ؟ ئۇنىڭغىغۇ ماقۇل ` ،بىرەرسى « پۇستانى گېزىتتە شئېرىڭىزنى كۆردۇم » دەپمۇ قۇيمايدىيا ؟ خەپ .... يۇرۇتتىدىكىلەرنىڭ نادانلىقغىغا ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ قىلىغىنىغا بۇ يۇرۇتتىكى ئادەملەرنىڭ مەدنيەت ساپاسىنىڭ قانچىلىك ، ئەدىبىيات –سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى بىلگىنى بولىدۇ .ھەممىسى پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن .ئۇلار «شئېردەك ئېسىل سەنئەتنى مەڭگۈ  چۇشەنمەيدۇ ، شۇڭا مېنىڭ بۇ يۇرۇتتا بىر زابۇيچىلىك ئىناۋىتىم يوق » دەپ ئويلايتى . ئويلىغانسىرى خىياللىرى تىرناقلىرى بىلەن يۇرگىنى تارتىلاۋاتقاندەك يۈرگىنى چىشلەۋاتقاندەك بىر ئاچچىق سېزىم ۋۇژژىدە مىڭىسىدىن ئېقىپ چىقىپ پۇتكۇل ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كېتەتتىى . غەزەپتىن ئۆزىنى بىسىۋلالماي غۇتۇلداپ يۇرۇتتدىكىلەرنى غايىۋەنە تىللاپ ، قارغاپ ئۆزىگە تەسەللى بېرەتتى .

« توغرا ئوخشاش ئىسىمدىكىلەر جىق بولغاچقا مېنى ئۇقماي قالغان بولىشى مومكىن » بۇ خيال كاللىسىغا كەلگەندىن كىيىن ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا يۇرتنىڭ نامىنى قۇشۇپ « زەيدۇن بۈگۈر چىدىرى » دەپ تەخەللۇس قويۇۋالدى ، تەخەللۇس بىلەن يەنە نۇرغۇن شئېرلارنى ئېلان قىلدى . ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش ، تەخەللوسنىڭ ھېچبىر رولى بولمىدى .

زەيتۇننىڭ روھىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە تېخى ئۆچۇپ كەتمىگەن بىر ئۈمۇدنىڭ پارچىسى پارقىراپ تۇراتتى .تەسەللىرى ئارقىلىق بۇ پۇچۇق ئۈمۈدنى سۈرتۇپ قوياتتى .ھامان  بىر كۈنى بۇ نادان كىشىلەرنىڭ ئويغۇنۇپ ، ئۆزىنى ئىزدەپ كىلىدىغانلىغا ئىشىنەتتى .ھەم ئۆزىگە شۇنداق تەسەللى بېرەتتى .ئىدارىدە ، ئۆيدە ئاشۇ نادانلارنڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەتتى .بىر توپ كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىزلا دەرۋازىنى قېقىپ ،«سىز داڭلىق شائىېر زەيدۇن بۈگۈر چىدىرى بولامسىز » دەپلا ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي يالۋۇرۇپ يۇرۇپ مېھمان قىلىدىغانلىغا ، چىرايلىق ھەۋەسكار قىزلارنڭ چولپان كۆزىدە ھاياجانلىق تەلپۇنۇش بىلەن ئۆزىگە تىكىلىدىغانلىغا ئىشىنەتتى .دەرۋازىنىڭ خاتا چېكىلىپ قېلىشى  شامالدا تاراقلاپ قېلىشىمۇ ، بىرسى ئۇنى ئىزدەپ كىلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ھاياجانلىنىپ كېتەتتى . ئىدارىگە بىرەر ناتونۇش ئادەم كېلىپ قالسىمۇ ، ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەن ئادەم دەپ ئويلاپ كۆڭلىدە ئۇلارغا نېمە دېيىشنى مەشىق قىلىپ روھى جەھەتتىن تەييارلىق قىلاتتى . دەرۋازىنى چەككىنى شامال ، ئىدارىگە كەلگنىنى باشقىلارنى ئىزدىگەن بولۇپ چىققاندا بولسا ، ۋۇژژىدە ئۆرلىگەن ھەسرەت كۆپۇكچىلىدى قېتىغا چۆكۇپلا كېتەتتى .

يول ماڭغاندىمۇ ئەتراپقا بىرخىل تەلپۇنۇش ،چۇقۇنغۇچىلىرىغا بولغان بىر خىل ئېچىرقاش نەزىرىدە بىرسنىڭ تۇيۇقسىز چاقىرىپ قېلىشىنى «ۋاي سىز ھېلىقى داڭلىق شائېر زەيدۇن بۈگۈر چىدىرىمۇ » دەپ يۈگۈرۇپ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى .باشقا بىرسىنى چاقىرغان ئاۋازى قۇلىغىغا كىرىپ قالسىمۇ يۈرىكى شۇررىدە مەمنۇنىيەت تۇيغۇسىغا چۆمۇلۇپ يۈرەكلىرى تىپىچەكلەپ كېتەتتى . چاقىرغىنى باشقا ئادەم  بولۇپ چىققاندا بولسا . يۈرىگىنى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ ، ئاچچىق ئەلەملەرگە غەرىق بولاتتى .

دېمىسىمۇ زەيدۇننىڭ ھىيت –بايرام ، پەسىللەرگە بېغىشلانغان « پاساھەتلىك » شئېرلىرى   ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىۋاققان بولسىمۇ ، ئۇ ھىچبىر ئالقشقا ئىرىشەلمەيۋاتتى . ئەسلى بىر نەچچە قېتىم ھەۋەسكارلار ئۇنى ئىزەپ كەلگەن ئىدى ، ئەمما زەيدۇن ئۇلار كىرىپ ئۆلتۇرۇپ مەقسىدىنى دەپ بولغىچە ، ھاياجانلىنىپ كىتىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ، ئۇلارغا گەپ قىلىش پۇرسىتىمۇ بەرمەي ئەسەرلىرى ئىلان قىلىنغان گېزىت –ژۇرنالارنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۆكمە قىلىپ ئۆزىنى ماختاپ سۆزلەپ كىتىپ ، بىر ئىككى سائەتكىچە توختىمىدى . گەپنىڭ ئۇزۇنلىغىغا پايلاپ بولالمىغان ھەۋەسكارلار قېچىپ چىقىپ كەتتى .ئۇلارنىڭ چىقىپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي ھارغىچە سۆزلىدى ، شۇ ئشلاردىن كىيىن ھەۋەسكارلارمۇ يېقىن يولىمىدى .

«بۇ يۇرتتا مەنچىلىك يازىدىغان مەنچىلىك كۆپ ئەسەر ئىلان قىلغان كىم بار ؟ نېمىشقا ئەجىر –مىھنەتكە چۇشلۇق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايمەن ؟» زەيدۇن توختىماي مۇشۇ مەسىلە ئۇسىتىدە باش قاتۇراتتى .« توغرا ، بۇ نادان خەق  كىتاب ، گېزىت ، ژۇرنال ئۇقۇمايدىغان تۇرسا ؟.. ئەجەپ بۇ ئىشنى ئويلىماپتىمىنا ؟!... شۇڭا مېنى بىلمەيۋاتقان گەپ ، ئۆزۇمنى –ئۆزۇم تونىتاي ، بۇ سەت ئىشىمىدى ، ھازىر دېگەن تەشەبۇسكار بولىدىغان ، ئۆزىدە بار نەرسىنى ئوتتۇرغا ئېلىپ چىقىدىغان جاھان بۇ !... » بۇ يەكۇندىن ئۇ بىر ئۆمۇرلۇك يىغىلىپ سوئاللىغا جاۋاپ تاپقاندەىك خوش بولۇپ كەتتى ۋە ئىشنى باشلىۋەتتى . يولدا ، ئىدارىدە ، يىغىلىش ، تۇي –تۇكۇن  نەزىر –چىراق ، ...ئىشقىلىپ ئادەم باركى جايدا ئۆزى ئىلان قىلغان شئېرلىرىنى ئېلىۋىلىپ كۆرسىتىپ چۇشەندۇردى.ھەتتا گېزىت –ژۇرناللار يىرتىلىپ تىتىلىپ كەتتى . قارشى  تەرەپ نىڭ قانچىلىك ئالدىراش ، ۋاقتى بارمۇ يۇق ، بۇنىڭ بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرماي ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ، ھازىرغىچە قانچىلىك ئەسەر قىلغانلىغى ، كېچىدە ئۇخلىماي ئىجادىيەت بىلەن   شۇغۇللىدىغانلىغى ، قانداق چاغدا ئىلھام كېلىدىغانلىغى ، ھەتتا بىر ئايدا ، بىر يىلدا نەچچە پۇل قەلەم ھەققى ئالىدىغانلىنى سۆزلەپ قارشى تەرەپنى بىزار قىلىپ ئىككىنچى قېتىم كۆرسە قېچىپ كېتىدىغان قىلىۋەتكەنتى .

ئۆزىنى قانچە چۇشەندۇرگەنسېىرى ئادەملەر ئۇنىڭدىن شۇنچە قاچماقتا ئىدى .ئاران تاپقان ئەقلىنىڭ مۇنداق چېقىلىپ كەتكەن ئەينەكتەك پارە –پارە بولۇپ كېتىشى ئۇنىڭ ئازاپتىن يارا بولۇپ كەتكەن يۈرىكى پىچاقتا تىلغاندىك پارە –پارە قىلۋەتتى .

«خەپ ....ئەسلى بۇلار بىر بولسا مېنى كۆرەلمەي شۇنداق قىلىدىكەن ، بىر بولسا ئۇلار مېنىڭ شئېرلىرىمىنى چۇشەنگۈدەك بەدىئى دىت ، ئاڭ –سەۋىيە يوق. بوپتۇلا مەن بىلەن ئۇلارنىڭ مەدىنىيەت ساپاسى ئوتتۇرسىد پەرىق ئىنتايىن زور .قايسى بىر ھەقىقى تالانىت ئىگىسى ئۆز دەۋردىدىن ھالقىپ كەتمىگەن ، ئۆ دەۋرىدە ئاقىشقا ئىرىشەلمەي نەچچە ئەسىر دىن كىيىن ئاندىن ئىتىراپ قىلىنغان ئەمەسمۇ ؟  ھازىرقى ئالقىشنىلىۋاتقىنى بولسا ھازىرقى « دەۋىر شائېرلىرى ».

ئۆزىگە قايسىبىر كىتابتىن ناھايىتى تەستە يادلىۋالغا ئەسلى چوقۇنغۇچىلىرى گەپ سۆراپ قالسا دېيىش ئۇچۈن تەييارلىۋالغان سۆزلەر ئارقىلىق ، سەلدەك باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇۈمۈدسىزلىكنى توسۇپ ، ئۆزىنى قۇرغان ئىچىگە يوشۇراتى. قەلبىدىكى جەزىرىگە ئايلىنىپ كېتىۋاتقان، باراخانلارنى چۇقچىلاپ، تېپىۋالغان ئۈمىدنىڭ پارچىلىرىنى ئىسسىز ئېنىرگىيە قىلىپ، ئېچىرقىغان روھىنى  قاندۇراتى.

بىر كۈنى تۇرۇپلا كاللىسىغا بىر دانا ئەقىل كېلىپ قالدى. ئاتاقلىق شائىر، پەيلاسوپ زەيدۇن بۈگۈر چېدىرىنىڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغانلىغىنى، قىسقىچە ئىجادىيەت ھاياتىنى ئۈچ توملۇق بىر روماننى يېزىپ تاماملاشقا ئۆمرى يار بەرمەي قالغانلىغىنى ناھىيىتى تەپسىلى يېزىپ، رەسمى بىلەن قوشۇپ مەلۇم بىر ژوزنالغا يوللىۋەتتى.

ئۇ بىر نەچچە ئاينى دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۆتكۈزدى، ھېلىقى ژوزنالنىڭ بۇ قايغۇنامىنى ئېلان قىلماي، بۇ پىلاننىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن ئەنسىرەپ يۈردى. ژورنال بۇ قايغۇنامىنى ئاخىر ئېلان قىلدى.نۇرغۇن تونۇمايدىغان شائىر دوستلىرى گېزىتلەردە ئارقا-ئاقىدىن ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنىپ مەرسىيەلەرنى ياغدۇرۋەتتى. زەيدىن بۈگۈر چېدىرىنىڭ نامى شۇ چاغدىلا بۇ يۇرۇتتا تارقىلىپ قزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

رېستورانلاردا ، مەدىكار بازارلىرىدا ھەتتا يېزىلاردىكى كىشىلەر توپلىشىغان دوقمۇشلاردا، ئىشخانا ، كوچىلاردا بۇ قايغۇنامە توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر قايناپ كەتتى. زەيدۇن ئۇزاقتىن بېرى ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە ئېرىشكەن كىچىك بالىدەك، ئادەم كۆپ جايلارغا بېرىپ ، ئۆزى توغرىسىدىكى پاراڭلاردىن ھوزۇرلاندى.

---ئاڭلىدىڭلارمۇ يۇرتىمىزدىكى ھېلىقى داڭلىق شائىر تۈگەپ كېتىپتۇ، ۋاي ئېسىت!

---ئاڭلىسام بەش روماننى يېزىپ نەشىرياتقا بېرىپتىكەن رەھمەتلىك—قانداقمۇ يېزىپ بولغاندۇ دەپ سورايتى بەزىلىرى.

---ئاڭلىسام ئوبلاست باشلىغى شائىرنىڭ ئۆلۈمىگە كېتپتۇ دەيدىغۇ؟

---كەلگەن ئادەمنىڭ جىقلىغىنى دىمەيلا قوي، پۈتكۈل يۈرتتىكى ئادەم شائىرنى بىر كۆرۈۋالساق دەپ يىغلىشىپ ، قىستىلىشىپ تاس قالدى بىر-بىرىنى دەسسەپ ئۆلتۈرگىلى.

---سېلىمۇ ئارىسىدا بارمىتىڭلا ئاداش!

---نىمە دەيدۇ ماۋۇ، بىز كىچىگىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان قىيامەتلىك ئاغىينە ئىدۇق بىر كۈنمۇ ئايرىلمايتۇق، ھەجەپ ياخشى ئادەم ئىدى جۇمۇ رەمەتلىك!لېكىنزە...... قىز كەلتۈرگىلى بەك ئۇستا ئىدى جۇمۇ... ھې..ھې...

---مەن جان ئۈزگەندە يېنىدا بار ئىدىم –دەپ گەپ باشلىدى يەنە بىرى---بىر نىمە دەپ پىچىرلىدى،قۇلۇغۇمنى يېقىن ئاپارسام قەلەم دەۋەتىپتۇ. مەقسىتىنى چۈشۈنىپ دەرھال قەغەز، قەلەم ئېلىپ بەردىم، بىر شېئىرنى باشلاپ يېزىپ بولالمايلا جان ئۈزدى رەھمەتلىك! –

---ئېست! شۇ شائىر ساق قالسا ئىزىغا بىزدەكتىن 40-50مىز ئۆلسەك بولمامدۇ ھە!....

ئاچچىق ئۇھ تارتىشاتى ئۆمرىدە زەيدىننى كۆرۈپمۇ باقمىغان«يېقىن» دوستلىرى.

زەيدۇن ئۆزىمۇ «شائىر» نىڭ ئۆلۈمىگە ئېچىنىپ كۆزىگە لىق ياش ئالدى. ئۇ بۇ قېتىم راستىنلا نام چىقارغان ئىدى.

«قومۇل ئەدىبىياتى»ژۇرنىلى  2006-يىللىق 6-سانىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-13 08:12 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
muhtar1214 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ئۇتغۇر + 100 ماختاشقا تېگىشلىك!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1147 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 08:56:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايە ئوقۇغاندەك بولدۇم، ئاپرېن!

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 09:09:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات ۋاقىتىدا قەدىرىنى قىلماي ئۆلگەندىن كىين   ماختايدىغان ئىشلار راس بار زادى...  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109416
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 294
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 10:25:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپرىن...

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 10:31:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم نام -ئابروي ئۈچۈن ‹‹شائىر ››‹‹يازغۇچى››بولىدىغانلار راسا قامچىلىنىپتۇ ھېكايىڭىزدە.....

تىلى ئۆتكۈر چىقىپتۇ...

يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 10:44:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىلىقى كىنودەك چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1836
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 12:05:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bagdowlat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 10:44 PM
ھىلىقى كىنودەك چىقىپتۇ

قايسى كىنونى دەيسىزكىن .

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96960
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 01:19:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايە تۇلىمۇ ئوخشىغان پىتىر مانتىدەك يېقىشلىق بۇلۇپتۇ،  ئەسەردىكى ‹شائىر›نىڭ ئابرويپەرەسلىكى، خەلىقتىكى يۇشۇرۇنغان ئىللەتنىمۇ بىللە ئېچىپ بىرىپتۇ .  ‹بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سۇقۇپتۇ›  دىگەن مۇشۇ -دە.   ھارمىغايسىز ،   ئەسەرلىرىڭىزنىڭ  مۇنبەردە دائىملىق مىھمان بۇلشىنى ئۇمۇد قىلمەن.

Blue Wolf

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83492
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3168
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-8-5
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 10:34:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىمگە ياخشى باھا بەرگىنىڭلارغا  رەخمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82685
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4575
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 10:46:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھاندا ئىككى نەرسە مەڭگۈ ئۆلمەس،
بىرى خەلىق،بىرى‹‹‹ھەق ئىگىلۇر سۇنماس›››.
بۇلۇت گەرچە تۇسار بەزەن قۇياشنى،
قۇياش ئۆچمەس،يۈزىگە تۇزان قونماس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش